ئىنشىقاق سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 25 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: كائىناتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنشَقَّتْ (1) وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ (2)
1 _ 2 _ ئاسمان يېرىلغان، رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان ۋە (شۇنداق قىلىشقا) لايىق بولغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْأَرْضُ مُدَّتْ (3) وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ (4) وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ (5)
3 _ 5 _ زېمىن سوزۇلغان، قوينىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان، رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان ۋە (شۇنداق قىلىشقا) لايىق بولغان چاغدا، (ھەربىر ئادەم ئۆز ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ).
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْإِنسَـٰنُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَـٰقِيهِ
6 _ ئى ئىنسان! شەكسىزكى، سەن رەببىڭنىڭ ئالدىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن.
فَأَمَّا مَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ (7) فَسَوْفَ يُحَاسَبُ حِسَابًا يَسِيرًا (8)
7 _ 8 _ نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ،
وَيَنقَلِبُ إِلَىٰٓ أَهْلِهِۦ مَسْرُورًا
9 _ ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال _ خۇرام قايتىدۇ.
وَأَمَّا مَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ وَرَآءَ ظَهْرِهِۦ (10) فَسَوْفَ يَدْعُوا۟ ثُبُورًا (11) وَيَصْلَىٰ سَعِيرًا (12)
10 _ 12_ نامە _ ئەمەلى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ «ۋاي ئۆلۈپلا قۇتۇلسامچۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ ۋە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ.
إِنَّهُۥ كَانَ فِىٓ أَهْلِهِۦ مَسْرُورًا
13 _ شەكسىزكى، ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد _ خۇرام ئىدى.
إِنَّهُۥ ظَنَّ أَن لَّن يَحُورَ
14 _ ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ ئويلايتتى.
بَلَىٰٓ إِنَّ رَبَّهُۥ كَانَ بِهِۦ بَصِيرًا
15 _ ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس ئىدى، رەببى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
فَلَآ أُقْسِمُ بِٱلشَّفَقِ (16) وَٱلَّيْلِ وَمَا وَسَقَ (17) وَٱلْقَمَرِ إِذَا ٱتَّسَقَ (18)
16 _ 18_ (كەچكى) شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
لَتَرْكَبُنَّ طَبَقًا عَن طَبَقٍ
19 _ سىلەر ئەلۋەتتە بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر.
فَمَا لَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
20 _ (ھەقىقەت ئوپئوچۇق تۇرسا) ئۇلار نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟
وَإِذَا قُرِئَ عَلَيْهِمُ ٱلْقُرْءَانُ لَا يَسْجُدُونَ ۩
21 _ ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟
بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُكَذِّبُونَ
22 _ بەلكى كاپىرلار (قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدۇ.
وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
23 _ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ.
فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
24 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍۭ
25 _ لېكىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۈزۈلمەس مۇكاپات بار.