ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش، مۇناپىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ۋە ئىسلامغا قارشى مەۋقەسىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
إِذَا جَآءَكَ ٱلْمُنَـٰفِقُونَ قَالُوا۟ نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُۥ وَٱللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ لَكَـٰذِبُونَ
1 _ (ئى پەيغەمبەر!) مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ سېنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ (گۇۋاھلىق بېرىمىز دېگەن سۆزىدە) چوقۇم يالغانچىلار ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ٱتَّخَذُوٓا۟ أَيْمَـٰنَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا۟ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّهُمْ سَآءَ مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
2 _ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ ءَامَنُوا۟ ثُمَّ كَفَرُوا۟ فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
3 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى، شۇڭا ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەيدۇ.
وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ ۖ وَإِن يَقُولُوا۟ تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ ۖ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُّسَنَّدَةٌ ۖ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ ۚ هُمُ ٱلْعَدُوُّ فَٱحْذَرْهُمْ ۚ قَـٰتَلَهُمُ ٱللَّهُ ۖ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
4 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قالىسەن، (دىلىنىڭ ئىماندىن خالىيلىقىدا) ئۇلار گويا تامغا يۆلەپ قويۇلغان قۇرۇق ياغاچلارنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان زىيانلىق ئاۋاز دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ھەقىقىي دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقلارچە (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا۟ يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ ٱللَّهِ لَوَّوْا۟ رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُم مُّسْتَكْبِرُونَ
5 _ ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلسە، ئۇلار باشلىرىنى چايقايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلىپ (سەندىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
سَوَآءٌ عَلَيْهِمْ أَسْتَغْفَرْتَ لَهُمْ أَمْ لَمْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ لَن يَغْفِرَ ٱللَّهُ لَهُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْفَـٰسِقِينَ
6 _ ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، قىلمىساڭمۇ، بەرىبىر ئوخشاش. ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ (دىندىن چىققان) پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
هُمُ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنفِقُوا۟ عَلَىٰ مَنْ عِندَ رَسُولِ ٱللَّهِ حَتَّىٰ يَنفَضُّوا۟ ۗ وَلِلَّهِ خَزَآئِنُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَلَـٰكِنَّ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ لَا يَفْقَهُونَ
7 _ ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەڭلار، ئۇلار تارقىلىپ كەتسۇن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. لېكىن مۇناپىقلار (بۇنى) چۈشەنمەيدۇ.
يَقُولُونَ لَئِن رَّجَعْنَآ إِلَى ٱلْمَدِينَةِ لَيُخْرِجَنَّ ٱلْأَعَزُّ مِنْهَا ٱلْأَذَلَّ ۚ وَلِلَّهِ ٱلْعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِۦ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَلَـٰكِنَّ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ لَا يَعْلَمُونَ
8 _ ئۇلار: «بىز مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز بولغان (پىرقە) ئەڭ خار بولغان (پىرقە)نى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ» (يەنى بىز مۇسۇلمانلارنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىمىز) دېيىشىدۇ. ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپتۇر، لېكىن مۇناپىقلار (بۇنى) بىلمەيدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَٰلُكُمْ وَلَآ أَوْلَـٰدُكُمْ عَن ذِكْرِ ٱللَّهِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ
9 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
وَأَنفِقُوا۟ مِن مَّا رَزَقْنَـٰكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِىَ أَحَدَكُمُ ٱلْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَآ أَخَّرْتَنِىٓ إِلَىٰٓ أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
10 _ سىلەر بېشىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «ئى رەببىم! مېنىڭ ئەجىلىمنى بىرئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، مەن سەدىقە قىلىۋالسام ۋە سالىھلاردىن بولۇۋالسام» دەپ قېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەنلىرىمىزدىن بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىڭلار.
وَلَن يُؤَخِّرَ ٱللَّهُ نَفْسًا إِذَا جَآءَ أَجَلُهَا ۚ وَٱللَّهُ خَبِيرٌۢ بِمَا تَعْمَلُونَ
11 _ ئاللاھ ھېچكىمنى ئەجىلى كەلگەندە كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
مۇنافىقۇن سۈرىسى