ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: كىشىلەرنى ئىمانغا تەرغىب قىلىش، كاپىرلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش يولىدا ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نېمەتلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ٱلرَّحْمَـٰنُ (1) عَلَّمَ ٱلْقُرْءَانَ (2)
1 _ 2_ رەھمان ئاللاھ قۇرئاننى بىلدۈردى،
خَلَقَ ٱلْإِنسَـٰنَ
3 _ ئىنساننى ياراتتى،
عَلَّمَهُ ٱلْبَيَانَ
4 _ ئۇنىڭغا مەقسىتىنى قانداق ئۇقتۇرۇشنى ئۆگەتتى.
ٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ بِحُسْبَانٍ
5 _ كۈن بىلەن ئاي مۇئەييەن ھېساب بويىچە (ئايلىنىپ تۇرىدۇ).
وَٱلنَّجْمُ وَٱلشَّجَرُ يَسْجُدَانِ
6 _ ئوت _ چۆپلەر ۋە دەل _ دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ.
وَٱلسَّمَآءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ ٱلْمِيزَانَ (7) أَلَّا تَطْغَوْا۟ فِى ٱلْمِيزَانِ (8)
7 _ 8 _ ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە كەم – زىيادە قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى.
وَأَقِيمُوا۟ ٱلْوَزْنَ بِٱلْقِسْطِ وَلَا تُخْسِرُوا۟ ٱلْمِيزَانَ
9 _ ئۆلچەمنى ئادالەت بىلەن بەرپا قىلىڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار.
وَٱلْأَرْضَ وَضَعَهَا لِلْأَنَامِ
10 _ ئاللاھ زېمىننى مەخلۇقات ئۈچۈن (ياشاشقا مۇناسىپ قىلىپ) ئورۇنلاشتۇردى.
فِيهَا فَـٰكِهَةٌ وَٱلنَّخْلُ ذَاتُ ٱلْأَكْمَامِ
11 _ ئۇنىڭدا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورما دەرەخلىرى بار،
وَٱلْحَبُّ ذُو ٱلْعَصْفِ وَٱلرَّيْحَانُ
12 _ يەنە سامىنى بار دانلىق زىرائەتلەر، خۇشبۇي ئۆسۈملۈكلەر بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
13 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
خَلَقَ ٱلْإِنسَـٰنَ مِن صَلْصَـٰلٍ كَٱلْفَخَّارِ
14 _ ئاللاھ ئىنساننى (چەكسە ئاۋاز چىقىدىغان) ساپالدەك قۇرۇغان قارا لايدىن ياراتتى.
وَخَلَقَ ٱلْجَآنَّ مِن مَّارِجٍ مِّن نَّارٍ
15 _ جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
16 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
رَبُّ ٱلْمَشْرِقَيْنِ وَرَبُّ ٱلْمَغْرِبَيْنِ
17 _ ئۇ ئىككى مەشرىقنىڭ ۋە ئىككى مەغرىب (يەنى ياز ۋە قىشتا قۇياش بىلەن ئاي كۆرۈنىدىغان ۋە ئولتۇرىدىغان جاي)نىڭ رەببىدۇر.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
18 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
مَرَجَ ٱلْبَحْرَيْنِ يَلْتَقِيَانِ
19 _ ئۇ ئىككى دېڭىزنى ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ.
بَيْنَهُمَا بَرْزَخٌ لَّا يَبْغِيَانِ
20 _ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسۇق بولغاچقا، بىر _ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
21 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يَخْرُجُ مِنْهُمَا ٱللُّؤْلُؤُ وَٱلْمَرْجَانُ
22 _ ئۇ ئىككى دېڭىزدىن مەرۋايىت بىلەن مارجان چىقىدۇ.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
23 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
وَلَهُ ٱلْجَوَارِ ٱلْمُنشَـَٔاتُ فِى ٱلْبَحْرِ كَٱلْأَعْلَـٰمِ
24 _ دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭدۇر.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
25 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
كُلُّ مَنْ عَلَيْهَا فَانٍ
26 _ يەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەركىم (ۋە ھەممە نەرسە) يوقالغۇچىدۇر.
وَيَبْقَىٰ وَجْهُ رَبِّكَ ذُو ٱلْجَلَـٰلِ وَٱلْإِكْرَامِ
27 _ ئەڭ بۈيۈك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
28 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يَسْـَٔلُهُۥ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِى شَأْنٍ
29 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە مەۋجۇدات ئاللاھتىن (ھاجەتلىرىنى) تىلەيدۇ، ئاللاھ ھەر ۋاقىت (ئۆزىنىڭ رەب سۈپىتىنى نامايان قىلىدىغان) بىر ئىش بىلەن بولۇپ تۇرىدۇ.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
30 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
سَنَفْرُغُ لَكُمْ أَيُّهَ ٱلثَّقَلَانِ
31 _ ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) سىلەرگە يۈزلىنىمىز.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
32 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يَـٰمَعْشَرَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ إِنِ ٱسْتَطَعْتُمْ أَن تَنفُذُوا۟ مِنْ أَقْطَارِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ فَٱنفُذُوا۟ ۚ لَا تَنفُذُونَ إِلَّا بِسُلْطَـٰنٍ
33 _ ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، (ئالاھىدە بىر) قۇدرەت بولمىغۇچە سىلەر ئۆتۈپ كېتەلمەيسىلەر (سىلەرگە نەدە ئۇنداق قۇدرەت؟).
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
34 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يُرْسَلُ عَلَيْكُمَا شُوَاظٌ مِّن نَّارٍ وَنُحَاسٌ فَلَا تَنتَصِرَانِ
35 _ سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، ئۇ چاغدا سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
36 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فَإِذَا ٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتْ وَرْدَةً كَٱلدِّهَانِ
37 _ ئۇ چاغدا ئاسمان يېرىلىپ، (قىزىتىلغان) ياغدەك بولۇپ، قىزىلگۈل رەڭگىگە كىرىپ قالىدۇ.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
38 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فَيَوْمَئِذٍ لَّا يُسْـَٔلُ عَن ذَنۢبِهِۦٓ إِنسٌ وَلَا جَآنٌّ
39 _ (گۇناھكارلارنىڭ ئالاھىدە ئالامەتلىرى بولغانلىقتىن) بۇ كۈندە ئىنسان ۋە جىننىڭ (گۇناھكارلىرىدىن) ھېچبىرى ئۆزىنىڭ گۇناھى توغرىسىدا سوراق قىلىنمايدۇ.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
40 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يُعْرَفُ ٱلْمُجْرِمُونَ بِسِيمَـٰهُمْ فَيُؤْخَذُ بِٱلنَّوَٰصِى وَٱلْأَقْدَامِ
41 _ گۇناھكارلار ئۆزىنىڭ (قارايغان) بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئۇلار كوكۇلىسىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ (ۋە جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ).
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
42 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
هَـٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِى يُكَذِّبُ بِهَا ٱلْمُجْرِمُونَ
43 _ مانا بۇ، گۇناھكارلار ئىنكار قىلىپ كەلگەن جەھەننەمدۇر (دېيىلىدۇ).
يَطُوفُونَ بَيْنَهَا وَبَيْنَ حَمِيمٍ ءَانٍ
44 _ ئۇلار دوزاختا قايناپ تۇرغان سۇ بىلەن ئوت ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
45 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
وَلِمَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ جَنَّتَانِ
46 _ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تۇرۇشتىن قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
47 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
ذَوَاتَآ أَفْنَانٍ
48 _ ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
49 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِمَا عَيْنَانِ تَجْرِيَانِ
50 _ ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
51 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِمَا مِن كُلِّ فَـٰكِهَةٍ زَوْجَانِ
52 _ ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
53 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ فُرُشٍۭ بَطَآئِنُهَا مِنْ إِسْتَبْرَقٍ ۚ وَجَنَى ٱلْجَنَّتَيْنِ دَانٍ
54 _ ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن يىپەكتىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (ئۇلارنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن) يېقىندۇر.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
55 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِنَّ قَـٰصِرَٰتُ ٱلطَّرْفِ لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَآنٌّ
56 _ ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ۋە جىنمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان ھۆرلەر بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
57 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
كَأَنَّهُنَّ ٱلْيَاقُوتُ وَٱلْمَرْجَانُ
58 _ ئۇلار (گۈزەللىكتە ۋە سۈزۈكلۈكتە) گويا ياقۇت ۋە مەرۋايىتتۇر.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
59 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
هَلْ جَزَآءُ ٱلْإِحْسَـٰنِ إِلَّا ٱلْإِحْسَـٰنُ
60 _ ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا ياخشىلىقتۇر.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
61 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
وَمِن دُونِهِمَا جَنَّتَانِ
62 _ ئۇ ئىككى جەننەتتىن باشقا يەنە ئىككى جەننەت بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
63 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
مُدْهَآمَّتَانِ
64 _ ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
65 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِمَا عَيْنَانِ نَضَّاخَتَانِ
66 _ ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
67 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِمَا فَـٰكِهَةٌ وَنَخْلٌ وَرُمَّانٌ
68 _ ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
69 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِنَّ خَيْرَٰتٌ حِسَانٌ
70 _ ئاشۇ جەننەتلەردە گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە چىرايلىق ھۆرلەر بار.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
71 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
حُورٌ مَّقْصُورَٰتٌ فِى ٱلْخِيَامِ
72 _ ئۇلار (جەننەتتىكى) چېدىرلارنىڭ ئىچىدە پەردىلەنگەن ھۆرلەردۇر.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
73 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَآنٌّ
74 _ بۇرۇن ئۇلارغا ھېچبىر ئىنسان ۋە جىنمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
75 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ رَفْرَفٍ خُضْرٍ وَعَبْقَرِىٍّ حِسَانٍ
76- ئۇلار يېشىل ياستۇقلارغا، چىرايلىق تۆشەكلەرگە يۆلەنگەن ھالدا راھەتلىنىدۇ.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
77 _ (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
تَبَـٰرَكَ ٱسْمُ رَبِّكَ ذِى ٱلْجَلَـٰلِ وَٱلْإِكْرَامِ
78 _ ئەڭ بۈيۈك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ ئىسمى ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.
رەھمان سۈرىسى