ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ھەقىقىي ساداقەتمەن مۇئمىنلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقى ۋە مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
إِنَّا فَتَحْنَا لَكَ فَتْحًا مُّبِينًا (1) لِّيَغْفِرَ لَكَ ٱللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِن ذَنۢبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُۥ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَٰطًا مُّسْتَقِيمًا (2) وَيَنصُرَكَ ٱللَّهُ نَصْرًا عَزِيزًا (3)
1 _ 3_ (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى، ساڭا ناھايىتى كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، بىز ساڭا ئوپئوچۇق غەلىبە ئاتا قىلدۇق.
هُوَ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ ٱلسَّكِينَةَ فِى قُلُوبِ ٱلْمُؤْمِنِينَ لِيَزْدَادُوٓا۟ إِيمَـٰنًا مَّعَ إِيمَـٰنِهِمْ ۗ وَلِلَّهِ جُنُودُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
4 _ ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خاتىرجەملىك سالغان زاتتۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى قوشۇنلار ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ئەزەلدىن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
لِّيُدْخِلَ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا وَيُكَفِّرَ عَنْهُمْ سَيِّـَٔاتِهِمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عِندَ ٱللَّهِ فَوْزًا عَظِيمًا
5 _ مۇئمىن ئەرلەرنى ۋە مۇئمىن ئاياللارنى (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈش، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن (بىز ساڭا ئوپئوچۇق غەلىبە ئاتا قىلدۇق). مانا بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
وَيُعَذِّبَ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ وَٱلْمُنَـٰفِقَـٰتِ وَٱلْمُشْرِكِينَ وَٱلْمُشْرِكَـٰتِ ٱلظَّآنِّينَ بِٱللَّهِ ظَنَّ ٱلسَّوْءِ ۚ عَلَيْهِمْ دَآئِرَةُ ٱلسَّوْءِ ۖ وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ وَلَعَنَهُمْ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَهَنَّمَ ۖ وَسَآءَتْ مَصِيرًا
6 _ (شۇنداقلا) ئاللاھ توغرۇلۇق يامان ئويلاردا بولغان مۇناپىق ئەرلەرنى ۋە مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلاش ئۈچۈندۇر. يامان ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان بارارجاي!
وَلِلَّهِ جُنُودُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
7 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى قوشۇنلار ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
إِنَّآ أَرْسَلْنَـٰكَ شَـٰهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
8 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەلۋەتتە، بىز سېنى گۇۋاھلىق بەرگۈچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
لِّتُؤْمِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُ وَتُسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
9 _ (ئى ئىنسانلار! بۇ) سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار، ئۇ پەيغەمبەرگە ياردەم قىلىشىڭلار، ئۇنى ھۆرمەتلىشىڭلار ۋە ئەتىگەن _ ئاخشامدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ ٱللَّهَ يَدُ ٱللَّهِ فَوْقَ أَيْدِيهِمْ ۚ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَىٰ نَفْسِهِۦ ۖ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِمَا عَـٰهَدَ عَلَيْهُ ٱللَّهَ فَسَيُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
10 _ شەكسىزكى، (ئى پەيغەمبەر! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا بەيئەت قىلغانلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئۇنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
سَيَقُولُ لَكَ ٱلْمُخَلَّفُونَ مِنَ ٱلْأَعْرَابِ شَغَلَتْنَآ أَمْوَٰلُنَا وَأَهْلُونَا فَٱسْتَغْفِرْ لَنَا ۚ يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِم مَّا لَيْسَ فِى قُلُوبِهِمْ ۚ قُلْ فَمَن يَمْلِكُ لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا إِنْ أَرَادَ بِكُمْ ضَرًّا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ نَفْعًۢا ۚ بَلْ كَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًۢا
11 _ سەھرالىق ئەرەبلەردىن (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز ۋە بالىچاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ چىقالمىدۇق، سەن بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» دەيدۇ، ئۇلار دىلىدا يوق نەرسىنى تىلىنىڭ (ئۇچىدىلا) دەپ قويىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى بىرەر پايدىنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ (ئىرادىسى) ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن كىم بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
بَلْ ظَنَنتُمْ أَن لَّن يَنقَلِبَ ٱلرَّسُولُ وَٱلْمُؤْمِنُونَ إِلَىٰٓ أَهْلِيهِمْ أَبَدًا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِى قُلُوبِكُمْ وَظَنَنتُمْ ظَنَّ ٱلسَّوْءِ وَكُنتُمْ قَوْمًۢا بُورًا
12 _ (ئەمەلىيەت سىلەر دېگەندەك ئەمەس) بەلكى سىلەر: پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر (جەڭدە ئۆلۈپ) ئۆز ئۆيلىرىگە مەڭگۈ قايتالمايدۇ، دەپ ئويلىدىڭلار، بۇ (ئويۇڭلار) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق كۆرۈندى. سىلەر (ئۇلار ھەققىدە) يامان ئويدا بولدۇڭلار _ دە، ھالاك بولغۇچى قەۋم بولۇپ قالدىڭلار».
وَمَن لَّمْ يُؤْمِنۢ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ فَإِنَّآ أَعْتَدْنَا لِلْكَـٰفِرِينَ سَعِيرًا
13 _ كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن، شەكسىزكى، بىز (بۇنداق) كاپىرلارغا يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتنى تەييارلىدۇق.
وَلِلَّهِ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ يَغْفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
14 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزەلدىن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
سَيَقُولُ ٱلْمُخَلَّفُونَ إِذَا ٱنطَلَقْتُمْ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأْخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعْكُمْ ۖ يُرِيدُونَ أَن يُبَدِّلُوا۟ كَلَـٰمَ ٱللَّهِ ۚ قُل لَّن تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمْ قَالَ ٱللَّهُ مِن قَبْلُ ۖ فَسَيَقُولُونَ بَلْ تَحْسُدُونَنَا ۚ بَلْ كَانُوا۟ لَا يَفْقَهُونَ إِلَّا قَلِيلًا
15 _ (ھۇدەيبىيەدىن) قېلىپ قالغانلار سىلەر غەنىيمەت ئالغىلى ماڭغاندا: «رۇخسەت قىلىڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەرنىڭ غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنىڭ بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى سىلەر توغرۇلۇق مۇشۇنداق دېگەن» دېسەڭ، ئۇلار: «ياق (ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. (ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس)، ئەكسىچە ئۇلار (دىننىڭ ئەھكاملىرىنىڭ) پەقەت ئاز قىسمىنىلا چۈشىنىدۇ.
قُل لِّلْمُخَلَّفِينَ مِنَ ٱلْأَعْرَابِ سَتُدْعَوْنَ إِلَىٰ قَوْمٍ أُو۟لِى بَأْسٍ شَدِيدٍ تُقَـٰتِلُونَهُمْ أَوْ يُسْلِمُونَ ۖ فَإِن تُطِيعُوا۟ يُؤْتِكُمُ ٱللَّهُ أَجْرًا حَسَنًا ۖ وَإِن تَتَوَلَّوْا۟ كَمَا تَوَلَّيْتُم مِّن قَبْلُ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
16 _ سەھرالىق ئەرەبلەردىن (ھۇدەيبىيەگە) چىقماي قېلىپ قالغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر يېقىندا قاتتىق جەڭگىۋار بىر قەۋمگە (قارشى ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلىسىلەر. يا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىسىلەر ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىز) مۇسۇلمان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر بۇيرۇققا ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە گۈزەل مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر سىلەر ئىلگىرى (ھۇدەيبىيەدە بۇيرۇققا) ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقاندەك باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايدۇ».
لَّيْسَ عَلَى ٱلْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى ٱلْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى ٱلْمَرِيضِ حَرَجٌ ۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدْخِلْهُ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۖ وَمَن يَتَوَلَّ يُعَذِّبْهُ عَذَابًا أَلِيمًا
17 _ (جىھادقا چىقمىغان) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقىشتىن) باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايدۇ.
لَّقَدْ رَضِىَ ٱللَّهُ عَنِ ٱلْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ ٱلشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِى قُلُوبِهِمْ فَأَنزَلَ ٱلسَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَـٰبَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا (18) وَمَغَانِمَ كَثِيرَةً يَأْخُذُونَهَا ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا (19)
18 _ 19_ (ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەر ساڭا (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلىۋاتقاندا، ئاللاھ ئۇلاردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى، ئۇلارنى يېقىندا قولغا كېلىدىغان بىر غەلىبە بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَعَدَكُمُ ٱللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةً تَأْخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمْ هَـٰذِهِۦ وَكَفَّ أَيْدِىَ ٱلنَّاسِ عَنكُمْ وَلِتَكُونَ ءَايَةً لِّلْمُؤْمِنِينَ وَيَهْدِيَكُمْ صِرَٰطًا مُّسْتَقِيمًا
20 _ ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلىپ، بۇ (خەيبەرنىڭ غەنىيمىتى) نى ئالدىن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى. بۇ مۇئمىنلەرگە (ئاللاھنىڭ ياردەم قىلغانلىقىغا) بىر بەلگە بولۇپ قېلىشى ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈندۇر.
وَأُخْرَىٰ لَمْ تَقْدِرُوا۟ عَلَيْهَا قَدْ أَحَاطَ ٱللَّهُ بِهَا ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرًا
21 _ يەنە سىلەر ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ (سىلەر ئۈچۈن) ساقلاپ قويغان باشقا بىر غەنىيمەتنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
وَلَوْ قَـٰتَلَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوَلَّوُا۟ ٱلْأَدْبَـٰرَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
22 _ ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيەدە) ئۇرۇشقان بولسا، ئۇلار ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن ھېچبىر ئىگە بولغۇچى ۋە ھېچبىر ياردەم قىلغۇچى تاپالمايتتى.
سُنَّةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِى قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلُ ۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبْدِيلًا
23 _ بۇ ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇنىيىتىدۇر. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
وَهُوَ ٱلَّذِى كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُم بِبَطْنِ مَكَّةَ مِنۢ بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
24 _ ئاللاھ مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيەدە) سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن، سىلەرنىمۇ ئۇلارغا قول سېلىشتىن توسقان زاتتۇر. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
هُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَصَدُّوكُمْ عَنِ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ وَٱلْهَدْىَ مَعْكُوفًا أَن يَبْلُغَ مَحِلَّهُۥ ۚ وَلَوْلَا رِجَالٌ مُّؤْمِنُونَ وَنِسَآءٌ مُّؤْمِنَـٰتٌ لَّمْ تَعْلَمُوهُمْ أَن تَطَـُٔوهُمْ فَتُصِيبَكُم مِّنْهُم مَّعَرَّةٌۢ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۖ لِّيُدْخِلَ ٱللَّهُ فِى رَحْمَتِهِۦ مَن يَشَآءُ ۚ لَوْ تَزَيَّلُوا۟ لَعَذَّبْنَا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
25 _ ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە توختىتىپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنى ئۆز جايىغا يېتىشىدىن توسقانلاردۇر. (مەككىدە) سىلەر بىلمەيدىغان ئەر _ ئايال مۇئمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھكار بولۇپ قېلىشىڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى (ئاللاھ سىلەرنى ئۇرۇش قىلىشتىن ئەلۋەتتە توسمايتتى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدى). ئەگەر (مۇئمىنلەر كاپىرلاردىن) ئايرىلىپ تۇرغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايتتۇق.
إِذْ جَعَلَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى قُلُوبِهِمُ ٱلْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ ٱلْجَـٰهِلِيَّةِ فَأَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَعَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ وَأَلْزَمَهُمْ كَلِمَةَ ٱلتَّقْوَىٰ وَكَانُوٓا۟ أَحَقَّ بِهَا وَأَهْلَهَا ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمًا
26 _ كاپىرلار مۇتەئەسسىپلىكنى _ جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ مۇتەئەسسىپلىكىنى _ دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە تەمكىنلىك چۈشۈردى، ئۇلارنى تەقۋالىق كەلىمىسى (ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، دېگەن سۆز) دە مۇستەھكەم قىلدى، ئۇلار شۇنىڭغا ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
لَّقَدْ صَدَقَ ٱللَّهُ رَسُولَهُ ٱلرُّءْيَا بِٱلْحَقِّ ۖ لَتَدْخُلُنَّ ٱلْمَسْجِدَ ٱلْحَرَامَ إِن شَآءَ ٱللَّهُ ءَامِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ ۖ فَعَلِمَ مَا لَمْ تَعْلَمُوا۟ فَجَعَلَ مِن دُونِ ذَٰلِكَ فَتْحًا قَرِيبًا
27 _ ھەقىقەتەن ئاللاھ پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى: (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ خالىسا، سىلەر خاتىرجەم بولغان، (بەزىلىرىڭلار) چېچىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر. ئاللاھ سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ بۇنىڭدىن (سىلەر مەسجىدى ھەرەمگە كىرىشتىن) بۇرۇن سىلەرگە يېقىنقى بىر غەلىبىنى ئاتا قىلدى.
هُوَ ٱلَّذِىٓ أَرْسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلْهُدَىٰ وَدِينِ ٱلْحَقِّ لِيُظْهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًا
28 _ ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن زاتتۇر. ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر.
مُّحَمَّدٌ رَّسُولُ ٱللَّهِ ۚ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ أَشِدَّآءُ عَلَى ٱلْكُفَّارِ رُحَمَآءُ بَيْنَهُمْ ۖ تَرَىٰهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضْوَٰنًا ۖ سِيمَاهُمْ فِى وُجُوهِهِم مِّنْ أَثَرِ ٱلسُّجُودِ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمْ فِى ٱلتَّوْرَىٰةِ ۚ وَمَثَلُهُمْ فِى ٱلْإِنجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْـَٔهُۥ فَـَٔازَرَهُۥ فَٱسْتَغْلَظَ فَٱسْتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِۦ يُعْجِبُ ٱلزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ ٱلْكُفَّارَ ۗ وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ مِنْهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًۢا
29 _ مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار(ساھابىلەر) كاپىرلارغا قاتتىق قولدۇر، ئۆزئارىسىدا كۆيۈمچاندۇر، سەن ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرى سەجدىنىڭ ئەسەرلىرىدىن يۈزلىرىدە (ئاشكارىدۇر). ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى شۇكى، (ئۇلار) بىخ ئۇرۇپ چىقىپ، كۈچلىنىپ، غولى چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، (بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن) دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ. (بۇنداق ئوخشىتىش) مۇئمىنلەر ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەتنى ۋە كاتتا ئەجىرنى ۋەدە قىلدى.
فەتھ سۈرىسى