شەمس سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 15 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: نەپسنى پاكلاشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە نەپسىنى گۇناھقا پاتۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيان تارتىش ئىكەنلىكىنى قەسەملەر بىلەن تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر.

وَٱلشَّمْسِ وَضُحَىٰهَا
1 _ قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلْقَمَرِ إِذَا تَلَىٰهَا
2 _ قۇياشقا ئەگەشكەن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلنَّهَارِ إِذَا جَلَّىٰهَا
3 _ قۇياشنى ئاشكارا قىلىدىغان كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰهَا
4 _ قۇياشنى يوشۇرىدىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلسَّمَآءِ وَمَا بَنَىٰهَا
5 _ ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنىڭ مۇستەھكەم بىناسى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلْأَرْضِ وَمَا طَحَىٰهَا
6 _ زېمىن بىلەن ۋە ئۇنىڭ كەڭ يېيىلىشى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّىٰهَا (7) فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَىٰهَا (8)
7 _ 8_ جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى مۇكەممەل ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئىلھام قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّىٰهَا
9 _ نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.
وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّىٰهَا
10 _ ئۇنى (گۇناھ _ مەئسىيەتكە) كۆمگەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ.
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَىٰهَآ
11 _ سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (ئۆز پەيغەمبىرىنى) ئىنكار قىلدى.
إِذِ ٱنۢبَعَثَ أَشْقَىٰهَا (12) فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ ٱللَّهِ نَاقَةَ ٱللَّهِ وَسُقْيَـٰهَا (13)
12 _ 13_ ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى بوغۇزلاشقا) تۇتۇش قىلغاندا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سالىھ) ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېگەن ئىدى.
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُم بِذَنۢبِهِمْ فَسَوَّىٰهَا
14 _ 15_ ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانغا چىقاردى ۋە تۆگىنى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھى تۈپەيلىدىن رەببى ئۇلارغا چوڭ بىر ئازابنى چۈشۈرۈپ، ھەممىسىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەتتى. ئاللاھ (ئۇلارنى بۇنداق جازالاشنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ قالمايدۇ.