ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مەۋجۇداتنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى ۋەنامايەندىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
الٓمٓ
1 _ ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
2 _ (بۇ) كىتابنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا قىلچە شەك يوقتۇر.
أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ ۚ بَلْ هُوَ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوْمًا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٍ مِّن قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
3 _ مۇشرىكلار: «ئۇنى (يەنى قۇرئاننى مۇھەممەد) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ (قۇرئان) سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ ۖ مَا لَكُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِىٍّ وَلَا شَفِيعٍ ۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
4 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن زاتتۇر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق. سىلەر (بۇنىڭدىن) نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ إِلَى ٱلْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِى يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُۥٓ أَلْفَ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ
5 _ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (ھەممە) ئىشنى ئاللاھ ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بۇ (ئىشلار) ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئۇنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ.
ذَٰلِكَ عَـٰلِمُ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَـٰدَةِ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
6 _ ئەنە شۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى، غالىب ۋە ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھتۇر.
ٱلَّذِىٓ أَحْسَنَ كُلَّ شَىْءٍ خَلَقَهُۥ ۖ وَبَدَأَ خَلْقَ ٱلْإِنسَـٰنِ مِن طِينٍ
7 _ ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان زاتتۇر، ئۇ ئىنساننى يارىتىشنى دەسلەپتە لايدىن باشلىدى.
ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُۥ مِن سُلَـٰلَةٍ مِّن مَّآءٍ مَّهِينٍ
8 _ ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرى (بولغان مەنىي)دىن ياراتتى.
ثُمَّ سَوَّىٰهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِۦ ۖ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۚ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ
9 _ ئاندىن ئۇنى بېجىرىم (ئىنسان) قىلىپ، ئۇنىڭغا (ئۆزى ياراتقان) روھتىن پۈۋلىدى (يەنى جان كىرگۈزدى). يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر تولىمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.
وَقَالُوٓا۟ أَءِذَا ضَلَلْنَا فِى ٱلْأَرْضِ أَءِنَّا لَفِى خَلْقٍ جَدِيدٍۭ ۚ بَلْ هُم بِلِقَآءِ رَبِّهِمْ كَـٰفِرُونَ
10 _ ئۇلار: «بىز يەر ئاستىدا (تۇپراققا ئايلىنىپ) يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن راستتىنلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.
قُلْ يَتَوَفَّىٰكُم مَّلَكُ ٱلْمَوْتِ ٱلَّذِى وُكِّلَ بِكُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
11 _ ئېيتقىنكى، «جېنىڭلارنى ئېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر».
وَلَوْ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلْمُجْرِمُونَ نَاكِسُوا۟ رُءُوسِهِمْ عِندَ رَبِّهِمْ رَبَّنَآ أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَٱرْجِعْنَا نَعْمَلْ صَـٰلِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
12 _ ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا: «ئى رەببىمىز! (بىز ھەقىقەتنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز ياخشى ئەمەللەرنى قىلايلى، بىز ھەقىقەتەن (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە) قەتئىي ئىشەندۇق» دەپ باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان ۋاقتىدىكى ھالىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ).
وَلَوْ شِئْنَا لَـَٔاتَيْنَا كُلَّ نَفْسٍ هُدَىٰهَا وَلَـٰكِنْ حَقَّ ٱلْقَوْلُ مِنِّى لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلْجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجْمَعِينَ
13 _ ئەگەر بىز خالىساق، ھەربىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت ئاتا قىلاتتۇق، لېكىن مېنىڭ «جىنلار ۋە ئىنسانلار (ئارىسىدىكى گۇناھكارلار) نىڭ ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى چوقۇم تولدۇرىمەن» دېگەن ھۆكۈمۈم بېكىتىلىپ بولدى.
فَذُوقُوا۟ بِمَا نَسِيتُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَـٰذَآ إِنَّا نَسِينَـٰكُمْ ۖ وَذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلْخُلْدِ بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
14 _ (ئۇ كۈنى دوزاخ ئەھلىگە مۇنداق دېيىلىدۇ:) «مۇشۇ كۈنگە يولۇقىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ ئازابنى) تېتىڭلار، بىزمۇ ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار».
إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِـَٔايَـٰتِنَا ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا۟ بِهَا خَرُّوا۟ سُجَّدًا وَسَبَّحُوا۟ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ ۩
15 _ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە پەقەت شۇنداق كىشىلەرلا ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەزـ نەسىھەت قىلىنغان ھامان، ئۇلار چوڭچىلىق قىلماي، سەجدىگە باش قويىدۇ، رەببىنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ.
تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمْ عَنِ ٱلْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ
16 _ ئۇلار (كېچىلىرى ئىبادەت قىلىپ، ئاز ئۇخلىغانلىقتىن) ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن _ كۆرپىلەردىن يىراقلىشىدۇ، ئۇلار قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، بىزنىڭ ئاتا قىلغانلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) چىقىم قىلىدۇ.
فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَّآ أُخْفِىَ لَهُم مِّن قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
17 _ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن (ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا) ئۇلار ئۈچۈن ساقلانغان ھۇزۇر- ھالاۋەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
أَفَمَن كَانَ مُؤْمِنًا كَمَن كَانَ فَاسِقًا ۚ لَّا يَسْتَوُۥنَ
18 _ (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ) مۇئمىن بولغان ئادەم (توغرا يولدىن چەتنەپ) پاسىق بولغان ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار باراۋەر ئەمەس.
أَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَلَهُمْ جَنَّـٰتُ ٱلْمَأْوَىٰ نُزُلًۢا بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
19 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ. (جەننەت) ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (ھازىرلانغان جايدۇر).
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فَسَقُوا۟ فَمَأْوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ ۖ كُلَّمَآ أَرَادُوٓا۟ أَن يَخْرُجُوا۟ مِنْهَآ أُعِيدُوا۟ فِيهَا وَقِيلَ لَهُمْ ذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
20 _ توغرا يولدىن ئازغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. ئۇلار ھەر قاچان دوزاختىن چىقىشقا تەمشەلسە، دەرھال دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا «سىلەر ئۆزۈڭلار ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنَ ٱلْعَذَابِ ٱلْأَدْنَىٰ دُونَ ٱلْعَذَابِ ٱلْأَكْبَرِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
21 _ بىز ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتىكى) ئەڭ چوڭ ئازابتىن ئىلگىرى (بۇ دۇنيادىكى) ئەڭ يېقىن ئازابنى چوقۇم تېتىتىمىز.
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِۦ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَآ ۚ إِنَّا مِنَ ٱلْمُجْرِمِينَ مُنتَقِمُونَ
22 _ رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز _ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شەكسىزكى، بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ فَلَا تَكُن فِى مِرْيَةٍ مِّن لِّقَآئِهِۦ ۖ وَجَعَلْنَـٰهُ هُدًى لِّبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
23 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) سەن (مىراج كېچىسىدە) مۇسا بىلەن ئۇچرىشىشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق.
وَجَعَلْنَا مِنْهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا لَمَّا صَبَرُوا۟ ۖ وَكَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا يُوقِنُونَ
24 _ ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداشتا) چىداملىق بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالارنى چىقاردۇق.
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فِيمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
25 _ شەكسىزكى، رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ (ئىچىدىكى مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلار) ئوتتۇرىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان (دىنىي) ئىشلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
أَوَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَبْلِهِم مِّنَ ٱلْقُرُونِ يَمْشُونَ فِى مَسَـٰكِنِهِمْ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ ۖ أَفَلَا يَسْمَعُونَ
26 _ ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن قانچىلىغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ (ھالبۇكى) ئۇلار (ھالاك بولغان) بۇ ئۈممەتلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) نۇرغۇن دەلىللەر بار، ئۇلار (بۇنىڭغا) قۇلاق سالمامدۇ؟
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا نَسُوقُ ٱلْمَآءَ إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلْجُرُزِ فَنُخْرِجُ بِهِۦ زَرْعًا تَأْكُلُ مِنْهُ أَنْعَـٰمُهُمْ وَأَنفُسُهُمْ ۖ أَفَلَا يُبْصِرُونَ
27 _ ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز قۇرۇپ كەتكەن زېمىنغا يامغۇرنى ھەيدەپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋانلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز. ئۇلار (بۇنى) كۆرمەمدۇ؟
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْفَتْحُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
28 _ ئۇلار (يەنى مەككىلىك مۇشرىكلار ئازابقا ئالدىراپ): «(سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا چىقىرىلىدىغان) بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ)» دەيدۇ.
قُلْ يَوْمَ ٱلْفَتْحِ لَا يَنفَعُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِيمَـٰنُهُمْ وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ
29 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندە كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ».
فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَٱنتَظِرْ إِنَّهُم مُّنتَظِرُونَ
30 _ سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن (سىلەرگە بىرەر يامانلىق كېلىشىنى) كۈتۈپ تۇرغۇچىلاردۇر.
سەجدە سۈرىسى