قارىئە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 11 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: قىيامەت كۈنىدە بولىدىغان قورقۇنچلىق ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىنسانلارنى غەپلەتتىن ئويغىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

ٱلْقَارِعَةُ
1 _ (يۈرەكلەرگە) دەھشەت سالغۇچى،
مَا ٱلْقَارِعَةُ
2 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇ دەھشەت سالغۇچى نېمە؟
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْقَارِعَةُ
3 _ ئۇ دەھشەت سالغۇچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن نەدىن بىلىسەن؟
يَوْمَ يَكُونُ ٱلنَّاسُ كَٱلْفَرَاشِ ٱلْمَبْثُوثِ
4 _ (ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر) شۇ كۈندە ئىنسانلار تارقىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ قالىدۇ.
وَتَكُونُ ٱلْجِبَالُ كَٱلْعِهْنِ ٱلْمَنفُوشِ
5 _ تاغلار ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ.
فَأَمَّا مَن ثَقُلَتْ مَوَٰزِينُهُۥ (6) فَهُوَ فِى عِيشَةٍ رَّاضِيَةٍ (7)
6 _ 7_ ياخشى ئەمەلى ئېغىر كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ.
وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَٰزِينُهُۥ (8) فَأُمُّهُۥ هَاوِيَةٌ (9)
8 _ 9_ ياخشى ئەمەلى يېنىك كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا هِيَهْ
10 _ ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
نَارٌ حَامِيَةٌۢ
11 _ ئۇ قىزىق ئوتتۇر.