ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ قۇرەيش قەبىلىسىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى شۈكۈر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
لِإِيلَـٰفِ قُرَيْشٍ (1) إِۦلَـٰفِهِمْ رِحْلَةَ ٱلشِّتَآءِ وَٱلصَّيْفِ (2) فَلْيَعْبُدُوا۟ رَبَّ هَـٰذَا ٱلْبَيْتِ (3) ٱلَّذِىٓ أَطْعَمَهُم مِّن جُوعٍ وَءَامَنَهُم مِّنْ خَوْفٍۭ (4)
1 _ 4_ قۇرەيشلەرگە ئوڭايلاشتۇرۇلغانلىقى — ئۇلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرى ئوڭايلاشتۇرۇلغانلىقى (غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش) ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاچلىقتىن تويغۇزغان، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆي (كەئبە)نىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن!
قۇرەيش سۈرىسى