ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن 1968- يىلى10- فېۋرال كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە ئىلىم-مەرىپەتلىك ئائىلە — مۇھەممەد تۇرسۇن ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھۆكۈمەت مەكتىپىگە كىچىك يېشىدىلا ئوقۇشقا كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھەللىدىكى يوشۇرۇن مەدرىسىدە ئاخشاملىرى «قۇرئان كەرىم»نى يادلاشقا باشلىغان.
1985ـ يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش بىلەن بىرگە، قارىلىقنىمۇ تولۇق تۈگەتكەن. شۇ يىلى رامىزان ئېيىدا ئۇ كېرىيە ناھىيىسىنىڭ چوڭ جامەسىدە تۇنجى خەتمىنى ئۆتكەندە، كېرىيە خەلقىنىڭ زور ئالقىشىغا ۋە كاتتا ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن، شۇنىڭدىن كېيىن بىر يىلغا يېقىن ئەرەب تىلى ئۆگەندى. 1986 ـ يىلى ئۇنى ئاتىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدىغان ھاجىلارغا قېتىپ قويدى ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە ئوقۇشقا بارغان ۋە ئىككى ئايلىق ئەرەب تىلى كۇرسىدىن كېيىن، ئەزھەر ئىنىستىتوتىنىڭ بىرىنچى سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. تۆت يىللىق ئىنىستىتوتنى مۇسابىقە ئارقىلىق ئۈچ يىلدا تۈگىتىپ، 1989- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشكەن.
1993 ـ يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيىدە بىر يىل ئەرەب تىلى ۋە «قۇرئان كەرىم» ئۆگىتىشتىن مۇئەللىم بولغان. 1995- يىلى فېۋرال ئېيىدا ئۇ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئىسىك شەھىرىگە كېلىپ ئۇ جايدىكى «قازاق-تۈرك ئىنىستتوتى» دا ئەرەب تىلىدىن مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتلىرىدىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، «ناماز ئوقۇش قائىدىسى»، «ئىسلام ئەقىدىلىرى»، «زاكات كىتابى»، «روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىقىپ نەشر قىلدۇردى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ۋە بەزى كىتابلىرىنى قازاق قېرىنداشلار قازاقچىغا تەرجىمە قىلىپ «شافاغات نۇر» دېگەن ئايلىق قازاقچە ژۇرنالدا يىللارچە ئېلان قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ 70 يىل دىنسىزلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىر مەملىكەتتە، يىللاردىن بىرى كوممۇنىزم بىلەن سوتسىيالىزمنى ۋە دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن گېزىتلەردە تۇنجى بولۇپ «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دەپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن دىنى ماقالە يازغان، كىشىلەرگە دىننى ئۆگەتكەن ئىدى.
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن 2001- يىلىغىچە قازاقىستاندا ئەنە شۇنداق بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش ۋە يېزىش، يەنە بىر تەرەپتىن خەلققە دىننى توغرا يوسۇندا يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللاندى. شۇ يىلى ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس تەكلىپى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت رادىيوسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە دىكتور بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى. 2005 _ يىلدىن باشلاپ ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرى توغرۇلۇق قىسقىچە مەلۇمات
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە كىتاب يېزىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ، «ئىككى دۇنيا سائادىتى» ناملىق بىر كىتاپچە يازغان ۋە ئۇنى ۋەتەنگە قېرىنداشلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار نۇسخىلارغا كۆپەيتىپ ئوقۇپ پايدىلانغان. ھازىر بۇ ئەسەر قوليازما ھالىتىدە ساقلىنىپ تۇرماقتا.
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ پىكىر- قارىشى
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن دىنىي جەھەتتە ئوتتۇراھاللىقنى ئاساس قىلغان ئىلغار پىكىر-قاراشقا ئىگە بولۇپ، رادىكاللىقتىن ۋە چەكلىك مۇھىت تەسىرىدىن ئەلۋەتتە يىراقتۇر.
تىنىمسىز ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن ھازىرغىچە 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغاننىڭ سىرتىدا، ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا 20 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە ئېنـېرنېت تورلىرىدا ئېلان قىلىغان ماقالىلىرى 1500 پارچىدىن ئاشىدۇ، 400 پارچىدىن كۆپرەك ئۈن _ سىن سۆھبەت لېنتىلىرى تارقالغان . ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ كىتابلىرى ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت تاپقان بولۇپ، ھەركىم ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئىزدەپ، تېپىپ ئوقۇپ كەلمەكتە. ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار مەككىگە بارغانلاردىن ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ كىتابلىرىنى سورايدىكەن. ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋۇسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ كىتابلىرى چىقمايدىغان بىرەرمۇ ئۆي يوق دېيەرلىك. ئۇنىڭ كىتابلىرى قازاقىستاندىمۇ كۆپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى ھەممە كىشى ئۈچۈن تولىمۇ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، تىلى راۋاندۇر. شۇڭا ھەركىم ئۇنىڭ كىتابلىرىنى قەدىرلەيدۇ.
ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننى ئۇيغۇر تارىخىدا ئەڭ كۆپ مول ھوسۇللۇق دىنىي زىيالىي دەپ باھالايدۇ. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك ئۆلىما ۋە ئىسلامىي يازغۇچىدۇر.
تۆۋەندە ئۇنىڭ كىتابلىرىنى تونۇشتۇرىمىز:
1. «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» 1996ـ يىلى بىرىنچى نەشرى، ئىستانبۇل. 2002- يىلى ئىككىنچى نەشرى، ئىستانبۇل، 2010-يىلى ئۈچىنچى نەشرى بەيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013 _ يىلى مىسىردا، كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2020- يىلى ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.
2. «ئىسلام ئەقىدىلىرى» 1997ـ يىلى بىرىنچى نەشرى، ئالمۇتىدا، كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 1998ـ يىلى ئىككىنچى نەشرى قەشقەردە ئۇيغۇر تىلىدا، 2003 ـ يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتا قازاق تىلىدا، 2004ـ يىلى تۆتىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا، 2005-يىلى ئالمۇتىدا كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2006-يىلى ئالمۇتىدا قازاق تىلىدا، 2008-يىلى كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2009-يىلى يەنە كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2010-يىلى يەنە كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2013 _ يىلى ئالتىنچى نۇسخىسى مىسىردا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. روسچە نەشرى ھازىر ئالمۇتىدا يورۇق كۆرۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
3. «ناماز ۋە ئۇنىڭ قائىدە ـ تەرتىپلىرى» بىرىنچى نەشرى 1998ـ يىلى ئالمۇتا كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2007-يىلى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىستانبۇلدا، ئۈچىنچى نەشرى 2008-يىلى بەيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013- يىلى بەيرۇتتا، بەشىنچى نەشرى 2017- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
4. «ناماز ھەققىدە ساۋات» 1998ـ كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىرىنچى نەشرى ئالمۇتا، 2006-يىلى ئىككىنچى نەشرى ئالمۇتا، 2008 - يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتا، تۆتىنچى نەشرى 2009-يىلى ئالمۇتا، 2010-يىلى بەشىنچى نەشرى ئالمۇتىدا ئالاھىدە رەڭلىك بېسىلدى. 2012-2013- 2014- 2016- يىللىرى ئارقا _ ئارقىدىن يەنە ئالمۇتىدا نەشر قىلىندى. 2020- يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا رەڭلىك نەشر قىلىنغان.
5. «روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى» 1999- يىلى ئالمۇتىدا بىرىنچى نەشرى كىرىل ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا، 2004- يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان.
6. «دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى» («يېڭى ھايات» ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ توپلىمى)، 1999 - يىلى بىرىنچى نەشرى ئالمۇتىدا ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2005- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
7.«زاكات كىتابى» 2003- يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا، 2018- يىلى ئىككىنچى نەشرى يەنە ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
8. «دۇئا ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى» 2004-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
9. «ئىلاھىي قورغان» بىرىنچى نەشرى 2005- يىلى ، ئىككىنچى نەشرى 2006-يىلى، ئۈچىنچى نەشرى 2010- يىلى، ئىستانبۇلدا، تۆتىنچى نەشرى 2012-يىلى بەيرۇتتا، بەشىنچى نەشرى 2013- ئىستانبۇلدا، ئالتىنچى نەشرى 2016 _ يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
10. «غەرب مەدەنىيىتى ۋە بىز» 2004- يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان.
11. «ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» 2005-يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا، 2007-يىلى ئىككىنچى نەشرى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيازدا، 2009- يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتىدا كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، تۆتىنچى نەشرى 2011- يىلى مەككىدە، بەشىنچى نەشرى 2017- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
12. «ئىسلامدىكى ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار» بىرىنچى نەشرى 2009- يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2010- يىلى ئالمۇتىدا كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئۈچىنچى نەشرى 2010- يىلى بەيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013- يىلى ئىستانبۇلدا، بەشىنچى نەشرى 2017- يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان.
13. «بەش پەرز ۋە ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» 6 كىتابنىڭ توپلىمى بولۇپ، 2009-يىلى بەيرۇتتا قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ نەشر قىلىنغان.
14. «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات» بىرىنچى نەشرى 2009-يىلى بەيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2012-يىلى بەيرۇتتا، ئۈچىنچى نەشرى 2013- يىلى ئىستانبۇلدا، تۆتىنچى نەشرى 2020- يىلى كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.
15. «دىن ۋە ھايات (1600 سوئالغا جاۋاب)» 2009- يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان.
16. «دىن ۋە ھايات (2000 سوئالغا جاۋاب)» بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرى 2010- يىلى، ئۈچىنچى نەشرى 2011 - يىلى بەيرۇتتا، ئۈچىنچى نەشرىنىڭ كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى2013 - يىلى ئالمۇتىدا، تۆتىنچى نەشرى 2013 - يىلى قاھىرە ۋە بەيرۇتتا ئىككى توملۇق نەشر قىلىنغان.
17. «ئىسلام ئەخلاقى» بىرىنچى نەشرى 2010- يىلى بەيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013- يىلى مىسىردا نەشر قىلىنغان.
18. «ھەج بەدەل تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئوچۇق سۆز» بىرىنچى نەشرى 2012- يىلى بەيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013- مەككىدە نەشر قىلىنغان.
19. «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز؟» بىرىنچى نەشرى2013 _ يىلى بەيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013- يىلى قاھىرەدە، ئۈچىنچى نەشرى 2018- يىلى كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.
20. «مانا بۇ ئىسلام» بىرىنچى نەشرى2013 - يىلى قاھىرەدە نەشر قىلىنغان.
21. «ئىسلام دىنىدىن ساۋات» 2017- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
22. «بەخت _ سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى» ئۇيغۇرچە نۇسخىسى2017 - يىلى ئىستانبۇلدا، تۈركچە تەرجىمىسى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا، كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2019- يىلى ئالمۇتىدا، رەڭلىك ئالاھىدە نۇسخىسى 2020- يىلى يەنە ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.
23. «قەلەم ئىلھاملىرى» (ماقالىلار توپلىمى)، 1-2- توملىرى. بىرىنچى نەشرى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
24. «قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب» بىرىنچى نەشرى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
25. «ئازغۇن پىرقىلەر» بىرىنچى نەشرى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
26. «ئەڭگۈشتەر (مۇئمىننىڭ ھەمراھى)» بىرىنچى نەشرى 2019- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
27. «ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ» (ئاللاھ بىلەن بولغان ھايات) بىرىنچى نەشرى 2020- يىلى ئىستانبۇلدا، 2023- يىلى قازاقىستاندا كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان.
28. «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى» بىرىنچى نەشرى 2021- يىلى، ئىككىنچى نەشرى 2022- يىلى ئىستانبۇلدا، ئۈچىنچى نەشرى 2022- يىلى ئالمۇتىدا كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان. تۈركچە تەرجىمىسى يېقىندا نەشردىن چىقىدۇ.
29. «تەپەككۇر ئىلھاملىرى» (ماقالىلار توپلىمى)، 1-2- توملىرى. بىرىنچى نەشرى 2024- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
30. «تەپسىر جەۋھەرلىرى» 10 توم. 2018- يىلى قازاقىستاندا كىرىل ھەرپى بىلەن نەشر قىلىنغان.
نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەسەرلىرى:
1. «قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرى».
2. «غۇربەتتىكى ياشلىق» (شېئىرلار توپلىمى).
3. «يۈرەك سىرى» (شېئىرلار توپلىمى).
4. «قۇرئان كەرىم بىزنىڭ نىجات يولىمىزدۇر».
5. «قەلەم ئىلھاملىرى» (ماقالىلار توپلىمى) 3-4- توملىرى.
ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى:
1. «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى».
2. «تەپسىرى مۇيەسسەر»نىڭ تەرجىمىسى.
3. «ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ماقالىلار توپلىمى». ئاپتورى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆلىمالىرى.
4. «قۇرئاندىكى دىنلار» ئاپتورى: دوكتور مەھمۇد شەرىف.
5. «ھەقىقەتنىڭ ئېلانى». ئاپتورى: ئەللامە رەھمەتۇللا ھىندى.
6. «تەۋھىد كىتابى». ئاپتورى: سالىھ ئەلفەۋزان.
7. « توغرا ئەقىدە». ئاپتورى: ئەللامە ئىبنى باز.
8. « ئىمان ئاساسلىرىنىڭ شەرھى». ئاپتورى مۇھەممەد سالىھ ئەل ئۇسەيمىن.
10. «ئەھلى سۈننەتنىڭ يولى». ئاپتورى: ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب.
11. «خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەسلى ۋە بۈگۈنى». ئاپتورى: ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇللاھ سەھىم.
12. « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش كەيپىيىتى». ئاپتورى: مۇھەممەد ئىبنى ناسىرۇددىن ئەلبانى.
13. «بەختلىك ھايات يوللىرى» ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەل سەئدى.
14. «مۇسۇلمانلارغا مۇھىم تەلىماتلار». ئاپتورى: ئىبنى باز.
15. «نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ 33 ئامىلى». ئاپتورى: مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد.
— نەشرىياتتىن