بۇرۇج سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 22 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز كۈچ _ قۇۋۋىتىنى، ھەممىگە قادىر ئىكەنكىنى نامايان قىلىش ۋە مۇئمىنلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلْبُرُوجِ (1) وَٱلْيَوْمِ ٱلْمَوْعُودِ (2) وَشَاهِدٍ وَمَشْهُودٍ (3)
1 _ 3 _ بۇرجلار (ئوربىتىلار) ئورۇن ئالغان ئاسمان بىلەن، ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) كۈنى بىلەن، (ئۇ كۈندە) گۇۋاھ بولغۇچى ۋە گۇۋاھ قىلىنغۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
قُتِلَ أَصْحَـٰبُ ٱلْأُخْدُودِ (4) ٱلنَّارِ ذَاتِ ٱلْوَقُودِ (5)
4 _ 5_ لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرى ھالاك قىلىندى.
إِذْ هُمْ عَلَيْهَا قُعُودٌ (6) وَهُمْ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ بِٱلْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌ (7)
6 _ 7_ ئۇ چاغدا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ لېۋىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ (تاماشا قىلىپ) ئولتۇراتتى.
وَمَا نَقَمُوا۟ مِنْهُمْ إِلَّآ أَن يُؤْمِنُوا۟ بِٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَمِيدِ (8) ٱلَّذِى لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدٌ (9)
8 _ 9 _ (ئۇ زالىملار) مۇئمىنلەردىن پەقەت ئۇلارنىڭ غالىب، مەدھىيەگە لايىق، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۆچ ئالغان ئىدى. ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ فَتَنُوا۟ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا۟ فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ ٱلْحَرِيقِ
10 _ مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلمىغانلار، شەكسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَهُمْ جَنَّـٰتٌ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۚ ذَٰلِكَ ٱلْفَوْزُ ٱلْكَبِيرُ
11 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شەكسىزكى، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. مانا بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ
12 _ شەكسىزكى، رەببىڭنىڭ جازاسى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.
إِنَّهُۥ هُوَ يُبْدِئُ وَيُعِيدُ
13 _ ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەۋجۇداتنى) يوقتىن بار قىلىدىغان، (ئىنسانلارنى ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتقا) قايتۇرىدىغان زاتتۇر.
وَهُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلْوَدُودُ
14 _ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئىمان ئېيتقانلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر،
ذُو ٱلْعَرْشِ ٱلْمَجِيدُ
15 _ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر،
فَعَّالٌ لِّمَا يُرِيدُ
16 _ خالىغىنىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىدۇر.
هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلْجُنُودِ (17) فِرْعَوْنَ وَثَمُودَ (18)
17 _ 18_ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ئۇ لەشكەرلەرنىڭ — پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ (ھالاكەت) خەۋىرى كەلدىمۇ؟
بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى تَكْذِيبٍ
19 _ بەلكى كاپىرلار (بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماقتا يوق، داۋاملىق ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر.
وَٱللَّهُ مِن وَرَآئِهِم مُّحِيطٌۢ
20 _ ئاللاھ ئۇلارنى (ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن ھەرتەرەپتىن) قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
بَلْ هُوَ قُرْءَانٌ مَّجِيدٌ (21) فِى لَوْحٍ مَّحْفُوظٍۭ (22)
21 _ 22 _ (ئۇ مۇشرىكلار تۆھمەت قىلغاندەك شېئىر ياكى سېھىر ئەمەس) بەلكى ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر.