ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئۆلۈم، تىرىلىش، ھېساب مەيدانىغا توپلىنىش، جەننەت ياكى دوزاخقا قاراپ يول ئېلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى سەراسىمىگە سېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
وَٱلنَّـٰزِعَـٰتِ غَرْقًا
1 _ (كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلنَّـٰشِطَـٰتِ نَشْطًا
2 _ (مۇئمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلسَّـٰبِحَـٰتِ سَبْحًا
3 _ (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
فَٱلسَّـٰبِقَـٰتِ سَبْقًا
4 _ (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن) تېز ئىلگىرىلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
فَٱلْمُدَبِّرَٰتِ أَمْرًا
5 _ (ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى) ئىجرا قىلغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
يَوْمَ تَرْجُفُ ٱلرَّاجِفَةُ (6) تَتْبَعُهَا ٱلرَّادِفَةُ (7)
6 _ 7_ (سۇر بىرىنچى قېتىم چېلىنىشى بىلەن) بارلىق شەيئىلەر تەۋرەپ (ھالاك بولۇپ) كېتىدىغان، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر).
قُلُوبٌ يَوْمَئِذٍ وَاجِفَةٌ
8 _ بۇ كۈندە (كاپىرلارنىڭ) دىللىرى قورقۇنچتىن تىترەپ كېتىدۇ.
أَبْصَـٰرُهَا خَـٰشِعَةٌ
9 _ (قورققۇچىلارنىڭ) كۆزلىرىدە خارلىق ئەكس ئېتىدۇ.
يَقُولُونَ أَءِنَّا لَمَرْدُودُونَ فِى ٱلْحَافِرَةِ
10 _ ئۇلار: «بىز (ئۆلگەندىن كېيىن) راستتىنلا ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟
أَءِذَا كُنَّا عِظَـٰمًا نَّخِرَةً
11 _ يەنى بىز چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ كەتسەكمۇ شۇنداق بولامدۇ؟» دېيىشىۋاتىدۇ.
قَالُوا۟ تِلْكَ إِذًا كَرَّةٌ خَاسِرَةٌ
12 _ ئۇلار يەنە: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ زىيانلىق قايتىش ئىكەنغۇ!» دېدى.
فَإِنَّمَا هِىَ زَجْرَةٌ وَٰحِدَةٌ
13 _ ئۇ (تىرىلىش) بىر ئاۋاز بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ،
فَإِذَا هُم بِٱلسَّاهِرَةِ
14 _ شۇنىڭ بىلەن ھەممە خالايىق يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدۇ.
هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ
15 _ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
إِذْ نَادَىٰهُ رَبُّهُۥ بِٱلْوَادِ ٱلْمُقَدَّسِ طُوًى
16 _ ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا تۇۋا[1] دېگەن مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) نىدا قىلغان ئىدى:
ٱذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ
17 _ «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
فَقُلْ هَل لَّكَ إِلَىٰٓ أَن تَزَكَّىٰ
18 _ ئۇنىڭغا: ›سەن (كۇفرىدىن ۋە زۇلۇمدىن) پاك بولۇشنى خالامسەن؟
وَأَهْدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخْشَىٰ
19 _ سېنى رەببىڭنىڭ يولىغا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، رەببىڭدىن) قورقىدىغان بولىسەن›» دېگىن.
فَأَرَىٰهُ ٱلْـَٔايَةَ ٱلْكُبْرَىٰ
20 _ مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى.
فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ
21 _ پىرئەۋن مۇسانى ئىنكار قىلدى ۋە (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلدى.
ثُمَّ أَدْبَرَ يَسْعَىٰ
22 _ ئاندىن ئۇ (مۇسانىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈپ، (ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا) كىرىشىپ كەتتى.
فَحَشَرَ فَنَادَىٰ (23) فَقَالَ أَنَا۠ رَبُّكُمُ ٱلْأَعْلَىٰ (24)
23 _ 24_ ئۇ دەرھال (ئۆز جامائەسىنى) توپلاپ، ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك رەببىڭلار بولىمەن» دېدى.
فَأَخَذَهُ ٱللَّهُ نَكَالَ ٱلْـَٔاخِرَةِ وَٱلْأُولَىٰٓ
25 _ ئاللاھ ئۇنى كېيىنكى ۋە ئىلگىرىكى (كۇفرى سۆزىنىڭ) [2] گۇناھى ئۈچۈن قاتتىق جازالىدى.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِّمَن يَخْشَىٰٓ
26 _ شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
ءَأَنتُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمِ ٱلسَّمَآءُ ۚ بَنَىٰهَا
27 _ سىلەرنى يارىتىش قىيىنمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىشمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى،
رَفَعَ سَمْكَهَا فَسَوَّىٰهَا
28 _ ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك ۋە كەم –كوتىسىز قىلدى،
وَأَغْطَشَ لَيْلَهَا وَأَخْرَجَ ضُحَىٰهَا
29 _ ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى.
وَٱلْأَرْضَ بَعْدَ ذَٰلِكَ دَحَىٰهَآ
30 _ شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ياشاشقا لايىق قىلىپ) يايدى.
أَخْرَجَ مِنْهَا مَآءَهَا وَمَرْعَىٰهَا (31) وَٱلْجِبَالَ أَرْسَىٰهَا (32) مَتَـٰعًا لَّكُمْ وَلِأَنْعَـٰمِكُمْ (33)
31 _ 33_ سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى، تاغلارنى مۇستەھكەم قىلىپ ئورناتتى.
فَإِذَا جَآءَتِ ٱلطَّآمَّةُ ٱلْكُبْرَىٰ (34) يَوْمَ يَتَذَكَّرُ ٱلْإِنسَـٰنُ مَا سَعَىٰ (35)
34 _ 35_ ئەڭ چوڭ پالاكەت (قىيامەت) كەلگەن كۈندە، ئىنسان قىلغان (ياخشى _ يامان) ئىشلىرىنى ئەسلەيدۇ.
وَبُرِّزَتِ ٱلْجَحِيمُ لِمَن يَرَىٰ
36 _ كۆرىدىغان ئادەمگە جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ.
فَأَمَّا مَن طَغَىٰ
37 _ كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن،
وَءَاثَرَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا
38 _ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن،
فَإِنَّ ٱلْجَحِيمَ هِىَ ٱلْمَأْوَىٰ
39 _ ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ.
وَأَمَّا مَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفْسَ عَنِ ٱلْهَوَىٰ (40) فَإِنَّ ٱلْجَنَّةَ هِىَ ٱلْمَأْوَىٰ (41)
40 _ 41_ رەببىنىڭ ماقامىدىن (يەنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ.
يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَىٰهَا
42 _ ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ.
فِيمَ أَنتَ مِن ذِكْرَىٰهَآ
43 _ سەن ئۇنى قانداقمۇ دەپ بېرەلەيسەن؟
إِلَىٰ رَبِّكَ مُنتَهَىٰهَآ
44 _ ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىش رەببىڭگە خاستۇر.
إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرُ مَن يَخْشَىٰهَا
45 _ سەن پەقەتلا قىيامەتتىن قورقىدىغان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن.
كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَهَا لَمْ يَلْبَثُوٓا۟ إِلَّا عَشِيَّةً أَوْ ضُحَىٰهَا
46 _ ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، ئۆزىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەكلا ھېس قىلىدۇ.
نازىئات سۈرىسى