ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋە ئىسلام دىنىغا تىل ئۇزاتقۇچىلارغا رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
طسٓمٓ
1 _ تا، سىيم، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُبِينِ
2 _ بۇ (ھەر نەرسىنى) ئېنىق بايان قىلغۇچى كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
لَعَلَّكَ بَـٰخِعٌ نَّفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا۟ مُؤْمِنِينَ
3 _ (ئى پەيغەمبەر!) بەلكىم، سەن ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىدىغاندەك قىلىسەن.
إِن نَّشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ ءَايَةً فَظَلَّتْ أَعْنَـٰقُهُمْ لَهَا خَـٰضِعِينَ
4 _ ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرەتتۇق _ دە، ئۇلار ئۇنىڭغا (مەجبۇرىي) باش ئەگكەن بولاتتى.
وَمَا يَأْتِيهِم مِّن ذِكْرٍ مِّنَ ٱلرَّحْمَـٰنِ مُحْدَثٍ إِلَّا كَانُوا۟ عَنْهُ مُعْرِضِينَ
5 _ ئۇلارغا رەھمان ئاللاھ تەرىپىدىن يېڭى بىر نەسىھەت كەلسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
فَقَدْ كَذَّبُوا۟ فَسَيَأْتِيهِمْ أَنۢبَـٰٓؤُا۟ مَا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
6 _ ئۇلار راستتىنلا (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى (ۋە مەسخىرە قىلدى). ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئىشنىڭ خەۋەرلىرى (ئازابى) ئۇلارغا ئۇزاققا قالماي كېلىدۇ.
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ إِلَى ٱلْأَرْضِ كَمْ أَنۢبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
7 _ ئۇلار زېمىندا قانچىلىغان تۈرلۈك ئېسىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەنلىكىمىزگە قاراپ باقمىدىمۇ؟
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
8 _ بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
9 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱئْتِ ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ (10) قَوْمَ فِرْعَوْنَ ۚ أَلَا يَتَّقُونَ (11)
10 _ 11_ ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا (مۇنداق دەپ) نىدا قىلغان ئىدى: «سەن ئۇ زالىم قەۋمنىڭ — پىرئەۋن قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار (مېنىڭ جازايىمدىن) قورقمامدۇ؟».
قَالَ رَبِّ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُكَذِّبُونِ
12 _ مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن.
وَيَضِيقُ صَدْرِى وَلَا يَنطَلِقُ لِسَانِى فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَـٰرُونَ
13 _ (ئۇلار مېنى ئىنكار قىلسا) مېنىڭ يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم گەپكە كەلمەي قالىدۇ، شۇڭا (ماڭا ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن) ھارۇنغىمۇ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغىن.
وَلَهُمْ عَلَىَّ ذَنۢبٌ فَأَخَافُ أَن يَقْتُلُونِ
14 _ ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، (بۇ سەۋەبتىن) ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن».
قَالَ كَلَّا ۖ فَٱذْهَبَا بِـَٔايَـٰتِنَآ ۖ إِنَّا مَعَكُم مُّسْتَمِعُونَ
15 _ ئاللاھ ئېيتتى: «مۇمكىن ئەمەس (ئۇلار سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، شەكسىزكى، بىز سىلەر بىلەن بىللىمىز، (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز.
فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولُ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
16 _ سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ: ›بىز راستتىنلا ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمىز.
أَنْ أَرْسِلْ مَعَنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
17 _ ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن قويۇۋەتكىن› دەڭلار».
قَالَ أَلَمْ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدًا وَلَبِثْتَ فِينَا مِنْ عُمُرِكَ سِنِينَ
18 _ (ئۇلار ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن (مۇساغا): « بىز سېنى ئائىلىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيەلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ھاياتىڭدىن ئۇزۇن يىل ئارىمىزدا تۇرمىدىڭمۇ؟
وَفَعَلْتَ فَعْلَتَكَ ٱلَّتِى فَعَلْتَ وَأَنتَ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ
19 _ سەن قىلىدىغان قىلغۇلۇقۇڭنى قىلغانغۇ! (يەنى ئادەم ئۆلتۈرگەنغۇ!)، سەن تۇزكورلاردىن ئىكەنسەن» دېدى.
قَالَ فَعَلْتُهَآ إِذًا وَأَنَا۠ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ
20 _ مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم.
فَفَرَرْتُ مِنكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِى رَبِّى حُكْمًا وَجَعَلَنِى مِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ
21 _ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن قورقۇپ يېنىڭلاردىن قېچىپ كەتتىم، كېيىن رەببىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەرلەردىن قىلدى.
وَتِلْكَ نِعْمَةٌ تَمُنُّهَا عَلَىَّ أَنْ عَبَّدتَّ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
22 _ سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىۋالغان تۇرۇپ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلىدىغان ياخشىلىقىڭ شۇمۇ؟».
قَالَ فِرْعَوْنُ وَمَا رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
23 _ پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟».
قَالَ رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَآ ۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ
24 _ مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر (ھەقىقەتكە) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ رەببىدۇر».
قَالَ لِمَنْ حَوْلَهُۥٓ أَلَا تَسْتَمِعُونَ
25 _ پىرئەۋن ئەتراپىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى.
قَالَ رَبُّكُمْ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلْأَوَّلِينَ
26 _ مۇسا ئېيتتى: «ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر».
قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ ٱلَّذِىٓ أُرْسِلَ إِلَيْكُمْ لَمَجْنُونٌ
27 _ پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى راستتىنلا مەجنۇن ئىكەن».
قَالَ رَبُّ ٱلْمَشْرِقِ وَٱلْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَآ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْقِلُونَ
28 _ مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار (بىلىسىلەركى، ئۇ) كۈنچىقىشنىڭ، كۈنپېتىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەۋجۇداتنىڭ رەببىدۇر».
قَالَ لَئِنِ ٱتَّخَذْتَ إِلَـٰهًا غَيْرِى لَأَجْعَلَنَّكَ مِنَ ٱلْمَسْجُونِينَ
29 _ پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغانلاردىن قىلىمەن».
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكَ بِشَىْءٍ مُّبِينٍ
30 _ مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر مەن ئوپئوچۇق بىر دەلىل كەلتۈرسەمچۇ؟».
قَالَ فَأْتِ بِهِۦٓ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
31 _ پىرئەۋن: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن» دېدى.
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِىَ ثُعْبَانٌ مُّبِينٌ
32 _ مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى.
وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِىَ بَيْضَآءُ لِلنَّـٰظِرِينَ
33 _ مۇسا قولىنى (قوينىدىن) چىقىرىۋىدى، شۇ ھامان ئۇ قاراپ تۇرغانلارغا ئاپئاق (نۇر) بولۇپ كۆرۈندى.
قَالَ لِلْمَلَإِ حَوْلَهُۥٓ إِنَّ هَـٰذَا لَسَـٰحِرٌ عَلِيمٌ (34) يُرِيدُ أَن يُخْرِجَكُم مِّنْ أَرْضِكُم بِسِحْرِهِۦ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ (35)
34 _ 35_ پىرئەۋن ئەتراپىدىكى كاتتىباشلارغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى. سىلەر (بۇ ھەقتە) ماڭا نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟».
قَالُوٓا۟ أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَٱبْعَثْ فِى ٱلْمَدَآئِنِ حَـٰشِرِينَ
36 _ ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنىڭ ۋە قېرىندىشىنىڭ (ئىشىنى ھازىرچە) قويۇپ تۇرغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن.
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَحَّارٍ عَلِيمٍ
37 _ ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن».
فَجُمِعَ ٱلسَّحَرَةُ لِمِيقَـٰتِ يَوْمٍ مَّعْلُومٍ
38 _ شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا توپلاندى.
وَقِيلَ لِلنَّاسِ هَلْ أَنتُم مُّجْتَمِعُونَ (39) لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ ٱلسَّحَرَةَ إِن كَانُوا۟ هُمُ ٱلْغَـٰلِبِينَ (40)
39 _ 40_ كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب كەلسە ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى.
فَلَمَّا جَآءَ ٱلسَّحَرَةُ قَالُوا۟ لِفِرْعَوْنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِن كُنَّا نَحْنُ ٱلْغَـٰلِبِينَ
41 _ سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى.
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ إِذًا لَّمِنَ ٱلْمُقَرَّبِينَ
42 _ پىرئەۋن: «ھەئە، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى.
قَالَ لَهُم مُّوسَىٰٓ أَلْقُوا۟ مَآ أَنتُم مُّلْقُونَ
43 _ مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى.
فَأَلْقَوْا۟ حِبَالَهُمْ وَعِصِيَّهُمْ وَقَالُوا۟ بِعِزَّةِ فِرْعَوْنَ إِنَّا لَنَحْنُ ٱلْغَـٰلِبُونَ
44 _ ئۇلار: «پىرئەۋننىڭ قۇدرىتى بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ، ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى.
فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِىَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
45 _ مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، شۇ ھامان (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى يۈتۈۋەتتى.
فَأُلْقِىَ ٱلسَّحَرَةُ سَـٰجِدِينَ
46 _ سېھىرگەرلەر دەرھال سەجدىگە باردى.
قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ (47) رَبِّ مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ (48)
47 _ 48_ ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە _ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە _ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى.
قَالَ ءَامَنتُمْ لَهُۥ قَبْلَ أَنْ ءَاذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِى عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحْرَ فَلَسَوْفَ تَعْلَمُونَ ۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُم مِّنْ خِلَـٰفٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
49 _ پىرئەۋن: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار؟ شەكسىزكى، ئۇ سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، سىلەر (مېنىڭ قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ _ سول قىلىپ كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم (دارغا) ئاسىمەن» دېدى.
قَالُوا۟ لَا ضَيْرَ ۖ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ (50) إِنَّا نَطْمَعُ أَن يَغْفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَـٰيَـٰنَآ أَن كُنَّآ أَوَّلَ ٱلْمُؤْمِنِينَ (51)
50 _ 51_ سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ئاۋۋال ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
وَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِىٓ إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ
52 _ بىز مۇساغا: «سەن كېچىدە بەندىلىرىمنى ئېلىپ ئاتلانغىن، چۈنكى سىلەر قوغلىنىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
فَأَرْسَلَ فِرْعَوْنُ فِى ٱلْمَدَآئِنِ حَـٰشِرِينَ
53 _ پىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى.
إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ لَشِرْذِمَةٌ قَلِيلُونَ
54 _ (پىرئەۋن) «بۇلار پەقەتلا بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر.
وَإِنَّهُمْ لَنَا لَغَآئِظُونَ
55 _ ئۇلار راستتىنلا بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى.
وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَـٰذِرُونَ
56 _ بىز بولساق ئەلۋەتتە ھوشيار جامائەمىز» دېدى.
فَأَخْرَجْنَـٰهُم مِّن جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ (57) وَكُنُوزٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ (58)
57 _ 58_ بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇلاردىن ئايرىۋەتتۇق.
كَذَٰلِكَ وَأَوْرَثْنَـٰهَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
59 _ شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا مىراس قىلىپ بەردۇق.
فَأَتْبَعُوهُم مُّشْرِقِينَ
60 _ (پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى) ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى.
فَلَمَّا تَرَٰٓءَا ٱلْجَمْعَانِ قَالَ أَصْحَـٰبُ مُوسَىٰٓ إِنَّا لَمُدْرَكُونَ
61 _ ئىككى توپ بىر _ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ھەمراھلىرى: «بىز چوقۇم تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دېدى.
قَالَ كَلَّآ ۖ إِنَّ مَعِىَ رَبِّى سَيَهْدِينِ
62 _ مۇسا ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! رەببىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ».
فَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱضْرِب بِّعَصَاكَ ٱلْبَحْرَ ۖ فَٱنفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍ كَٱلطَّوْدِ ٱلْعَظِيمِ
63 _ شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ئۇرۇۋىدى) دېڭىز يېرىلدى، (ھەربىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى.
وَأَزْلَفْنَا ثَمَّ ٱلْـَٔاخَرِينَ
64 _ ئىككىنچى توپ (پىرئەۋننىڭ قوشۇنى)نى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق.
وَأَنجَيْنَا مُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓ أَجْمَعِينَ
65 _ مۇسا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
ثُمَّ أَغْرَقْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ
66 _ ئاندىن ئىككىنچى توپنى سۇغا غەرق قىلدۇق.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
67 _ شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار. (شۇنداق تۇرسىمۇ، پىرئەۋن قەۋمىنىڭ) كۆپ سانلىقى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
68 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَٱتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ إِبْرَٰهِيمَ
69 _ ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن.
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِۦ مَا تَعْبُدُونَ
70 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟» دېدى.
قَالُوا۟ نَعْبُدُ أَصْنَامًا فَنَظَلُّ لَهَا عَـٰكِفِينَ
71 _ ئۇلار: «بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىمىز ۋە ئۇلارغا چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىشتى.
قَالَ هَلْ يَسْمَعُونَكُمْ إِذْ تَدْعُونَ
72 _ ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى) ئاڭلامدۇ؟
أَوْ يَنفَعُونَكُمْ أَوْ يَضُرُّونَ
73 _ يا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ ياكى زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟».
قَالُوا۟ بَلْ وَجَدْنَآ ءَابَآءَنَا كَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ
74 _ ئۇلار ئېيتتى: «ياق (ئۇنداق قىلالمايدۇ)، لېكىن بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق».
قَالَ أَفَرَءَيْتُم مَّا كُنتُمْ تَعْبُدُونَ (75) أَنتُمْ وَءَابَآؤُكُمُ ٱلْأَقْدَمُونَ (76)
75 _ 76_ ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەرنىڭ ۋە قەدىمقى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ نېمىگە چوقۇنغانلىقىڭلارنى ئويلاپ كۆردۈڭلارمۇ؟
فَإِنَّهُمْ عَدُوٌّ لِّىٓ إِلَّا رَبَّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
77 _ شەكسىزكى، ئۇلار (بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىلا (مەن ئىبادەت قىلىدىغان يېگانە زاتتۇر).
ٱلَّذِى خَلَقَنِى فَهُوَ يَهْدِينِ
78 _ ئۇ مېنى ياراتقان، ماڭا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان زاتتۇر.
وَٱلَّذِى هُوَ يُطْعِمُنِى وَيَسْقِينِ
79 _ ماڭا تائام ۋە ئۇسسۇلۇق بېرىدىغان زاتمۇ شۇدۇر.
وَإِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ
80 _ ئاغرىپ قالسام مېنى ساقايتىدىغان زاتمۇ شۇدۇر.
وَٱلَّذِى يُمِيتُنِى ثُمَّ يُحْيِينِ
81 _ مېنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدىغان زاتمۇ شۇدۇر.
وَٱلَّذِىٓ أَطْمَعُ أَن يَغْفِرَ لِى خَطِيٓـَٔتِى يَوْمَ ٱلدِّينِ
82 _ مەن قىيامەت كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان زاتمۇ شۇدۇر.
رَبِّ هَبْ لِى حُكْمًا وَأَلْحِقْنِى بِٱلصَّـٰلِحِينَ
83 _ ئى رەببىم! ماڭا ئىلىم _ ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى سالىھلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن.
وَٱجْعَل لِّى لِسَانَ صِدْقٍ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ
84 _ كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن.
وَٱجْعَلْنِى مِن وَرَثَةِ جَنَّةِ ٱلنَّعِيمِ
85 _ مېنى نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن.
وَٱغْفِرْ لِأَبِىٓ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ
86 _ ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئازغۇنلاردىن بولدى.
وَلَا تُخْزِنِى يَوْمَ يُبْعَثُونَ
87 _ (ئىنسانلار) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن.
يَوْمَ لَا يَنفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ
88 _ ئۇ كۈندە مال _ دۇنيامۇ، بالىچاقىلارمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ.
إِلَّا مَنْ أَتَى ٱللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
89 _ پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا».
وَأُزْلِفَتِ ٱلْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ
90 _ جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ.
وَبُرِّزَتِ ٱلْجَحِيمُ لِلْغَاوِينَ
91 _ دوزاخ ئازغۇنلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ.
وَقِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ تَعْبُدُونَ (92) مِن دُونِ ٱللَّهِ هَلْ يَنصُرُونَكُمْ أَوْ يَنتَصِرُونَ (93)
92 _ 93_ ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قېنى؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرى ياردەمگە ئېرىشەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ.
فَكُبْكِبُوا۟ فِيهَا هُمْ وَٱلْغَاوُۥنَ (94) وَجُنُودُ إِبْلِيسَ أَجْمَعُونَ (95)
94 _ 95_ ساختا مەبۇدلار، (ئۇلارغا چوقۇنغان) ئازغۇنلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى _ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ.
قَالُوا۟ وَهُمْ فِيهَا يَخْتَصِمُونَ (96) تَٱللَّهِ إِن كُنَّا لَفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ (97)
96 _ 97_ ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئۆتكەن ئىكەنمىز.
إِذْ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
98 _ (ئى ساختا ئىلاھلار!) ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى ئالەملەرنىڭ رەببى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويغان ئىكەنمىز.
وَمَآ أَضَلَّنَآ إِلَّا ٱلْمُجْرِمُونَ
99 _ بىزنى پەقەت ئاشۇ گۇناھكارلار ئازدۇرغان ئىكەن.
فَمَا لَنَا مِن شَـٰفِعِينَ (100) وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٍ (101)
100 _ 101_ شۇڭا ئەمدى بىزگە ھېچقانداق شاپائەتچى يوق، يېقىن دوستمۇ يوق.
فَلَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَكُونَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
102 _ كاشكى، بىزگە (دۇنياغا) قايتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق».
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
103 _ شەكسىزكى، بۇنىڭدا (يەنى ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىدە، كېيىنكىلەر ئۈچۈن) ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى، (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
104 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ ٱلْمُرْسَلِينَ
105 _ نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
106 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ: «سىلەر (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
107 _ مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
108 _ شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
109 _ مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
110 _ شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن ئىدى.
قَالُوٓا۟ أَنُؤْمِنُ لَكَ وَٱتَّبَعَكَ ٱلْأَرْذَلُونَ
111 _ ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، بىز ساڭا ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى.
قَالَ وَمَا عِلْمِى بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
112 _ نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقمايمەن.
إِنْ حِسَابُهُمْ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّى ۖ لَوْ تَشْعُرُونَ
113 _ ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت رەببىم ئۈستىگە ئالغان.
وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلْمُؤْمِنِينَ
114 _ مەن مۇئمىنلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن.
إِنْ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ
115 _ مەن پەقەت ئوچۇق _ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
قَالُوا۟ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ يَـٰنُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمَرْجُومِينَ
116 _ ئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن (بۇ دەۋىتىڭدىن) ۋاز كەچمىسەڭ، سەن چوقۇم چالما _ كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن».
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوْمِى كَذَّبُونِ
117 _ نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى.
فَٱفْتَحْ بَيْنِى وَبَيْنَهُمْ فَتْحًا وَنَجِّنِى وَمَن مَّعِىَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
118 _ سەن ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئارامدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزغىن».
فَأَنجَيْنَـٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ فِى ٱلْفُلْكِ ٱلْمَشْحُونِ
119 _ بىز (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق.
ثُمَّ أَغْرَقْنَا بَعْدُ ٱلْبَاقِينَ
120 _ (ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن، ئاندىن قالغانلارنى سۇدا غەرق قىلدۇق.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
121 _ شەكسىزكى، بۇنىڭدا (كېيىنكىلەر ئۈچۈن) ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى، (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئيىتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
122 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَتْ عَادٌ ٱلْمُرْسَلِينَ
123 _ ئاد قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ هُودٌ أَلَا تَتَّقُونَ
124 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
125 _ مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
126 _ شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
127 _ مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
أَتَبْنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ ءَايَةً تَعْبَثُونَ
128 _ سىلەر بىھۇدە ئىش قىلىپ، ھەربىر ئېگىز جايغا بىر قەسىر بىنا قىلامسىلەر؟
وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمْ تَخْلُدُونَ
129 _ (دۇنيادا) مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟
وَإِذَا بَطَشْتُم بَطَشْتُمْ جَبَّارِينَ
130 _ بىراۋنى جازالىساڭلار، زالىملارچە جازالايسىلەر.
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
131 _ سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَٱتَّقُوا۟ ٱلَّذِىٓ أَمَدَّكُم بِمَا تَعْلَمُونَ
132 _ سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان (تۈرلۈك) نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
أَمَدَّكُم بِأَنْعَـٰمٍ وَبَنِينَ (133) وَجَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ (134)
133 _ 134_ ئاللاھ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى ۋە بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى.
إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
135 _ مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن».
قَالُوا۟ سَوَآءٌ عَلَيْنَآ أَوَعَظْتَ أَمْ لَمْ تَكُن مِّنَ ٱلْوَٰعِظِينَ
136 _ ئۇلار ئېيتتى: «سەن نەسىھەت قىلامسەن ياكى نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولمامسەن، بىزگە بەرىبىر ئوخشاش.
إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا خُلُقُ ٱلْأَوَّلِينَ
137 _ بۇ (يەنى بۇتلارغا چوقۇنۇش) پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت.
وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
138 _ بىز ھەرگىز جازالانمايمىز».
فَكَذَّبُوهُ فَأَهْلَكْنَـٰهُمْ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
139 _ ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىۋىدى، بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى. (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
140 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَتْ ثَمُودُ ٱلْمُرْسَلِينَ
141 _ سەمۇد قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ صَـٰلِحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
142 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
143 _ مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
144 _ شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
145 _ مەن بۇنىڭغا (يەنى سىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
أَتُتْرَكُونَ فِى مَا هَـٰهُنَآ ءَامِنِينَ (146) فِى جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ (147) وَزُرُوعٍ وَنَخْلٍ طَلْعُهَا هَضِيمٌ (148)
146 _ 148_ سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن ۋە يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالدۇرىلىمىز دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟
وَتَنْحِتُونَ مِنَ ٱلْجِبَالِ بُيُوتًا فَـٰرِهِينَ
149 _ ئۇستىلىق بىلەن تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەرنى ياسامسىلەر؟
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
150 _ سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَلَا تُطِيعُوٓا۟ أَمْرَ ٱلْمُسْرِفِينَ (151) ٱلَّذِينَ يُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ (152)
151 _ 152_ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار».
قَالُوٓا۟ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلْمُسَحَّرِينَ
153 _ ئۇلار ئېيتتى: «سەن راستتىنلا قاتتىق سېھىرلەنگەنلەردىن ئىكەنسەن.
مَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا فَأْتِ بِـَٔايَةٍ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
154 _ سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىنە؟».
قَالَ هَـٰذِهِۦ نَاقَةٌ لَّهَا شِرْبٌ وَلَكُمْ شِرْبُ يَوْمٍ مَّعْلُومٍ
155 _ سالىھ ئېيتتى: «بۇ بىر چىشى تۆگىدۇر، ئۇنىڭ (قۇدۇق سۈيىدىن) بىر كۈن ئىچىش نۆۋىتى بولىدۇ، سىلەرنىڭمۇ مۇئەييەن بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتىڭلار بولىدۇ.
وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَظِيمٍ
156 _ ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قالىسىلەر».
فَعَقَرُوهَا فَأَصْبَحُوا۟ نَـٰدِمِينَ
157 _ ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇشايماندا قالدى.
فَأَخَذَهُمُ ٱلْعَذَابُ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
158 _ (ئاگاھلاندۇرۇلغان) ئازاب ئۇلارغا چۈشتى. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (كېيىنكىلەر ئۈچۈن) ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تولىسى (يەنىلا) ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
159 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ ٱلْمُرْسَلِينَ
160 _ لۇتنىڭ قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ لُوطٌ أَلَا تَتَّقُونَ
161 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
162 _ مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
163 _ شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
164 _ مەن بۇنىڭغا (يەنى سىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
أَتَأْتُونَ ٱلذُّكْرَانَ مِنَ ٱلْعَـٰلَمِينَ (165) وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمْ رَبُّكُم مِّنْ أَزْوَٰجِكُم ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ عَادُونَ (166)
165 _ 166_ رەببىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويۇپ، جاھان ئەھلى ئىچىدىن ئەرلەرگە يېقىن كېلەمسىلەر؟ (بەچچىۋازلىق قىلامسىلەر؟) سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان بىر قەۋم ئىكەنسىلەر».
قَالُوا۟ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ يَـٰلُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمُخْرَجِينَ
167 _ ئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر (بۇ دەۋىتىڭدىن) ۋاز كەچمىسەڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن».
قَالَ إِنِّى لِعَمَلِكُم مِّنَ ٱلْقَالِينَ
168 _ لۇت ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىقىڭلاردىن قاتتىق يىرگىنىمەن.
رَبِّ نَجِّنِى وَأَهْلِى مِمَّا يَعْمَلُونَ
169 _ ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى (تۈپەيلىدىن ئۇلارغا كېلىدىغان ئازاب)دىن مېنى ۋە ئائىلە- تاۋابىئاتىمنى قۇتقۇزغىن».
فَنَجَّيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥٓ أَجْمَعِينَ (170) إِلَّا عَجُوزًا فِى ٱلْغَـٰبِرِينَ (171)
170 _ 171_ بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق، پەقەت قېرى ئايالىلا ھالاك بولىدىغانلارنىڭ ئىچىدە (قېلىپ قالدى).
ثُمَّ دَمَّرْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ
172 _ ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق.
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِم مَّطَرًا ۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلْمُنذَرِينَ
173 _ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز (تاشتىن) يامغۇر ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
174 _ شەكسىزكى، بۇنىڭدا (كېيىنكىلەر ئۈچۈن) ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى، (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئيىتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
175 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَ أَصْحَـٰبُ لْـَٔيْكَةِ ٱلْمُرْسَلِينَ
176 _ ئەيكەلىكلەرمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذْ قَالَ لَهُمْ شُعَيْبٌ أَلَا تَتَّقُونَ
177 _ ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
178 _ مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
179 _ شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
180 _ مەن بۇنىڭغا (يەنى سىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
أَوْفُوا۟ ٱلْكَيْلَ وَلَا تَكُونُوا۟ مِنَ ٱلْمُخْسِرِينَ
181 _ (ئۆلچىگەندە) تولۇق ئۆلچەڭلار، (كىشىلەرنىڭ ھەققىنى) كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار.
وَزِنُوا۟ بِٱلْقِسْطَاسِ ٱلْمُسْتَقِيمِ
182 _ توغرا تارازىدا تارتىڭلار.
وَلَا تَبْخَسُوا۟ ٱلنَّاسَ أَشْيَآءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
183 _ كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە _ پاسات تېرىماڭلار.
وَٱتَّقُوا۟ ٱلَّذِى خَلَقَكُمْ وَٱلْجِبِلَّةَ ٱلْأَوَّلِينَ
184 _ سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار».
قَالُوٓا۟ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلْمُسَحَّرِينَ
185 _ ئۇلار ئېيتتى: «سەن راستتىنلا قاتتىق سېھىرلەنگەنلەردىن ئىكەنسەن.
وَمَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا وَإِن نَّظُنُّكَ لَمِنَ ٱلْكَـٰذِبِينَ
186 _ سەن پەقەت بىزگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان، بىز سېنى ئەلۋەتتە يالغانچىلاردىن دەپ قارايمىز.
فَأَسْقِطْ عَلَيْنَا كِسَفًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
187 _ ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بۇلۇتتىن بىر قانچە پارچىنى چۈشۈرۈپ باققىن».
قَالَ رَبِّىٓ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ
188 _ شۇئەيب ئېيتتى: «رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ».
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمْ عَذَابُ يَوْمِ ٱلظُّلَّةِ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
189 _ ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سايە [1] كۈنىنىڭ ئازابىغا تۇتۇلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر كۈننىڭ ئازابى ئىدى.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ
190 _ بۇنىڭدا ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئىبرەت بار ئىدى. (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
191 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِنَّهُۥ لَتَنزِيلُ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
192 _ شۈبھىسىزكى، بۇ (قۇرئان) ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
نَزَلَ بِهِ ٱلرُّوحُ ٱلْأَمِينُ (193) عَلَىٰ قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ ٱلْمُنذِرِينَ (194) بِلِسَانٍ عَرَبِىٍّ مُّبِينٍ (195)
193 _ 195_ (ئى پەيغەمبەر!) ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىشەنچلىك (پەرىشتە) جىبرىل سېنىڭ قەلبىڭگە روشەن ئەرەب تىلىدا ئېلىپ چۈشتى.
وَإِنَّهُۥ لَفِى زُبُرِ ٱلْأَوَّلِينَ
196 _ ھەقىقەتەن ئۇ (قۇرئان) ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلاردا زىكىر قىلىنغاندۇر.
أَوَلَمْ يَكُن لَّهُمْ ءَايَةً أَن يَعْلَمَهُۥ عُلَمَـٰٓؤُا۟ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
197 _ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى ئۆلىمالارنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى) كۆرسىتىدىغان دەلىل بولالمامدۇ؟
وَلَوْ نَزَّلْنَـٰهُ عَلَىٰ بَعْضِ ٱلْأَعْجَمِينَ
198 _ 199_ ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ ئادەم قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمەيتتى.
كَذَٰلِكَ سَلَكْنَـٰهُ فِى قُلُوبِ ٱلْمُجْرِمِينَ
200 _ شۇنىڭدەك، گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا ئىنكارچىلىقنى سېلىۋەتتۇق.
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِۦ حَتَّىٰ يَرَوُا۟ ٱلْعَذَابَ ٱلْأَلِيمَ
201 _ ئۇلار قىينىغۇچى ئازابنى كۆرمىگۈچە ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.
فَيَأْتِيَهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
202 _ (ئۇ ئازاب) ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار (ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى) تۇيماي قالىدۇ.
فَيَقُولُوا۟ هَلْ نَحْنُ مُنظَرُونَ
203 _ (شۇ چاغدا) ئۇلار: «بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدىغاندۇ؟» دېيىشىپ كېتىدۇ.
أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
204 _ (ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، يەنىلا) ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىگە ئالدىراپ كېتىۋاتامدۇ؟
أَفَرَءَيْتَ إِن مَّتَّعْنَـٰهُمْ سِنِينَ (205) ثُمَّ جَآءَهُم مَّا كَانُوا۟ يُوعَدُونَ (206) مَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يُمَتَّعُونَ (207)
205 _ 207_ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى يىللارچە (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەر نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟
وَمَآ أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنذِرُونَ (208) ذِكْرَىٰ وَمَا كُنَّا ظَـٰلِمِينَ (209)
208 _ 209_ بىز ھېچقانداق بىر يۇرتنى ئۇنىڭ ئاھالىسىغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھالاك قىلمىدۇق، بىز ئەسلا زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس.
وَمَا تَنَزَّلَتْ بِهِ ٱلشَّيَـٰطِينُ
210 _ قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق.
وَمَا يَنۢبَغِى لَهُمْ وَمَا يَسْتَطِيعُونَ
211 _ بۇ ئۇلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس. (ئۇنىڭغا) ئۇلارنىڭ زادى كۈچى يەتمەيدۇ.
إِنَّهُمْ عَنِ ٱلسَّمْعِ لَمَعْزُولُونَ
212 _ چۈنكى ئۇلار ئوغرىلىقچە (ۋەھيىنى) تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغان.
فَلَا تَدْعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ فَتَكُونَ مِنَ ٱلْمُعَذَّبِينَ
213 _ ئاللاھقا باشقا بىر ئىلاھنى قوشۇپ ئىبادەت قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ) ئازابقا قالىدىغانلاردىن بولۇپ قالىسەن.
وَأَنذِرْ عَشِيرَتَكَ ٱلْأَقْرَبِينَ
214 _ (ئى پەيغەمبەر! ئاۋۋال) يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن.
وَٱخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
215 _ ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن.
فَإِنْ عَصَوْكَ فَقُلْ إِنِّى بَرِىٓءٌ مِّمَّا تَعْمَلُونَ
216 _ ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلسا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن بىزارمەن» دېگىن.
وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱلْعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ (217) ٱلَّذِى يَرَىٰكَ حِينَ تَقُومُ (218) وَتَقَلُّبَكَ فِى ٱلسَّـٰجِدِينَ (219) إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ (220)
217 _ 220_ سېنىڭ (نامازغا) تۇرغان ۋاقتىڭدىكى ھالىتىڭنى ۋە سەجدە قىلغۇچىلار (ناماز ئوقۇغۇچىلار) ئارىسىدىكى ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدىغان، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
هَلْ أُنَبِّئُكُمْ عَلَىٰ مَن تَنَزَّلُ ٱلشَّيَـٰطِينُ
221 _ مەن سىلەرگە شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
222 _ ئۇلار ھەربىر تۆھمەتخور گۇناھكارغا چۈشىدۇ.
يُلْقُونَ ٱلسَّمْعَ وَأَكْثَرُهُمْ كَـٰذِبُونَ
223 _ ئۇلار ئۇنىڭغا (ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغان) گەپلەرنى يەتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ (شەيتانلارنىڭ) تولىسى يالغانچىلاردۇر.
وَٱلشُّعَرَآءُ يَتَّبِعُهُمُ ٱلْغَاوُۥنَ
224 _ شائىرلارغا ئازغۇنلار ئەگىشىدۇ.
أَلَمْ تَرَ أَنَّهُمْ فِى كُلِّ وَادٍ يَهِيمُونَ
225 _ 226_ ئۇلارنىڭ ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزى قىلمايدىغان ئىشلارنى دەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
وَأَنَّهُمْ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ
225 _ 226_ ئۇلارنىڭ ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزى قىلمايدىغان ئىشلارنى دەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَذَكَرُوا۟ ٱللَّهَ كَثِيرًا وَٱنتَصَرُوا۟ مِنۢ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا۟ ۗ وَسَيَعْلَمُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ أَىَّ مُنقَلَبٍ يَنقَلِبُونَ
227 _ پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان [2] شائىرلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.
شۇئەرا سۈرىسى