ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ۋە كاپىرلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» توغرىسىدىكى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىش ھەققىدىكى شەك _ شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى 21 _ ئايەتتە كەلگەن «الأحقاف» دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئەھقاف ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا ئۆتكەن ئاد قەۋمىنىڭ دىيارىدۇر.
حمٓ
1 _ ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَكِيمِ
2 _ (بۇ) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.
مَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَأَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَمَّآ أُنذِرُوا۟ مُعْرِضُونَ
3 _ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن مۇئەييەن بىر مۇددەتكىچە (داۋام قىلىدىغان قىلىپ) ياراتتۇق. كاپىرلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.
قُلْ أَرَءَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَرُونِى مَاذَا خَلَقُوا۟ مِنَ ٱلْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ ۖ ٱئْتُونِى بِكِتَـٰبٍ مِّن قَبْلِ هَـٰذَآ أَوْ أَثَـٰرَةٍ مِّنْ عِلْمٍ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
4 _ (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار (نىڭ نېمە قىلغانلىقى)نى ئېيتىپ بېرىڭلار، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلارچۇ، ئۇلار زېمىننىڭ قايسى بۆلىكىنى يارىتىپتىكەن؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە يارىتىپتىكەنمۇ؟ ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرنى قوللاپ نازىل قىلىنغان) بىرەر كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان بىرەر ئىلىم بولسا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار».
وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُۥٓ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ وَهُمْ عَن دُعَآئِهِمْ غَـٰفِلُونَ
5 _ ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگىچىلىك ئۇلارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ دۇئا قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىزدۇر.
وَإِذَا حُشِرَ ٱلنَّاسُ كَانُوا۟ لَهُمْ أَعْدَآءً وَكَانُوا۟ بِعِبَادَتِهِمْ كَـٰفِرِينَ
6 _ ئىنسانلار (قىيامەت مەيدانىغا) توپلانغان چاغدا، ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا دۈشمەن بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ چوقۇنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلْحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمْ هَـٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ
7 _ ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، كاپىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق (قۇرئان)نى: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيدۇ.
أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ ۖ قُلْ إِنِ ٱفْتَرَيْتُهُۥ فَلَا تَمْلِكُونَ لِى مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِ ۖ كَفَىٰ بِهِۦ شَهِيدًۢا بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ ۖ وَهُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
8 _ ياكى ئۇلار (مۇھەممەد) ئۇنى ئۆزى توقۇپ چىقتى دېيىشەمدۇ؟ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھتىن (كېلىدىغان ئازابنىڭ) ھېچبىرىنى توسۇپ قالالمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
قُلْ مَا كُنتُ بِدْعًا مِّنَ ٱلرُّسُلِ وَمَآ أَدْرِى مَا يُفْعَلُ بِى وَلَا بِكُمْ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَىَّ وَمَآ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ
9 _ ئېيتقىنكى، «مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِن كَانَ مِنْ عِندِ ٱللَّهِ وَكَفَرْتُم بِهِۦ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِّنۢ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ مِثْلِهِۦ فَـَٔامَنَ وَٱسْتَكْبَرْتُمْ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
10 _ ئېيتقىنكى، «سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ، بۇ (قۇرئان) ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن تۇرسا، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان ئېيتقان تۇرسا، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (سىلەر ئوپئوچۇق ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغان بولمامسىلەر؟). شەكسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَوْ كَانَ خَيْرًا مَّا سَبَقُونَآ إِلَيْهِ ۚ وَإِذْ لَمْ يَهْتَدُوا۟ بِهِۦ فَسَيَقُولُونَ هَـٰذَآ إِفْكٌ قَدِيمٌ
11 _ كاپىرلار ئىمان ئېيتقانلارغا قارىتا: «ئەگەر (بۇ قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش) ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا (ئىمان ئېيتىشتا) ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتمىگەن بولاتتى» دېدى. ئۇلار ئۇ (قۇرئان) بىلەن ھىدايەت تاپمىغانلىقى ئۈچۈن، «بۇ قەدىمىي ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ.
وَمِن قَبْلِهِۦ كِتَـٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ وَهَـٰذَا كِتَـٰبٌ مُّصَدِّقٌ لِّسَانًا عَرَبِيًّا لِّيُنذِرَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ وَبُشْرَىٰ لِلْمُحْسِنِينَ
12 _ قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن كىتاب (تەۋرات) يېتەكچى ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ (قۇرئان) ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى) تەستىقلغۇچىدۇر، زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش، (ئەمەل _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن (نازىل قىلىنغاندۇر).
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُوا۟ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسْتَقَـٰمُوا۟ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
13 _ «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توپتوغرا يولدا بولغانلارغا شەكسىزكى، (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَنَّةِ خَـٰلِدِينَ فِيهَا جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
14 _ ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.
وَوَصَّيْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ بِوَٰلِدَيْهِ إِحْسَـٰنًا ۖ حَمَلَتْهُ أُمُّهُۥ كُرْهًا وَوَضَعَتْهُ كُرْهًا ۖ وَحَمْلُهُۥ وَفِصَـٰلُهُۥ ثَلَـٰثُونَ شَهْرًا ۚ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَبَلَغَ أَرْبَعِينَ سَنَةً قَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِىٓ أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتَ عَلَىَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَىَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَـٰلِحًا تَرْضَىٰهُ وَأَصْلِحْ لِى فِى ذُرِّيَّتِىٓ ۖ إِنِّى تُبْتُ إِلَيْكَ وَإِنِّى مِنَ ٱلْمُسْلِمِينَ
15 _ بىز ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا (قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىق خىزمەتلەرنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى ئوتتۇز ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ _ قۇۋۋەتكە تولۇپ، قىرىق ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «ئى رەببىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا _ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشىمنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن ئەۋلادلىرىمنى تۈزىگىن (يەنى ياخشى كىشىلەردىن قىلىپ بەرگىن)، مەن راستتىنلا ساڭا تەۋبە قىلدىم، شەكسىزكى، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دەيدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنْهُمْ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا۟ وَنَتَجَاوَزُ عَن سَيِّـَٔاتِهِمْ فِىٓ أَصْحَـٰبِ ٱلْجَنَّةِ ۖ وَعْدَ ٱلصِّدْقِ ٱلَّذِى كَانُوا۟ يُوعَدُونَ
16 _ ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئەمەللىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز. ئۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، بۇ ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر.
وَٱلَّذِى قَالَ لِوَٰلِدَيْهِ أُفٍّ لَّكُمَآ أَتَعِدَانِنِىٓ أَنْ أُخْرَجَ وَقَدْ خَلَتِ ٱلْقُرُونُ مِن قَبْلِى وَهُمَا يَسْتَغِيثَانِ ٱللَّهَ وَيْلَكَ ءَامِنْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ فَيَقُولُ مَا هَـٰذَآ إِلَّآ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ (17) أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ ٱلْقَوْلُ فِىٓ أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِم مِّنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ خَـٰسِرِينَ (18)
17 _ 18 _ بەزىلەر (ئۆزىنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان) ئاتا _ ئانىسىغا: «ۋاي _ ۋۇي! سىلەر مېنى (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ قەبرەڭدىن) چىقىرىلىسەن دەپ قورقۇتۇۋاتامسىلەر؟ مەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئىنسانلار ئۆتتى (ئۇلاردىن كىم تىرىلىپتۇ؟)» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ، (ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى) تىلەپ، (ئۇنىڭغا): «ئىسىت ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەلۋەتتە ھەقتۇر» دېگەندە، ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋۋالقىلاردىن قالغان بىر ئەپسانىدۇر» دەيدۇ. ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىدا (ئاللاھنىڭ ئازابلايدىغانلىقى ھەققىدىكى) ھۆكمى تېگىشلىك بولدى. ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
وَلِكُلٍّ دَرَجَـٰتٌ مِّمَّا عَمِلُوا۟ ۖ وَلِيُوَفِّيَهُمْ أَعْمَـٰلَهُمْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
19 _ ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى (نىڭ مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى) ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلماستىن تولۇق بېرىشى ئۈچۈندۇر.
وَيَوْمَ يُعْرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَلَى ٱلنَّارِ أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَـٰتِكُمْ فِى حَيَاتِكُمُ ٱلدُّنْيَا وَٱسْتَمْتَعْتُم بِهَا فَٱلْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ ٱلْهُونِ بِمَا كُنتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَبِمَا كُنتُمْ تَفْسُقُونَ
20 _ كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا دېيىلىدۇكى): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا بەھرىمەن بولۇپ تۈگىتىپ بولدۇڭلار. سىلەر يەر يۈزىدە ئورۇنسىز چوڭچىلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر».
وَٱذْكُرْ أَخَا عَادٍ إِذْ أَنذَرَ قَوْمَهُۥ بِٱلْأَحْقَافِ وَقَدْ خَلَتِ ٱلنُّذُرُ مِنۢ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِۦٓ أَلَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّا ٱللَّهَ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
21 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاد قەۋمىنىڭ قېرىندىشى (ھۇد)نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر)دىكى قەۋمنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن ئىدى. (ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ): «سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن راستتىنلا سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېگەن ئىدى.
قَالُوٓا۟ أَجِئْتَنَا لِتَأْفِكَنَا عَنْ ءَالِهَتِنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
22 _ ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بىزگە بىزنى قورقۇتۇۋاتقان (شۇ) ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.
قَالَ إِنَّمَا ٱلْعِلْمُ عِندَ ٱللَّهِ وَأُبَلِّغُكُم مَّآ أُرْسِلْتُ بِهِۦ وَلَـٰكِنِّىٓ أَرَىٰكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
23 _ ھۇد: «(ئازابنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى) مەلۇمات پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن سىلەرگە پەقەت ماڭا كەلگەن ۋەھيىنىلا يەتكۈزىمەن. ئەمما مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى نادان قەۋم دەپ قارايمەن» دېدى.
فَلَمَّا رَأَوْهُ عَارِضًا مُّسْتَقْبِلَ أَوْدِيَتِهِمْ قَالُوا۟ هَـٰذَا عَارِضٌ مُّمْطِرُنَا ۚ بَلْ هُوَ مَا ٱسْتَعْجَلْتُم بِهِۦ ۖ رِيحٌ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
24 _ ئۇلار (ئازابنى كۆتۈرۈپ كەلگەن) بۇلۇتنى ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسى تەرەپكە سۈرۈلۈۋاتقان ھالدا كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ئېلىپ كېلىدىغان بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر تېزرەك كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ ئىچىدە قىينىغۇچى ئازاب بولغان بوراندۇر.
تُدَمِّرُ كُلَّ شَىْءٍۭ بِأَمْرِ رَبِّهَا فَأَصْبَحُوا۟ لَا يُرَىٰٓ إِلَّا مَسَـٰكِنُهُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْقَوْمَ ٱلْمُجْرِمِينَ
25 _ ئۇ (بوران) رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىدۇ». شۇنىڭ بىلەن (ئۇلار ھالاك بولۇپ، ئۇ يەردە) ئۇلارنىڭ (خارابىگە ئايلانغان) ئۆي _ ماكانلىرىدىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
وَلَقَدْ مَكَّنَّـٰهُمْ فِيمَآ إِن مَّكَّنَّـٰكُمْ فِيهِ وَجَعَلْنَا لَهُمْ سَمْعًا وَأَبْصَـٰرًا وَأَفْـِٔدَةً فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُمْ سَمْعُهُمْ وَلَآ أَبْصَـٰرُهُمْ وَلَآ أَفْـِٔدَتُهُم مِّن شَىْءٍ إِذْ كَانُوا۟ يَجْحَدُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
26 _ شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى سىلەرگە بەرمىگەن(كۈچ _ قۇۋۋەت ۋە بايلىق قاتارلىق) نەرسىلەرگە ئىگە قىلغان ئىدۇق. ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى ئاتا قىلغان ئىدۇق. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە قەلبلىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى. ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىۋالدى.
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا مَا حَوْلَكُم مِّنَ ٱلْقُرَىٰ وَصَرَّفْنَا ٱلْـَٔايَـٰتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
27 _ (ئى مەككە ئاھالىسى!) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ، ئايەتلەرنى (ھەرخىل ئۇسۇلدا) قايتا _ قايتا بايان قىلدۇق.
فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ قُرْبَانًا ءَالِهَةًۢ ۖ بَلْ ضَلُّوا۟ عَنْهُمْ ۚ وَذَٰلِكَ إِفْكُهُمْ وَمَا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ
28 _ ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) يېقىنلىق ئىزدەيمىز دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى (ئازاب كەلگەن چاغدا) ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاردىن غايىب بولدى. بۇ (يەنى بۇتلار بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دېگەن سۆز) ئۇلارنىڭ (توقۇپ چىقارغان) يالغىنىدۇر ۋە ئويدۇرمىسىدۇر.
وَإِذْ صَرَفْنَآ إِلَيْكَ نَفَرًا مِّنَ ٱلْجِنِّ يَسْتَمِعُونَ ٱلْقُرْءَانَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوٓا۟ أَنصِتُوا۟ ۖ فَلَمَّا قُضِىَ وَلَّوْا۟ إِلَىٰ قَوْمِهِم مُّنذِرِينَ
29 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى سېنىڭ يېنىڭغا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر _ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشكەن، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشقان ئىدى.
قَالُوا۟ يَـٰقَوْمَنَآ إِنَّا سَمِعْنَا كِتَـٰبًا أُنزِلَ مِنۢ بَعْدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ يَهْدِىٓ إِلَى ٱلْحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٍ مُّسْتَقِيمٍ
30 _ ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى كىتابلار)نى تەستىقلايدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتاب (قۇرئان)نى تىڭشىدۇق.
يَـٰقَوْمَنَآ أَجِيبُوا۟ دَاعِىَ ٱللَّهِ وَءَامِنُوا۟ بِهِۦ يَغْفِرْ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُجِرْكُم مِّنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
31 _ ئى قەۋمىمىز! ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ بەزى گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، سىلەرنى قىينىغۇچى ئازابتىن ساقلايدۇ.
وَمَن لَّا يُجِبْ دَاعِىَ ٱللَّهِ فَلَيْسَ بِمُعْجِزٍ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَيْسَ لَهُۥ مِن دُونِهِۦٓ أَوْلِيَآءُ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
32 _ كىمكى ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمايدىكەن، ئۇ يەر يۈزىدە ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، (ئازاب كەلگەندە) ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلغۇچى چىقمايدۇ. ئەنە شۇلار ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر».
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَلَمْ يَعْىَ بِخَلْقِهِنَّ بِقَـٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحْـِۧىَ ٱلْمَوْتَىٰ ۚ بَلَىٰٓ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
33 _ ئۇلار (يەنى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە قادىردۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
وَيَوْمَ يُعْرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَلَى ٱلنَّارِ أَلَيْسَ هَـٰذَا بِٱلْحَقِّ ۖ قَالُوا۟ بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا۟ ٱلْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ
34 _ كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە: «بۇ راست ئەمەسمىكەن؟» (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئەلۋەتتە راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ (ئۇلارغا): «ئۇنداقتا، ئىنكار قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.
فَٱصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُو۟لُوا۟ ٱلْعَزْمِ مِنَ ٱلرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِل لَّهُمْ ۚ كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَ مَا يُوعَدُونَ لَمْ يَلْبَثُوٓا۟ إِلَّا سَاعَةً مِّن نَّهَارٍۭ ۚ بَلَـٰغٌ ۚ فَهَلْ يُهْلَكُ إِلَّا ٱلْقَوْمُ ٱلْفَـٰسِقُونَ
35 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەردەك چىداملىق بولغىن، ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا كېلىدىغان ئازابقا) ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن كۈندە، (دۇنيادا) كۈندۈزنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىلا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ (قۇرئان ئىنسان ۋە جىنلار ئۈچۈن) يېتەرلىكتۇر، پەقەت ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ.
ئەھقاف سۈرىسى