ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ مەسجىدى ھەرەمنى قوغداشتىكى قۇدرىتىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَـٰبِ ٱلْفِيلِ
1 _ (ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ پىللىق قوشۇننى قانداق (ھالاك) قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِى تَضْلِيلٍ
2 _ رەببىڭ ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟
وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ
3 _ رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ _ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى.
تَرْمِيهِم بِحِجَارَةٍ مِّن سِجِّيلٍ (4) فَجَعَلَهُمْ كَعَصْفٍ مَّأْكُولٍۭ (5)
4 _ 5_ قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى.
فىل سۈرىسى