غاشىيە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 26 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلارنى، زالىملارنى ئازابلاش ۋە مۇئمىنلەرنى نېمەتلەندۈرۈشتىكى چەكسىز قۇدرىتىنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلْغَـٰشِيَةِ
1 _ ساڭا (دەھشىتى ھەممىنى) ئورىۋالىدىغان (قىيامەت) نىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَـٰشِعَةٌ
2 _ بۇ كۈندە (كاپىرلارنىڭ) يۈزلىرى خار بولىدۇ.
عَامِلَةٌ نَّاصِبَةٌ
3 _ ئۇلار (دۇنيادا) گۇناھ قىلغان، (ئاخىرەتتە) ئازابقا قالىدىغان كىشىلەردۇر.
تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً
4 _ ئۇلار ئەڭ ھارارەتلىك دوزاخقا كىرىدۇ،
تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ ءَانِيَةٍ
5 _ ئۇلار (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ.
لَّيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٍ (6) لَّا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِى مِن جُوعٍ (7)
6 _ 7_ ئۇلارغا يا ئوزۇق بولمايدىغان ياكى ئاچلىققا دال بولالمايدىغان (ئاچچىق) تىكەنلىك ئۆسۈملۈكتىن باشقا يېمەكلىك يوق.
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاعِمَةٌ
8 _ بۇ كۈندە (مۇئمىنلەرنىڭ) يۈزلىرىدە بەخت- سائادەتنىڭ خۇشاللىقى جىلۋىلىنىدۇ.
لِّسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ
9 _ ئۇلار (دۇنيادىكى) ئەمەللىرىدىن خۇشال بولىدۇ،
فِى جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
10 _ ئۇلار ئالىي جەننەتتە تۇرىدۇ،
لَّا تَسْمَعُ فِيهَا لَـٰغِيَةً
11 _ ئۇ جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ.
فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ
12 _ ئۇ جەننەتتە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بار.
فِيهَا سُرُرٌ مَّرْفُوعَةٌ (13)وَأَكْوَابٌ مَّوْضُوعَةٌ (14) وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ (15) وَزَرَابِىُّ مَبْثُوثَةٌ (16)
13 _ 16_ ئۇ جەننەتتە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت _ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان بىساتلار بار.
أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى ٱلْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
17 _ ئۇلار تۆگىلەرگە قاراپ باقمامدۇ؟ ئۇ تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى؟
وَإِلَى ٱلسَّمَآءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
18_ ئۇلار ئاسمانغا قاراپ باقمامدۇ؟ ئۇ ئاسمان قانداق كۆتۈرۈلدى؟
وَإِلَى ٱلْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
19_ ئۇلار تاغلارغا قاراپ باقمامدۇ؟ ئۇ تاغلار قانداق كۆتۈرۈلدى؟
وَإِلَى ٱلْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
20_ ئۇلار زېمىنغا قاراپ باقمامدۇ؟ ئۇ زېمىن قانداق يېيىلدى؟
فَذَكِّرْ إِنَّمَآ أَنتَ مُذَكِّرٌ
21 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن (ئۇلارغا) ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن. سەن پەقەت ۋەز _ نەسىھەت قىلغۇچىسەن.
لَّسْتَ عَلَيْهِم بِمُصَيْطِرٍ
22 _ سەن ئۇلارنى (ئىمانغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن.
إِلَّا مَن تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ
23 _ لېكىن، كىمكى (ۋەز _ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن ۋە (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدىكەن،
فَيُعَذِّبُهُ ٱللَّهُ ٱلْعَذَابَ ٱلْأَكْبَرَ
24 _ ئاللاھ ئۇنى ئەڭ چوڭ ئازاب بىلەن جازالايدۇ.
إِنَّ إِلَيْنَآ إِيَابَهُمْ
25 _ ئۇلارنىڭ قايتىدىغان يېرى پەقەتلا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر.
ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُم
26 _ ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش پەقەت بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.