تۇر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 49 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام دىنىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا قارشى دەلىل _ پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شەك _ شۈبھىلىرىنى بىتچىت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 

وَٱلطُّورِ
1 _ تۇر تېغى بىلەن،
وَكِتَـٰبٍ مَّسْطُورٍ (2) فِى رَقٍّ مَّنشُورٍ (3)
2 _ 3_ يېيىلغان تېرە قەغەزگە پۈتۈلگەن كىتاب بىلەن،
وَٱلْبَيْتِ ٱلْمَعْمُورِ
4 _ بەيتۇلمەئمۇر [1] بىلەن،
وَٱلسَّقْفِ ٱلْمَرْفُوعِ
5 _ ئاسمان بىلەن،
وَٱلْبَحْرِ ٱلْمَسْجُورِ
6 _ ئوت بولۇپ يانىدىغان دېڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ لَوَٰقِعٌ
7 _ رەببىڭنىڭ ئازابى چوقۇم چۈشكۈچىدۇر.
مَّا لَهُۥ مِن دَافِعٍ
8 _ ئۇنى ھېچقانداق توسۇپ قالغۇچى يوقتۇر.
يَوْمَ تَمُورُ ٱلسَّمَآءُ مَوْرًا
9 _ ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ.
وَتَسِيرُ ٱلْجِبَالُ سَيْرًا
10 _ تاغلار سۈرۈلۈپ يۈرۈپ كېتىدۇ (توزۇپ يوقىلىدۇ).
فَوَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ (11) ٱلَّذِينَ هُمْ فِى خَوْضٍ يَلْعَبُونَ (12)
11 _ 12_ غەپلەتكە چۆمۈپ ئويناپ يۈرىدىغان كاپىرلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
يَوْمَ يُدَعُّونَ إِلَىٰ نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا
13 _ ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.
هَـٰذِهِ ٱلنَّارُ ٱلَّتِى كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ (14) أَفَسِحْرٌ هَـٰذَآ أَمْ أَنتُمْ لَا تُبْصِرُونَ (15)
14 _ 15_ (ئۇلارغا): «مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن دوزاختۇر. بۇ سېھىرمىكەن؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
ٱصْلَوْهَا فَٱصْبِرُوٓا۟ أَوْ لَا تَصْبِرُوا۟ سَوَآءٌ عَلَيْكُمْ ۖ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
16 _ سىلەر دوزاخقا كىرىڭلار! (سىلەر بۇنىڭغا) چىدامسىلەر ياكى چىدىمامسىلەر، سىلەرگە بەرىبىر ئوخشاشتۇر. سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ).
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى جَنَّـٰتٍ وَنَعِيمٍ (17) فَـٰكِهِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمْ رَبُّهُمْ وَوَقَىٰهُمْ رَبُّهُمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ (18)
17 _ 18_ شەكسىزكى، تەقۋادارلار رەببى ئاتا قىلغان نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلانغان ھالدا، جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ، رەببى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ.
كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
19 _ (ئۇلارغا): «قىلغان ئەمەللىرىڭلار (نىڭ مۇكاپاتى) ئۈچۈن سىڭىشلىك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ سُرُرٍ مَّصْفُوفَةٍ ۖ وَزَوَّجْنَـٰهُم بِحُورٍ عِينٍ
20 _ ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، بىز شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَٱتَّبَعَتْهُمْ ذُرِّيَّتُهُم بِإِيمَـٰنٍ أَلْحَقْنَا بِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَمَآ أَلَتْنَـٰهُم مِّنْ عَمَلِهِم مِّن شَىْءٍ ۚ كُلُّ ٱمْرِئٍۭ بِمَا كَسَبَ رَهِينٌ
21 _ ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئىمان ئېيتىپ ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى (جەننەتتە) ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن رەنىگە ئېلىنغاندۇر.
وَأَمْدَدْنَـٰهُم بِفَـٰكِهَةٍ وَلَحْمٍ مِّمَّا يَشْتَهُونَ
22 _ (ئۇلار ھۇزۇرلىنىۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە) يەنە ئۇلارنى كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز.
يَتَنَـٰزَعُونَ فِيهَا كَأْسًا لَّا لَغْوٌ فِيهَا وَلَا تَأْثِيمٌ
23 _ ئۇلار جەننەتتە بىر _ بىرىگە بىھۇدە سۆزلەتمەيدىغان ۋە گۇناھقا سەۋەب بولمايدىغان (شاراب تولدۇرۇلغان) جاملارنى سۇنۇشىدۇ.
وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ غِلْمَانٌ لَّهُمْ كَأَنَّهُمْ لُؤْلُؤٌ مَّكْنُونٌ
24 _ ئۇلارنىڭ سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتتەك (كۆرۈنىدىغان) ياش مۇلازىملىرى (خىزمەت قىلىش بىلەن) ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَآءَلُونَ
25 _ (جەننەتتىكىلەر) بىر _ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ.
قَالُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا قَبْلُ فِىٓ أَهْلِنَا مُشْفِقِينَ
26 _ ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكى چاغدا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق.
فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيْنَا وَوَقَىٰنَا عَذَابَ ٱلسَّمُومِ
27 _ مانا ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى (تېنىمىزنىڭ ئىچىگە) ئۆتۈپ كېتىدىغان قاتتىق ئازابتىن ساقلىدى.
إِنَّا كُنَّا مِن قَبْلُ نَدْعُوهُ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْبَرُّ ٱلرَّحِيمُ
28 _ چۈنكى بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى (دۇنيادا شۇ ئازابتىن پاناھ تىلەپ) ئاللاھقا دۇئا قىلاتتۇق. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
فَذَكِّرْ فَمَآ أَنتَ بِنِعْمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٍ وَلَا مَجْنُونٍ
29 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن. سەن رەببىڭنىڭ رەھمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەس ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن.
أَمْ يَقُولُونَ شَاعِرٌ نَّتَرَبَّصُ بِهِۦ رَيْبَ ٱلْمَنُونِ
30 _ ئۇلار تېخى «ئۇ (مۇھەممەد بولسا) بىر شائىردۇر، بىز ئۇنىڭغا ئۆلۈم كېلىشىنى كۈتىمىز» دەۋاتامدۇ؟
قُلْ تَرَبَّصُوا۟ فَإِنِّى مَعَكُم مِّنَ ٱلْمُتَرَبِّصِينَ
31 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە (سىلەرگە چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن».
أَمْ تَأْمُرُهُمْ أَحْلَـٰمُهُم بِهَـٰذَآ ۚ أَمْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ
32 _ ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆزنى) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ بەلكى ئۇلار ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر.
أَمْ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُۥ ۚ بَل لَّا يُؤْمِنُونَ
33 _ ئۇلار: «قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى توقۇپ چىقتى» دېيىشەمدۇ؟ بەلكى ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ.
فَلْيَأْتُوا۟ بِحَدِيثٍ مِّثْلِهِۦٓ إِن كَانُوا۟ صَـٰدِقِينَ
34 _ ئەگەر ئۇلار (سۆزىدە) راستچىل بولسا، قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ باقسۇن.
أَمْ خُلِقُوا۟ مِنْ غَيْرِ شَىْءٍ أَمْ هُمُ ٱلْخَـٰلِقُونَ
35 _ ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار (ئۆزلىرى) ياراتقۇچىمۇ؟
أَمْ خَلَقُوا۟ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ ۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ
36 _ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ.
أَمْ عِندَهُمْ خَزَآئِنُ رَبِّكَ أَمْ هُمُ ٱلْمُصَۣيْطِرُونَ
37 _ رەببىنىڭ خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ قولىدىمىكەن ياكى ئۇلار (كائىناتقا) ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىمىكەن؟
أَمْ لَهُمْ سُلَّمٌ يَسْتَمِعُونَ فِيهِ ۖ فَلْيَأْتِ مُسْتَمِعُهُم بِسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
38 _ ياكى ئۇلارنىڭ سۆز تىڭشاش ئۈچۈن (ئاسمانغا چىقىدىغان) شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز تىڭشىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىت كەلتۈرسۇن.
أَمْ لَهُ ٱلْبَنَـٰتُ وَلَكُمُ ٱلْبَنُونَ
39 _ قىزلار ئاللاھنىڭ، ئوغۇللار سىلەرنىڭمۇ؟
أَمْ تَسْـَٔلُهُمْ أَجْرًا فَهُم مِّن مَّغْرَمٍ مُّثْقَلُونَ
40 _ ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق تەلەپ قىلىپ، قەرزدارچىلىقتىن ئۇلارنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىپتىمۇ؟
أَمْ عِندَهُمُ ٱلْغَيْبُ فَهُمْ يَكْتُبُونَ
41 _ ياكى ئۇلاردا غەيىبنىڭ ئىلىمى بولۇپ، ئۇلار ئۇنى (كۆچۈرۈپ) يازامدىكەن؟
أَمْ يُرِيدُونَ كَيْدًا ۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ هُمُ ٱلْمَكِيدُونَ
42 _ ئۇلار تېخى (ساڭا) تۇزاق قۇرماقچى بولۇۋاتامدۇ؟ ئەسلى تۇزاققا چۈشىدىغانلار كاپىرلارنىڭ ئۆزىدۇر.
أَمْ لَهُمْ إِلَـٰهٌ غَيْرُ ٱللَّهِ ۚ سُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ
43 _ ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى بارمىكەن؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر.
وَإِن يَرَوْا۟ كِسْفًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ سَاقِطًا يَقُولُوا۟ سَحَابٌ مَّرْكُومٌ
44 _ ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ (ئۆزلىرىگە ئازاب بولۇپ) چۈشۈۋاتقان بىرەر پارچىسىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ.
فَذَرْهُمْ حَتَّىٰ يُلَـٰقُوا۟ يَوْمَهُمُ ٱلَّذِى فِيهِ يُصْعَقُونَ
45 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى ھالاك قىلىنىدىغان كۈنگە ئۇچراشقانغا قەدەر ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگىن.
يَوْمَ لَا يُغْنِى عَنْهُمْ كَيْدُهُمْ شَيْـًٔا وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
46 _ ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.
وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ عَذَابًا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
47 _ ئۇ زالىملارغا قىيامەتتىن بۇرۇن (بۇ دۇنيادا) چوقۇم ئازاب بار، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَٱصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعْيُنِنَا ۖ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
48 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن رەببىڭنىڭ (ئازابنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىسەن (يەنى ھىمايىمىزدىسەن)، ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا رەببىڭنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
وَمِنَ ٱلَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَإِدْبَـٰرَ ٱلنُّجُومِ
49 _ كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ۋە يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنكى ۋاقىتتىمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.