ئىنسان سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 31 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئەسلىنى، يارىتىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتىنى ۋە ئاخىر قايتىدىغان جايىنى ئەسلىتىش، شۇنداقلا مۇئمىنلەرنى ئىمانىدا مۇستەھكەم قىلىش، كاپىرلارنى دەۋەت قىلىش ئۈچۈن جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

هَلْ أَتَىٰ عَلَى ٱلْإِنسَـٰنِ حِينٌ مِّنَ ٱلدَّهْرِ لَمْ يَكُن شَيْـًٔا مَّذْكُورًا
1 _ ئىنسان ھەقىقەتەن (جان كىرىشتىن بۇرۇن) تىلغا ئېلىنغۇدەك بىر نەرسە ئەمەس چېغىدا زامانلاردىن مەلۇم بىر مۇددەتنى (باشتىن) ئۆتكۈزگەن ئەمەسمىدى؟!
إِنَّا خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِن نُّطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَّبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَـٰهُ سَمِيعًۢا بَصِيرًا
2 _ ھەقىقەت شۇكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق، بىز ئۇنى سىنايمىز، شۇڭا ئۇنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق.
إِنَّا هَدَيْنَـٰهُ ٱلسَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا
3 _ شەكسىزكى، بىز ئۇنىڭغا (ياخشى _ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ يا (ياخشى يولدا مېڭىپ) شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ، ياكى (يامان يولدا مېڭىپ) تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ.
إِنَّآ أَعْتَدْنَا لِلْكَـٰفِرِينَ سَلَـٰسِلَا۟ وَأَغْلَـٰلًا وَسَعِيرًا
4 _ شەكسىزكى، بىز كاپىرلار ئۈچۈن زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە يالقۇنجاپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق.
إِنَّ ٱلْأَبْرَارَ يَشْرَبُونَ مِن كَأْسٍ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا
5 _ ياخشىلار چوقۇم كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ.
عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا عِبَادُ ٱللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفْجِيرًا
6 _ (ئۇ شاراب جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن (ئېتىلىپ چىققان) بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا ئوڭايلا) ئېقىتىپ بارالايدۇ.
يُوفُونَ بِٱلنَّذْرِ وَيَخَافُونَ يَوْمًا كَانَ شَرُّهُۥ مُسْتَطِيرًا
7 _ (ئۇلار بۇ دۇنيادا شۇنداق كىشىلەركى) ئۇلار (ئاللاھقا) ۋەدە قىلغان ئىشنى[1] ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان (قىيامەت) كۈنىدىن قورقىدۇ.
وَيُطْعِمُونَ ٱلطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا
8 _ ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، يوقسۇلغا، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ.
إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ ٱللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمْ جَزَآءً وَلَا شُكُورًا
9 _ (ئۇلار ئېيتىدۇ): «بىز سىلەرگە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا تائام بېرىمىز، سىلەردىن ھېچقانداق ياندۇرۇق ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز.
إِنَّا نَخَافُ مِن رَّبِّنَا يَوْمًا عَبُوسًا قَمْطَرِيرًا
10 _ چۈنكى بىز ئىنتايىن ئېغىر ۋە قاتتىق (بولىدىغان قىيامەت) كۈنىدە رەببىمىز (نىڭ ئازابى)دىن قورقىمىز».
فَوَقَىٰهُمُ ٱللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمِ وَلَقَّىٰهُمْ نَضْرَةً وَسُرُورًا
11 _ (ئەلۋەتتە) ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.
وَجَزَىٰهُم بِمَا صَبَرُوا۟ جَنَّةً وَحَرِيرًا
12 _ ئۇلار (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (جەننەتتىكى) يىپەك (كىيىملەر) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
مُّتَّكِـِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ ۖ لَا يَرَوْنَ فِيهَا شَمْسًا وَلَا زَمْهَرِيرًا
13 _ ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ.
وَدَانِيَةً عَلَيْهِمْ ظِلَـٰلُهَا وَذُلِّلَتْ قُطُوفُهَا تَذْلِيلًا
14 _ جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا چۈشۈپ تۇرىدۇ، جەننەتنىڭ مېۋىلىرى (ئۇلارنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن) ئىنتايىن ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
وَيُطَافُ عَلَيْهِم بِـَٔانِيَةٍ مِّن فِضَّةٍ وَأَكْوَابٍ كَانَتْ قَوَارِيرَا۠ (15) قَوَارِيرَا۟ مِن فِضَّةٍ قَدَّرُوهَا تَقْدِيرًا (16)
15 _ 16_ ئۇلارغا كۈمۈش تەخسىلەر ۋە ئۆلچىمىنى ئۇلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن شارابلار تولدۇرۇلغان شېشىدەك سۈزۈك كۈمۈش جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇپ تۇرۇلىدۇ.
وَيُسْقَوْنَ فِيهَا كَأْسًا كَانَ مِزَاجُهَا زَنجَبِيلًا (17) عَيْنًا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلْسَبِيلًا (18)
17 _ 18 _ ئۇلار يەنە جەننەتتە ئۇنىڭدىكى سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاقتىن (چىقىدىغان) زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام (يەنى جاملارغا تولدۇرۇلغان شاراب) بىلەن سۇغىرىلىدۇ.
وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَٰنٌ مُّخَلَّدُونَ إِذَا رَأَيْتَهُمْ حَسِبْتَهُمْ لُؤْلُؤًا مَّنثُورًا
19 _ ھەمىشە ياش تۇرىدىغان مۇلازىم بالىلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ، سەن ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئەتراپقا) چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن.
وَإِذَا رَأَيْتَ ثَمَّ رَأَيْتَ نَعِيمًا وَمُلْكًا كَبِيرًا
20 _ سەن (جەننەتتە نەگە) قارىساڭ، شۇ يەردە (تەسۋىرلەپ بولغۇسىز) نېمەتلەرنى ۋە شاھانە تۇرمۇشنى كۆرىسەن.
عَـٰلِيَهُمْ ثِيَابُ سُندُسٍ خُضْرٌ وَإِسْتَبْرَقٌ ۖ وَحُلُّوٓا۟ أَسَاوِرَ مِن فِضَّةٍ وَسَقَىٰهُمْ رَبُّهُمْ شَرَابًا طَهُورًا
21 _ ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا ۋە قېلىن يىپەكتىن (تىكىلگەن) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، ئۇلارغا كۈمۈش بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ، رەببى ئۇلارنى پاك _ پاكىز شاراب بىلەن سۇغىرىدۇ.
إِنَّ هَـٰذَا كَانَ لَكُمْ جَزَآءً وَكَانَ سَعْيُكُم مَّشْكُورًا
22 _ (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇكى)، «شەكسىزكى، بۇ سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مۇكاپاتتۇر، (دۇنيادىكى) تىرىشچانلىقىڭلار قوبۇل قىلىنغان ئىدى».
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ ٱلْقُرْءَانَ تَنزِيلًا
23 _ (ئى پەيغەمبەر!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ _ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق.
فَٱصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ ءَاثِمًا أَوْ كَفُورًا
24 _ سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كاپىرغا بويسۇنمىغىن.
وَٱذْكُرِ ٱسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
25 _ ئەتىگەن _ ئاخشامدا رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتكىن.
وَمِنَ ٱلَّيْلِ فَٱسْجُدْ لَهُۥ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا
26 _ كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىن (يەنى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن)، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.
إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ يُحِبُّونَ ٱلْعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَآءَهُمْ يَوْمًا ثَقِيلًا
27 _ شەكسىزكى، ئاشۇلار (يەنى مۇشرىكلار) دۇنيالىقنىلا ياخشى كۆرۈپ، ئالدىدىكى ئېغىر كۈنگە (قىيامەت كۈنىگە) پەرۋا قىلمايدۇ.
نَّحْنُ خَلَقْنَـٰهُمْ وَشَدَدْنَآ أَسْرَهُمْ ۖ وَإِذَا شِئْنَا بَدَّلْنَآ أَمْثَـٰلَهُمْ تَبْدِيلًا
28 _ ئۇلارنى بىز ياراتتۇق، بەدىنىنى ساغلام قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەملەرنى دەسسىتەتتۇق.
إِنَّ هَـٰذِهِۦ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلًا
29 _ شەكسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) بىر ۋەز- نەسىھەتتۇر. خالىغان ئادەم رەببىگە ئېلىپ بارىدىغان يولنى تۇتسۇن.
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
30 _ پەقەت ئاللاھ خالىغان چاغدىلا، سىلەر (بىرەر ئىشنى) خالىيالايسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
يُدْخِلُ مَن يَشَآءُ فِى رَحْمَتِهِۦ ۚ وَٱلظَّـٰلِمِينَ أَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًۢا
31 _ ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ زالىملارغا قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.