ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: قىيامەتنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلارغا دەلىل – پاكىتلار بىلەن رەددىيە بېرىش ئارقىلىق قىيامەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ۋە كاپىرلارنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
وَٱلْمُرْسَلَـٰتِ عُرْفًا
1 _ ئۈزۈلمەي چىققۇچى شاماللار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
فَٱلْعَـٰصِفَـٰتِ عَصْفًا
2 _ شىددەت بىلەن چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلنَّـٰشِرَٰتِ نَشْرًا
3 _ (بۇلۇتلارنى) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
فَٱلْفَـٰرِقَـٰتِ فَرْقًا
4 _ (ھەق بىلەن باتىلنى) ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
فَٱلْمُلْقِيَـٰتِ ذِكْرًا (5) عُذْرًا أَوْ نُذْرًا (6)
5 _ 6_ (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن (پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيىنى) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَٰقِعٌ
7 _ سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) چوقۇم بولىدۇ.
فَإِذَا ٱلنُّجُومُ طُمِسَتْ
8 _ (ئۇ قىيامەت) يۇلتۇزلار (نىڭ نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ فُرِجَتْ
9 _ ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْجِبَالُ نُسِفَتْ
10 _ تاغلار تىتىلىپ (بوران ئۇچۇرتقان توزانلاردەك) توزۇغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلرُّسُلُ أُقِّتَتْ
11 _ پەيغەمبەرلەرگە (ئۈممەتلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشكە) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ).
لِأَىِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ
12 _ (بۇ ۋاقىت) قايسى كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
لِيَوْمِ ٱلْفَصْلِ
13 _ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈنگە (كېچىكتۈرۈلدى)
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ
14 _ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
15 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
أَلَمْ نُهْلِكِ ٱلْأَوَّلِينَ
16 _ بىز ئىلگىرىكىلەرنى (كاپىرلىقى سەۋەبلىك) ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ ٱلْـَٔاخِرِينَ
17 _ ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق.
كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِٱلْمُجْرِمِينَ
18 _ بىز بۇ گۇناھكارلارنىمۇ شۇنداق جازالايمىز.
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
19 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
أَلَمْ نَخْلُقكُّم مِّن مَّآءٍ مَّهِينٍ
20 _ (ئى ئىنسانلار!) بىز سىلەرنى ئەرزىمەس مەنىيدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
فَجَعَلْنَـٰهُ فِى قَرَارٍ مَّكِينٍ (21) إِلَىٰ قَدَرٍ مَّعْلُومٍ (22)
21 _ 22_ بىز ئۇنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (بالىياتقۇدىن ئىبارەت) پۇختا قارارگاھتا تۇرغۇزدۇق.
فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ ٱلْقَـٰدِرُونَ
23 _ بىز (بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا) قادىر بولدۇق. بىز نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
24 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ كِفَاتًا (25) أَحْيَآءً وَأَمْوَٰتًا (26)
25 _ 26_ بىز زېمىننى تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جاي قىلمىدۇقمۇ؟
وَجَعَلْنَا فِيهَا رَوَٰسِىَ شَـٰمِخَـٰتٍ وَأَسْقَيْنَـٰكُم مَّآءً فُرَاتًا
27 _ بىز زېمىنغا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق.
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
28 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ (29) ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ ظِلٍّ ذِى ثَلَـٰثِ شُعَبٍ (30) لَّا ظَلِيلٍ وَلَا يُغْنِى مِنَ ٱللَّهَبِ (31)
29 _ 31_ (ئۇ كاپىرلارغا): «سىلەر يالغان دەپ كېلىۋاتقان جەھەننەمگە قاراپ ئىلگىرلەڭلار، ئۈچ تارماققا ئايرىلىپ چىقىدىغان، سەگىدەتمەيدىغان، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسالمايدىغان (ئاچچىق تۈتۈندىن ئىبارەت) سايىگە بېرىڭلار» (دېيىلىدۇ).
إِنَّهَا تَرْمِى بِشَرَرٍ كَٱلْقَصْرِ
32 _ ئۇ يالقۇن سارايدەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ.
كَأَنَّهُۥ جِمَـٰلَتٌ صُفْرٌ
33 _ ئۇ ئۇچقۇنلار قارامتۇل تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ.
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
34 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
هَـٰذَا يَوْمُ لَا يَنطِقُونَ
35 _ بۇ، (كاپىرلار) گەپ قىلالمايدىغان بىر كۈندۇر.
وَلَا يُؤْذَنُ لَهُمْ فَيَعْتَذِرُونَ
36 _ ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغىمۇ ئىجازەت بېرىلمەيدۇ.
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
37 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
هَـٰذَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ ۖ جَمَعْنَـٰكُمْ وَٱلْأَوَّلِينَ
38 _ (ئۇلارغا): «بۇ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر. سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى يىغدۇق.
فَإِن كَانَ لَكُمْ كَيْدٌ فَكِيدُونِ
39 _ ئەگەر (بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، قېنى قىلىپ بېقىڭلار» (دېيىلىدۇ).
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
40 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى ظِلَـٰلٍ وَعُيُونٍ (41) وَفَوَٰكِهَ مِمَّا يَشْتَهُونَ (42)
41 _ 42_ شەكسىزكى، تەقۋادارلار (جەننەتتە) سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
43 _ (ئۇلارغا): «قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن (مۇكاپات سۈپىتىدە) خۇشال _ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ
44 _ بىز (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەلۋەتتە مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
45 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
كُلُوا۟ وَتَمَتَّعُوا۟ قَلِيلًا إِنَّكُم مُّجْرِمُونَ
46 _ (ئى كاپىرلار!): «(دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) يەڭلار ۋە ۋاقىتلىق بەھرىمەن بۇلۇپ تۇرۇڭلار، شەكسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر».
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
47 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱرْكَعُوا۟ لَا يَرْكَعُونَ
48 _ ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، رۇكۇ قىلمايدۇ.
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
49 _ (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَهُۥ يُؤْمِنُونَ
50 _ ئۇلار بۇ قۇرئانغا ئىشەنمەي، زادى قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
مۇرسەلات سۈرىسى