ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام دەۋىتىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابقا ۋە خارلىققا مەھكۇم بولىدىغانلىقى، خۇسۇسەن، ئەبۇ لەھەب بىلەن ئايالىنىڭ دوزاختىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
تَبَّتْ يَدَآ أَبِى لَهَبٍ وَتَبَّ
1 _ ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى (ئۆزى) ھالاك بولسۇن! (ئەمەلىيەتتە) ئۇ ھالاك بولدى.
مَآ أَغْنَىٰ عَنْهُ مَالُهُۥ وَمَا كَسَبَ
2 _ ئۇنىڭغا مال _ مۈلۈكى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى.
سَيَصْلَىٰ نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ
3 _ ئۇ ئۇزاققا قالماي لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ.
وَٱمْرَأَتُهُۥ حَمَّالَةَ ٱلْحَطَبِ (4) فِى جِيدِهَا حَبْلٌ مِّن مَّسَدٍۭ (5)
4 _ 5_ ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئوتۇن يۈدۈگەن، بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولغان ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا) كىرىدۇ
مەسەد سۈرىسى