ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق دەۋەتچىلەرنىڭ ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈش يولىدىكى چىدامچانلىقىنى، سەۋرچانلىقىنى ۋە ئۇلۇغۋار جىھادلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
إِنَّآ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِۦٓ أَنْ أَنذِرْ قَوْمَكَ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
1 _ شەكسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قىينىغۇچى ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق.
قَالَ يَـٰقَوْمِ إِنِّى لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
2 _ نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! شەكسىزكى، مەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
أَنِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ
3 _ (مەن شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
يَغْفِرْ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ إِذَا جَآءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
4 _ (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجىلىڭلارغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ بېكىتكەن ئەجەل كەلگەن چاغدا (ئۇ ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر سىلەر (بۇ ھەقىقەتنى) بىلگەن بولساڭلار (تائەت-ئىبادەتكە ئالدىرىغان بولاتتىڭلار).
قَالَ رَبِّ إِنِّى دَعَوْتُ قَوْمِى لَيْلًا وَنَهَارًا
5 _ نۇھ يەنە ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە _ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم.
فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَآءِىٓ إِلَّا فِرَارًا
6 _ مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچىدىغان قىلىۋەتتى.
وَإِنِّى كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوٓا۟ أَصَـٰبِعَهُمْ فِىٓ ءَاذَانِهِمْ وَٱسْتَغْشَوْا۟ ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا۟ وَٱسْتَكْبَرُوا۟ ٱسْتِكْبَارًا
7 _ مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، (مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، (كۇفرىدا) چىڭ تۇرۇۋالدى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى.
ثُمَّ إِنِّى دَعَوْتُهُمْ جِهَارًا
8 _ ئاندىن مەن ئۇلارنى ئۈنلۈك دەۋەت قىلدىم.
ثُمَّ إِنِّىٓ أَعْلَنتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًا
9 _ ئاندىن مەن ئۇلارنى ھەم ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم.
فَقُلْتُ ٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ إِنَّهُۥ كَانَ غَفَّارًا
10 _ (ئۇلارغا) ئېيتتىم: <رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
يُرْسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيْكُم مِّدْرَارًا
11 _ (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ،
وَيُمْدِدْكُم بِأَمْوَٰلٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَل لَّكُمْ جَنَّـٰتٍ وَيَجْعَل لَّكُمْ أَنْهَـٰرًا
12 _ سىلەرنىڭ مال _ مۈلۈكۈڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ.
مَّا لَكُمْ لَا تَرْجُونَ لِلَّهِ وَقَارًا
13 _ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمەنمەيسىلەر؟
وَقَدْ خَلَقَكُمْ أَطْوَارًا
14 _ ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ ياراتتى.
أَلَمْ تَرَوْا۟ كَيْفَ خَلَقَ ٱللَّهُ سَبْعَ سَمَـٰوَٰتٍ طِبَاقًا
15 _ سىلەر ئاللاھنىڭ يەتتە ئاسماننى قەۋەت _ قەۋەت قىلىپ قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
وَجَعَلَ ٱلْقَمَرَ فِيهِنَّ نُورًا وَجَعَلَ ٱلشَّمْسَ سِرَاجًا
16 _ ئاللاھ ئاسمانلاردا ئاينى نۇر قىلدى، كۈننى (نۇر چاچقۇچى) چىراغ قىلدى.
وَٱللَّهُ أَنۢبَتَكُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ نَبَاتًا
17 _ ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئەسلىڭلارنى) زېمىندىن ياراتتى.
ثُمَّ يُعِيدُكُمْ فِيهَا وَيُخْرِجُكُمْ إِخْرَاجًا
18 _ ئاندىن سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىدۇ، ئاندىن سىلەرنى (قىيامەت كۈنى) زېمىندىن چىقىرىدۇ.
وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ بِسَاطًا (19) لِّتَسْلُكُوا۟ مِنْهَا سُبُلًا فِجَاجًا (20)
19 _ 20 _ سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە يەر يۈزىنى يېيىپ بەردى>».
قَالَ نُوحٌ رَّبِّ إِنَّهُمْ عَصَوْنِى وَٱتَّبَعُوا۟ مَن لَّمْ يَزِدْهُ مَالُهُۥ وَوَلَدُهُۥٓ إِلَّا خَسَارًا
21 _ نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، پۇل _ مېلى ۋە بالىچاقىلىرى ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئەگەشتى.
وَمَكَرُوا۟ مَكْرًا كُبَّارًا
22 _ ئۇلار (ئەگەشكۈچىلىرىگە) چوڭ ھىيلە _ مىكىر ئىشلەتتى.
وَقَالُوا۟ لَا تَذَرُنَّ ءَالِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا
23 _ ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تاشلىماڭلار، بولۇپمۇ ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسر قاتارلىق بۇتلىرىڭلاردىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭلار› دېدى.
وَقَدْ أَضَلُّوا۟ كَثِيرًا ۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّـٰلِمِينَ إِلَّا ضَلَـٰلًا
24 _ ئۇلار شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەقىقەتەن ئازدۇردى. (ئى رەببىم!) بۇ زالىملارغا پەقەت ئازغۇنلۇقنىلا زىيادە قىلغىن».
مِّمَّا خَطِيٓـَٔـٰتِهِمْ أُغْرِقُوا۟ فَأُدْخِلُوا۟ نَارًا فَلَمْ يَجِدُوا۟ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَنصَارًا
25 _ ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىندى، (ئاخىرەتتە بولسا) دوزاخقا كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى تاپالمايدۇ.
وَقَالَ نُوحٌ رَّبِّ لَا تَذَرْ عَلَى ٱلْأَرْضِ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ دَيَّارًا
26 _ نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن.
إِنَّكَ إِن تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا۟ عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوٓا۟ إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا
27 _ چۈنكى ئەگەر سەن ئۇلارنى ھايات قالدۇرساڭ، شەكسىزكى، ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، بۇزغۇنچى كاپىر بالىلارنىلا يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.
رَّبِّ ٱغْفِرْ لِى وَلِوَٰلِدَىَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيْتِىَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّـٰلِمِينَ إِلَّا تَبَارًۢا
28 _ ئى رەببىم! ماڭا، ئاتا _ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە ئىمان ئېيتىپ كىرگەنلەرگە ۋە (بارلىق) مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلغىن».
نۇھ سۈرىسى