ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەۋەت يولىدا مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، دەۋەتچىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا ۋە توسقۇنلۇقلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەنىۋى كۈچ _ قۇۋۋىتىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمُزَّمِّلُ
1 _ ئى يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)
قُمِ ٱلَّيْلَ إِلَّا قَلِيلًا (2) نِّصْفَهُۥٓ أَوِ ٱنقُصْ مِنْهُ قَلِيلًا (3) أَوْ زِدْ عَلَيْهِ وَرَتِّلِ ٱلْقُرْءَانَ تَرْتِيلًا (4)
2 _ 4_ كېچىنىڭ كۆپ قىسمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا، ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى دانە _ دانە ئوچۇق ئوقۇغىن.
إِنَّا سَنُلْقِى عَلَيْكَ قَوْلًا ثَقِيلًا
5 _ ساڭا بىز يېقىندا ھەقىقەتەن (مەسئۇلىيىتى) ئېغىر قۇرئاننى نازىل قىلىمىز.
إِنَّ نَاشِئَةَ ٱلَّيْلِ هِىَ أَشَدُّ وَطْـًٔا وَأَقْوَمُ قِيلًا
6 _ شەكسىزكى، كېچىدە تۇرۇپ (ئىبادەت قىلىش قەلبكە) ئەڭ تەسىرلىكتۇر، قىرائەت قىلىشقا ئەڭ مۇناسىپتۇر.
إِنَّ لَكَ فِى ٱلنَّهَارِ سَبْحًا طَوِيلًا
7 _ ھەقىقەتەن كۈندۈزدە ساڭا ئۇزۇن بىر مەشغۇلىيەت بار.
وَٱذْكُرِ ٱسْمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلْ إِلَيْهِ تَبْتِيلًا
8 _ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتكىن، ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن يۈزلەنگىن.
رَّبُّ ٱلْمَشْرِقِ وَٱلْمَغْرِبِ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱتَّخِذْهُ وَكِيلًا
9 _ ئۇ كۈنچىقىشنىڭمۇ، كۈنپېتىشنىڭمۇ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. (بارلىق ئىشىڭنى) ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن.
وَٱصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱهْجُرْهُمْ هَجْرًا جَمِيلًا
10 _ سەن كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن ۋە ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن.
وَذَرْنِى وَٱلْمُكَذِّبِينَ أُو۟لِى ٱلنَّعْمَةِ وَمَهِّلْهُمْ قَلِيلًا
11 _ (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇپ بەرگىن، ئۇلارغا بىرئاز مۆھلەت بەرگىن.
إِنَّ لَدَيْنَآ أَنكَالًا وَجَحِيمًا (12) وَطَعَامًا ذَا غُصَّةٍ وَعَذَابًا أَلِيمًا (13)
12 _ 13_ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلار ئۈچۈن ھازىرلانغان) ئېغىر ئىشكەللەر، دوزاخ، گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تاماق ۋە قىينىغۇچى ئازاب بار.
يَوْمَ تَرْجُفُ ٱلْأَرْضُ وَٱلْجِبَالُ وَكَانَتِ ٱلْجِبَالُ كَثِيبًا مَّهِيلًا
14 _ ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار كۆچمە قۇم بارخانلىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
إِنَّآ أَرْسَلْنَآ إِلَيْكُمْ رَسُولًا شَـٰهِدًا عَلَيْكُمْ كَمَآ أَرْسَلْنَآ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ رَسُولًا
15 _ شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە پەيغەمبەر ئەۋەتكەندەك، سىلەرگىمۇ (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.
فَعَصَىٰ فِرْعَوْنُ ٱلرَّسُولَ فَأَخَذْنَـٰهُ أَخْذًا وَبِيلًا
16 _ پىرئەۋن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغان ئىدى، بىز ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق.
فَكَيْفَ تَتَّقُونَ إِن كَفَرْتُمْ يَوْمًا يَجْعَلُ ٱلْوِلْدَٰنَ شِيبًا (17) ٱلسَّمَآءُ مُنفَطِرٌۢ بِهِۦ ۚ كَانَ وَعْدُهُۥ مَفْعُولًا (18)
17 _ 18_ (ئى كاپىرلار!) ئەگەر كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرساڭلار، (دەھشىتىدىن) بالىلارنىڭ بېشىغا ئاق كىرگۈزۈۋېتىدىغان، ئاسمان يېرىلىدىغان كۈندىكى ئازابتىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
إِنَّ هَـٰذِهِۦ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلًا
19 _ بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن نەسىھەتتۇر، خالىغان ئادەم رەببىگە (يەتكۈزىدىغان) يولنى تۇتسۇن.
إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَىٰ مِن ثُلُثَىِ ٱلَّيْلِ وَنِصْفَهُۥ وَثُلُثَهُۥ وَطَآئِفَةٌ مِّنَ ٱلَّذِينَ مَعَكَ ۚ وَٱللَّهُ يُقَدِّرُ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ ۚ عَلِمَ أَن لَّن تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۖ فَٱقْرَءُوا۟ مَا تَيَسَّرَ مِنَ ٱلْقُرْءَانِ ۚ عَلِمَ أَن سَيَكُونُ مِنكُم مَّرْضَىٰ ۙ وَءَاخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِى ٱلْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِن فَضْلِ ٱللَّهِ ۙ وَءَاخَرُونَ يُقَـٰتِلُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۖ فَٱقْرَءُوا۟ مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ ۚ وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَقْرِضُوا۟ ٱللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا۟ لِأَنفُسِكُم مِّنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا ۚ وَٱسْتَغْفِرُوا۟ ٱللَّهَ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌۢ
20 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەلۋەتتە، رەببىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان بىر توپ كىشىنىڭ كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر قىسمىدا (تەھەججۇد نامىزىغا) تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ مىقدارىنى بەلگىلىگەن ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن (تەھەججۇد نامىزىنىڭ پەرزلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق) سىلەرگە يەڭگىللىتىپ بەردى. قۇرئاندىن ئوڭاي بولغاننى ئوقۇڭلار [42]، ئاللاھ بىلىدۇكى، ئاراڭلاردا بەزىلەر كېسەل بولۇپ قالىدۇ، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئىزدەپ يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ تەھەججۇد نامىزىدىن قانچىلىك ئوقۇش ئاسان بولسا شۇنچىلىك ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىڭلار [43]. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئەلۋەتتە ئۇنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا مۇكاپات بولغان ھالدا تاپىسىلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
مۇززەممىل سۈرىسى