ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: «قۇرئان كەرىم»دىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنى سىلىقلىق بىلەن ھەقىقەتكە قايتۇرۇش ۋە بۇ كىتابنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى دەلىللەشتىن ئىبارەتتۇر.
حمٓ
1 _ ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تَنزِيلٌ مِّنَ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
2 _ (بۇ قۇرئان) ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
كِتَـٰبٌ فُصِّلَتْ ءَايَـٰتُهُۥ قُرْءَانًا عَرَبِيًّا لِّقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
3 _ (بۇ) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرى ئەرەبچە قۇرئان بولغان ھالدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر.
بَشِيرًا وَنَذِيرًا فَأَعْرَضَ أَكْثَرُهُمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
4 _ ئۇ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇ كىتابتىن) يۈز ئۆرۈدى. شۇڭا، ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ.
وَقَالُوا۟ قُلُوبُنَا فِىٓ أَكِنَّةٍ مِّمَّا تَدْعُونَآ إِلَيْهِ وَفِىٓ ءَاذَانِنَا وَقْرٌ وَمِنۢ بَيْنِنَا وَبَيْنِكَ حِجَابٌ فَٱعْمَلْ إِنَّنَا عَـٰمِلُونَ
5 _ ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر پەردە بار. شۇڭا سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ئەلۋەتتە ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋېرەيلى» دەيدۇ.
قُلْ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يُوحَىٰٓ إِلَىَّ أَنَّمَآ إِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ فَٱسْتَقِيمُوٓا۟ إِلَيْهِ وَٱسْتَغْفِرُوهُ ۗ وَوَيْلٌ لِّلْمُشْرِكِينَ (6) ٱلَّذِينَ لَا يُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ كَـٰفِرُونَ (7)
6 _ 7 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارغا: «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، ماڭا ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن. ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىپ زاكات بەرمەيدىغان مۇشرىكلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولسۇن!
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
8 _ شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئۈزۈلمەيدىغان مۇكاپات بار.
قُلْ أَئِنَّكُمْ لَتَكْفُرُونَ بِٱلَّذِى خَلَقَ ٱلْأَرْضَ فِى يَوْمَيْنِ وَتَجْعَلُونَ لَهُۥٓ أَندَادًا ۚ ذَٰلِكَ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
9 _ (سەن ئۇلارغا): «راستتىنلا سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى قوشۇۋالامسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر» دېگىن.
وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِىَ مِن فَوْقِهَا وَبَـٰرَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَآ أَقْوَٰتَهَا فِىٓ أَرْبَعَةِ أَيَّامٍ سَوَآءً لِّلسَّآئِلِينَ
10 _ ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، زېمىندا ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (بۇ ئىشلارنى ۋە زېمىننى يارىتىشنى) تولۇق تۆت كۈندە تاماملىدى. (زېمىن ۋە ئۇنىڭىدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر).
ثُمَّ ٱسْتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ وَهِىَ دُخَانٌ فَقَالَ لَهَا وَلِلْأَرْضِ ٱئْتِيَا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا قَالَتَآ أَتَيْنَا طَآئِعِينَ
11 _ ئاندىن ئۇ ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى. ھالبۇكى، ئۇ (ئاسمان) تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي ھالدا كېلىڭلار» دېۋىدى، ئىككىلىسى: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى.
فَقَضَىٰهُنَّ سَبْعَ سَمَـٰوَاتٍ فِى يَوْمَيْنِ وَأَوْحَىٰ فِى كُلِّ سَمَآءٍ أَمْرَهَا ۚ وَزَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنْيَا بِمَصَـٰبِيحَ وَحِفْظًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ
12 _ ئاللاھ يەتتە ئاسماننى (يارىتىشنى) ئىككى كۈندە تاماملىدى ۋە ھەر ئاسماندا (بولغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىلىدىغان) ئىشلىرىنى بىلدۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر.
فَإِنْ أَعْرَضُوا۟ فَقُلْ أَنذَرْتُكُمْ صَـٰعِقَةً مِّثْلَ صَـٰعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ
13 _ ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن يەنىلا ئىماندىن) باش تارتسا، سەن ئۇلارغا: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن چاقماق ئازابىغا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن.
إِذْ جَآءَتْهُمُ ٱلرُّسُلُ مِنۢ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّا ٱللَّهَ ۖ قَالُوا۟ لَوْ شَآءَ رَبُّنَا لَأَنزَلَ مَلَـٰٓئِكَةً فَإِنَّا بِمَآ أُرْسِلْتُم بِهِۦ كَـٰفِرُونَ
14 _ ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ئالدى _ كەينىدىن (ھەر تەرەپتىن) كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى. بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى.
فَأَمَّا عَادٌ فَٱسْتَكْبَرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَقَالُوا۟ مَنْ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةً ۖ أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِى خَلَقَهُمْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۖ وَكَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا يَجْحَدُونَ
15 _ ئاد قەۋمى بولسا يەر يۈزىدە ئورۇنسىز يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ _ قۇۋۋەتتە بىزدىن ئارتۇق كىم بار؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ _ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى.
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِىٓ أَيَّامٍ نَّحِسَاتٍ لِّنُذِيقَهُمْ عَذَابَ ٱلْخِزْىِ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَخْزَىٰ ۖ وَهُمْ لَا يُنصَرُونَ
16 _ ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق ئاۋازلىق، سوغۇق بوراننى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيْنَـٰهُمْ فَٱسْتَحَبُّوا۟ ٱلْعَمَىٰ عَلَى ٱلْهُدَىٰ فَأَخَذَتْهُمْ صَـٰعِقَةُ ٱلْعَذَابِ ٱلْهُونِ بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
17 _ سەمۇد قەۋمىگە كەلسەك، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئىدۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇقنى (ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى كۆرمەسلىكنى) ئارتۇق بىلدى. ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى.
وَنَجَّيْنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَكَانُوا۟ يَتَّقُونَ
18 _ بىز ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق.
وَيَوْمَ يُحْشَرُ أَعْدَآءُ ٱللَّهِ إِلَى ٱلنَّارِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
19 _ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا (تاشلىنىش ئۈچۈن) توپلىنىدىغان كۈندە، ئۇلار (ھەممىسى يىغىلىپ بولغۇچە) توختىتىپ تۇرۇلىدۇ.
حَتَّىٰٓ إِذَا مَا جَآءُوهَا شَهِدَ عَلَيْهِمْ سَمْعُهُمْ وَأَبْصَـٰرُهُمْ وَجُلُودُهُم بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
20 _ نىھايەت، ئۇلار دوزاخنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
وَقَالُوا۟ لِجُلُودِهِمْ لِمَ شَهِدتُّمْ عَلَيْنَا ۖ قَالُوٓا۟ أَنطَقَنَا ٱللَّهُ ٱلَّذِىٓ أَنطَقَ كُلَّ شَىْءٍ وَهُوَ خَلَقَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
21 _ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «سىلەر نېمىشقا بىزگە قارشى گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنىمۇ سۆزلەتتى، ئۇ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغان زاتتۇر، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ.
وَمَا كُنتُمْ تَسْتَتِرُونَ أَن يَشْهَدَ عَلَيْكُمْ سَمْعُكُمْ وَلَآ أَبْصَـٰرُكُمْ وَلَا جُلُودُكُمْ وَلَـٰكِن ظَنَنتُمْ أَنَّ ٱللَّهَ لَا يَعْلَمُ كَثِيرًا مِّمَّا تَعْمَلُونَ
22 _ (ھالبۇكى سىلەر دۇنيادىكى چاغلىرىڭلاردا) نە قۇلىقىڭلارنىڭ، نە كۆزۈڭلارنىڭ، نە تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمايتتىڭلار ۋە قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇنلىرىنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ ئويلايتتىڭلار.
وَذَٰلِكُمْ ظَنُّكُمُ ٱلَّذِى ظَنَنتُم بِرَبِّكُمْ أَرْدَىٰكُمْ فَأَصْبَحْتُم مِّنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ
23 _ سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا قارىتا ئاشۇ گۇمانلىق قارىشىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار.
فَإِن يَصْبِرُوا۟ فَٱلنَّارُ مَثْوًى لَّهُمْ ۖ وَإِن يَسْتَعْتِبُوا۟ فَمَا هُم مِّنَ ٱلْمُعْتَبِينَ
24 _ ئەگەر ئۇلار قانچىلىك چىداملىق بولۇپ كەتسىمۇ، دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتىشنى تىلىسە، ھەرگىز قايتۇرۇلمايدۇ.
وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَآءَ فَزَيَّنُوا۟ لَهُم مَّا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ ٱلْقَوْلُ فِىٓ أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِم مِّنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ خَـٰسِرِينَ
25 _ بىز ئۇلارغا (شەيتان) دوستلارنى تەيىنلەپ قويدۇق _ دە، ئۇلار (يەنى شەيتان دوستلار) بۇلارغا ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى (يامان) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلار ۋە جىنلار (دىن بولغان گۇناھكارلار) جامائەسىگە تېگىشلىك بولغان ئازاب (بۇيرۇقى) بۇلارغىمۇ تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَا تَسْمَعُوا۟ لِهَـٰذَا ٱلْقُرْءَانِ وَٱلْغَوْا۟ فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَغْلِبُونَ
26 _ كاپىرلار: «سىلەر بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، (قۇرئان ئوقۇلغاندا ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىپ) ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار، قۇرئاننى توسۇشتا) غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دېدى.
فَلَنُذِيقَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَذَابًا شَدِيدًا وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَسْوَأَ ٱلَّذِى كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
27 _ بىز (مۇشۇنداق دېگەن) كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز. بىز ئۇلارغا ئەڭ يامان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى ئەلۋەتتە بېرىمىز.
ذَٰلِكَ جَزَآءُ أَعْدَآءِ ٱللَّهِ ٱلنَّارُ ۖ لَهُمْ فِيهَا دَارُ ٱلْخُلْدِ ۖ جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا يَجْحَدُونَ
28 _ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جازاسى ئەنە شۇ دوزاختۇر. دوزاخ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايىدۇر. بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازادۇر.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ رَبَّنَآ أَرِنَا ٱلَّذَيْنِ أَضَلَّانَا مِنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ نَجْعَلْهُمَا تَحْتَ أَقْدَامِنَا لِيَكُونَا مِنَ ٱلْأَسْفَلِينَ
29 _ كاپىرلار (دوزاخقا كىرگەندە دەيدۇكى:) «ئى رەببىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ خارلانغانلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى دەسسەپ تۇرايلى».
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُوا۟ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسْتَقَـٰمُوا۟ تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا۟ وَلَا تَحْزَنُوا۟ وَأَبْشِرُوا۟ بِٱلْجَنَّةِ ٱلَّتِى كُنتُمْ تُوعَدُونَ (30) نَحْنُ أَوْلِيَآؤُكُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِىٓ أَنفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ (31) نُزُلًا مِّنْ غَفُورٍ رَّحِيمٍ (32)
30 _ 32_ شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىلەرگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن ھازىردۇر. (بۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن (سىلەر ئۈچۈن) تەييارلانغان زىياپەتتۇر» دەيدۇ.
وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِّمَّن دَعَآ إِلَى ٱللَّهِ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا وَقَالَ إِنَّنِى مِنَ ٱلْمُسْلِمِينَ
33 _ ئاللاھ (نىڭ يولى)غا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك كىشى بارمۇ؟
وَلَا تَسْتَوِى ٱلْحَسَنَةُ وَلَا ٱلسَّيِّئَةُ ۚ ٱدْفَعْ بِٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ فَإِذَا ٱلَّذِى بَيْنَكَ وَبَيْنَهُۥ عَدَٰوَةٌ كَأَنَّهُۥ وَلِىٌّ حَمِيمٌ
34 _ ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ. (سەن يامانلىققا) ئەڭ ياخشى خىسلەت بىلەن تاقابىل تۇرغىن. (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.
وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُوا۟ وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
35 _ بۇ خىسلەتكە پەقەت (ئۆز نەپسىنى باشقۇرۇشتا) چىداملىق بولغان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋىگە ئىگە ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ.
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيْطَـٰنِ نَزْغٌ فَٱسْتَعِذْ بِٱللَّهِ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
36 _ ئەگەر شەيتاندىن كەلگەن بىر ۋەسۋەسە سېنى (ياخشى خىسلەتتىن) يۈز ئۆرۈتمەكچى بولسا، دەرھال ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن) پاناھ تىلىگىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِ ٱلَّيْلُ وَٱلنَّهَارُ وَٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ ۚ لَا تَسْجُدُوا۟ لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَٱسْجُدُوا۟ لِلَّهِ ٱلَّذِى خَلَقَهُنَّ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
37 _ ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىدىن بىرى كېچە بىلەن كۈندۈز ۋە قۇياش بىلەن ئايدۇر. سىلەر قۇياشقىمۇ، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئەگەر سىلەر (راستتىنلا) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلماقچى بولساڭلار، ئۇ نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار.
فَإِنِ ٱسْتَكْبَرُوا۟ فَٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُۥ بِٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْـَٔمُونَ ۩
38 _ ئەگەر ئۇلار (يەنى ئاشۇ مۇشرىكلار) چوڭچىلىق قىلسا (يەنى ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن باش تارتسا، بىلىپ قويسۇنكى) رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر زېرىكمەستىن، كېچە _ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦٓ أَنَّكَ تَرَى ٱلْأَرْضَ خَـٰشِعَةً فَإِذَآ أَنزَلْنَا عَلَيْهَا ٱلْمَآءَ ٱهْتَزَّتْ وَرَبَتْ ۚ إِنَّ ٱلَّذِىٓ أَحْيَاهَا لَمُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰٓ ۚ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
39 _ سېنىڭ زېمىننى قاقاس كۆرۈشۈڭ، (ئاندىن) بىز ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان چېغىمىزدا، ئۇنىڭ (زىرائەتلەر بىلەن) ھەرىكەتلىنىپ كۆپۈشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، (ئۆلگەن) زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِنَا لَا يَخْفَوْنَ عَلَيْنَآ ۗ أَفَمَن يُلْقَىٰ فِى ٱلنَّارِ خَيْرٌ أَم مَّن يَأْتِىٓ ءَامِنًا يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۚ ٱعْمَلُوا۟ مَا شِئْتُمْ ۖ إِنَّهُۥ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
40 _ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزدىن ھەرگىز يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ، دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا) خاتىرجەم كېلىدىغان ئادەممۇ؟ (ئى كاپىرلار!) خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شەكسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِٱلذِّكْرِ لَمَّا جَآءَهُمْ ۖ وَإِنَّهُۥ لَكِتَـٰبٌ عَزِيزٌ
41 _ شەكسىزكى، ئۆزلىرىگە قۇرئان كەلگەندە، ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (بۇنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ). قۇرئان ھەقىقەتەن غالىب كىتابتۇر.
لَّا يَأْتِيهِ ٱلْبَـٰطِلُ مِنۢ بَيْنِ يَدَيْهِ وَلَا مِنْ خَلْفِهِۦ ۖ تَنزِيلٌ مِّنْ حَكِيمٍ حَمِيدٍ
42 _ ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرەپتىن) باتىل يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
مَّا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدْ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِن قَبْلِكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٍ
43 _ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان) سۆزلەرنىڭ ئۆزىدۇر. شەكسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قىينىغۇچى ئازابنىڭ ئىگىسىدۇر.
وَلَوْ جَعَلْنَـٰهُ قُرْءَانًا أَعْجَمِيًّا لَّقَالُوا۟ لَوْلَا فُصِّلَتْ ءَايَـٰتُهُۥٓ ۖ ءَا۬عْجَمِىٌّ وَعَرَبِىٌّ ۗ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ هُدًى وَشِفَآءٌ ۖ وَٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِىٓ ءَاذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ يُنَادَوْنَ مِن مَّكَانٍۭ بَعِيدٍ
44 _ مۇبادا بىز ئۇنى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدىكى بىر قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «ئۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) ئوچۇق بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب تۇرسا، (ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتاب) باشقا تىلدا بولامدۇ؟» دەيتتى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بۇ (قۇرئان) ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا (قۇرئاننى ئاڭلاشقا قارىتا) بىر ئېغىرلىق بار، (ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمىگەنلىكتىن) ئۇ (قۇرئان) ئۇلارغا نىسبەتەن بىر قاراڭغۇلۇقتۇر. ئەنە شۇلار يىراقتىن چاقىرىلىۋاتقان (ئەمما نېمىگە چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايۋاتقان) ئادەمگە ئوخشاشتۇر».
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ فَٱخْتُلِفَ فِيهِ ۗ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ لَقُضِىَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَفِى شَكٍّ مِّنْهُ مُرِيبٍ
45 _ شەكسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (تەۋرات) نى ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇنىڭدا ئىختىلاپ قىلىندى. ئەگەر رەببىڭ تەرىپىدىن (ئۇلارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈش توغرۇلۇق) ئالدىن ئېيتىلغان بىر سۆز بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شەكسىزكى، ئۇلار قۇرئان توغرىسىدا چوڭقۇر شەك ئىچىدىدۇر.
مَّنْ عَمِلَ صَـٰلِحًا فَلِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَنْ أَسَآءَ فَعَلَيْهَا ۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّـٰمٍ لِّلْعَبِيدِ
46 _ كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر.
إِلَيْهِ يُرَدُّ عِلْمُ ٱلسَّاعَةِ ۚ وَمَا تَخْرُجُ مِن ثَمَرَٰتٍ مِّنْ أَكْمَامِهَا وَمَا تَحْمِلُ مِنْ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلْمِهِۦ ۚ وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ أَيْنَ شُرَكَآءِى قَالُوٓا۟ ءَاذَنَّـٰكَ مَا مِنَّا مِن شَهِيدٍ
47 _ قىيامەتنىڭ (قاچان بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى) ئىلىم ئاللاھقا خاستۇر. مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەرقانداق بىر چىشىنىڭ ھامىلىدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلىمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر. ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە ئاللاھ ئۇلارغا: «(سىلەر ماڭا قوشۇۋالغان ئاتالمىش) شېرىكلىرىم قېنى؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا (ھېچكىم سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ.
وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَدْعُونَ مِن قَبْلُ ۖ وَظَنُّوا۟ مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٍ
48 _ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى چوقۇنغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن غايىب بولىدۇ ۋە ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاينىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.
لَّا يَسْـَٔمُ ٱلْإِنسَـٰنُ مِن دُعَآءِ ٱلْخَيْرِ وَإِن مَّسَّهُ ٱلشَّرُّ فَيَـُٔوسٌ قَنُوطٌ
49 _ ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا، (قۇتۇلۇشتىن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
وَلَئِنْ أَذَقْنَـٰهُ رَحْمَةً مِّنَّا مِنۢ بَعْدِ ضَرَّآءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَـٰذَا لِى وَمَآ أَظُنُّ ٱلسَّاعَةَ قَآئِمَةً وَلَئِن رُّجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّىٓ إِنَّ لِى عِندَهُۥ لَلْحُسْنَىٰ ۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِمَا عَمِلُوا۟ وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
50 _ ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتىن كېيىن دەرگاھىمىزدىن بىر رەھمەتنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ مېنىڭ ھەققىمدۇر، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن رەببىمنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، شەكسزكى، ئۇنىڭ يېنىدا ماڭا ئەڭ ياخشىسى بولىدۇ» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى (ئۇ كۈندە) ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز.
وَإِذَآ أَنْعَمْنَا عَلَى ٱلْإِنسَـٰنِ أَعْرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ فَذُو دُعَآءٍ عَرِيضٍ
51 _ ئەگەر بىز ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق، ئۇ (بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشتىن) باش تارتىپ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يەتسە، (ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ.
قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِن كَانَ مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ثُمَّ كَفَرْتُم بِهِۦ مَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ هُوَ فِى شِقَاقٍۭ بَعِيدٍ
52 _ (ئى پەيغەمبەر! ئاشۇ ئىنكارچىلارغا) ئېيتقىنكى: «دەپ بېقىڭلارچۇ، بۇ (قۇرئان) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، ئاندىن سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، (سىلەردەك ھەقىقەتتىن پۈتۈنلەي) يىراقلىشىپ كەتكەن ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟».
سَنُرِيهِمْ ءَايَـٰتِنَا فِى ٱلْـَٔافَاقِ وَفِىٓ أَنفُسِهِمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ ۗ أَوَلَمْ يَكْفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدٌ
53 _ ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىن ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، رەببىڭنىڭ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (ھەمدە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغانلىقى ئۇلارغا) يېتەرلىك (دەلىل) ئەمەسمۇ؟
أَلَآ إِنَّهُمْ فِى مِرْيَةٍ مِّن لِّقَآءِ رَبِّهِمْ ۗ أَلَآ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَىْءٍ مُّحِيطٌۢ
54 _ بىلىڭلاركى، ئۇلار رەببىنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقى ھەققىدە شەك ئىچىدىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى (ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن) قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
فۇسسىلەت سۈرىسى