ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: دىننى ۋە مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئاخىرەتنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
وَيْلٌ لِّكُلِّ هُمَزَةٍ لُّمَزَةٍ
1 _ ھەربىر كەمسىتكۈچى، غەيۋەتخور قاتتىق ئازابقا دۇچار بولسۇن!
ٱلَّذِى جَمَعَ مَالًا وَعَدَّدَهُۥ
2 _ ئۇ پۇل _ مال توپلاش ۋە ئۇنى ساناش بىلەنلا بولۇپ كەتتى.
يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُۥٓ أَخْلَدَهُۥ
3 _ ئۇ پۇل _ مېلىم مېنى مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
كَلَّا ۖ لَيُنۢبَذَنَّ فِى ٱلْحُطَمَةِ
4 _ ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇ ئويلىغاندەك بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْحُطَمَةُ
5_ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ھۇتەمەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
نَارُ ٱللَّهِ ٱلْمُوقَدَةُ (6) ٱلَّتِى تَطَّلِعُ عَلَى ٱلْأَفْـِٔدَةِ (7)
6 _ 7_ ئۇ ئاللاھنىڭ (ئەمرى بىلەن) قىزىتىلغان، (ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) يۈرەكلەرگە ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوتتۇر.
إِنَّهَا عَلَيْهِم مُّؤْصَدَةٌ (8) فِى عَمَدٍ مُّمَدَّدَةٍۭ (9)
8 _ 9_ ئۇلار چوقۇم ئۇزۇن دەملەر بىلەن تاقىلىدىغان دوزاخقا سولىنىدۇ.
ھۇمەزە سۈرىسى