سەف سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 14 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مۇئمىنلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش يولىدا جىھاد قىلىشقا ئۈندەشتىن ئىبارەتتۇر.  

سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۖ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
1 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى (بارلىق) نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ
2 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دەيسىلەر؟
كَبُرَ مَقْتًا عِندَ ٱللَّهِ أَن تَقُولُوا۟ مَا لَا تَفْعَلُونَ
3 _ سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نېمىدېگەن ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىش!
إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلَّذِينَ يُقَـٰتِلُونَ فِى سَبِيلِهِۦ صَفًّا كَأَنَّهُم بُنْيَـٰنٌ مَّرْصُوصٌ
4 _ شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ يَـٰقَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِى وَقَد تَّعْلَمُونَ أَنِّى رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوٓا۟ أَزَاغَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْفَـٰسِقِينَ
5 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە (ئەۋەتكەن) پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، سىلەر نېمىشقا ماڭا ئازار بېرىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئاندىن ئۇلار (ھەقىقەتتىن) چەتنەپ كېتىۋىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ھىدايەتتىن) بۇرۇۋەتتى. ئاللاھ (بۇنداق) پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
وَإِذْ قَالَ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ إِنِّى رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيْكُم مُّصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَىَّ مِنَ ٱلتَّوْرَىٰةِ وَمُبَشِّرًۢا بِرَسُولٍ يَأْتِى مِنۢ بَعْدِى ٱسْمُهُۥٓ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ قَالُوا۟ هَـٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ
6 _ ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبىرىمەن» دېگەن ئىدى. ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۇلارغا روشەن ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلْكَذِبَ وَهُوَ يُدْعَىٰٓ إِلَى ٱلْإِسْلَـٰمِ ۚ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
7 _ ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ (كۇفرىنى تاللاپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغان قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
يُرِيدُونَ لِيُطْفِـُٔوا۟ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفْوَٰهِهِمْ وَٱللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِۦ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْكَـٰفِرُونَ
8 _ ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى (يەنى ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئاننى يالغان گەپلىرى بىلەن بىكار قىلىۋەتمەكچى) بولىدۇ. ئاللاھ بولسا كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى تاماملىغۇچىدۇر.
هُوَ ٱلَّذِىٓ أَرْسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلْهُدَىٰ وَدِينِ ٱلْحَقِّ لِيُظْهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْمُشْرِكُونَ
9 _ ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ يامان كۆرگىنىگە قارىماي، ھەق دىننى بارلىق دىنلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن، ئۆز پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن زاتتۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ تِجَـٰرَةٍ تُنجِيكُم مِّنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
10 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنى قىينىغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان بىر تىجارەتكە باشلاپ قويايمۇ؟
تُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُجَـٰهِدُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمْوَٰلِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
11 _ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن دىلىڭلاردىن) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ وَمَسَـٰكِنَ طَيِّبَةً فِى جَنَّـٰتِ عَدْنٍ ۚ ذَٰلِكَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ
12 _ (ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ) سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ). بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
وَأُخْرَىٰ تُحِبُّونَهَا ۖ نَصْرٌ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَتْحٌ قَرِيبٌ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُؤْمِنِينَ
13 _ (سىلەرگە) سىلەر ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر نېمەت بار، ئۇ ئاللاھتىن (سىلەرگە) كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن بىر پەتھىدۇر. (ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەرگە (دۇنيادا غەلىبە ۋە ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُونُوٓا۟ أَنصَارَ ٱللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّـۧنَ مَنْ أَنصَارِىٓ إِلَى ٱللَّهِ ۖ قَالَ ٱلْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ ٱللَّهِ ۖ فَـَٔامَنَت طَّآئِفَةٌ مِّنۢ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ وَكَفَرَت طَّآئِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا۟ ظَـٰهِرِينَ
14 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ھاۋارىيلار (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپ ئەگەشكەن كىشىلەر)دەك ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ياردەمچىلىرى بولۇڭلار. مەريەم ئوغلى ئىيسا ھاۋارىيلارغا: «ئاللاھقا (دەۋەت قىلىشتا) مېنىڭ ياردەمچىلىرىم كىملەر؟» دېگەندە، ھاۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ياردەمچىلىرىدۇرمىز» دېدى. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر بۆلىكى ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر بۆلىكى كاپىر بولدى. ئاندىن ئىمان ئېيتقانلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈچلەندۈردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب بولدى.