ئىسرا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 111 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ 26 _، 32 _، 33 _، 57 _، 73 _، 80 _ ئايەتلىرى مەدىنىدە، قالغانلىرى مەككىدە نازىل بولغان دېگەنلەرمۇ بار. ئەمما قازى بەيزاۋى ئىسرا سۈرىسىنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام دىنىنىڭ كامالىغا يەتكەنلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق ئالدىن بېرىلگەن بېشارەتلەرنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

سُبْحَـٰنَ ٱلَّذِىٓ أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِۦ لَيْلًا مِّنَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ إِلَى ٱلْمَسْجِدِ ٱلْأَقْصَا ٱلَّذِى بَـٰرَكْنَا حَوْلَهُۥ لِنُرِيَهُۥ مِنْ ءَايَـٰتِنَآ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ
1 _ قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتەيلى دەپ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ وَجَعَلْنَـٰهُ هُدًى لِّبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُوا۟ مِن دُونِى وَكِيلًا
2 _ بىز مۇساغا كىتاب (تەۋرات)نى ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق. (ئۇلارغا) «مەندىن باشقىنى مەبۇد قىلىۋالماڭلار!» (دېدۇق).
ذُرِّيَّةَ مَنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَبْدًا شَكُورًا
3 _ ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقارغانلارنىڭ (يەنى توپان بالاسىدىن قۇتقۇزغانلارنىڭ) ئەۋلادلىرى! (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار). چۈنكى، نۇھ كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى.
وَقَضَيْنَآ إِلَىٰ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ فِى ٱلْكِتَـٰبِ لَتُفْسِدُنَّ فِى ٱلْأَرْضِ مَرَّتَيْنِ وَلَتَعْلُنَّ عُلُوًّا كَبِيرًا
4 _ ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا: «سىلەر يەر يۈزىدە چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە چوڭچىلىق قىلىپ بەكمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
فَإِذَا جَآءَ وَعْدُ أُولَىٰهُمَا بَعَثْنَا عَلَيْكُمْ عِبَادًا لَّنَآ أُو۟لِى بَأْسٍ شَدِيدٍ فَجَاسُوا۟ خِلَـٰلَ ٱلدِّيَارِ ۚ وَكَانَ وَعْدًا مَّفْعُولًا
5 _ ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازالاس) ۋاقتى كەلگەن چاغدا، سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار (سىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. بۇ ئىشقا ئاشىدىغان بىر ۋەدە ئىدى.
ثُمَّ رَدَدْنَا لَكُمُ ٱلْكَرَّةَ عَلَيْهِمْ وَأَمْدَدْنَـٰكُم بِأَمْوَٰلٍ وَبَنِينَ وَجَعَلْنَـٰكُمْ أَكْثَرَ نَفِيرًا
6 _ ئاندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈكۈڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، سىلەرگە نۇرغۇن مال _ مۈلۈك ۋە ئوغۇللارنى ئاتا قىلدۇق، سانىڭلارنى كۆپەيتتۇق.
إِنْ أَحْسَنتُمْ أَحْسَنتُمْ لِأَنفُسِكُمْ ۖ وَإِنْ أَسَأْتُمْ فَلَهَا ۚ فَإِذَا جَآءَ وَعْدُ ٱلْـَٔاخِرَةِ لِيَسُـۥٓـُٔوا۟ وُجُوهَكُمْ وَلِيَدْخُلُوا۟ ٱلْمَسْجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَلِيُتَبِّرُوا۟ مَا عَلَوْا۟ تَتْبِيرًا
7 _ (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى!) ئەگەر ياخشى ئىش قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولىسىلەر، ئەگەر يامان ئىش قىلساڭلار، بۇمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازالاش) ۋاقتى كەلگەن چاغدا، (دۈشمىنىڭلارنىڭ خارلىشى بىلەن) يۈزۈڭلاردا قايغۇ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىشى ئۈچۈن، ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غالىب قىلدۇق).
عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَن يَرْحَمَكُمْ ۚ وَإِنْ عُدتُّمْ عُدْنَا ۘ وَجَعَلْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَـٰفِرِينَ حَصِيرًا
8 _ رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشىدا ئۈمىد بار. ئەگەر سىلەر (يەنە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا) قايتساڭلار، بىزمۇ (سىلەرنى جازالاشقا) قايتىمىز. جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق.
إِنَّ هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانَ يَهْدِى لِلَّتِى هِىَ أَقْوَمُ وَيُبَشِّرُ ٱلْمُؤْمِنِينَ ٱلَّذِينَ يَعْمَلُونَ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا كَبِيرًا
9 _ شەكسىزكى، بۇ قۇرئان (ئىنسانلارنى) ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ،
وَأَنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
10 _ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىغانلىقىمىز بىلەن (ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ).
وَيَدْعُ ٱلْإِنسَـٰنُ بِٱلشَّرِّ دُعَآءَهُۥ بِٱلْخَيْرِ ۖ وَكَانَ ٱلْإِنسَـٰنُ عَجُولًا
11 _ ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالىچاقىلىرىغا) ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ. ئىنسان بەكمۇ ئالدىراقسان كېلىدۇ.
وَجَعَلْنَا ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ ءَايَتَيْنِ ۖ فَمَحَوْنَآ ءَايَةَ ٱلَّيْلِ وَجَعَلْنَآ ءَايَةَ ٱلنَّهَارِ مُبْصِرَةً لِّتَبْتَغُوا۟ فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ وَلِتَعْلَمُوا۟ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلْحِسَابَ ۚ وَكُلَّ شَىْءٍ فَصَّلْنَـٰهُ تَفْصِيلًا
12 _ كېچە بىلەن كۈندۈزنى (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، رەببىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كېچىنىڭ ئالامىتى (بولغان ئاينىڭ نۇرىنى) ئۆچۈرۈپ (كېچىنى قاراڭغۇلۇق قىلدۇق)، كۈندۈزنىڭ ئالامىتى (بولغان قۇياش)نى يورۇتقۇچى قىلدۇق. (بىز) ھەممە نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
وَكُلَّ إِنسَـٰنٍ أَلْزَمْنَـٰهُ طَـٰٓئِرَهُۥ فِى عُنُقِهِۦ ۖ وَنُخْرِجُ لَهُۥ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ كِتَـٰبًا يَلْقَىٰهُ مَنشُورًا
13 _ بىز ھەربىر ئىنساننىڭ ئەمەللىرىنى ئۇنىڭ بوينىغا تاڭىمىز، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئوچۇق بىر كىتاب چىقىرىپ بېرىمىز.
ٱقْرَأْ كِتَـٰبَكَ كَفَىٰ بِنَفْسِكَ ٱلْيَوْمَ عَلَيْكَ حَسِيبًا
14 _ (ئۇنىڭغا): «نامە _ ئەمەلىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭدىن ھېساب ئېلىشقا ئۆزۈڭ يېتەرلىك» (دەيمىز).
مَّنِ ٱهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِى لِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبْعَثَ رَسُولًا
15 _ كىمكى ھىدايەت تاپسا، پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، پەقەت ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچكىمنى) ئازابلىغىنىمىز يوق.
وَإِذَآ أَرَدْنَآ أَن نُّهْلِكَ قَرْيَةً أَمَرْنَا مُتْرَفِيهَا فَفَسَقُوا۟ فِيهَا فَحَقَّ عَلَيْهَا ٱلْقَوْلُ فَدَمَّرْنَـٰهَا تَدْمِيرًا
16 _ بىز قانداقلا بىر يۇرت (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى ھاكاۋۇر دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا) بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئۇ يەردە ئىتائەتسىزلىك (قىلىپ بىزگە ئاسىيلىق) قىلىدۇ _ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرتنى قاتتىق ۋەيران قىلىپ (ئاھالىسىنى ھالاك قىلىپ) تاشلايمىز.
وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنَ ٱلْقُرُونِ مِنۢ بَعْدِ نُوحٍ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرًۢا بَصِيرًا
17 _ نۇھتىن كېيىن، نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى (كۇفرىلىقى سەۋەبلىك) ھالاك قىلدۇق، رەببىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر.
مَّن كَانَ يُرِيدُ ٱلْعَاجِلَةَ عَجَّلْنَا لَهُۥ فِيهَا مَا نَشَآءُ لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلْنَا لَهُۥ جَهَنَّمَ يَصْلَىٰهَا مَذْمُومًا مَّدْحُورًا
18 _ كىمكى بۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان (دۇنيا مەنپەئەتلىرى)نى كۆزلەيدىكەن، بىز دۇنيادا (ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن) ئۆزىمىز خالىغان ئادەمگە ئۆزىمىز خالىغاننى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا جەھەننەمنى (تەيىن) قىلىمىز، ئۇ خارلانغان، (رەھمىتىمىزدىن) قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ.
وَمَنْ أَرَادَ ٱلْـَٔاخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعْيَهَا وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ كَانَ سَعْيُهُم مَّشْكُورًا
19 _ كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ئاخىرەت ئۈچۈن لايىقىدا ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئەنە شۇلارنىڭ ئەمەلىگە (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مۇكاپات بېرىلىدۇ.
كُلًّا نُّمِدُّ هَـٰٓؤُلَآءِ وَهَـٰٓؤُلَآءِ مِنْ عَطَآءِ رَبِّكَ ۚ وَمَا كَانَ عَطَآءُ رَبِّكَ مَحْظُورًا
20 _ مۇشۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ھەربىرىگە رەببىڭنىڭ ئاتا - ئېھسانلىرىدىن بېرىمىز. رەببىڭنىڭ ئاتا - ئېھسانى (دۇنيادا ھېچكىمگە) چەكلەنگەن ئەمەس.
ٱنظُرْ كَيْفَ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ وَلَلْـَٔاخِرَةُ أَكْبَرُ دَرَجَـٰتٍ وَأَكْبَرُ تَفْضِيلًا
21 _ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن. ئاخىرەتتىكى دەرىجىلەر تېخىمۇ چوڭ ۋە (ئۇنىڭدىكى) ئۈستۈنلۈك تېخىمۇ كاتتىدۇر.
لَّا تَجْعَلْ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ فَتَقْعُدَ مَذْمُومًا مَّخْذُولًا
22 _ ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ) ئەيىبلەنگەن ۋە خارلانغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىسەن.
وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّآ إِيَّاهُ وَبِٱلْوَٰلِدَيْنِ إِحْسَـٰنًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ ٱلْكِبَرَ أَحَدُهُمَآ أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَآ أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا
23 _ رەببىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا (قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىق ۋە خىزمەتلەرنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى، ئەگەر سېنىڭ يېنىڭدا ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسىگە قېرىلىق يەتكەن بولسا، ئۇلارغا «ئوف!» دېمىگىن (يەنى شۇنچىلىك گەپنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمىغىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن.
وَٱخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ ٱلذُّلِّ مِنَ ٱلرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ٱرْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِى صَغِيرًا
24 _ ئۇلارغا چوڭقۇر مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر، مۇلايىم بولغىن ۋە: «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە (مېھرى بىلەن) تەربىيەلىگەندەك، سەن ئۇلارغا رەھمەت قىلغىن» دېگىن.
رَّبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا فِى نُفُوسِكُمْ ۚ إِن تَكُونُوا۟ صَـٰلِحِينَ فَإِنَّهُۥ كَانَ لِلْأَوَّٰبِينَ غَفُورًا
25 _ رەببىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر سالىھ بولساڭلار، شەكسىزكى، ئاللاھ داۋاملىق تەۋبە قىلغۇچىلارنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
وَءَاتِ ذَا ٱلْقُرْبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلْمِسْكِينَ وَٱبْنَ ٱلسَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرْ تَبْذِيرًا
26 _ تۇغقانغا، مىسكىنگە، (ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالغان) مۇساپىرغا (خەير _ ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل _ مېلىڭنى كېرەكسىز يەرگە) بۇزۇپ _ چاچمىغىن.
إِنَّ ٱلْمُبَذِّرِينَ كَانُوٓا۟ إِخْوَٰنَ ٱلشَّيَـٰطِينِ ۖ وَكَانَ ٱلشَّيْطَـٰنُ لِرَبِّهِۦ كَفُورًا
27 _ چۈنكى، بۇزۇپ _ چاچقۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان رەببىگە تولىمۇ تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.
وَإِمَّا تُعْرِضَنَّ عَنْهُمُ ٱبْتِغَآءَ رَحْمَةٍ مِّن رَّبِّكَ تَرْجُوهَا فَقُل لَّهُمْ قَوْلًا مَّيْسُورًا
28 _ ئەگەر (سەن بىر نەرسە بېرىدىغان شارائىتتا بولمىغانلىقتىن، ئۇ موھتاجلارنى) قۇرۇق قول قايتۇرماقچى بولساڭ، رەببىڭدىن كۈتۈۋاتقان رەھمەت (رىزىق)نى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن.
وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَىٰ عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ ٱلْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَّحْسُورًا
29 _ (بېخىللىق قىلىپ) قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن، (ئىسراپ قىلىپ) قولۇڭنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتمىگىن، (بولمىسا) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن.
إِنَّ رَبَّكَ يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرًۢا بَصِيرًا
30 _ شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. چۈنكى رەببىڭ بەندىلىرىنى (ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَا تَقْتُلُوٓا۟ أَوْلَـٰدَكُمْ خَشْيَةَ إِمْلَـٰقٍ ۖ نَّحْنُ نَرْزُقُهُمْ وَإِيَّاكُمْ ۚ إِنَّ قَتْلَهُمْ كَانَ خِطْـًٔا كَبِيرًا
31 _ كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار [1]. ئۇلارنىڭمۇ، سىلەرنىڭمۇ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز. شەكسىزكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھتۇر.
وَلَا تَقْرَبُوا۟ ٱلزِّنَىٰٓ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ فَـٰحِشَةً وَسَآءَ سَبِيلًا
32 _ زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.
وَلَا تَقْتُلُوا۟ ٱلنَّفْسَ ٱلَّتِى حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلْحَقِّ ۗ وَمَن قُتِلَ مَظْلُومًا فَقَدْ جَعَلْنَا لِوَلِيِّهِۦ سُلْطَـٰنًا فَلَا يُسْرِف فِّى ٱلْقَتْلِ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ مَنصُورًا
33 _ ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەڭلار، (قىساس ئېلىشقا ئوخشاش) ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا تولۇق ھوقۇق بەردۇق. ئۇ قىساس ئېلىشتا چەكتىن ئاشمىسۇن. ئۇ (قىساس ئېلىشتا ئاللاھ تەرەپتىن) ھەقىقەتەن ياردەمگە ئېرىشكۈچىدۇر.
وَلَا تَقْرَبُوا۟ مَالَ ٱلْيَتِيمِ إِلَّا بِٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُۥ ۚ وَأَوْفُوا۟ بِٱلْعَهْدِ ۖ إِنَّ ٱلْعَهْدَ كَانَ مَسْـُٔولًا
34 _ يېتىمنىڭ مال _ مۈلۈكىگە يېقىنلاشماڭلار، بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (ئۇنىڭ پايدىسى ئۈچۈن) ئەڭ ئۇيغۇن ئۇسۇلدا يېقىنلىشىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. چۈنكى، (قىيامەتتە) ئەھدىنىڭ سورىقى بار.
وَأَوْفُوا۟ ٱلْكَيْلَ إِذَا كِلْتُمْ وَزِنُوا۟ بِٱلْقِسْطَاسِ ٱلْمُسْتَقِيمِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا
35 _ سىلەر (كىشىلەرگە) ئۆلچەپ بەرگەن ۋاقتىڭلاردا تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە توغرا تارازىدا تارتىڭلار. بۇنداق قىلىش تولىمۇ ياخشىدۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن تېخىمۇ گۈزەلدۇر.
وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِۦ عِلْمٌ ۚ إِنَّ ٱلسَّمْعَ وَٱلْبَصَرَ وَٱلْفُؤَادَ كُلُّ أُو۟لَـٰٓئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْـُٔولًا
36 _ ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى قۇلاق، كۆز، دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ.
وَلَا تَمْشِ فِى ٱلْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّكَ لَن تَخْرِقَ ٱلْأَرْضَ وَلَن تَبْلُغَ ٱلْجِبَالَ طُولًا
37 _ سەن زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن. چۈنكى سەن (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە غادايساڭمۇ) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن.
كُلُّ ذَٰلِكَ كَانَ سَيِّئُهُۥ عِندَ رَبِّكَ مَكْرُوهًا
38 _ بۇلارنىڭ ھەممىسى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا يامان كۆرۈلىدىغان قەبىھ ئىشلاردۇر.
ذَٰلِكَ مِمَّآ أَوْحَىٰٓ إِلَيْكَ رَبُّكَ مِنَ ٱلْحِكْمَةِ ۗ وَلَا تَجْعَلْ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ فَتُلْقَىٰ فِى جَهَنَّمَ مَلُومًا مَّدْحُورًا
39 _ بۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھيى قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، (بولمىسا) مالامەت قىلىنغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن.
أَفَأَصْفَىٰكُمْ رَبُّكُم بِٱلْبَنِينَ وَٱتَّخَذَ مِنَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِنَـٰثًا ۚ إِنَّكُمْ لَتَقُولُونَ قَوْلًا عَظِيمًا
40 _ ئەجىبا، رەببىڭلار سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ [2] شەكسىزكى، سىلەر ئېغىر بىر سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر.
وَلَقَدْ صَرَّفْنَا فِى هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانِ لِيَذَّكَّرُوا۟ وَمَا يَزِيدُهُمْ إِلَّا نُفُورًا
41 _ شەكسىزكى، ئۇلارنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا (ھەر خىل مەزمۇنلارنى) تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، بۇ ئۇلارغا (ھەقىقەتتىن) يىراقلىشىشتىن باشقىسىنى زىيادە قىلمايۋاتىدۇ.
قُل لَّوْ كَانَ مَعَهُۥٓ ءَالِهَةٌ كَمَا يَقُولُونَ إِذًا لَّٱبْتَغَوْا۟ إِلَىٰ ذِى ٱلْعَرْشِ سَبِيلًا
42 _ ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار ئېيتقاندەك، ئاللاھ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا (قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن) يول ئىزدىگەن بولاتتى.
سُبْحَـٰنَهُۥ وَتَعَـٰلَىٰ عَمَّا يَقُولُونَ عُلُوًّا كَبِيرًا
43 _ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر ۋە ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈندۇر.
تُسَبِّحُ لَهُ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ ٱلسَّبْعُ وَٱلْأَرْضُ وَمَن فِيهِنَّ ۚ وَإِن مِّن شَىْءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِۦ وَلَـٰكِن لَّا تَفْقَهُونَ تَسْبِيحَهُمْ ۗ إِنَّهُۥ كَانَ حَلِيمًا غَفُورًا
44 _ يەتتە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇدات ئاللاھنى پاك دەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ (ئېيتقان) تەسبىھىنى چۈشەنمەيسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
وَإِذَا قَرَأْتَ ٱلْقُرْءَانَ جَعَلْنَا بَيْنَكَ وَبَيْنَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ حِجَابًا مَّسْتُورًا
45 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن قۇرئان تىلاۋەت قىلغان چېغىڭدا ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن بىر پەردە پەيدا قىلىمىز.
وَجَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَن يَفْقَهُوهُ وَفِىٓ ءَاذَانِهِمْ وَقْرًا ۚ وَإِذَا ذَكَرْتَ رَبَّكَ فِى ٱلْقُرْءَانِ وَحْدَهُۥ وَلَّوْا۟ عَلَىٰٓ أَدْبَـٰرِهِمْ نُفُورًا
46 _ قۇرئاننى چۈشەنمەيلا كەتسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، (ئۇنى ئاڭلىيالمىسۇن دەپ) ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، سەن قۇرئان (ئوقۇغان)دا رەببىڭنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ ئارقىغا قېچىپ كېتىدۇ.
نَّحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَسْتَمِعُونَ بِهِۦٓ إِذْ يَسْتَمِعُونَ إِلَيْكَ وَإِذْ هُمْ نَجْوَىٰٓ إِذْ يَقُولُ ٱلظَّـٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلًا مَّسْحُورًا
47 _ ئۇلار ساڭا (يەنى تىلاۋىتىڭگە) قۇلاق سالغاندا، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇلاق سالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ زالىملارنىڭ ئۆزئارا پىچىرلاشقاندا: «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېگەنلىكىنى بىز ئوبدان بىلىمىز.
ٱنظُرْ كَيْفَ ضَرَبُوا۟ لَكَ ٱلْأَمْثَالَ فَضَلُّوا۟ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ سَبِيلًا
48 _ ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق قانداق ئوخشىتىشلارنى كەلتۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىغىن. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئېزىپ كەتتى، شۇڭا ئۇلار (توغرا) يول تاپالمايدۇ.
وَقَالُوٓا۟ أَءِذَا كُنَّا عِظَـٰمًا وَرُفَـٰتًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ خَلْقًا جَدِيدًا
49 _ ئۇلار: «بىز قۇرۇق سۆڭەككە ۋە چىرىپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟» دېيىشىدۇ.
قُلْ كُونُوا۟ حِجَارَةً أَوْ حَدِيدًا (50) أَوْ خَلْقًا مِّمَّا يَكْبُرُ فِى صُدُورِكُمْ ۚ فَسَيَقُولُونَ مَن يُعِيدُنَا ۖ قُلِ ٱلَّذِى فَطَرَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ فَسَيُنْغِضُونَ إِلَيْكَ رُءُوسَهُمْ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَ ۖ قُلْ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَرِيبًا (51)
50 _ 51 _ (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش سىلەرگە قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم تىرىلدۈرىدۇ)». ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن، ئۇلار (مەسخىرە بىلەن) ساڭا باشلىرىنى چايقاپ تۇرۇپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟» دېيىشىدۇ، سەن «بەلكىم ئۇ يېقىندا بولىدۇ» دېگىن.
يَوْمَ يَدْعُوكُمْ فَتَسْتَجِيبُونَ بِحَمْدِهِۦ وَتَظُنُّونَ إِن لَّبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا
52 _ ئاللاھ سىلەرنى (قەبرەڭلاردىن) چاقىرىدىغان كۈندە، سىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇپ ئاۋاز قوشىسىلەر ۋە (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنە تۇرغاندەك ئويلاپ قالىسىلەر.
وَقُل لِّعِبَادِى يَقُولُوا۟ ٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ ٱلشَّيْطَـٰنَ يَنزَغُ بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ ٱلشَّيْطَـٰنَ كَانَ لِلْإِنسَـٰنِ عَدُوًّا مُّبِينًا
53 _ بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار (گەپ قىلغاندا ۋە مۇنازىرىلەشكەندە) ئەڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شەكىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزماقچى بولىدۇ، چۈنكى شەيتان ئىنسانغا ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر.
رَّبُّكُمْ أَعْلَمُ بِكُمْ ۖ إِن يَشَأْ يَرْحَمْكُمْ أَوْ إِن يَشَأْ يُعَذِّبْكُمْ ۚ وَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ عَلَيْهِمْ وَكِيلًا
54 _ رەببىڭلار سىلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، خالىسا سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ. بىز سېنى ئۇلارغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق.
وَرَبُّكَ أَعْلَمُ بِمَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ فَضَّلْنَا بَعْضَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ عَلَىٰ بَعْضٍ ۖ وَءَاتَيْنَا دَاوُۥدَ زَبُورًا
55 _ رەببىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى جىمى مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق.
قُلِ ٱدْعُوا۟ ٱلَّذِينَ زَعَمْتُم مِّن دُونِهِۦ فَلَا يَمْلِكُونَ كَشْفَ ٱلضُّرِّ عَنكُمْ وَلَا تَحْوِيلًا
56 _ (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەۋالغان نەرسەڭلارغا يالۋۇرۇپ بېقىڭلارچۇ، ئۇلار سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكىمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشقىمۇ قادىر ئەمەس.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ ٱلْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُۥ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُۥٓ ۚ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُورًا
57 _ ئۇلارنىڭ (ئىلاھ دەپ) چوقۇنۇۋاتقان ئۇ كىشىلىرى (ئىيسا، ئۇزەير ۋە پەرىشتىلەر) قانداق قىلساق ئاللاھقا يېقىن بولارمىز دەپ رەببىگە يېقىن بولۇش يولىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئازابىدىن قورقىدۇ. رەببىڭنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.
وَإِن مِّن قَرْيَةٍ إِلَّا نَحْنُ مُهْلِكُوهَا قَبْلَ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ أَوْ مُعَذِّبُوهَا عَذَابًا شَدِيدًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِى ٱلْكِتَـٰبِ مَسْطُورًا
58 _ (كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان) قانداقلا بىر يۇرت ئاھالىسى بولسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز. بۇ، كىتابتا (لەۋھۇلمەھپۇزدا) پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم)دۇر.
وَمَا مَنَعَنَآ أَن نُّرْسِلَ بِٱلْـَٔايَـٰتِ إِلَّآ أَن كَذَّبَ بِهَا ٱلْأَوَّلُونَ ۚ وَءَاتَيْنَا ثَمُودَ ٱلنَّاقَةَ مُبْصِرَةً فَظَلَمُوا۟ بِهَا ۚ وَمَا نُرْسِلُ بِٱلْـَٔايَـٰتِ إِلَّا تَخْوِيفًا
59 _ (مۇشرىكلار تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى ئەۋەتمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. بىز سەمۇد قەۋمىگە ئوپئوچۇق بىر مۆجىزە سۈپىتىدە چىشى تۆگىنى بەردۇق، ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق)، بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز.
وَإِذْ قُلْنَا لَكَ إِنَّ رَبَّكَ أَحَاطَ بِٱلنَّاسِ ۚ وَمَا جَعَلْنَا ٱلرُّءْيَا ٱلَّتِىٓ أَرَيْنَـٰكَ إِلَّا فِتْنَةً لِّلنَّاسِ وَٱلشَّجَرَةَ ٱلْمَلْعُونَةَ فِى ٱلْقُرْءَانِ ۚ وَنُخَوِّفُهُمْ فَمَا يَزِيدُهُمْ إِلَّا طُغْيَـٰنًا كَبِيرًا
60 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا «رەببىڭ ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن) قورشاپ تۇرىدۇ» دەپ ئېيتقان ئىدۇق. بىز ساڭا (مىراج كېچىسى) كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخ (زەققۇم دەرىخى)نى پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن سىناق قىلدۇق. بىز ئۇلارنى قورقۇتىمىز. بىزنىڭ قورقۇتۇشىمىز ئۇلارغا چوڭ بىر يولسىزلىقتىن باشقىسىنى زىيادە قىلمايدۇ.
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ ٱسْجُدُوا۟ لِـَٔادَمَ فَسَجَدُوٓا۟ إِلَّآ إِبْلِيسَ قَالَ ءَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا
61 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار‍‌‍!» دېگەن ئىدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس: «سەن لايدىن ياراتقان ئادەمگە سەجدە قىلامدىمەن؟» دېدى.
قَالَ أَرَءَيْتَكَ هَـٰذَا ٱلَّذِى كَرَّمْتَ عَلَىَّ لَئِنْ أَخَّرْتَنِ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ لَأَحْتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلًا
62 _ ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان (ئادەم) مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ كۆپ قىسمىنى (ئازدۇرۇپ) ئۆزۈمگە ئەگىشىدىغان قىلىۋېتىمەن» دېدى.
قَالَ ٱذْهَبْ فَمَن تَبِعَكَ مِنْهُمْ فَإِنَّ جَهَنَّمَ جَزَآؤُكُمْ جَزَآءً مَّوْفُورًا
63 _ ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «يوقال! ئۇلاردىن كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، جەھەننەم ھەقىقەتەن سىلەرگە بېرىلىدىغان يېتەرلىك جازادۇر.
وَٱسْتَفْزِزْ مَنِ ٱسْتَطَعْتَ مِنْهُم بِصَوْتِكَ وَأَجْلِبْ عَلَيْهِم بِخَيْلِكَ وَرَجِلِكَ وَشَارِكْهُمْ فِى ٱلْأَمْوَٰلِ وَٱلْأَوْلَـٰدِ وَعِدْهُمْ ۚ وَمَا يَعِدُهُمُ ٱلشَّيْطَـٰنُ إِلَّا غُرُورًا
64 _ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۈشكۈرتەلەيدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن كۈشكۈرتكىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بەرگىن — شەيتاننىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان ۋەدىسى پەقەتلا ئالدامچىلىقتۇر.
إِنَّ عِبَادِى لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَـٰنٌ ۚ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ وَكِيلًا
65 _ شەكسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن مۇئمىن) بەندىلىرىم ئۈستىدە سېنىڭ ھېچبىر ھۆكۈمرانلىقىڭ يوقتۇر. (ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە) ھامىي بولۇشقا رەببىڭ يېتەرلىكتۇر».
رَّبُّكُمُ ٱلَّذِى يُزْجِى لَكُمُ ٱلْفُلْكَ فِى ٱلْبَحْرِ لِتَبْتَغُوا۟ مِن فَضْلِهِۦٓ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا
66 _ رەببىڭلار سىلەرنى ئۆز پەزلىدىن (رىزىق) ئىزدىسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدىغان زاتتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فِى ٱلْبَحْرِ ضَلَّ مَن تَدْعُونَ إِلَّآ إِيَّاهُ ۖ فَلَمَّا نَجَّىٰكُمْ إِلَى ٱلْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ ۚ وَكَانَ ٱلْإِنسَـٰنُ كَفُورًا
67 _ سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا (سىلەر ئۇنىڭدىن) يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ئىنتايىن تۇزكوردۇر.
أَفَأَمِنتُمْ أَن يَخْسِفَ بِكُمْ جَانِبَ ٱلْبَرِّ أَوْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ثُمَّ لَا تَجِدُوا۟ لَكُمْ وَكِيلًا
68 _ سىلەر ئاللاھنىڭ سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ بىر تەرىپىدە يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇشىدىن، ئاندىن ئۆزۈڭلارغا ھېچبىر ھامىي تاپالماي قېلىشىڭلاردىن خاتىرجەم بولۇپ كەتتىڭلارمۇ؟
أَمْ أَمِنتُمْ أَن يُعِيدَكُمْ فِيهِ تَارَةً أُخْرَىٰ فَيُرْسِلَ عَلَيْكُمْ قَاصِفًا مِّنَ ٱلرِّيحِ فَيُغْرِقَكُم بِمَا كَفَرْتُمْ ۙ ثُمَّ لَا تَجِدُوا۟ لَكُمْ عَلَيْنَا بِهِۦ تَبِيعًا
69 _ ياكى سىلەرنىڭ كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ، ئۈستۈڭلارغا قارا بوراننى ئەۋەتىپ غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەر ئۈچۈن بىزدىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىدىغان ھېچكىمنى تاپالماي قېلىشىڭلاردىن خاتىرجەم بولۇپ كەتتىڭلارمۇ؟
وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِىٓ ءَادَمَ وَحَمَلْنَـٰهُمْ فِى ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ وَرَزَقْنَـٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ وَفَضَّلْنَـٰهُمْ عَلَىٰ كَثِيرٍ مِّمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا
70 _ شەكسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا)، دېڭىزدا (كېمە ۋە پاراخوتلارغا) چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، يەنە ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق.
يَوْمَ نَدْعُوا۟ كُلَّ أُنَاسٍۭ بِإِمَـٰمِهِمْ ۖ فَمَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ يَقْرَءُونَ كِتَـٰبَهُمْ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
71 _ (ئى پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىنكى) ئۇ كۈندە ھەممە ئادەمنى ئۆزىنىڭ يولباشچىسى بىلەن چاقىرىمىز، كىمنىڭ نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلسە، ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنىڭ نامە _ ئەمەلىنى (خۇشاللىق ئىچىدە) ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
وَمَن كَانَ فِى هَـٰذِهِۦٓ أَعْمَىٰ فَهُوَ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ أَعْمَىٰ وَأَضَلُّ سَبِيلًا
72 _ بۇ دۇنيادا (دىلى) كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ يولدىن ئازغان بولىدۇ.
وَإِن كَادُوا۟ لَيَفْتِنُونَكَ عَنِ ٱلَّذِىٓ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ لِتَفْتَرِىَ عَلَيْنَا غَيْرَهُۥ ۖ وَإِذًا لَّٱتَّخَذُوكَ خَلِيلًا
73 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار ھەقىقەتەن سېنى بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈتۈپ، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى بىزنىڭ نامىمىزدىن ئويدۇرۇپ چىقارغۇزۇشقا تاس قالدى، (ئەگەر شۇنداق قىلغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى يېقىن دوست قىلىۋالاتتى.
وَلَوْلَآ أَن ثَبَّتْنَـٰكَ لَقَدْ كِدتَّ تَرْكَنُ إِلَيْهِمْ شَيْـًٔا قَلِيلًا
74 _ بىز سېنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، سەن ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ.
إِذًا لَّأَذَقْنَـٰكَ ضِعْفَ ٱلْحَيَوٰةِ وَضِعْفَ ٱلْمَمَاتِ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ عَلَيْنَا نَصِيرًا
75 _ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ساڭا دۇنيانىڭ قاتمۇقات ئازابىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ قاتمۇقات ئازابىنى تېتىتقان بولاتتۇق. ئاندىن سەن ئۆزۈڭگە بىزگە قارشى ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى تاپالمايتتىڭ.
وَإِن كَادُوا۟ لَيَسْتَفِزُّونَكَ مِنَ ٱلْأَرْضِ لِيُخْرِجُوكَ مِنْهَا ۖ وَإِذًا لَّا يَلْبَثُونَ خِلَـٰفَكَ إِلَّا قَلِيلًا
76 _ (ئۇ كاپىرلار) ھەقىقەتەن سېنى (مەككە) زېمىنىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇ يەردە سېنى (خاتىرجەم) تۇرغۇزمىغىلى تاس قالدى، شۇنداق بولغاندا، سەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا تۇرالايتتى.
سُنَّةَ مَن قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِن رُّسُلِنَا ۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلًا
77 _ (بۇ) سەندىن ئىلگىرى بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىز ھەققىدىكى قانۇنىيەتتۇر، بىزنىڭ قانۇنىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِدُلُوكِ ٱلشَّمْسِ إِلَىٰ غَسَقِ ٱلَّيْلِ وَقُرْءَانَ ٱلْفَجْرِ ۖ إِنَّ قُرْءَانَ ٱلْفَجْرِ كَانَ مَشْهُودًا
78 _ (ئى پەيغەمبەر!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر (بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا) ناماز ئوقۇغىن [3]. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، شەكسىزكى، بامدات نامىزىغا (كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى) ھازىر بولىدۇ.
وَمِنَ ٱلَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِۦ نَافِلَةً لَّكَ عَسَىٰٓ أَن يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَّحْمُودًا
79 _ ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا ئويغىنىپ، ناماز ئوقۇغىن، رەببىڭنىڭ سېنى «مەدھىيەلىنىدىغان ماقام»غا كۆتۈرىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.
وَقُل رَّبِّ أَدْخِلْنِى مُدْخَلَ صِدْقٍ وَأَخْرِجْنِى مُخْرَجَ صِدْقٍ وَٱجْعَل لِّى مِن لَّدُنكَ سُلْطَـٰنًا نَّصِيرًا
80 _ سەن «ئى رەببىم! مېنى كىرىدىغان يېرىمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، چىقىدىغان يېرىمدىن ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، دەرگاھىڭدىن ماڭا ياردەم بېرىدىغان كۈچ _ قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن.
وَقُلْ جَآءَ ٱلْحَقُّ وَزَهَقَ ٱلْبَـٰطِلُ ۚ إِنَّ ٱلْبَـٰطِلَ كَانَ زَهُوقًا
81 _ «ھەق (دىن) كەلدى، باتىل يوقالدى. چۈنكى باتىل ئەزەلدىن تېز يوقالغۇچىدۇر» دېگىن.
وَنُنَزِّلُ مِنَ ٱلْقُرْءَانِ مَا هُوَ شِفَآءٌ وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِينَ ۙ وَلَا يَزِيدُ ٱلظَّـٰلِمِينَ إِلَّا خَسَارًا
82 _ بىز قۇرئاندىن مۇئمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز. بۇ ئايەتلەر زالىملارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ.
وَإِذَآ أَنْعَمْنَا عَلَى ٱلْإِنسَـٰنِ أَعْرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ ۖ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ كَانَ يَـُٔوسًا
83 _ ئىنسانغا نېمەت بەرگەن چېغىمىزدا، (ئۇ بىزدىن) يۈز ئۆرۈپ يىراقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىرەر زىيان _ زەخمەت يەتسە، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
قُلْ كُلٌّ يَعْمَلُ عَلَىٰ شَاكِلَتِهِۦ فَرَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَنْ هُوَ أَهْدَىٰ سَبِيلًا
84 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى «ھەر ئادەم ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، رەببىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ».
وَيَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلرُّوحِ ۖ قُلِ ٱلرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّى وَمَآ أُوتِيتُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ إِلَّا قَلِيلًا
85 _ ئۇلار سەندىن روھ ھەققىدە سورىشىدۇ. دېگىنكى، «روھ (نىڭ ماھىيىتىنى بىلىش) رەببىمگە خاس ئىشتۇر، سىلەرگە پەقەت ئازغىنە ئىلىم بېرىلگەندۇر».
وَلَئِن شِئْنَا لَنَذْهَبَنَّ بِٱلَّذِىٓ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ بِهِۦ عَلَيْنَا وَكِيلًا
86 _ ئەگەر خالىساق، بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان (قۇرئان)نى ئەلۋەتتە (دىللاردىن) كۆتۈرۈۋېتەتتۇق، ئاندىن (ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن) بىزگە قارشى ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى تاپالمايتتىڭ.
إِلَّا رَحْمَةً مِّن رَّبِّكَ ۚ إِنَّ فَضْلَهُۥ كَانَ عَلَيْكَ كَبِيرًا
87 _ پەقەت رەببىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن (ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى). ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى.
قُل لَّئِنِ ٱجْتَمَعَتِ ٱلْإِنسُ وَٱلْجِنُّ عَلَىٰٓ أَن يَأْتُوا۟ بِمِثْلِ هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانِ لَا يَأْتُونَ بِمِثْلِهِۦ وَلَوْ كَانَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ ظَهِيرًا
88 _ ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار بىلەن جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، بىر _ بىرىگە ياردەمچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ».
وَلَقَدْ صَرَّفْنَا لِلنَّاسِ فِى هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٍ فَأَبَىٰٓ أَكْثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورًا
89 _ شەكسىزكى، بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىساللارنى خىلمۇخىل شەكىلدە بايان قىلدۇق، (شۇنداقتىمۇ) ئىنسانلارنىڭ تولىسى كۇفرىلىقتىن باشقىسىغا ئۇنىمىدى.
وَقَالُوا۟ لَن نُّؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ تَفْجُرَ لَنَا مِنَ ٱلْأَرْضِ يَنۢبُوعًا
90 _ ئۇلار ئېيتتى: «تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغۇچە،
أَوْ تَكُونَ لَكَ جَنَّةٌ مِّن نَّخِيلٍ وَعِنَبٍ فَتُفَجِّرَ ٱلْأَنْهَـٰرَ خِلَـٰلَهَا تَفْجِيرًا
91 _ ياكى سېنىڭ خورما، ئۈزۈملەر ئۆسكەن ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولمىغۇچە،
أَوْ تُسْقِطَ ٱلسَّمَآءَ كَمَا زَعَمْتَ عَلَيْنَا كِسَفًا أَوْ تَأْتِىَ بِٱللَّهِ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ قَبِيلًا
92 _ ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە _ پارچە قىلىپ چۈشۈرمىگۈچە، ياكى (راستچىللىقىڭغا) گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرمىگۈچە،
أَوْ يَكُونَ لَكَ بَيْتٌ مِّن زُخْرُفٍ أَوْ تَرْقَىٰ فِى ٱلسَّمَآءِ وَلَن نُّؤْمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّىٰ تُنَزِّلَ عَلَيْنَا كِتَـٰبًا نَّقْرَؤُهُۥ ۗ قُلْ سُبْحَانَ رَبِّى هَلْ كُنتُ إِلَّا بَشَرًا رَّسُولًا
93 _ ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولمىغۇچە، ياكى سەن ئاسمانغا چىقمىغۇچە بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، تاكى (ئاللاھ تەرىپىدىن سېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز». (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «رەببىم پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن».
وَمَا مَنَعَ ٱلنَّاسَ أَن يُؤْمِنُوٓا۟ إِذْ جَآءَهُمُ ٱلْهُدَىٰٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓا۟ أَبَعَثَ ٱللَّهُ بَشَرًا رَّسُولًا
94 _ (ئىمان ئېيتمىغان) ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا توسالغۇ بولغان نەرسە، پەقەت ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپتىمۇ؟» دېگەنلىكى ئىدى.
قُل لَّوْ كَانَ فِى ٱلْأَرْضِ مَلَـٰٓئِكَةٌ يَمْشُونَ مُطْمَئِنِّينَ لَنَزَّلْنَا عَلَيْهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَلَكًا رَّسُولًا
95 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇ كاپىرلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا يەر يۈزىدە خاتىرجەم مېڭىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق».
قُلْ كَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًۢا بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرًۢا بَصِيرًا
96 _ ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (مېنىڭ راستچىللىقىمغا) گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرى (نىڭ ئەھۋالى)نى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
وَمَن يَهْدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلْمُهْتَدِ ۖ وَمَن يُضْلِلْ فَلَن تَجِدَ لَهُمْ أَوْلِيَآءَ مِن دُونِهِۦ ۖ وَنَحْشُرُهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ عُمْيًا وَبُكْمًا وَصُمًّا ۖ مَّأْوَىٰهُمْ جَهَنَّمُ ۖ كُلَّمَا خَبَتْ زِدْنَـٰهُمْ سَعِيرًا
97 _ ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ھىمايىچىنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى يۈزىچە سۆرەپ، كور، گاچا، گاس ھالىتىدە يىغىمىز. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، ھەرقاچان (جەھەننەمنىڭ ئوتى) پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا ئوتنىڭ يالقۇنىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز.
ذَٰلِكَ جَزَآؤُهُم بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا وَقَالُوٓا۟ أَءِذَا كُنَّا عِظَـٰمًا وَرُفَـٰتًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ خَلْقًا جَدِيدًا
98 _ مانا بۇ ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە «بىز چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستتىنلا يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر.
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ وَجَعَلَ لَهُمْ أَجَلًا لَّا رَيْبَ فِيهِ فَأَبَى ٱلظَّـٰلِمُونَ إِلَّا كُفُورًا
99 _ ئۇلار ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن چوقۇم كېلىدىغان مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، (ھەقىقەت شۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ، ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار كۇفرىدىن باشقىسىغا ئۇنىمايدۇ.
قُل لَّوْ أَنتُمْ تَمْلِكُونَ خَزَآئِنَ رَحْمَةِ رَبِّىٓ إِذًا لَّأَمْسَكْتُمْ خَشْيَةَ ٱلْإِنفَاقِ ۚ وَكَانَ ٱلْإِنسَـٰنُ قَتُورًا
100 _ ئېيتقىنكى، «رەببىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى ئەگەر سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇنى چىقىم (قىلىش بىلەن تۈگەپ كېتىشى)دىن قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان ئەزەلدىن بېخىلدۇر».
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَىٰ تِسْعَ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ ۖ فَسْـَٔلْ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ إِذْ جَآءَهُمْ فَقَالَ لَهُۥ فِرْعَوْنُ إِنِّى لَأَظُنُّكَ يَـٰمُوسَىٰ مَسْحُورًا
101 _ بىز مۇساغا ناھايىتى روشەن توققۇز مۆجىزە ئاتا قىلغان ئىدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن، مۇسا (پەيغەمبەر بولۇپ) ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلگەن چاغدا، پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! مەن سېنى چوقۇم سېھىرلەنگەن دەپ ئويلايمەن» دېدى.
قَالَ لَقَدْ عَلِمْتَ مَآ أَنزَلَ هَـٰٓؤُلَآءِ إِلَّا رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ بَصَآئِرَ وَإِنِّى لَأَظُنُّكَ يَـٰفِرْعَوْنُ مَثْبُورًا
102 _ مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇ مۆجىزىلەرنى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى (بولغان ئاللاھ مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە) دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى سەن ئەلۋەتتە، ئوبدان بىلىسەن، ئى پىرئەۋن! مەن سېنى چوقۇم ھالاك بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.
فَأَرَادَ أَن يَسْتَفِزَّهُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ فَأَغْرَقْنَـٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ جَمِيعًا
103 _ پىرئەۋن ئۇلارنى (مىسىر) زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولۇۋىدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
وَقُلْنَا مِنۢ بَعْدِهِۦ لِبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱسْكُنُوا۟ ٱلْأَرْضَ فَإِذَا جَآءَ وَعْدُ ٱلْـَٔاخِرَةِ جِئْنَا بِكُمْ لَفِيفًا
104 _ پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «(مىسىر) زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى (بولغان قىيامەت) كەلگەن چاغدا سىلەرنى ئارىلاش توپلاپ ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق.
وَبِٱلْحَقِّ أَنزَلْنَـٰهُ وَبِٱلْحَقِّ نَزَلَ ۗ وَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ إِلَّا مُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
105 _ بىز قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، بىز سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق.
وَقُرْءَانًا فَرَقْنَـٰهُ لِتَقْرَأَهُۥ عَلَى ٱلنَّاسِ عَلَىٰ مُكْثٍ وَنَزَّلْنَـٰهُ تَنزِيلًا
106 _ (ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ قۇرئاننى كىشىلەرگە توختاپ _ توختاپ ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، بىز ئۇنى بۆلەكلەرگە بۆلدۇق ۋە تەدرىجىي نازىل قىلدۇق.
قُلْ ءَامِنُوا۟ بِهِۦٓ أَوْ لَا تُؤْمِنُوٓا۟ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْعِلْمَ مِن قَبْلِهِۦٓ إِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ يَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ سُجَّدًا
107 _ ئېيتقىنكى، «(ئى مۇشرىكلار! مەيلى قۇرئانغا) ئىمان ئېيتىڭلار ياكى ئىمان ئېيتماڭلار، ھەقىقەت شۇكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلىم بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە (بۇ قۇرئان) تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار (ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ.
وَيَقُولُونَ سُبْحَـٰنَ رَبِّنَآ إِن كَانَ وَعْدُ رَبِّنَا لَمَفْعُولًا
108 _ ئۇلار: ‹رەببىمىز پاكتۇر، رەببىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ› دەيدۇ.
وَيَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ يَبْكُونَ وَيَزِيدُهُمْ خُشُوعًا ۩
109 _ ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ سەجدىگە باش قويىدۇ، (قۇرئاننى ئاڭلاش) ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ».
قُلِ ٱدْعُوا۟ ٱللَّهَ أَوِ ٱدْعُوا۟ ٱلرَّحْمَـٰنَ ۖ أَيًّا مَّا تَدْعُوا۟ فَلَهُ ٱلْأَسْمَآءُ ٱلْحُسْنَىٰ ۚ وَلَا تَجْهَرْ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتْ بِهَا وَٱبْتَغِ بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
110 _ (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا): «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ، قايسىسىنى ئاتىساڭلار بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ (نۇرغۇن) گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا ئاۋازىڭنى بەك يۇقىرىمۇ قىلمىغىن، بەك تۆۋەنمۇ قىلمىغىن. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن.
وَقُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى لَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٌ فِى ٱلْمُلْكِ وَلَمْ يَكُن لَّهُۥ وَلِىٌّ مِّنَ ٱلذُّلِّ ۖ وَكَبِّرْهُ تَكْبِيرًۢا
111 _ (ئى پەيغەمبەر!) «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، ئىلاھلىقىدا شېرىكى بولمىغان، ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بىرەر دوستقا موھتاج بولمىغان ئاللاھقا خاستۇر!» دېگىن ۋە ئاللاھنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن.