ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى تىرىلدۈرۈشكە، ئۇنىڭ ئەزالىرىنى توپلاشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ بەزى ئۆرنەكلىرىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
لَآ أُقْسِمُ بِيَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ
1 _ قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
وَلَآ أُقْسِمُ بِٱلنَّفْسِ ٱللَّوَّامَةِ
2 _ ئۆزىنى كۆپ ئەيىبلىگۈچى نەپس بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر).
أَيَحْسَبُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَلَّن نَّجْمَعَ عِظَامَهُۥ
3 _ (كاپىر) ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى يىغالمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
بَلَىٰ قَـٰدِرِينَ عَلَىٰٓ أَن نُّسَوِّىَ بَنَانَهُۥ
4 _ ئۇنداق ئەمەس، بىز ئۇنىڭ (ئەڭ نازۇك ئەزاسى بولغان) بارماقلىرىنىڭ ئۇچىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز.
بَلْ يُرِيدُ ٱلْإِنسَـٰنُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُۥ (5) يَسْـَٔلُ أَيَّانَ يَوْمُ ٱلْقِيَـٰمَةِ (6)
5 _ 6_ بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ. ئۇ (مەسخىرە قىلىپ): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
فَإِذَا بَرِقَ ٱلْبَصَرُ (7) وَخَسَفَ ٱلْقَمَرُ (8) وَجُمِعَ ٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ (9) يَقُولُ ٱلْإِنسَـٰنُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ ٱلْمَفَرُّ (10)
7 _ 10_ كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن شۇ (قىيامەت) كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ.
كَلَّا لَا وَزَرَ
11 _ ياق، قاچىدىغان ھېچقانداق پاناھگاھ يوقتۇر.
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ ٱلْمُسْتَقَرُّ
12 _ بۇ كۈندە بارىدىغان قارارگاھ پەقەتلا رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
يُنَبَّؤُا۟ ٱلْإِنسَـٰنُ يَوْمَئِذٍۭ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
13 _ بۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى _ ئاخىر قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ.
بَلِ ٱلْإِنسَـٰنُ عَلَىٰ نَفْسِهِۦ بَصِيرَةٌ
14 _ بەلكى ئىنسان ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئۆزى گۇۋاھ بولغۇچىدۇر.
وَلَوْ أَلْقَىٰ مَعَاذِيرَهُۥ
15_ ئۇ (ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن) قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ).
لَا تُحَرِّكْ بِهِۦ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِۦٓ
16 _ (ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما.
إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُۥ وَقُرْءَانَهُۥ
17 _ شەكسىزكى، ئۇنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
فَإِذَا قَرَأْنَـٰهُ فَٱتَّبِعْ قُرْءَانَهُۥ
18 _ بىز ئۇنى (ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن.
ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُۥ
19 _ ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ ٱلْعَاجِلَةَ
20 _ (ئى مۇشرىكلار!) ئەمەلىيەت ھەرگىز (سىلەر ئويلىغاندەك) ئەمەس، بەلكى سىلەر دۇنيانى ياخشى كۆرىسىلەر.
وَتَذَرُونَ ٱلْـَٔاخِرَةَ
21 _ ئاخىرەتنى بولسا بىر ياققا قايرىپ قويىسىلەر.
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ
22 _ قىيامەت كۈنىدە، نۇرغۇن يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ،
إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٌ
23 _ رەببىگە قاراپ تۇرىدۇ.
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍۭ بَاسِرَةٌ
24 _ بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ.
تَظُنُّ أَن يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ
25 _ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چوڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى جەزم قىلىدۇ.
كَلَّآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلتَّرَاقِىَ (26) وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ (27)
26 _ 27_ شەك _ شۈبھىسىزكى، جان ھەلقۇمغا كەلگەن چاغدا، «(بۇنىڭغا) كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېيىلىدۇ.
وَظَنَّ أَنَّهُ ٱلْفِرَاقُ
28 _ (سەكراتقا چۈشكەن ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزم قىلىدۇ.
وَٱلْتَفَّتِ ٱلسَّاقُ بِٱلسَّاقِ
29 _ (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ.
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ ٱلْمَسَاقُ
30 _ بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ
31 _ كاپىر (قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى.
وَلَـٰكِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
32 _ ئەكسىچە، (قۇرئاننى) يالغان دېدى ۋە ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى.
ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰٓ أَهْلِهِۦ يَتَمَطَّىٰٓ
33 _ ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى.
أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
34 _ ساڭا (ھالاكەت) تېگىشلىكتۇر! تېگىشلىك بولغاندىمۇ تازا تېگىشلىكتۇر!
ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰٓ
35 _ ئاندىن ساڭا (ھالاكەت) تېگىشلىكتۇر! تېگىشلىك بولغاندىمۇ تازا تېگىشلىكتۇر!
أَيَحْسَبُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَن يُتْرَكَ سُدًى
36 _ ئىنسان ئۆزىنى «بىز ئۆز مەيلىمىزگە قويۇۋېتىلىمىز» دەپ ئويلامدۇ؟
أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِّن مَّنِىٍّ يُمْنَىٰ
37 _ ئۇ ئەسلىدە (بالىياتقۇغا) تۆكۈلىدىغان مەنىي ئەمەسمىدى؟
ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ (38) فَجَعَلَ مِنْهُ ٱلزَّوْجَيْنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلْأُنثَىٰٓ (39)
38 _ 39_ ئاندىن ئۇ ئەلەق[1] بولغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە (ئىنسان قىلىپ) يارىتىپ، ئۇنىڭدىن ئەر _ ئايال ئىككى جىنسنى پەيدا قىلغان ئەمەسمىدى؟
أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَـٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحْـِۧىَ ٱلْمَوْتَىٰ
40 _ (بۇ ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟
قىيامەت سۈرىسى