ھۇد سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 123 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرە يۇنۇس سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان بەزى مەسىلىلەرنى ئوچۇقلايدۇ.

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكارچى قەۋملەرگە قارشى ئېلىپ بارغان دەۋەت ئۇسۇلىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

الٓر ۚ كِتَـٰبٌ أُحْكِمَتْ ءَايَـٰتُهُۥ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ
1 _ ئەلىف، لام، را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان، ئايەتلىرى (ھەر تەرەپتىن) پۇختا بېكىتىلگەن، ئاندىن (ئەھكاملىرى) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر.
أَلَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّا ٱللَّهَ ۚ إِنَّنِى لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
2 _ (بۇ كىتاب) سىلەرنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن (نازىل قىلىندى). (ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى) «(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن.
وَأَنِ ٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوٓا۟ إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُم مَّتَـٰعًا حَسَنًا إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِى فَضْلٍ فَضْلَهُۥ ۖ وَإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ
3 _ سىلەر رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار (ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجىلىڭلار توشقىچە ئوبدان ياشىتىدۇ، ھەربىر ياخشى ئىش قىلغۇچىغا ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن.
إِلَى ٱللَّهِ مَرْجِعُكُمْ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
4 _ سىلەرنىڭ قايتىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
أَلَآ إِنَّهُمْ يَثْنُونَ صُدُورَهُمْ لِيَسْتَخْفُوا۟ مِنْهُ ۚ أَلَا حِينَ يَسْتَغْشُونَ ثِيَابَهُمْ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ ۚ إِنَّهُۥ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
5 _ بىلىڭلاركى، ئۇلار (كۆڭلىدىكىنى) ئاللاھتىن يوشۇرماقچى بولۇپ، دىلىدىكى (كۇفرى)نى يوشۇرىدۇ[1]. بىلىڭلاركى، ئۇلار كىيىملىرى بىلەن چۈمكىنىۋالغان چاغلىرىدىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
وَمَا مِن دَآبَّةٍ فِى ٱلْأَرْضِ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ رِزْقُهَا وَيَعْلَمُ مُسْتَقَرَّهَا وَمُسْتَوْدَعَهَا ۚ كُلٌّ فِى كِتَـٰبٍ مُّبِينٍ
6 _ يەر يۈزىدىكى ھەربىر جانلىققا رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇ جانلىقنىڭ تۇرىدىغان جايىنى ۋە ئۆلىدىغان يېرىنى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا (لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلغاندۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ وَكَانَ عَرْشُهُۥ عَلَى ٱلْمَآءِ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۗ وَلَئِن قُلْتَ إِنَّكُم مَّبْعُوثُونَ مِنۢ بَعْدِ ٱلْمَوْتِ لَيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
7 _ ئاللاھ سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان زاتتۇر. (ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. (ئى پەيغەمبەر!) قەسەمكى، ئەگەر سەن (كاپىرلارغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيدۇ.
وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ ٱلْعَذَابَ إِلَىٰٓ أُمَّةٍ مَّعْدُودَةٍ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُۥٓ ۗ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
8 _ ئەگەر بىز ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى مەلۇم ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار: «ئۇنى نېمە توسۇپ قالغاندۇ؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇ ئازاب ئۇلاردىن قايتۇرۇلمايدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىۋالىدۇ.
وَلَئِنْ أَذَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِنَّا رَحْمَةً ثُمَّ نَزَعْنَـٰهَا مِنْهُ إِنَّهُۥ لَيَـُٔوسٌ كَفُورٌ
9 _ ئەگەر بىز ئىنسانغا پەزلىمىزدىن بىرەر رەھمەتنى تېتىتىپ، ئاندىن شۇ نېمەتنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ تامامەن ئۈمىدسىزلىنىپ تۇزكورلۇق قىلىدۇ.
وَلَئِنْ أَذَقْنَـٰهُ نَعْمَآءَ بَعْدَ ضَرَّآءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ ٱلسَّيِّـَٔاتُ عَنِّىٓ ۚ إِنَّهُۥ لَفَرِحٌ فَخُورٌ
10 _ ئەگەر بىز بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتلەردىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىرەر نېمەت تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «ئەمدى بالالار مەندىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى» دەپ كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ. يەتكۈزۈشتىن) يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ. سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
11 _ پەقەت سەۋر قىلغان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارغا مەغپىرەت ۋە چوڭ مۇكاپات بار.
فَلَعَلَّكَ تَارِكٌۢ بَعْضَ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيْكَ وَضَآئِقٌۢ بِهِۦ صَدْرُكَ أَن يَقُولُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ كَنزٌ أَوْ جَآءَ مَعَهُۥ مَلَكٌ ۚ إِنَّمَآ أَنتَ نَذِيرٌ ۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ وَكِيلٌ
12 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ): «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقىدىن (ئەنسىرەپ، بەلكىم) ساڭا نازىل بولغان ۋەھيىنىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ ۋە (بۇنى يەتكۈزۈشتىن) يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ. سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر.
أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا۟ بِعَشْرِ سُوَرٍ مِّثْلِهِۦ مُفْتَرَيَـٰتٍ وَٱدْعُوا۟ مَنِ ٱسْتَطَعْتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
13 _ ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئون سۈرە توقۇپ كەلتۈرۈپ بېقىڭلار».
فَإِلَّمْ يَسْتَجِيبُوا۟ لَكُمْ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَآ أُنزِلَ بِعِلْمِ ٱللَّهِ وَأَن لَّآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَهَلْ أَنتُم مُّسْلِمُونَ
14 _ ئەگەر ئۇلار سىلەرگە جاۋاب بېرەلمىسە، بىلىڭلاركى، (قۇرئان) پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلىمى بىلەن نازىل بولغاندۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر (ئاللاھقا) ئەمدىغۇ بويسۇنارسىلەر؟
مَن كَانَ يُرِيدُ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَـٰلَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ
15 _ كىمكى دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىننىتىنى كۆزلەيدىكەن، مۇنداقلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ (ئەجىرىنى) بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا (ئۇلارنىڭ ئەجىرىدىن ھېچ نەرسە) كېمەيتىلمەيدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ إِلَّا ٱلنَّارُ ۖ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا۟ فِيهَا وَبَـٰطِلٌ مَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
16 _ ئەنە شۇلارغا ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا ياخشىلىق دەپ) قىلغانلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر.
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّهِۦ وَيَتْلُوهُ شَاهِدٌ مِّنْهُ وَمِن قَبْلِهِۦ كِتَـٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۚ وَمَن يَكْفُرْ بِهِۦ مِنَ ٱلْأَحْزَابِ فَٱلنَّارُ مَوْعِدُهُۥ ۚ فَلَا تَكُ فِى مِرْيَةٍ مِّنْهُ ۚ إِنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
17 _ رەببىدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان، يەنە رەببى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ياندىشىپ كەلگەن بىر گۇۋاھچى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يېتەكچى ۋە رەھمەت سۈپىتىدە مۇساغا بېرىلگەن كىتاب (راستچىللىقىغا) گۇۋاھلىق بەرگەن ئادەم (ھەقىقەتتىن دەلىلى يوق ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئەنە ئاشۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا ھەقىقىي ئىشىنىدۇ. (ھەرقايسى) تائىپىلەردىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر، قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن رەببىڭدىن (كەلگەن) ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇ ھەقىقەتكە) ئىشەنمەيدۇ.
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ ٱلْأَشْهَـٰدُ هَـٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ كَذَبُوا۟ عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ أَلَا لَعْنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلظَّـٰلِمِينَ
18 _ ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىم بار؟ ئەنە شۇنداقلار (قىيامەت كۈنى) رەببىىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ، گۇۋاھچىلار: «رەببى توغرۇلۇق يالغان سۆزلىگەنلەر ئاشۇلاردۇر» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ.
ٱلَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ كَـٰفِرُونَ
19 _ ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغانلاردۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ لَمْ يَكُونُوا۟ مُعْجِزِينَ فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا كَانَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنْ أَوْلِيَآءَ ۘ يُضَـٰعَفُ لَهُمُ ٱلْعَذَابُ ۚ مَا كَانُوا۟ يَسْتَطِيعُونَ ٱلسَّمْعَ وَمَا كَانُوا۟ يُبْصِرُونَ
20 _ ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا مەدەتكارلارمۇ چىقمايدۇ، ئۇلارغا (جەھەننەمدە) ئازاب قاتمۇقات ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى ئۇلار (كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن قۇرئان ئايەتلىرىنى) ئاڭلاشقا ۋە (كائىنات دەلىللىرىنى) كۆرۈشكە قادىر ئەمەس ئىدى.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ
21 _ ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان (ساختا ئىلاھ) لىرىنى يېنىدا تاپالمىدى.
لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ هُمُ ٱلْأَخْسَرُونَ
22 _ شەكسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ كۆپ زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَأَخْبَتُوٓا۟ إِلَىٰ رَبِّهِمْ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
23 _ شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە رەببىگە چىن كۆڭلىدىن ئىخلاس قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرغۇچىلاردۇر.
مَثَلُ ٱلْفَرِيقَيْنِ كَٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْأَصَمِّ وَٱلْبَصِيرِ وَٱلسَّمِيعِ ۚ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
24 _ (كاپىرلار بىلەن مۇئمىنلەردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى پىرقىنىڭ بىرى كور بىلەن گاسقا، يەنە بىرى كۆزى كۆرىدىغان ۋە قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالى باراۋەر بولامدۇ؟ سىلەر ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِۦٓ إِنِّى لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
25 _ شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ: «شەكسىزكى، مەن سىلەر ئۈچۈن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
أَن لَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّا ٱللَّهَ ۖ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ أَلِيمٍ
26 _ بىر ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار، مەن راستتىنلا سىلەرنىڭ قىينىغۇچى كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەۋاتىمەن» دېدى.
فَقَالَ ٱلْمَلَأُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن قَوْمِهِۦ مَا نَرَىٰكَ إِلَّا بَشَرًا مِّثْلَنَا وَمَا نَرَىٰكَ ٱتَّبَعَكَ إِلَّا ٱلَّذِينَ هُمْ أَرَاذِلُنَا بَادِىَ ٱلرَّأْىِ وَمَا نَرَىٰ لَكُمْ عَلَيْنَا مِن فَضْلٍۭ بَلْ نَظُنُّكُمْ كَـٰذِبِينَ
27 _ ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىباشلىرى: «كۆرۈۋاتىمىزكى، سەنمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن. ھەمدە ساڭا ئارىمىزدىكى چولتا پىكىرلىك پەس ئادەملەردىن باشقىسىنىڭ ئەگەشمىگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. بەلكى، بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى.
قَالَ يَـٰقَوْمِ أَرَءَيْتُمْ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّى وَءَاتَىٰنِى رَحْمَةً مِّنْ عِندِهِۦ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنتُمْ لَهَا كَـٰرِهُونَ
28 _ نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، مەن رەببىم تەرىپىدىن ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانغان تۇرسام ۋە ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن رەھمەت (پەيغەمبەرلىك) ئاتا قىلغان تۇرسا، ئاندىن سىلەر بۇ (ھەقىقەت)نى كۆرەلمىگەن بولساڭلار، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلارمۇ، بىز سىلەرنى ئۇنىڭغا زورلامدۇق؟
وَيَـٰقَوْمِ لَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مَالًا ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ ۚ وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ ۚ إِنَّهُم مُّلَـٰقُوا۟ رَبِّهِمْ وَلَـٰكِنِّىٓ أَرَىٰكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
29 _ ئى قەۋمىم! ئۇنىڭغا (يەنى سىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن پۇل _ مال تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىم (نى بېرىش) پەقەت ئاللاھقا ئائىتتۇر، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى يېنىمدىن قوغلىۋەتمەيمەن. چۈنكى ئۇلار رەببى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلاردۇر. ئەمما مەن سىلەرنى نادان بىر قەۋم دەپ قارايمەن.
وَيَـٰقَوْمِ مَن يَنصُرُنِى مِنَ ٱللَّهِ إِن طَرَدتُّهُمْ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
30 _ ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟
وَلَآ أَقُولُ لَكُمْ عِندِى خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعْلَمُ ٱلْغَيْبَ وَلَآ أَقُولُ إِنِّى مَلَكٌ وَلَآ أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِىٓ أَعْيُنُكُمْ لَن يُؤْتِيَهُمُ ٱللَّهُ خَيْرًا ۖ ٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِىٓ أَنفُسِهِمْ ۖ إِنِّىٓ إِذًا لَّمِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
31 _ مەن سىلەرگە مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، مەن غەيىبنى بىلىمەن دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە ئۆزۈمنى پەرىشتىمۇ دېمەيمەن، ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىز ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ، دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. (ئەگەر مەن شۇنداق دېسەم) ئۇ چاغدا مەن چوقۇم زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن».
قَالُوا۟ يَـٰنُوحُ قَدْ جَـٰدَلْتَنَا فَأَكْثَرْتَ جِدَٰلَنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
32 _ ئۇلار: «ئى نۇھ ! سەن بىز بىلەن جېدەللەشتىڭ، جېدەللەشكەندىمۇ كۆپ جېدەللىشىپ كەتتىڭ. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان شۇ ئازابنى بىر كەلتۈرۈپ باققىنە!» دېدى.
قَالَ إِنَّمَا يَأْتِيكُم بِهِ ٱللَّهُ إِن شَآءَ وَمَآ أَنتُم بِمُعْجِزِينَ
33 _ نۇھ ئېيتتى: «ئەگەر خالىسا ئۇنى سىلەرگە پەقەت ئاللاھ كەلتۈرەلەيدۇ. (ئۇ چاغدا) سىلەر (ئۇنىڭدىن) قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
وَلَا يَنفَعُكُمْ نُصْحِىٓ إِنْ أَرَدتُّ أَنْ أَنصَحَ لَكُمْ إِن كَانَ ٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يُغْوِيَكُمْ ۚ هُوَ رَبُّكُمْ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
34 _ مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولسا، (ئۇ چاغدا) مېنىڭ قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر».
أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ ۖ قُلْ إِنِ ٱفْتَرَيْتُهُۥ فَعَلَىَّ إِجْرَامِى وَأَنَا۠ بَرِىٓءٌ مِّمَّا تُجْرِمُونَ
35 _ ياكى ئۇلار: «بۇ دىننى (ئۇ ئۆزى) توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن ئۇنى توقۇپ چىققان بولسام، گۇناھىم ئۆزۈمگىدۇر. مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن بىزارمەن».
وَأُوحِىَ إِلَىٰ نُوحٍ أَنَّهُۥ لَن يُؤْمِنَ مِن قَوْمِكَ إِلَّا مَن قَدْ ءَامَنَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا۟ يَفْعَلُونَ
36 _ نۇھقا (مۇنداق دەپ) ۋەھيى قىلىندى: «ئېنىقكى، سېنىڭ قەۋمىڭ ئارىسىدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ئىمان ئېيتىدىغانلار چىقمايدۇ. شۇڭا سەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن.
وَٱصْنَعِ ٱلْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا وَلَا تُخَـٰطِبْنِى فِى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ ۚ إِنَّهُم مُّغْرَقُونَ
37 _ سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن ۋە (كۇفرىلىقنى تاللاپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچىلاردۇر».
وَيَصْنَعُ ٱلْفُلْكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيْهِ مَلَأٌ مِّن قَوْمِهِۦ سَخِرُوا۟ مِنْهُ ۚ قَالَ إِن تَسْخَرُوا۟ مِنَّا فَإِنَّا نَسْخَرُ مِنكُمْ كَمَا تَسْخَرُونَ
38 _ نۇھ كېمە ياساۋاتاتتى، قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى قاچانلا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى، نۇھ ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، شەكسىزكى، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك، بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز.
فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَن يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُّقِيمٌ
39 _ خار قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر».
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَمْرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ قُلْنَا ٱحْمِلْ فِيهَا مِن كُلٍّ زَوْجَيْنِ ٱثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيْهِ ٱلْقَوْلُ وَمَنْ ءَامَنَ ۚ وَمَآ ءَامَنَ مَعَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٌ
40 _ نىھايەت بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان چاغدا، نۇھقا دېدۇقكى: «(جانلىقلارنىڭ) ھەر تۈرىدىن (ئەركەك _ چىشى بولۇپ) بىر جۈپنى، ئائىلەڭدىكى (غەرق بولىدىغانلىقى ھەققىدە) ھۆكۈم قىلىنىپ بولغانلاردىن باشقىلارنى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى كېمىگە ئېلىۋالغىن» دېدۇق. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنە كىشى ئىمان ئېيتقان ئىدى.
وَقَالَ ٱرْكَبُوا۟ فِيهَا بِسْمِ ٱللَّهِ مَجْر۪ىٰهَا وَمُرْسَىٰهَآ ۚ إِنَّ رَبِّى لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ
41 _ نۇھ ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، ئۇنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر».
وَهِىَ تَجْرِى بِهِمْ فِى مَوْجٍ كَٱلْجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ٱبْنَهُۥ وَكَانَ فِى مَعْزِلٍ يَـٰبُنَىَّ ٱرْكَب مَّعَنَا وَلَا تَكُن مَّعَ ٱلْكَـٰفِرِينَ
42 _ كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىقىۋالغىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى.
قَالَ سَـَٔاوِىٓ إِلَىٰ جَبَلٍ يَعْصِمُنِى مِنَ ٱلْمَآءِ ۚ قَالَ لَا عَاصِمَ ٱلْيَوْمَ مِنْ أَمْرِ ٱللَّهِ إِلَّا مَن رَّحِمَ ۚ وَحَالَ بَيْنَهُمَا ٱلْمَوْجُ فَكَانَ مِنَ ٱلْمُغْرَقِينَ
43 _ ئوغلى: «مېنى سۇدىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى _ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتكەنلەردىن بولدى.
وَقِيلَ يَـٰٓأَرْضُ ٱبْلَعِى مَآءَكِ وَيَـٰسَمَآءُ أَقْلِعِى وَغِيضَ ٱلْمَآءُ وَقُضِىَ ٱلْأَمْرُ وَٱسْتَوَتْ عَلَى ٱلْجُودِىِّ ۖ وَقِيلَ بُعْدًا لِّلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
44 _ «ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت! يامغۇرنى توختاتقىن» دېيىلدى، (توپان) سۈيى سىڭدۈرۈلدى، ئىش تاماملاندى. كېمە جۇدى [2] تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى.
وَنَادَىٰ نُوحٌ رَّبَّهُۥ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ٱبْنِى مِنْ أَهْلِى وَإِنَّ وَعْدَكَ ٱلْحَقُّ وَأَنتَ أَحْكَمُ ٱلْحَـٰكِمِينَ
45 _ نۇھ رەببىگە ئىلتىجا قىلىپ: «ئى رەببىم! شەكسىزكى، ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىندۇر (سەن ماڭا ئائىلەمدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى.
قَالَ يَـٰنُوحُ إِنَّهُۥ لَيْسَ مِنْ أَهْلِكَ ۖ إِنَّهُۥ عَمَلٌ غَيْرُ صَـٰلِحٍ ۖ فَلَا تَسْـَٔلْنِ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِۦ عِلْمٌ ۖ إِنِّىٓ أَعِظُكَ أَن تَكُونَ مِنَ ٱلْجَـٰهِلِينَ
46 _ ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ ھەرگىز سېنىڭ ئائىلەڭدىن ئەمەس، ئۇنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن ياماندۇر. سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسىنى مەندىن تىلىمىگىن، مەن ساڭا جاھىللار قاتارىدىن بولماسلىقىڭ ئۈچۈن نەسىھەت قىلىۋاتىمەن».
قَالَ رَبِّ إِنِّىٓ أَعُوذُ بِكَ أَنْ أَسْـَٔلَكَ مَا لَيْسَ لِى بِهِۦ عِلْمٌ ۖ وَإِلَّا تَغْفِرْ لِى وَتَرْحَمْنِىٓ أَكُن مِّنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ
47 _ نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مەن ساڭا سىغىنىپ، (ھەقىقىتىنى) بىلمىگەن نەرسىنى سەندىن تىلەشتىن پاناھ تىلەيمەن. ئەگەر مېنى كەچۈرمىسەڭ ۋە ماڭا رەھىم قىلمىساڭ، مەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن».
قِيلَ يَـٰنُوحُ ٱهْبِطْ بِسَلَـٰمٍ مِّنَّا وَبَرَكَـٰتٍ عَلَيْكَ وَعَلَىٰٓ أُمَمٍ مِّمَّن مَّعَكَ ۚ وَأُمَمٌ سَنُمَتِّعُهُمْ ثُمَّ يَمَسُّهُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
48 _ دېيىلدىكى: «ئى نۇھ! سەن بىز تەرەپتىن ساڭا ۋە سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا چۈشكەن ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (دۇنيا ھاياتىدىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار (كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن) بىزنىڭ قىينىغۇچى ئازابىمىزغا ئۇچرايدۇ».
تِلْكَ مِنْ أَنۢبَآءِ ٱلْغَيْبِ نُوحِيهَآ إِلَيْكَ ۖ مَا كُنتَ تَعْلَمُهَآ أَنتَ وَلَا قَوْمُكَ مِن قَبْلِ هَـٰذَا ۖ فَٱصْبِرْ ۖ إِنَّ ٱلْعَـٰقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ
49 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەنە شۇ (قىسسە) بىز ساڭا ۋەھيى قىلىپ بېرىۋاتقان غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار. شۇڭا سەن (قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.
وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۚ قَالَ يَـٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥٓ ۖ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا مُفْتَرُونَ
50 _ ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق) ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر پەقەت (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر».
يَـٰقَوْمِ لَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَى ٱلَّذِى فَطَرَنِىٓ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
51 _ «ئى قەۋمىم! مەن ئۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى مېنى ياراتقان ئاللاھلا ئۈستىگە ئالغان، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».
وَيَـٰقَوْمِ ٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوٓا۟ إِلَيْهِ يُرْسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيْكُم مِّدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَىٰ قُوَّتِكُمْ وَلَا تَتَوَلَّوْا۟ مُجْرِمِينَ
52 _ «ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار (شۇنداق قىلساڭلار)، ئۇ سىلەرگە كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، كۈچۈڭلارغا كۈچ قاتىدۇ. سىلەر گۇناھقا پاتقان ھالدا (ئاللاھتىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار».
قَالُوا۟ يَـٰهُودُ مَا جِئْتَنَا بِبَيِّنَةٍ وَمَا نَحْنُ بِتَارِكِىٓ ءَالِهَتِنَا عَن قَوْلِكَ وَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
53 _ ئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، بىز سېنىڭ سۆزۈڭگە كىرىپ ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىغۇچى ئەمەسمىز، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگىمۇ ئىشەنمەيمىز.
إِن نَّقُولُ إِلَّا ٱعْتَرَىٰكَ بَعْضُ ءَالِهَتِنَا بِسُوٓءٍ ۗ قَالَ إِنِّىٓ أُشْهِدُ ٱللَّهَ وَٱشْهَدُوٓا۟ أَنِّى بَرِىٓءٌ مِّمَّا تُشْرِكُونَ (54) مِن دُونِهِۦ ۖ فَكِيدُونِى جَمِيعًا ثُمَّ لَا تُنظِرُونِ (55)
54 _ 55_ بىز (سەن توغرۇلۇق) پەقەت ‹بەزى ئىلاھلىرىمىز سېنى ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ› دەپلا ئېيتىمىز». ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسەڭلاردىن ئەلۋەتتە يىراقمەن. قېنى ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلساڭلار قىلىۋېرىڭلار، ماڭا ئاراممۇ بەرمەڭلار.
إِنِّى تَوَكَّلْتُ عَلَى ٱللَّهِ رَبِّى وَرَبِّكُم ۚ مَّا مِن دَآبَّةٍ إِلَّا هُوَ ءَاخِذٌۢ بِنَاصِيَتِهَآ ۚ إِنَّ رَبِّى عَلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
56 _ شەكسىزكى، مەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر. رەببىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر.
فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَقَدْ أَبْلَغْتُكُم مَّآ أُرْسِلْتُ بِهِۦٓ إِلَيْكُمْ ۚ وَيَسْتَخْلِفُ رَبِّى قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّونَهُۥ شَيْـًٔا ۚ إِنَّ رَبِّى عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ حَفِيظٌ
57 _ ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەرگە رەببىمنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈپ قويدۇم. رەببىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. رەببىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر».
وَلَمَّا جَآءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا هُودًا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ بِرَحْمَةٍ مِّنَّا وَنَجَّيْنَـٰهُم مِّنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
58 _ بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى دەرگاھىمىزدىن (كاتتا) بىر رەھمەت بىلەن قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق.
وَتِلْكَ عَادٌ ۖ جَحَدُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِمْ وَعَصَوْا۟ رُسُلَهُۥ وَٱتَّبَعُوٓا۟ أَمْرَ كُلِّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
59_ ئەنە شۇ ئاد قەۋمى رەببىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئۇچىغا چىققان تەرسا، زوراۋانلارنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى.
وَأُتْبِعُوا۟ فِى هَـٰذِهِ ٱلدُّنْيَا لَعْنَةً وَيَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۗ أَلَآ إِنَّ عَادًا كَفَرُوا۟ رَبَّهُمْ ۗ أَلَا بُعْدًا لِّعَادٍ قَوْمِ هُودٍ
60 _ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى راستتىنلا رەببىنى ئىنكار قىلدى. بىلىڭلاركى، ھۇدنىڭ قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن!
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَـٰلِحًا ۚ قَالَ يَـٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥ ۖ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ وَٱسْتَعْمَرَكُمْ فِيهَا فَٱسْتَغْفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوٓا۟ إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّى قَرِيبٌ مُّجِيبٌ
61 _ سەمۇد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرغۇچى قىلدى. ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. چۈنكى رەببىم (ئۆزىگە يۈزلەنگەن كىشىگە) يېقىندۇر، (دۇئالارنى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر».
قَالُوا۟ يَـٰصَـٰلِحُ قَدْ كُنتَ فِينَا مَرْجُوًّا قَبْلَ هَـٰذَآ ۖ أَتَنْهَىٰنَآ أَن نَّعْبُدَ مَا يَعْبُدُ ءَابَآؤُنَا وَإِنَّنَا لَفِى شَكٍّ مِّمَّا تَدْعُونَآ إِلَيْهِ مُرِيبٍ
62 _ ئۇلار: «ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد كۈتۈلگەن كىشى ئىدىڭ. (ئەمدى) بىزنى ئاتا _ بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن نەرسىلەرگە چوقۇنۇشتىن توسامسەن؟ شەك _ شۈبھىسىزكى، سەن بىزنى دەۋەت قىلىۋاتقان ئىش توغرۇلۇق بىز ھەقىقەتەن چوڭقۇر شەك ئىچىدىمىز» دېيىشتى.
قَالَ يَـٰقَوْمِ أَرَءَيْتُمْ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّى وَءَاتَىٰنِى مِنْهُ رَحْمَةً فَمَن يَنصُرُنِى مِنَ ٱللَّهِ إِنْ عَصَيْتُهُۥ ۖ فَمَا تَزِيدُونَنِى غَيْرَ تَخْسِيرٍ
63 _ سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن رەببىم تەرىپىدىن ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانغان بولۇپ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولغان تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلسام، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ئۇ چاغدا سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزۈشتىن باشقا ھېچ نەرسە قىلىپ بېرەلمەيسىلەر.
وَيَـٰقَوْمِ هَـٰذِهِۦ نَاقَةُ ٱللَّهِ لَكُمْ ءَايَةً فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِىٓ أَرْضِ ٱللَّهِ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ قَرِيبٌ
64 _ ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ (تاشتىن چىقارغان) بۇ چىشى تۆگىسى سىلەرگە مۆجىزىدۇر، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا قىلچە زىيان _ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى يېقىندا كېلىدىغان بىر ئازاب ھالاك قىلىدۇ».
فَعَقَرُوهَا فَقَالَ تَمَتَّعُوا۟ فِى دَارِكُمْ ثَلَـٰثَةَ أَيَّامٍ ۖ ذَٰلِكَ وَعْدٌ غَيْرُ مَكْذُوبٍ
65 _ ئەمما ئۇلار (بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي) چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى. سالىھ ئېيتتى: «يۇرتۇڭلاردا (ھاياتلىقتىن) ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار (ئاندىن ھالاك بولىسىلەر)، بۇ يالغىنى يوق بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر».
فَلَمَّا جَآءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا صَـٰلِحًا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ بِرَحْمَةٍ مِّنَّا وَمِنْ خِزْىِ يَوْمِئِذٍ ۗ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلْقَوِىُّ ٱلْعَزِيزُ
66 _ بىزنىڭ ئەمرىمىز كېلىۋىدى، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن (ھەم ئۇ ئازابتىن ھەم) شۇ كۈننىڭ شەرمەندىلىكىدىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
وَأَخَذَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ ٱلصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا۟ فِى دِيَـٰرِهِمْ جَـٰثِمِينَ
67 _ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى _ دە، ئۇلار تۇرغان يېرىدە قېتىپ قالدى.
كَأَن لَّمْ يَغْنَوْا۟ فِيهَآ ۗ أَلَآ إِنَّ ثَمُودَا۟ كَفَرُوا۟ رَبَّهُمْ ۗ أَلَا بُعْدًا لِّثَمُودَ
68 _ ئۇلارنىڭ دىيارى گويا ئۇلار ياشىمىغاندەك بولۇپ قالدى. بىلىڭلاركى، سەمۇد قەۋمى راستتىنلا رەببىنى ئىنكار قىلدى. بىلىڭلاركى، سەمۇد قەۋمى ھالاك بولسۇن!
وَلَقَدْ جَآءَتْ رُسُلُنَآ إِبْرَٰهِيمَ بِٱلْبُشْرَىٰ قَالُوا۟ سَلَـٰمًا ۖ قَالَ سَلَـٰمٌ ۖ فَمَا لَبِثَ أَن جَآءَ بِعِجْلٍ حَنِيذٍ
69 _ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (بولغان پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى ۋە: «سالام» دېدى. ئىبراھىممۇ: «سىلەرگىمۇ سالام» دېدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي، كاۋاپ قىلىنغان بىر موزاينى ئېلىپ كەلدى.
فَلَمَّا رَءَآ أَيْدِيَهُمْ لَا تَصِلُ إِلَيْهِ نَكِرَهُمْ وَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً ۚ قَالُوا۟ لَا تَخَفْ إِنَّآ أُرْسِلْنَآ إِلَىٰ قَوْمِ لُوطٍ
70 _ (ئىبراھىم) ئۇلارنىڭ كاۋاپقا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى (خاتا چۈشىنىپ) غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، قورقۇپ قالدى. ئۇلار: «قورقمىغىن، شەكسىزكى، بىز (پەرىشتىلەرمىز، شۇڭا تاماق يېمەيمىز) لۇتنىڭ قەۋمى (نى ھالاك قىلىش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق» دېدى.
وَٱمْرَأَتُهُۥ قَآئِمَةٌ فَضَحِكَتْ فَبَشَّرْنَـٰهَا بِإِسْحَـٰقَ وَمِن وَرَآءِ إِسْحَـٰقَ يَعْقُوبَ
71 _ ئۇنىڭ ئايالى (سارە) ئۆرە تۇراتتى، (بۇنى ئاڭلاپ) كۈلدى. بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق (ئاتلىق پەرزەنتى بولىدىغانلىقى) ۋە ئىسھاقتىن كېيىن، يەئقۇب (ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
قَالَتْ يَـٰوَيْلَتَىٰٓ ءَأَلِدُ وَأَنَا۠ عَجُوزٌ وَهَـٰذَا بَعْلِى شَيْخًا ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَشَىْءٌ عَجِيبٌ
72 _ ئۇ: «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، مەن ئەمدى تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى.
قَالُوٓا۟ أَتَعْجَبِينَ مِنْ أَمْرِ ٱللَّهِ ۖ رَحْمَتُ ٱللَّهِ وَبَرَكَـٰتُهُۥ عَلَيْكُمْ أَهْلَ ٱلْبَيْتِ ۚ إِنَّهُۥ حَمِيدٌ مَّجِيدٌ
73 _ پەرىشتىلەر: «ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرگە بولسۇن ئى ئۆي ئەھلى! شەكسىزكى، ئاللاھ مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا سازاۋەردۇر» دېدى.
فَلَمَّا ذَهَبَ عَنْ إِبْرَٰهِيمَ ٱلرَّوْعُ وَجَآءَتْهُ ٱلْبُشْرَىٰ يُجَـٰدِلُنَا فِى قَوْمِ لُوطٍ
74 _ ئىبراھىمدىن قورقۇنچ يوقالغان ھەمدە خۇش خەۋەر ئۇنىڭغا يەتكەن چاغدا، ئۇ بىز بىلەن (يەنى پەرىشتىلىرىمىز بىلەن) لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشكە (باشلىدى).
إِنَّ إِبْرَٰهِيمَ لَحَلِيمٌ أَوَّٰهٌ مُّنِيبٌ
75 _ ئىبراھىم ھەقىقەتەن كۆڭلى _ كۆكسى كەڭ، دىلى يۇمشاق ۋە دائىم ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدىغان زات ئىدى.
يَـٰٓإِبْرَٰهِيمُ أَعْرِضْ عَنْ هَـٰذَآ ۖ إِنَّهُۥ قَدْ جَآءَ أَمْرُ رَبِّكَ ۖ وَإِنَّهُمْ ءَاتِيهِمْ عَذَابٌ غَيْرُ مَرْدُودٍ
76 _ (پەرىشتىلەر ئېيتتى) «ئى ئىبراھىم! بۇنىڭدىن ۋاز كەچكىن. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان كېلىپ بولدى، ئۇلارغا چوقۇم قايتۇرغىلى بولمايدىغان بىر ئازاب كېلىدۇ».
وَلَمَّا جَآءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِىٓءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالَ هَـٰذَا يَوْمٌ عَصِيبٌ
77 _ بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (بولغان پەرىشتىلەر ئىنسان سۈرىتىدە) لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا (لۇت ئۆز قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ) قىيىن ئەھۋالدا قالدى، يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر قىيىن كۈندۇر» دېدى.
وَجَآءَهُۥ قَوْمُهُۥ يُهْرَعُونَ إِلَيْهِ وَمِن قَبْلُ كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ۚ قَالَ يَـٰقَوْمِ هَـٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِى هُنَّ أَطْهَرُ لَكُمْ ۖ فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ فِى ضَيْفِىٓ ۖ أَلَيْسَ مِنكُمْ رَجُلٌ رَّشِيدٌ
78 _ (لۇتنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان) قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ (بەچچىۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ) يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدى. لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مانا بۇلار مېنىڭ قىزلىرىمدۇر (ئۇلارغا ئۆيلىنىڭلار)، بۇلار سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېنى مېھمانلىرىم ئالدىدا ئوسال قىلماڭلار، ئاراڭلاردا ئەقلى جايىدا بىرەر ئادەم يوقمۇ؟».
قَالُوا۟ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا لَنَا فِى بَنَاتِكَ مِنْ حَقٍّ وَإِنَّكَ لَتَعْلَمُ مَا نُرِيدُ
79 _ ئۇلار (لۇتقا) ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن».
قَالَ لَوْ أَنَّ لِى بِكُمْ قُوَّةً أَوْ ءَاوِىٓ إِلَىٰ رُكْنٍ شَدِيدٍ
80 _ لۇت ئېيتتى: «كاشكى، مېنىڭ سىلەرگە (قارشى تۇرغۇدەك) كۈچ _ قۇۋۋىتىم ياكى تايانغۇدەك كۈچلۈك جەمەتىم بولغان بولسىچۇ!».
قَالُوا۟ يَـٰلُوطُ إِنَّا رُسُلُ رَبِّكَ لَن يَصِلُوٓا۟ إِلَيْكَ ۖ فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِّنَ ٱلَّيْلِ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنكُمْ أَحَدٌ إِلَّا ٱمْرَأَتَكَ ۖ إِنَّهُۥ مُصِيبُهَا مَآ أَصَابَهُمْ ۚ إِنَّ مَوْعِدَهُمُ ٱلصُّبْحُ ۚ أَلَيْسَ ٱلصُّبْحُ بِقَرِيبٍ
81 _ (پەرىشتىلەر): «ئى لۇت! شەكسىزكى، بىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (يۇرتۇڭدىن) چىقىپ كەتكىن، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن. ئايالىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى ئۇلارغا يەتكەن (ئازاب) چوقۇم ئۇنىڭغىمۇ يېتىدۇ. شەكسىزكى، ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان (ئازاب چۈشىدىغان) چاغ تاڭ يورۇش ۋاقتىدۇر، تاڭنىڭ يورۇشى يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى.
فَلَمَّا جَآءَ أَمْرُنَا جَعَلْنَا عَـٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهَا حِجَارَةً مِّن سِجِّيلٍ مَّنضُودٍ (82) مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَ ۖ وَمَا هِىَ مِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ بِبَعِيدٍ (83)
82 _ 83_ بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن–ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، بىز ئۇ يۇرتلارغا رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ساپال تاشلارنى ئۈستى _ ئۈستىلەپ ياغدۇردۇق. بۇ (ئازاب) زالىملاردىن يىراق ئەمەس.
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۚ قَالَ يَـٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥ ۖ وَلَا تَنقُصُوا۟ ٱلْمِكْيَالَ وَٱلْمِيزَانَ ۚ إِنِّىٓ أَرَىٰكُم بِخَيْرٍ وَإِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ مُّحِيطٍ
84 _ «مەديەن (ئاھالىسى)گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى بايلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمەن، مەن راستتىنلا سىلەرنىڭ (ھەممىنى) قورشىغۇچى كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچراپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن.
وَيَـٰقَوْمِ أَوْفُوا۟ ٱلْمِكْيَالَ وَٱلْمِيزَانَ بِٱلْقِسْطِ ۖ وَلَا تَبْخَسُوا۟ ٱلنَّاسَ أَشْيَآءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
85 _ ئى قەۋمىم! ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا ئادىللىق بىلەن تولۇق ئۆلچەپ، تولۇق تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق تېرىماڭلار.
بَقِيَّتُ ٱللَّهِ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ ۚ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيْكُم بِحَفِيظٍ
86 _ ئەگەر سىلەر مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھ قالدۇرغان (ھالال پايدا) سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. مەن سىلەرگە مۇھاپىزەتچى ئەمەسمەن».
قَالُوا۟ يَـٰشُعَيْبُ أَصَلَوٰتُكَ تَأْمُرُكَ أَن نَّتْرُكَ مَا يَعْبُدُ ءَابَآؤُنَآ أَوْ أَن نَّفْعَلَ فِىٓ أَمْوَٰلِنَا مَا نَشَـٰٓؤُا۟ ۖ إِنَّكَ لَأَنتَ ٱلْحَلِيمُ ٱلرَّشِيدُ
87 _ ئۇلار (مەسخىرە قىلغان ھالدا): «ئى شۇئەيب! سېنىڭ نامىزىڭ[3] سېنى ئاتا _ بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى تەرك ئەتكۈزۈشكە ياكى پۇل _ ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟ سەن تازىمۇ كۆڭلى _ كۆكسى كەڭ، تازىمۇ توغرا يول تاپقان بىر ئادەمسەن _ دە» دېدى.
قَالَ يَـٰقَوْمِ أَرَءَيْتُمْ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّى وَرَزَقَنِى مِنْهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَمَآ أُرِيدُ أَنْ أُخَالِفَكُمْ إِلَىٰ مَآ أَنْهَىٰكُمْ عَنْهُ ۚ إِنْ أُرِيدُ إِلَّا ٱلْإِصْلَـٰحَ مَا ٱسْتَطَعْتُ ۚ وَمَا تَوْفِيقِىٓ إِلَّا بِٱللَّهِ ۚ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
88 _ شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! دەپ بېقىڭلارچۇ، مەن رەببىم تەرىپىدىن (بېرىلگەن) ئوپئوچۇق دەلىلگە ئاساسلانغان تۇرسام ۋە ئۇ مېنى ئۆز تەرىپىدىن گۈزەل بىر رىزىق بىلەن رىزىقلاندۇرغان تۇرسا، (ئەمدى مەن رەببىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىمەن؟) مەن سىلەرنى توسقان ئىشنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە ئىسلاھ قىلىشنىلا خالايمەن، (مېنىڭ بۇ ئىشتا) مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغىلا يۈزلىنىمەن.
وَيَـٰقَوْمِ لَا يَجْرِمَنَّكُمْ شِقَاقِىٓ أَن يُصِيبَكُم مِّثْلُ مَآ أَصَابَ قَوْمَ نُوحٍ أَوْ قَوْمَ هُودٍ أَوْ قَوْمَ صَـٰلِحٍ ۚ وَمَا قَوْمُ لُوطٍ مِّنكُم بِبَعِيدٍ
89 _ ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قارشىلىقىڭلار ھەرگىز سىلەرنى نۇھنىڭ قەۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋەياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. (ھالاك قىلىنغان) لۇت قەۋمىمۇ سىلەردىن يىراق ئەمەس.
وَٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوٓا۟ إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّى رَحِيمٌ وَدُودٌ
90 _ رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شەكسىزكى، مېنىڭ رەببىم ناھايىتى كەرەملىكتۇر، (مۇئمىنلەرنى) دوست تۇتقۇچىدۇر».
قَالُوا۟ يَـٰشُعَيْبُ مَا نَفْقَهُ كَثِيرًا مِّمَّا تَقُولُ وَإِنَّا لَنَرَىٰكَ فِينَا ضَعِيفًا ۖ وَلَوْلَا رَهْطُكَ لَرَجَمْنَـٰكَ ۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيْنَا بِعَزِيزٍ
91 _ ئۇلار: «ئى شۇئەيب! بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ كۆپلىرىنى چۈشەنمەيمىز. بىز ئەلۋەتتە سېنى ئارىمىزدا كۈچسىز بىر ئادەم دەپ قارايمىز، سېنىڭ قەۋم _ قېرىنداشلىرىڭ بولمىسا ئىدى، بىز سېنى چوقۇم چالما _ كېسەك قىلاتتۇق. سەن بىزگە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن» دېدى.
قَالَ يَـٰقَوْمِ أَرَهْطِىٓ أَعَزُّ عَلَيْكُم مِّنَ ٱللَّهِ وَٱتَّخَذْتُمُوهُ وَرَآءَكُمْ ظِهْرِيًّا ۖ إِنَّ رَبِّى بِمَا تَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
92 _ شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم _ قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئۇنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئارقاڭلارغا چۆرۈۋەتتىڭلار. شەكسىزكى، رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە تولۇق خەۋەرداردۇر.
وَيَـٰقَوْمِ ٱعْمَلُوا۟ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّى عَـٰمِلٌ ۖ سَوْفَ تَعْلَمُونَ مَن يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَمَنْ هُوَ كَـٰذِبٌ ۖ وَٱرْتَقِبُوٓا۟ إِنِّى مَعَكُمْ رَقِيبٌ
93 _ ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە (ئۆز يولۇم بويىچە) ھەرىكەت قىلاي! سىلەر ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر. كۈتۈڭلار! مەنمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە كۈتۈۋاتىمەن».
وَلَمَّا جَآءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا شُعَيْبًا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ بِرَحْمَةٍ مِّنَّا وَأَخَذَتِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ ٱلصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا۟ فِى دِيَـٰرِهِمْ جَـٰثِمِينَ
94 _ بىزنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى) پەرمانىمىز چۈشكەن چاغدا، شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى بىز تەرەپتىن (كاتتا) بىر رەھمەت بىلەن قۇتقۇزدۇق، (ئىمان ئېيتمىغان) بۇ زالىملارغا قاتتىق بىر ئاۋاز يۈزلەندى _ دە، ئۇلار دىيارلىرىدا تۇرغان پېتى قېتىپ قالدى.
كَأَن لَّمْ يَغْنَوْا۟ فِيهَآ ۗ أَلَا بُعْدًا لِّمَدْيَنَ كَمَا بَعِدَتْ ثَمُودُ
95 _ گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرىدا ئادەمزات ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. بىلىڭلاركى، مەديەن ئاھالىسى خۇددى سەمۇد قەۋمى ھالاك بولغاندەك ھالاك بولدى.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَا وَسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ (96) إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَإِي۟هِۦ فَٱتَّبَعُوٓا۟ أَمْرَ فِرْعَوْنَ ۖ وَمَآ أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ (97)
96 _ 97_ شەكسىزكى، بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ۋە ئوپئوچۇق دەلىللەر بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئەۋەتتۇق. ئەمما ئۇ كاتتىباشلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى.
يَقْدُمُ قَوْمَهُۥ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فَأَوْرَدَهُمُ ٱلنَّارَ ۖ وَبِئْسَ ٱلْوِرْدُ ٱلْمَوْرُودُ
98 _ پىرئەۋن قىيامەت كۈنى قەۋمىگە باشلامچىلىق قىلىپ [4] ئۇلارنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇلار كىرىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان!
وَأُتْبِعُوا۟ فِى هَـٰذِهِۦ لَعْنَةً وَيَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۚ بِئْسَ ٱلرِّفْدُ ٱلْمَرْفُودُ
99 _ ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوۋغا نېمىدېگەن يامان!
ذَٰلِكَ مِنْ أَنۢبَآءِ ٱلْقُرَىٰ نَقُصُّهُۥ عَلَيْكَ ۖ مِنْهَا قَآئِمٌ وَحَصِيدٌ
100 _ «مانا بۇلار (ھالاك قىلىنغان) يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىندۇركى، بىز ئۇنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇ يۇرتلاردىن (سەمۇد قەۋمىنىڭ يۇرتلىرىدەك) ئىزى قالغانلىرىمۇ بار، (ئاد قەۋمىنىڭ يۇرتلىرىدەك) ئىزى قالمىغانلىرىمۇ بار.
وَمَا ظَلَمْنَـٰهُمْ وَلَـٰكِن ظَلَمُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ ۖ فَمَآ أَغْنَتْ عَنْهُمْ ءَالِهَتُهُمُ ٱلَّتِى يَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ لَّمَّا جَآءَ أَمْرُ رَبِّكَ ۖ وَمَا زَادُوهُمْ غَيْرَ تَتْبِيبٍ
101 _ بىز ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) ئەمرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمىدى. (ئەكسىچە) ئۇلارغا زىيان سېلىشتىن باشقىسىغا يارىمىدى.
وَكَذَٰلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَآ أَخَذَ ٱلْقُرَىٰ وَهِىَ ظَـٰلِمَةٌ ۚ إِنَّ أَخْذَهُۥٓ أَلِيمٌ شَدِيدٌ
102 _ رەببىڭ زالىملارنىڭ يۇرتلىرىنى ۋەيران قىلسا، ئەنە شۇنداق ۋەيران قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ئازابى بەكمۇ قىينىغۇچى ۋە تولىمۇ قاتتىقتۇر.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لِّمَنْ خَافَ عَذَابَ ٱلْـَٔاخِرَةِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمٌ مَّجْمُوعٌ لَّهُ ٱلنَّاسُ وَذَٰلِكَ يَوْمٌ مَّشْهُودٌ
103 _ مانا بۇنىڭدا ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت باردۇر. ئەنە شۇ (ئاخىرەت كۈنى) پۈتۈن ئىنسانلار توپلىنىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر.
وَمَا نُؤَخِّرُهُۥٓ إِلَّا لِأَجَلٍ مَّعْدُودٍ
104 _ بىز ئۇنى (قىيامەت كۈنىنى) پەقەت ساناقلىق مۇددەتكىچىلا كېچىكتۈرىمىز.
يَوْمَ يَأْتِ لَا تَكَلَّمُ نَفْسٌ إِلَّا بِإِذْنِهِۦ ۚ فَمِنْهُمْ شَقِىٌّ وَسَعِيدٌ
105 _ ئۇ كۈن كەلگەندە، ئاللاھنىڭ ئىجازىتىسىز ھېچكىم سۆز قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ.
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ شَقُوا۟ فَفِى ٱلنَّارِ لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَشَهِيقٌ
106 _ بەدبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار (ئۇ كۈنى) دوزاختا بولىدۇ، ئۇلار دوزاختا ئېگىز _ پەس توۋلاپ نالە _ پەرياد چېكىدۇ.
خَـٰلِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ وَٱلْأَرْضُ إِلَّا مَا شَآءَ رَبُّكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ فَعَّالٌ لِّمَا يُرِيدُ
107 _ (ئاخىرەتنىڭ) ئاسمان - زېمىنى مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇلار دوزاختا داۋاملىق تۇرۇۋېرىدۇ، رەببىڭ خالىغان كىشىلەر (يەنى مۇئمىنلەردىن بولغان گۇناھكارلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئى پەيغەمبەر!) ھەقىقەتەن رەببىڭ خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر.
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ سُعِدُوا۟ فَفِى ٱلْجَنَّةِ خَـٰلِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ وَٱلْأَرْضُ إِلَّا مَا شَآءَ رَبُّكَ ۖ عَطَآءً غَيْرَ مَجْذُوذٍ
108 _ سائادەتمەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار جەننەتتە بولىدۇ، (ئاخىرەتنىڭ) ئاسمان - زېمىنى مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇلار جەننەتتە داۋاملىق تۇرۇۋېرىدۇ، رەببىڭ خالىغان كىشىلەر (يەنى مۇئمىنلەردىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ دوزاختا قالغان مۇددىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (بۇ) ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنئامدۇر.
فَلَا تَكُ فِى مِرْيَةٍ مِّمَّا يَعْبُدُ هَـٰٓؤُلَآءِ ۚ مَا يَعْبُدُونَ إِلَّا كَمَا يَعْبُدُ ءَابَآؤُهُم مِّن قَبْلُ ۚ وَإِنَّا لَمُوَفُّوهُمْ نَصِيبَهُمْ غَيْرَ مَنقُوصٍ
109 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ (باتىللىقىدىن) قەتئىي شەكلەنمىگىن. ئۇلار پەقەت ئىلگىرى ئاتا _ بوۋىلىرى (دەلىل-پاكىتسىز) چوقۇنغانغا ئوخشاشلا چوقۇنىدۇ. شەكسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ (ئازابتىن) تېگىشلىك بولغان نېسىۋىسىنى ئەلۋەتتە كېمەيتمەستىن تولۇق بېرىمىز.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ فَٱخْتُلِفَ فِيهِ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ لَقُضِىَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَفِى شَكٍّ مِّنْهُ مُرِيبٍ
110 _ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (تەۋرات)نى بەردۇق. ئەمما بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىندى. رەببىڭنىڭ (ئازابنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە) ئالدىن ئېيتىلغان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە (مۇشۇ دۇنيادىلا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شەكسىزكى، ئۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار) ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) چوڭقۇر شەك ئىچىدىدۇر.
وَإِنَّ كُلًّا لَّمَّا لَيُوَفِّيَنَّهُمْ رَبُّكَ أَعْمَـٰلَهُمْ ۚ إِنَّهُۥ بِمَا يَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
111 _ شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەممە ئادەمگە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپات _ جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
فَٱسْتَقِمْ كَمَآ أُمِرْتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا۟ ۚ إِنَّهُۥ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
112 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇيرۇلغىنىڭدەك (توغرا يولدا) راۋۇرۇس بولغىن، سەن بىلەن بىرلىكتە تەۋبە قىلغانلارمۇ (شۇنداق بولسۇن). چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَا تَرْكَنُوٓا۟ إِلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ فَتَمَسَّكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنْ أَوْلِيَآءَ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ
113 _ زالىملارغا مايىل بولماڭلار، بولمىسا دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر، ئاندىن سىلەر ھېچبىر ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.
وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَىِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفًا مِّنَ ٱلَّيْلِ ۚ إِنَّ ٱلْحَسَنَـٰتِ يُذْهِبْنَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ۚ ذَٰلِكَ ذِكْرَىٰ لِلذَّٰكِرِينَ
114 _ كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ (كۈندۈزگە) يېقىن ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇغىن. شەكسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ ئىبرەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن بىر نەسىھەتتۇر.
وَٱصْبِرْ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ ٱلْمُحْسِنِينَ
115 _ (ئى پەيغەمبەر!) چىداملىق بولغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
فَلَوْلَا كَانَ مِنَ ٱلْقُرُونِ مِن قَبْلِكُمْ أُو۟لُوا۟ بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْفَسَادِ فِى ٱلْأَرْضِ إِلَّا قَلِيلًا مِّمَّنْ أَنجَيْنَا مِنْهُمْ ۗ وَٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مَآ أُتْرِفُوا۟ فِيهِ وَكَانُوا۟ مُجْرِمِينَ
116 _سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (ئىنسانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەر چىىقمىدى؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (بۇزغۇنچىلىقنى توسقانلىقى ئۈچۈن) بىز نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگەن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. زالىمىلار ئەيش _ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىپ كەتتى، ئۇلار گۇناھكار ئادەملەر ئىدى.
وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ ٱلْقُرَىٰ بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ
117 _ رەببىڭ ئاھالىسى (ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنى) ئىسلاھ قىلغۇچى بولۇپ تۇرغان يۇرتلارنى ئورۇنسىز ۋەيران قىلىۋەتمەيدۇ.
وَلَوْ شَآءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ ٱلنَّاسَ أُمَّةً وَٰحِدَةً ۖ وَلَا يَزَالُونَ مُخْتَلِفِينَ (118) إِلَّا مَن رَّحِمَ رَبُّكَ ۚ وَلِذَٰلِكَ خَلَقَهُمْ ۗ وَتَمَّتْ كَلِمَةُ رَبِّكَ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلْجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجْمَعِينَ (119)
118 _ 119_ ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئىنسانلارنى ئەلۋەتتە (ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغان) بىر ئۈممەت قىلاتتى، ئۇلار داۋاملىق ھەر خىل دىنلاردا بولىدۇ. پەقەت رەببىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى [5]. رەببىڭنىڭ: «مەن چوقۇم دوزاخنى پۈتۈن جىنلار ۋە ئىنسانلار (نىڭ گۇناھكارلىرى) بىلەن توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى بېكىتىلىپ بولدى.
وَكُلًّا نَّقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنۢبَآءِ ٱلرُّسُلِ مَا نُثَبِّتُ بِهِۦ فُؤَادَكَ ۚ وَجَآءَكَ فِى هَـٰذِهِ ٱلْحَقُّ وَمَوْعِظَةٌ وَذِكْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
120 _ (ئى پەيغەمبەر!) پەيغەمبەرلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن سېنىڭ قەلبىڭنى مۇستەھكەم قىلىدىغان ھەربىر خەۋەرنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز، بۇنىڭدا (بۇ سۈرىدە) ساڭا ھەقىقەت، مۇئمىنلەر ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەت ۋە بىر ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى.
وَقُل لِّلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ ٱعْمَلُوا۟ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنَّا عَـٰمِلُونَ
121 _ ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ئىش قىلىڭلار، بىزمۇ (ئۆز يولىمىز بويىچە) ئىش قىلماقتىمىز.
وَٱنتَظِرُوٓا۟ إِنَّا مُنتَظِرُونَ
122 _ سىلەر (قىلمىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (شۇنى) كۈتىمىز».
وَلِلَّهِ غَيْبُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَإِلَيْهِ يُرْجَعُ ٱلْأَمْرُ كُلُّهُۥ فَٱعْبُدْهُ وَتَوَكَّلْ عَلَيْهِ ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
123 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىب (نى بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر ۋە ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ. شۇڭا سەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلغىن! رەببىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.