لەيل سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 21 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىش، ئاللاھ يولىدا پۇل – مال سەرپ قىلىش جەھەتتىكى پەرقلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

وَٱلَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰ
1 _ (قاراڭغۇلۇقى ھەممە نەرسىنى) قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ
2 _ يورۇغان كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلْأُنثَىٰٓ
3 _ ئەركەك _ چىشىنى ياراتقان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّ سَعْيَكُمْ لَشَتَّىٰ
4 _ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر.
فَأَمَّا مَنْ أَعْطَىٰ وَٱتَّقَىٰ (5) وَصَدَّقَ بِٱلْحُسْنَىٰ (6) فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلْيُسْرَىٰ (7)
5 _ 7_ (ئاللاھ يولىدا) پۇل _ مال سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، كەلىمە تەۋھىدنى راست دەپ ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز.
وَأَمَّا مَنۢ بَخِلَ وَٱسْتَغْنَىٰ (8) وَكَذَّبَ بِٱلْحُسْنَىٰ (9) فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلْعُسْرَىٰ (10)
8 _ 10_ بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھتىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز.
وَمَا يُغْنِى عَنْهُ مَالُهُۥٓ إِذَا تَرَدَّىٰٓ
11 _ ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ پۇل _ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ.
إِنَّ عَلَيْنَا لَلْهُدَىٰ
12 _ شەكسىزكى، توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
وَإِنَّ لَنَا لَلْـَٔاخِرَةَ وَٱلْأُولَىٰ
13 _ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر.
فَأَنذَرْتُكُمْ نَارًا تَلَظَّىٰ
14 _ مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم.
لَا يَصْلَىٰهَآ إِلَّا ٱلْأَشْقَى (15) ٱلَّذِى كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ (16)
15 _ 16_ ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغان، (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتقان ئەڭ بەتبەخت ئادەملا كىرىدۇ.
وَسَيُجَنَّبُهَا ٱلْأَتْقَى (17) ٱلَّذِى يُؤْتِى مَالَهُۥ يَتَزَكَّىٰ (18)
17 _ 18_ پاكلىنىش ئۈچۈن پۇل _ مېلىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئەڭ تەقۋادار ئادەم (دوزاختىن) يىراق قىلىنىدۇ.
وَمَا لِأَحَدٍ عِندَهُۥ مِن نِّعْمَةٍ تُجْزَىٰٓ (19) إِلَّا ٱبْتِغَآءَ وَجْهِ رَبِّهِ ٱلْأَعْلَىٰ (20)
19 _ 20_ ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر.
وَلَسَوْفَ يَرْضَىٰ
21 _ ئۇ كەلگۈسىدە (رەببىنىڭ مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ.