ئەبەسە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 42 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەزىزلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنىڭ خار- زەبۇنلۇققا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

عَبَسَ وَتَوَلَّىٰٓ (1) أَن جَآءَهُ ٱلْأَعْمَىٰ (2)
1 _ 2_ ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن چىرايىنى پۈرۈشتۈردى ۋە تەتۈر قارىدى.
وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُۥ يَزَّكَّىٰٓ (3) أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنفَعَهُ ٱلذِّكْرَىٰٓ (4)
3 _ 4_ (ئى پەيغەمبەر!) سەن نېمە بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ (سېنىڭ سۆھبىتىڭ سايىسىدا گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىپ قېلىشى ياكى ۋەز _ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
أَمَّا مَنِ ٱسْتَغْنَىٰ (5) فَأَنتَ لَهُۥ تَصَدَّىٰ (6)
5 _ 6_ ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن (ئۇنى ئىمان ئېيتىپ قالارمىكىن دەپ) ئۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىسەن.
وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ
7 _ ئۇ (كۇفرىدىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟
وَأَمَّا مَن جَآءَكَ يَسْعَىٰ (8) وَهُوَ يَخْشَىٰ (9) فَأَنتَ عَنْهُ تَلَهَّىٰ (10)
8 _ 10_ ئاللاھتىن قورقۇپ سېنىڭ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا قارىمايۋاتىسەن.
كَلَّآ إِنَّهَا تَذْكِرَةٌ
11 _ سەن ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەز-نەسىھەتتۇر.
فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ
12 _ خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.
فِى صُحُفٍ مُّكَرَّمَةٍ (13) مَّرْفُوعَةٍ مُّطَهَّرَةٍۭ (14) بِأَيْدِى سَفَرَةٍ (15) كِرَامٍۭ بَرَرَةٍ (16)
13 _ 16 بۇ (ئايەتلەر) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچى (پەرىشتە) لەرنىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر.
قُتِلَ ٱلْإِنسَـٰنُ مَآ أَكْفَرَهُۥ
17 _ (كۇفرىلىق قىلغان) ئىنسانغا لەنەت بولسۇن، ئۇ نېمىدېگەن تۇزكور!
مِنْ أَىِّ شَىْءٍ خَلَقَهُۥ
18 _ ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟
مِن نُّطْفَةٍ خَلَقَهُۥ فَقَدَّرَهُۥ
19 _ ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئاندىن (ئۇنىڭ ئەزالىرىنى) ئۆلچەملىك قىلدى.
ثُمَّ ٱلسَّبِيلَ يَسَّرَهُۥ
20 _ ئاندىن ئۇنىڭغا يولىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەردى.
ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقْبَرَهُۥ
21 _ ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرۇپ، قەبرىگە كىرگۈزدى.
ثُمَّ إِذَا شَآءَ أَنشَرَهُۥ
22 _ ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ.
كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَآ أَمَرَهُۥ
23 _ ياق! (ئەمەلىيەت ئۇ كاپىر ئىنسان گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇندىمىدى.
فَلْيَنظُرِ ٱلْإِنسَـٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ
24 _ ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە قاراپ باقسۇن.
أَنَّا صَبَبْنَا ٱلْمَآءَ صَبًّا
25 _ شەكسىزكى، بىز مول يامغۇر ياغدۇردۇق،
ثُمَّ شَقَقْنَا ٱلْأَرْضَ شَقًّا
26 _ ئاندىن زېمىننى (ئۆسۈملۈكلەر بىلەن) ياردۇق.
فَأَنۢبَتْنَا فِيهَا حَبًّا (27) وَعِنَبًا وَقَضْبًا (28) وَزَيْتُونًا وَنَخْلًا (29) وَحَدَآئِقَ غُلْبًا (30) وَفَـٰكِهَةً وَأَبًّا (31) مَّتَـٰعًا لَّكُمْ وَلِأَنْعَـٰمِكُمْ (32)
27 _ 32_ سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتلەرنى، ئۈزۈمنى، يېشىل ئوتلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت _ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق.
فَإِذَا جَآءَتِ ٱلصَّآخَّةُ (33) يَوْمَ يَفِرُّ ٱلْمَرْءُ مِنْ أَخِيهِ (34) وَأُمِّهِۦ وَأَبِيهِ (35) وَصَـٰحِبَتِهِۦ وَبَنِيهِ (36)
33 _ 36_ (قۇلاقلارنى گاس قىلىۋېتىدىغان) قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا[1]، (يۈز بېرىدىغان قىيامەت) كۈنىدە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ.
لِكُلِّ ٱمْرِئٍ مِّنْهُمْ يَوْمَئِذٍ شَأْنٌ يُغْنِيهِ
37 _ ئۇ كۈندە ھەربىر ئادەم ئۆز غېمى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ (باشقىلارغا قارىغۇدەك ھالى قالمايدۇ).
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ مُّسْفِرَةٌ (38) ضَاحِكَةٌ مُّسْتَبْشِرَةٌ (39)
38 _ 39_ ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال _ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ.
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ عَلَيْهَا غَبَرَةٌ (40) تَرْهَقُهَا قَتَرَةٌ (41)
40 _ 41_ يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەر چاڭ _ توزان بېسىپ، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْكَفَرَةُ ٱلْفَجَرَةُ
42 _ ئەنە شۇلار كاپىرلاردۇر، گۇناھكارلاردۇر.