ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: كاپىرلارنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئەقىدىنى قوغداشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بەزى مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ عَلَىٰ عَبْدِهِ ٱلْكِتَـٰبَ وَلَمْ يَجْعَل لَّهُۥ عِوَجَا ۜ(1) قَيِّمًا لِّيُنذِرَ بَأْسًا شَدِيدًا مِّن لَّدُنْهُ وَيُبَشِّرَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ٱلَّذِينَ يَعْمَلُونَ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا حَسَنًا (2) مَّـٰكِثِينَ فِيهِ أَبَدًا (3) وَيُنذِرَ ٱلَّذِينَ قَالُوا۟ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدًا (4)
1 _ 4_ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ (ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى (مۇھەممەد)كە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي، ئەڭ توغرا كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدى.
مَّا لَهُم بِهِۦ مِنْ عِلْمٍ وَلَا لِـَٔابَآئِهِمْ ۚ كَبُرَتْ كَلِمَةً تَخْرُجُ مِنْ أَفْوَٰهِهِمْ ۚ إِن يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبًا
5 _ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ بوھتان توغرىسىدا ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ (كۇفرىلىق)! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ.
فَلَعَلَّكَ بَـٰخِعٌ نَّفْسَكَ عَلَىٰٓ ءَاثَـٰرِهِمْ إِن لَّمْ يُؤْمِنُوا۟ بِهَـٰذَا ٱلْحَدِيثِ أَسَفًا
6 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار بۇ سۆزگە (قۇرئانغا) ئىمان ئېيتمىسا، سەن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىدىغاندەك تۇرىسەن.
إِنَّا جَعَلْنَا مَا عَلَى ٱلْأَرْضِ زِينَةً لَّهَا لِنَبْلُوَهُمْ أَيُّهُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا
7 _ ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ قىلغان ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنى ھەقىقەتەن ئۇنىڭ زىننىتى قىلدۇق.
وَإِنَّا لَجَـٰعِلُونَ مَا عَلَيْهَا صَعِيدًا جُرُزًا
8 _ يەنە بىز ئەلۋەتتە ئۇ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، (يەر يۈزىنى) تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز.
أَمْ حَسِبْتَ أَنَّ أَصْحَـٰبَ ٱلْكَهْفِ وَٱلرَّقِيمِ كَانُوا۟ مِنْ ءَايَـٰتِنَا عَجَبًا
9 _ (ئى پەيغەمبەر!) ياكى سەن راستتىنلا ئەسھابۇلكەھفنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان تاختىنى بىزنىڭ (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ھەيران قالارلىقى دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟
إِذْ أَوَى ٱلْفِتْيَةُ إِلَى ٱلْكَهْفِ فَقَالُوا۟ رَبَّنَآ ءَاتِنَا مِن لَّدُنكَ رَحْمَةً وَهَيِّئْ لَنَا مِنْ أَمْرِنَا رَشَدًا
10 _ ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇپ: «ئى رەببىمىز! بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزنى بۇ ئىشىمىزدا توغرا بىر چىقىش يولىغا مۇۋەپپەق قىلغىن» دېگەن ئىدى.
فَضَرَبْنَا عَلَىٰٓ ءَاذَانِهِمْ فِى ٱلْكَهْفِ سِنِينَ عَدَدًا
11 _ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۆڭكۈردە ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق.
ثُمَّ بَعَثْنَـٰهُمْ لِنَعْلَمَ أَىُّ ٱلْحِزْبَيْنِ أَحْصَىٰ لِمَا لَبِثُوٓا۟ أَمَدًا
12 _ ئاندىن (ئەسھابۇل كەھف ئىچىدىكى) ئىككى گۇرۇھتىن (ئۆڭكۈردە) تۇرغان مۇددىتىنى قايسىسىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق.
نَّحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ نَبَأَهُم بِٱلْحَقِّ ۚ إِنَّهُمْ فِتْيَةٌ ءَامَنُوا۟ بِرَبِّهِمْ وَزِدْنَـٰهُمْ هُدًى
13 _ بىز ساڭا ئۇلارنىڭ قىسسىسىنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن رەببىگە ئىمان ئېيتقان يىگىتلەر ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى كۈچەيتكەن ئىدۇق.
وَرَبَطْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ إِذْ قَامُوا۟ فَقَالُوا۟ رَبُّنَا رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ لَن نَّدْعُوَا۟ مِن دُونِهِۦٓ إِلَـٰهًا ۖ لَّقَدْ قُلْنَآ إِذًا شَطَطًا
14 _ بىز ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (زالىم پادىشاھ ئالدىدا) ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ رەببىدۇر، بىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئىلاھ دېمەيمىز، ئەگەر بىز شۇنداق دېسەك، ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان بىر سۆزنى قىلغان بولىمىز.
هَـٰٓؤُلَآءِ قَوْمُنَا ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً ۖ لَّوْلَا يَأْتُونَ عَلَيْهِم بِسُلْطَـٰنٍۭ بَيِّنٍ ۖ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا
15 _ بىزنىڭ بۇ قەۋمىمىز ئاللاھتىن باشقىلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلار نېمىشقا (ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىغا) ئېنىق بىر دەلىل كەلتۈرەلمەيدۇ؟ ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟».
وَإِذِ ٱعْتَزَلْتُمُوهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ فَأْوُۥٓا۟ إِلَى ٱلْكَهْفِ يَنشُرْ لَكُمْ رَبُّكُم مِّن رَّحْمَتِهِۦ وَيُهَيِّئْ لَكُم مِّنْ أَمْرِكُم مِّرْفَقًا
16 _ (ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى دېدىكى) «سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، ئۆڭكۈرنى پاناھ جاي قىلىڭلاركى، رەببىڭلار سىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە سىلەرگە (قىيىن) ئىشىڭلاردىن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدۇ».
وَتَرَى ٱلشَّمْسَ إِذَا طَلَعَت تَّزَٰوَرُ عَن كَهْفِهِمْ ذَاتَ ٱلْيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَت تَّقْرِضُهُمْ ذَاتَ ٱلشِّمَالِ وَهُمْ فِى فَجْوَةٍ مِّنْهُ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ ۗ مَن يَهْدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلْمُهْتَدِ ۖ وَمَن يُضْلِلْ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ وَلِيًّا مُّرْشِدًا
17 _ (ئى پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇ يەردە بولساڭ ئىدىڭ) كۈن چىققان چاغدا، كۈننىڭ ئۇلار تۇرغان ئۆڭكۈرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا، كۈننىڭ ئۆڭكۈرنىڭ سول تەرىپىگە (ئۇلارغا چۈشمەيلا) ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتىڭ. ئۇلار بولسا (كۈننىڭ ئىسسىقىدىن بىئارام بولماستىن) ئۆڭكۈرنىڭ ئازادە بىر يېرىدە (ئۇخلىماقتا) ئىدى. مانا بۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ (قىلمىشى سەۋەبلىك) كىمنى ئازدۇرسا، سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان بىرەر دوست تاپالمايسەن.
وَتَحْسَبُهُمْ أَيْقَاظًا وَهُمْ رُقُودٌ ۚ وَنُقَلِّبُهُمْ ذَاتَ ٱلْيَمِينِ وَذَاتَ ٱلشِّمَالِ ۖ وَكَلْبُهُم بَـٰسِطٌ ذِرَاعَيْهِ بِٱلْوَصِيدِ ۚ لَوِ ٱطَّلَعْتَ عَلَيْهِمْ لَوَلَّيْتَ مِنْهُمْ فِرَارًا وَلَمُلِئْتَ مِنْهُمْ رُعْبًا
18 _ (ئەگەر ئۇلارنىڭ يېنىدا بولغان بولساڭ) ئۇلار ئۇيقۇدا تۇرسىمۇ، سەن ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايتتىڭ، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى ئۆڭكۈرنىڭ بوسۇغىسىغا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، چوقۇم ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ قاچقان بولاتتىڭ.
وَكَذَٰلِكَ بَعَثْنَـٰهُمْ لِيَتَسَآءَلُوا۟ بَيْنَهُمْ ۚ قَالَ قَآئِلٌ مِّنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ ۖ قَالُوا۟ لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۚ قَالُوا۟ رَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثْتُمْ فَٱبْعَثُوٓا۟ أَحَدَكُم بِوَرِقِكُمْ هَـٰذِهِۦٓ إِلَى ٱلْمَدِينَةِ فَلْيَنظُرْ أَيُّهَآ أَزْكَىٰ طَعَامًا فَلْيَأْتِكُم بِرِزْقٍ مِّنْهُ وَلْيَتَلَطَّفْ وَلَا يُشْعِرَنَّ بِكُمْ أَحَدًا
19 _ شۇنىڭدەك، (ئۆزلىرىنىڭ ئۆڭكۈردە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى) ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى «(بۇ ئۆڭكۈردە) قانچە ئۇزاق تۇردۇڭلار؟» دېدى. (ئۇلارنىڭ بەزىسى): «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. (يەنە بەزىسى) دېدىكى، «قانچىلىك ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ. سىلەر (ئىچىڭلاردىن) بىرىڭلارنى بۇ تەڭگىلىرىڭلار بىلەن شەھەرگە ئەۋەتىڭلار، ئۇ قاراپ بېقىپ، قايسى تاماق ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە بىرئاز ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرسۇن، سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرۇپ قويمىسۇن.
إِنَّهُمْ إِن يَظْهَرُوا۟ عَلَيْكُمْ يَرْجُمُوكُمْ أَوْ يُعِيدُوكُمْ فِى مِلَّتِهِمْ وَلَن تُفْلِحُوٓا۟ إِذًا أَبَدًا
20 _ ئەگەر ئۇلار سىلەرنى سېزىپ قالسا، سىلەرنى چالما _ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. (ئەگەر ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرسەڭلار) ئۇ ھالدا سىلەر ھەرگىز نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر».
وَكَذَٰلِكَ أَعْثَرْنَا عَلَيْهِمْ لِيَعْلَمُوٓا۟ أَنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَأَنَّ ٱلسَّاعَةَ لَا رَيْبَ فِيهَآ إِذْ يَتَنَـٰزَعُونَ بَيْنَهُمْ أَمْرَهُمْ ۖ فَقَالُوا۟ ٱبْنُوا۟ عَلَيْهِم بُنْيَـٰنًا ۖ رَّبُّهُمْ أَعْلَمُ بِهِمْ ۚ قَالَ ٱلَّذِينَ غَلَبُوا۟ عَلَىٰٓ أَمْرِهِمْ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيْهِم مَّسْجِدًا
21 _ شۇنىڭدەك يەنە ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك _ شۈبھە يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەر (ئەسھابۇلكەھف ئۈچۈن نېمە قىلىش) توغرۇلۇق ئۆز ئارىسىدا تالاش _ تارتىش قىلىشقان ئىدى. بەزىلەر: «ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بىر تام سېلىڭلار» دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. گېپى ئۆتىدىغانلار: «ئۆڭكۈرنىڭ ئورنىغا چوقۇم بىر مەسجىد سالايلى» دېدى.
سَيَقُولُونَ ثَلَـٰثَةٌ رَّابِعُهُمْ كَلْبُهُمْ وَيَقُولُونَ خَمْسَةٌ سَادِسُهُمْ كَلْبُهُمْ رَجْمًۢا بِٱلْغَيْبِ ۖ وَيَقُولُونَ سَبْعَةٌ وَثَامِنُهُمْ كَلْبُهُمْ ۚ قُل رَّبِّىٓ أَعْلَمُ بِعِدَّتِهِم مَّا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا قَلِيلٌ ۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمْ إِلَّا مِرَآءً ظَـٰهِرًا وَلَا تَسْتَفْتِ فِيهِم مِّنْهُمْ أَحَدًا
22 _ بەزىلەر: «ئەسھابۇلكەھف ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي قارىسىغا ئېيتىلغان سۆزدۇر. يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، (ئى پەيغەرمبەر!) «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ، (رەببىمدىن باشقا) ئازغىنە كىشىلەرلا بىلىدۇ» دېگىن. شۇڭا سەن ئۇلار توغرۇلۇق (ئەھلى كىتاب بىلەن) پەقەت يۈزەكىلا مۇنازىرىلەشكىن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن (ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى) سورىمىغىن.
وَلَا تَقُولَنَّ لِشَا۟ىْءٍ إِنِّى فَاعِلٌ ذَٰلِكَ غَدًا
23 _ سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي،
إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ ۚ وَٱذْكُر رَّبَّكَ إِذَا نَسِيتَ وَقُلْ عَسَىٰٓ أَن يَهْدِيَنِ رَبِّى لِأَقْرَبَ مِنْ هَـٰذَا رَشَدًا
24 _ «ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن، ئەگەر ئۇنتۇپ قالساڭ، (ئېسىڭگە كەلگەن ھامان) رەببىڭنى ياد ئەتكىن ۋە: «رەببىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ (يەنى ئەسھابۇلكەھف قىسسىدىنمۇ) يېقىن (ۋە روشەن دەلىللەرنى بېرىش ئارقىلىق) توغرا يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن.
وَلَبِثُوا۟ فِى كَهْفِهِمْ ثَلَـٰثَ مِا۟ئَةٍ سِنِينَ وَٱزْدَادُوا۟ تِسْعًا
25 _ ئۇلار ئۆڭكۈرىدە ئۈچ يۈز توققۇز يىل تۇردى.
قُلِ ٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثُوا۟ ۖ لَهُۥ غَيْبُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ أَبْصِرْ بِهِۦ وَأَسْمِعْ ۚ مَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِىٍّ وَلَا يُشْرِكُ فِى حُكْمِهِۦٓ أَحَدًا
26 _ ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىب (نى بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن ئۆتكۈر! ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەدەتكار يوقتۇر، ئاللاھ ئۆز ھاكىمىيىتىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ».
وَٱتْلُ مَآ أُوحِىَ إِلَيْكَ مِن كِتَابِ رَبِّكَ ۖ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَـٰتِهِۦ وَلَن تَجِدَ مِن دُونِهِۦ مُلْتَحَدًا
27 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا قىلىنغان ۋەھيىنى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، (ئەگەر سەن ۋەھيىگە ئەمەل قىلمىساڭ)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن باشقا پاناھلىنىدىغان ھېچقانداق جاي تاپالمايسەن.
وَٱصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ ٱلَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِٱلْغَدَوٰةِ وَٱلْعَشِىِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُۥ ۖ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُۥ عَن ذِكْرِنَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ وَكَانَ أَمْرُهُۥ فُرُطًا
28 _ سەن رەببىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن _ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن كۆڭلۈڭنى ئارام تاپقۇزغىن، دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇزىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، (ئاسىيلىقى سەۋەبلىك) بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمگە بويسۇنمىغىن.
وَقُلِ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكُمْ ۖ فَمَن شَآءَ فَلْيُؤْمِن وَمَن شَآءَ فَلْيَكْفُرْ ۚ إِنَّآ أَعْتَدْنَا لِلظَّـٰلِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمْ سُرَادِقُهَا ۚ وَإِن يَسْتَغِيثُوا۟ يُغَاثُوا۟ بِمَآءٍ كَٱلْمُهْلِ يَشْوِى ٱلْوُجُوهَ ۚ بِئْسَ ٱلشَّرَابُ وَسَآءَتْ مُرْتَفَقًا
29 _ (ئى پەيغەمبەر!) «ئېيتقىنكى، بۇ (دىن) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. شۇڭا خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن». بىز ھەقىقەتەن زالىملار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى (دوزاخنى) تەييارلىدۇق، ئۇلار (ئۇسسۇزلۇقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ناھايىتى قىزىق سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ مَنْ أَحْسَنَ عَمَلًا
30 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (بىلسۇنكى، بىز ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىمىز)، قېتىرقىنىپ ئىش قىلغانلارنىڭ ئەجىرىنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيمىز.
أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ جَنَّـٰتُ عَدْنٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهِمُ ٱلْأَنْهَـٰرُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَيَلْبَسُونَ ثِيَابًا خُضْرًا مِّن سُندُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُّتَّكِـِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ ۚ نِعْمَ ٱلثَّوَابُ وَحَسُنَتْ مُرْتَفَقًا
31 _ ئەنە شۇلارغا (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بار، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي!
وَٱضْرِبْ لَهُم مَّثَلًا رَّجُلَيْنِ جَعَلْنَا لِأَحَدِهِمَا جَنَّتَيْنِ مِنْ أَعْنَـٰبٍ وَحَفَفْنَـٰهُمَا بِنَخْلٍ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمَا زَرْعًا
32 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا مۇنداق ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۈزۈملۈك ئىككى باغ ئاتا قىلىپ، ھەر ئىككى باغنىڭ ئەتراپىنى خورما دەرەخلىرى بىلەن ئورىدۇق، ئوتتۇرىسىنى ئېكىنزارلىق قىلدۇق.
كِلْتَا ٱلْجَنَّتَيْنِ ءَاتَتْ أُكُلَهَا وَلَمْ تَظْلِم مِّنْهُ شَيْـًٔا ۚ وَفَجَّرْنَا خِلَـٰلَهُمَا نَهَرًا
33 _ ھەر ئىككىلىسى كەم _ كۈتىسىز، تولۇق مېۋە بېرىدىغان باغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭنى بەرپا قىلدۇق.
وَكَانَ لَهُۥ ثَمَرٌ فَقَالَ لِصَـٰحِبِهِۦ وَهُوَ يُحَاوِرُهُۥٓ أَنَا۠ أَكْثَرُ مِنكَ مَالًا وَأَعَزُّ نَفَرًا
34 _ باغ ئىگىسى مەھسۇلاتقا (يەنە باشقا كىرىملەرگىمۇ) ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ: «مەن پۇل _ مالدا سەندىن باي، ئادەم سانىدىمۇ سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن» دېدى.
وَدَخَلَ جَنَّتَهُۥ وَهُوَ ظَالِمٌ لِّنَفْسِهِۦ قَالَ مَآ أَظُنُّ أَن تَبِيدَ هَـٰذِهِۦٓ أَبَدًا
35 _ ئۇ بېغىغا كىرىپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
وَمَآ أَظُنُّ ٱلسَّاعَةَ قَآئِمَةً وَلَئِن رُّدِدتُّ إِلَىٰ رَبِّى لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِّنْهَا مُنقَلَبًا
36 _ قىيامەتنىمۇ بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ناۋادا (قىيامەت بولۇپ) مەن رەببىمنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، چوقۇم بۇ باغدىنمۇ ياخشىراق جاينى تاپالايمەن».
قَالَ لَهُۥ صَاحِبُهُۥ وَهُوَ يُحَاوِرُهُۥٓ أَكَفَرْتَ بِٱلَّذِى خَلَقَكَ مِن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّىٰكَ رَجُلًا
37 _ مۇئمىن بۇرادىرى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكەن (ۋە ئۇنىڭغا ۋەز _ نەسىھەت قىلغان) ھالدا مۇنداق دېدى: «سېنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى قانداق ئىنكار قىلىسەن؟
لَّـٰكِنَّا۠ هُوَ ٱللَّهُ رَبِّى وَلَآ أُشْرِكُ بِرَبِّىٓ أَحَدًا
38 _ لېكىن (مەن دەيمەنكى) ئۇ مېنىڭ رەببىم ئاللاھتۇر، رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن.
وَلَوْلَآ إِذْ دَخَلْتَ جَنَّتَكَ قُلْتَ مَا شَآءَ ٱللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِٱللَّهِ ۚ إِن تَرَنِ أَنَا۠ أَقَلَّ مِنكَ مَالًا وَوَلَدًا (39) فَعَسَىٰ رَبِّىٓ أَن يُؤْتِيَنِ خَيْرًا مِّن جَنَّتِكَ وَيُرْسِلَ عَلَيْهَا حُسْبَانًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فَتُصْبِحَ صَعِيدًا زَلَقًا (40) أَوْ يُصْبِحَ مَآؤُهَا غَوْرًا فَلَن تَسْتَطِيعَ لَهُۥ طَلَبًا (41)
39 _ 41 _ سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا، (ئۇنىڭدىن خۇشاللانساڭ): ‹ماشائاللاھ! لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولدى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى)› دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭكىدىن ئاز بولسىمۇ، رەببىمنىڭ ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلىشى، ئۇنىڭ بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈشى بىلەن بېغىڭنىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قېلىشى ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن».
وَأُحِيطَ بِثَمَرِهِۦ فَأَصْبَحَ يُقَلِّبُ كَفَّيْهِ عَلَىٰ مَآ أَنفَقَ فِيهَا وَهِىَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَيَقُولُ يَـٰلَيْتَنِى لَمْ أُشْرِكْ بِرَبِّىٓ أَحَدًا
42 _ (دېگەندەك) ئۇنىڭ مېۋىلىرى (بېغى) پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى، تېلىنىڭ بېدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالىقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «كاشكى رەببىمگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن بولسامچۇ!» دەپ قالدى.
وَلَمْ تَكُن لَّهُۥ فِئَةٌ يَنصُرُونَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَمَا كَانَ مُنتَصِرًا
43 _ ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان ھېچبىر جامائە چىقمىدى، ئۆزىمۇ ئۆزىگە ياردەم قىلالمىدى.
هُنَالِكَ ٱلْوَلَـٰيَةُ لِلَّهِ ٱلْحَقِّ ۚ هُوَ خَيْرٌ ثَوَابًا وَخَيْرٌ عُقْبًا
44 _ ئەنە شۇنداق (دەھشەتلىك) چاغلاردا (مەدەتكار بولۇش) پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئۇلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەڭ ياخشى قىلغۇچىدۇر.
وَٱضْرِبْ لَهُم مَّثَلَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا كَمَآءٍ أَنزَلْنَـٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخْتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلْأَرْضِ فَأَصْبَحَ هَشِيمًا تَذْرُوهُ ٱلرِّيَـٰحُ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ مُّقْتَدِرًا
45 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئىنسانلارغا دۇنيا ھاياتى ھەققىدە مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرگىن: (دۇنيا ھاياتى) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، شۇ يامغۇر بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى (ئۆسۈپ) بىر _ بىرىگە چىرمىشىپ كۆكىرىدۇ، كېيىن ئۇ (قۇرۇپ تۆكۈلۈپ) بوران (تەرەپ _ تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ يۈرىدىغان ئوت _ چۆپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ٱلْمَالُ وَٱلْبَنُونَ زِينَةُ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَٱلْبَـٰقِيَـٰتُ ٱلصَّـٰلِحَـٰتُ خَيْرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ أَمَلًا
46 _ پۇل _ ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، مەڭگۈ قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ياخشىدۇر، (ساۋابىنى) ئۈمىد قىلىش جەھەتتىمۇ ئەڭ ياخشىدۇر.
وَيَوْمَ نُسَيِّرُ ٱلْجِبَالَ وَتَرَى ٱلْأَرْضَ بَارِزَةً وَحَشَرْنَـٰهُمْ فَلَمْ نُغَادِرْ مِنْهُمْ أَحَدًا
47 _ ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە بىز تاغلارنى (ئورۇنلىرىدىن) يۆتكەيمىز، زېمىننىڭ تۈپتۈز بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، بىز ئىنسانلارنى ھېساب مەيدانىغا يىغىمىز، ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرۇپ قويمايمىز.
وَعُرِضُوا۟ عَلَىٰ رَبِّكَ صَفًّا لَّقَدْ جِئْتُمُونَا كَمَا خَلَقْنَـٰكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍۭ ۚ بَلْ زَعَمْتُمْ أَلَّن نَّجْعَلَ لَكُم مَّوْعِدًا
48 _ ئۇلار سەپ _ سەپ بولۇشۇپ رەببىنىڭ ھوزۇرىغا چىقىرىلىدۇ، (كاپىرلارغا) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا بىز سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق شۇ ھالەتتە كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا) بىزنى سىلەر ئۈچۈن (مۇنداق بىر ئۇچرىشىش) ۋاقتىنى بېكىتمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىڭلار» (دەيمىز).
وَوُضِعَ ٱلْكِتَـٰبُ فَتَرَى ٱلْمُجْرِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَـٰوَيْلَتَنَا مَالِ هَـٰذَا ٱلْكِتَـٰبِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً إِلَّآ أَحْصَىٰهَا ۚ وَوَجَدُوا۟ مَا عَمِلُوا۟ حَاضِرًا ۗ وَلَا يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا
49 _ كىشىلەرنىڭ نامە _ ئەمەلى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەنلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بۇ قانداق كىتاب؟ چوڭ _ كىچىك ھېچبىر ئىشنى چالا قويماي تولۇق خاتىرىلەپتۇغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان _ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە _ ئەمەلىگە خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، رەببىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ.
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ ٱسْجُدُوا۟ لِـَٔادَمَ فَسَجَدُوٓا۟ إِلَّآ إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ ٱلْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِۦٓ ۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُۥ وَذُرِّيَّتَهُۥٓ أَوْلِيَآءَ مِن دُونِى وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّۢ ۚ بِئْسَ لِلظَّـٰلِمِينَ بَدَلًا
50 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر. بۇ (يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا ئىتائەت قىلىش) زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان ئالماشتۇرۇش!
مَّآ أَشْهَدتُّهُمْ خَلْقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَلَا خَلْقَ أَنفُسِهِمْ وَمَا كُنتُ مُتَّخِذَ ٱلْمُضِلِّينَ عَضُدًا
51 _ مەن ئۇلارنى (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىغا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىغىمۇ ھازىر قىلغىنىم يوق. مەن ئاشۇ ئازدۇرغۇچىلارنى ئەزەلدىن ياردەمچى قىلىپ تۇتقىنىممۇ يوق.
وَيَوْمَ يَقُولُ نَادُوا۟ شُرَكَآءِىَ ٱلَّذِينَ زَعَمْتُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا۟ لَهُمْ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُم مَّوْبِقًا
52 _ شۇ كۈندە ئاللاھ (مۇشرىكلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر ماڭا شېرىك قىلىۋالغان نەرسەڭلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ _ يۇ، لېكىن ئۇ نەرسىلەر ئۇلارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلىمىز.
وَرَءَا ٱلْمُجْرِمُونَ ٱلنَّارَ فَظَنُّوٓا۟ أَنَّهُم مُّوَاقِعُوهَا وَلَمْ يَجِدُوا۟ عَنْهَا مَصْرِفًا
53 _ گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چوقۇم كىرىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ.
وَلَقَدْ صَرَّفْنَا فِى هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانِ لِلنَّاسِ مِن كُلِّ مَثَلٍ ۚ وَكَانَ ٱلْإِنسَـٰنُ أَكْثَرَ شَىْءٍ جَدَلًا
54 _ شەكسىزكى، بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. ئىنسان ئەڭ كۆپ جېدەللىشىدىغان مەخلۇقتۇر.
وَمَا مَنَعَ ٱلنَّاسَ أَن يُؤْمِنُوٓا۟ إِذْ جَآءَهُمُ ٱلْهُدَىٰ وَيَسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّهُمْ إِلَّآ أَن تَأْتِيَهُمْ سُنَّةُ ٱلْأَوَّلِينَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ ٱلْعَذَابُ قُبُلًا
55 _ ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن توسۇپ قالغان نەرسە پەقەت ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ ئۆز باشلىرىغا كېلىشىنى ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى كۈتكەنلىكى ئىدى.
وَمَا نُرْسِلُ ٱلْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ ۚ وَيُجَـٰدِلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِٱلْبَـٰطِلِ لِيُدْحِضُوا۟ بِهِ ٱلْحَقَّ ۖ وَٱتَّخَذُوٓا۟ ءَايَـٰتِى وَمَآ أُنذِرُوا۟ هُزُوًا
56 _ بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتىمىز. كاپىرلار باتىل سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، (پەيغەمبەرلەر بىلەن) مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە (تېمىسى) قىلىۋالغان.
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِۦ فَأَعْرَضَ عَنْهَا وَنَسِىَ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ ۚ إِنَّا جَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَن يَفْقَهُوهُ وَفِىٓ ءَاذَانِهِمْ وَقْرًا ۖ وَإِن تَدْعُهُمْ إِلَى ٱلْهُدَىٰ فَلَن يَهْتَدُوٓا۟ إِذًا أَبَدًا
57 _ رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند _ نەسىھەت قىلىنغان تۇرۇپمۇ ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شەكسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى قىلدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭمۇ، ئۇ ھالدا ئۇلار ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايدۇ.
وَرَبُّكَ ٱلْغَفُورُ ذُو ٱلرَّحْمَةِ ۖ لَوْ يُؤَاخِذُهُم بِمَا كَسَبُوا۟ لَعَجَّلَ لَهُمُ ٱلْعَذَابَ ۚ بَل لَّهُم مَّوْعِدٌ لَّن يَجِدُوا۟ مِن دُونِهِۦ مَوْئِلًا
58 _ رەببىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم _ شەپقەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك (دەرھال) جازالايدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، (ئۇ ۋاقىتتا) ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن باشقا پاناھ جاي تاپالمايدۇ.
وَتِلْكَ ٱلْقُرَىٰٓ أَهْلَكْنَـٰهُمْ لَمَّا ظَلَمُوا۟ وَجَعَلْنَا لِمَهْلِكِهِم مَّوْعِدًا
59 _ شۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى (ھەقنى ئىنكار قىلىپ) زۇلۇم قىلغان چاغدا، بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىگەن ئىدۇق.
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَىٰهُ لَآ أَبْرَحُ حَتَّىٰٓ أَبْلُغَ مَجْمَعَ ٱلْبَحْرَيْنِ أَوْ أَمْضِىَ حُقُبًا
60 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش ھەمراھىغا: «ئىككى دېڭىزنىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارمىغۇچە ياكى بەك ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتمىگۈچە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېگەن ئىدى.
فَلَمَّا بَلَغَا مَجْمَعَ بَيْنِهِمَا نَسِيَا حُوتَهُمَا فَٱتَّخَذَ سَبِيلَهُۥ فِى ٱلْبَحْرِ سَرَبًا
61 _ ئۇلار ئىككى دېڭىزنىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دېڭىزغا (تونېلغا ئوخشاش) يول ئېچىپ كىرىپ كەتكەن ئىدى.
فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَىٰهُ ءَاتِنَا غَدَآءَنَا لَقَدْ لَقِينَا مِن سَفَرِنَا هَـٰذَا نَصَبًا
62 _ ئۇلار ئۇ جايدىن ئۆتۈپ بولغاندا مۇسا ياش ھەمراھىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى.
قَالَ أَرَءَيْتَ إِذْ أَوَيْنَآ إِلَى ٱلصَّخْرَةِ فَإِنِّى نَسِيتُ ٱلْحُوتَ وَمَآ أَنسَىٰنِيهُ إِلَّا ٱلشَّيْطَـٰنُ أَنْ أَذْكُرَهُۥ ۚ وَٱتَّخَذَ سَبِيلَهُۥ فِى ٱلْبَحْرِ عَجَبًا
63 _ ھەمراھى: «بىز قورام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئالغان ۋاقتىمىز ئېسىڭدە بارمۇ؟ مەن شۇ جايدا بېلىققا بولغان ئەھۋالنى ساڭا ئېيتىشنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۇنى ساڭا ئېيتىشىمنى پەقەتلا شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. بېلىق شۇ چاغدا ھەيران قالارلىق ھالدا دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتكەن ئىدى» دېدى.
قَالَ ذَٰلِكَ مَا كُنَّا نَبْغِ ۚ فَٱرْتَدَّا عَلَىٰٓ ءَاثَارِهِمَا قَصَصًا
64 _ مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل ئاشۇ ئىدى» دېدى _ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە قايتتى.
فَوَجَدَا عَبْدًا مِّنْ عِبَادِنَآ ءَاتَيْنَـٰهُ رَحْمَةً مِّنْ عِندِنَا وَعَلَّمْنَـٰهُ مِن لَّدُنَّا عِلْمًا
65 _ ئاندىن ئۇ ئىككىسى (شۇ چوڭ تاشنىڭ يېنىدا) بەندىلىرىمىزدىن بىزنىڭ ئالاھىدە مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە دەرگاھىمىزدىن (غەيبىي) ئىلىم بىلدۈرگەن بىر بەندە (خىزىر)نى ئۇچراتتى.
قَالَ لَهُۥ مُوسَىٰ هَلْ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰٓ أَن تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمْتَ رُشْدًا
66 _ مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا بىلدۈرۈلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىمنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى.
قَالَ إِنَّكَ لَن تَسْتَطِيعَ مَعِىَ صَبْرًا
67 _ ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن.
وَكَيْفَ تَصْبِرُ عَلَىٰ مَا لَمْ تُحِطْ بِهِۦ خُبْرًا
68 _ سەن (ھەقىقىتىنى) ئۇقمىغان ئىشقا قانداقمۇ سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟».
قَالَ سَتَجِدُنِىٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ صَابِرًا وَلَآ أَعْصِى لَكَ أَمْرًا
69 _ مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋرچان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن».
قَالَ فَإِنِ ٱتَّبَعْتَنِى فَلَا تَسْـَٔلْنِى عَن شَىْءٍ حَتَّىٰٓ أُحْدِثَ لَكَ مِنْهُ ذِكْرًا
70 _ ئۇ ئېيتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، (يولۇققان ئىش توغرىسىدا) مەن ساڭا سۆز ئاچمىغۇچە مەندىن ھېچ نەرسە ھەققىدە سوئال سورىما».
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَا رَكِبَا فِى ٱلسَّفِينَةِ خَرَقَهَا ۖ قَالَ أَخَرَقْتَهَا لِتُغْرِقَ أَهْلَهَا لَقَدْ جِئْتَ شَيْـًٔا إِمْرًا
71 _ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقتى، ئۇ (خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى، مۇسا (ئۇنىڭغا): «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتتىڭمۇ؟ سەن راستتىنلا غەلىتە ئىش قىلدىڭ» دېدى.
قَالَ أَلَمْ أَقُلْ إِنَّكَ لَن تَسْتَطِيعَ مَعِىَ صَبْرًا
72 _ ئۇ: «مەن بىلەن بىللە بولۇشقا ھەرگىز سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
قَالَ لَا تُؤَاخِذْنِى بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرْهِقْنِى مِنْ أَمْرِى عُسْرًا
73 _ مۇسا ئېيتتى: «ۋەدەمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن سەن مېنى ئەيىبلىمە، ئىشىمدا مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويما».
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَا لَقِيَا غُلَـٰمًا فَقَتَلَهُۥ قَالَ أَقَتَلْتَ نَفْسًا زَكِيَّةًۢ بِغَيْرِ نَفْسٍ لَّقَدْ جِئْتَ شَيْـًٔا نُّكْرًا
74 _ ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، ئۇ (خىزىر) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن راستتىنلا چوڭ بىر (گۇناھ) ئىشنى قىلدىڭ».
قَالَ أَلَمْ أَقُل لَّكَ إِنَّكَ لَن تَسْتَطِيعَ مَعِىَ صَبْرًا
75 _ ئۇ ئېيتتى: «ساڭا مەن بىلەن بىللە بولۇشقا ھەرگىز سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟».
قَالَ إِن سَأَلْتُكَ عَن شَىْءٍۭ بَعْدَهَا فَلَا تُصَـٰحِبْنِى ۖ قَدْ بَلَغْتَ مِن لَّدُنِّى عُذْرًا
76 _ مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن. سەن مەندىن (زېرىكىپ) ئۆزرە ئېيتىدىغان يەرگە يەتتىڭ».
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَآ أَتَيَآ أَهْلَ قَرْيَةٍ ٱسْتَطْعَمَآ أَهْلَهَا فَأَبَوْا۟ أَن يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارًا يُرِيدُ أَن يَنقَضَّ فَأَقَامَهُۥ ۖ قَالَ لَوْ شِئْتَ لَتَّخَذْتَ عَلَيْهِ أَجْرًا
77 _ ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر يۇرتقا يېتىپ كېلىپ، يۇرت ئاھالىسىدىن تاماق سورىۋىدى، يۇرت ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلغىلى ئۇنىمىدى، ئۇلار بۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، ئۇ (خىزىر) ئۇنى رۇسلاپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن سەن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ».
قَالَ هَـٰذَا فِرَاقُ بَيْنِى وَبَيْنِكَ ۚ سَأُنَبِّئُكَ بِتَأْوِيلِ مَا لَمْ تَسْتَطِع عَّلَيْهِ صَبْرًا
78 _ ئۇ ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىش ۋاقتىدۇر. مەن ساڭا سەن سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي.
أَمَّا ٱلسَّفِينَةُ فَكَانَتْ لِمَسَـٰكِينَ يَعْمَلُونَ فِى ٱلْبَحْرِ فَأَرَدتُّ أَنْ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَآءَهُم مَّلِكٌ يَأْخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصْبًا
79 _ كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى (تېشىپ) ئەيىبلىك قىلىپ قويماقچى بولدۇم، (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق (ساق) كېمىنى ئىگىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.
وَأَمَّا ٱلْغُلَـٰمُ فَكَانَ أَبَوَاهُ مُؤْمِنَيْنِ فَخَشِينَآ أَن يُرْهِقَهُمَا طُغْيَـٰنًا وَكُفْرًا
80 _ ھېلىقى بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسى مۇئمىن ئىدى. ئۇنىڭ (چوڭ بولغاندا) ئازغۇنلۇق بىلەن كۇفرىلىقنى ئاتا _ ئانىسىغا تېڭىشىدىن ئەنسىرىدۇق.
فَأَرَدْنَآ أَن يُبْدِلَهُمَا رَبُّهُمَا خَيْرًا مِّنْهُ زَكَوٰةً وَأَقْرَبَ رُحْمًا
81 _ شۇنىڭ ئۈچۈن بىز رەببىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىدىنمۇ پاك ۋە بەك كۆيۈمچان پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى مەقسەت قىلدۇق.
وَأَمَّا ٱلْجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَـٰمَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِى ٱلْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُۥ كَنزٌ لَّهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَـٰلِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَن يَبْلُغَآ أَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنزَهُمَا رَحْمَةً مِّن رَّبِّكَ ۚ وَمَا فَعَلْتُهُۥ عَنْ أَمْرِى ۚ ذَٰلِكَ تَأْوِيلُ مَا لَمْ تَسْطِع عَّلَيْهِ صَبْرًا
82 _ تامغا كەلسەك، ئۇ تام ئاشۇ يۇرتتىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ بولۇپ، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ (ئۇلارغا) رەھىم قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى. ئۇ ئىشلارنى مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلمىدىم، سەن سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇدۇر».
وَيَسْـَٔلُونَكَ عَن ذِى ٱلْقَرْنَيْنِ ۖ قُلْ سَأَتْلُوا۟ عَلَيْكُم مِّنْهُ ذِكْرًا
83 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا ئائىت قىسسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇپ بېرەي» دېگىن.
إِنَّا مَكَّنَّا لَهُۥ فِى ٱلْأَرْضِ وَءَاتَيْنَـٰهُ مِن كُلِّ شَىْءٍ سَبَبًا
84 _ بىز ئۇنىڭغا زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ _ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا ئوڭايلىق يول ھازىرلاپ بەردۇق.
فَأَتْبَعَ سَبَبًا
85 _ زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن) بىر يولغا ماڭدى.
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ مَغْرِبَ ٱلشَّمْسِ وَجَدَهَا تَغْرُبُ فِى عَيْنٍ حَمِئَةٍ وَوَجَدَ عِندَهَا قَوْمًا ۗ قُلْنَا يَـٰذَا ٱلْقَرْنَيْنِ إِمَّآ أَن تُعَذِّبَ وَإِمَّآ أَن تَتَّخِذَ فِيهِمْ حُسْنًا
86 _ نىھايەت، ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننى قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى[1]. بۇلاقنىڭ يېنىدا ئۇ بىر قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدۇق.
قَالَ أَمَّا مَن ظَلَمَ فَسَوْفَ نُعَذِّبُهُۥ ثُمَّ يُرَدُّ إِلَىٰ رَبِّهِۦ فَيُعَذِّبُهُۥ عَذَابًا نُّكْرًا
87 _ زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى (كۇفرىلىقتىن يانماي ئۆزىگە) زۇلۇم قىلسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، رەببى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ.
وَأَمَّا مَنْ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا فَلَهُۥ جَزَآءً ٱلْحُسْنَىٰ ۖ وَسَنَقُولُ لَهُۥ مِنْ أَمْرِنَا يُسْرًا
88 _ ئەمما كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار، بىز ئۇنى ئوڭاي ئىشقا بۇيرۇيمىز».
ثُمَّ أَتْبَعَ سَبَبًا
89 _ ئاندىن زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن يەنە) بىر يولغا ماڭدى.
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ مَطْلِعَ ٱلشَّمْسِ وَجَدَهَا تَطْلُعُ عَلَىٰ قَوْمٍ لَّمْ نَجْعَل لَّهُم مِّن دُونِهَا سِتْرًا
90 _ نىھايەت، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، بىز كۈننىڭ (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىغان بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
كَذَٰلِكَ وَقَدْ أَحَطْنَا بِمَا لَدَيْهِ خُبْرًا
91 _ (ئەھۋال بۇ يەردىمۇ) شۇنداق بولدى (يەنى زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق.
ثُمَّ أَتْبَعَ سَبَبًا
92 _ ئاندىن ئۇ (يەنە) بىر يولغا ماڭدى.
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ بَيْنَ ٱلسَّدَّيْنِ وَجَدَ مِن دُونِهِمَا قَوْمًا لَّا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ قَوْلًا
93 _ نىھايەت، زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ يەردە ئوڭايلىقچە گەپ چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى.
قَالُوا۟ يَـٰذَا ٱلْقَرْنَيْنِ إِنَّ يَأْجُوجَ وَمَأْجُوجَ مُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ فَهَلْ نَجْعَلُ لَكَ خَرْجًا عَلَىٰٓ أَن تَجْعَلَ بَيْنَنَا وَبَيْنَهُمْ سَدًّا
94 _ ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بەرسەڭ، ساڭا ئىش ھەققى بەلگىلىسەك بولامدۇ؟» دېدى.
قَالَ مَا مَكَّنِّى فِيهِ رَبِّى خَيْرٌ فَأَعِينُونِى بِقُوَّةٍ أَجْعَلْ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ رَدْمًا
95 _ زۇلقەرنەين ئېيتتى: «رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرى (سىلەرنىڭ بەرمەكچى بولغان نەرسەڭلاردىن) ياخشىدۇر، كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي.
ءَاتُونِى زُبَرَ ٱلْحَدِيدِ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا سَاوَىٰ بَيْنَ ٱلصَّدَفَيْنِ قَالَ ٱنفُخُوا۟ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَعَلَهُۥ نَارًا قَالَ ءَاتُونِىٓ أُفْرِغْ عَلَيْهِ قِطْرًا
96 _ سىلەر ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئەكىلىپ بېرىڭلار». ئىككى تاغنىڭ ئارىسى (تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن توشۇپ) تەكشى بولغاندا، زۇلقەرنەين: «(ئوت يېقىپ، كۆرۈكلەر بىلەن) پۈۋلەڭلار» دېدى. تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا ئېرىتىلگەن مىسنى كەلتۈرۈڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكەي» دېدى.
فَمَا ٱسْطَـٰعُوٓا۟ أَن يَظْهَرُوهُ وَمَا ٱسْتَطَـٰعُوا۟ لَهُۥ نَقْبًا
97 _ ئۇلارنىڭ (يەنى يەجۇج بىلەن مەجۇجنىڭ) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقالمىدى، ئۇنى تېشىشكىمۇ كۈچى يەتمىدى.
قَالَ هَـٰذَا رَحْمَةٌ مِّن رَّبِّى ۖ فَإِذَا جَآءَ وَعْدُ رَبِّى جَعَلَهُۥ دَكَّآءَ ۖ وَكَانَ وَعْدُ رَبِّى حَقًّا
98 _ زۇلقەرنەين: «بۇ (توسما) رەببىمدىن بىر نېمەتتۇر، رەببىم ۋەدە قىلغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، رەببىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر» دېدى.
وَتَرَكْنَا بَعْضَهُمْ يَوْمَئِذٍ يَمُوجُ فِى بَعْضٍ ۖ وَنُفِخَ فِى ٱلصُّورِ فَجَمَعْنَـٰهُمْ جَمْعًا
99 _ ئۇ كۈندە ئىنسانلارنى (دولقۇنلاردەك) بىر _ بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ھالدا تەرك ئېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، (ئاندىن) ئۇلارنى (ھېساب مەيدانىغا) يىغىمىز.
وَعَرَضْنَا جَهَنَّمَ يَوْمَئِذٍ لِّلْكَـٰفِرِينَ عَرْضًا (100) ٱلَّذِينَ كَانَتْ أَعْيُنُهُمْ فِى غِطَآءٍ عَن ذِكْرِى وَكَانُوا۟ لَا يَسْتَطِيعُونَ سَمْعًا (101)
100 _ 101_ ئۇ كۈندە (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) كۆزلىرى مېنى يادىغا سالىدىغان دەلىللەرنى كۆرۈشتىن پەردىلەنگەن، (ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى) ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمىغان ئاشۇ كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز.
أَفَحَسِبَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَن يَتَّخِذُوا۟ عِبَادِى مِن دُونِىٓ أَوْلِيَآءَ ۚ إِنَّآ أَعْتَدْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَـٰفِرِينَ نُزُلًا
102 _ كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشنى توغرا دەپ ئويلامدۇ؟ شەكسىزكى، بىز كاپىرلار ئۈچۈن جەھەننەمنى چۈشىدىغان جاي قىلىپ تەييارلىدۇق.
قُلْ هَلْ نُنَبِّئُكُم بِٱلْأَخْسَرِينَ أَعْمَـٰلًا
103 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە (قىلغان) ئەمەللىرىدە ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغانلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟
ٱلَّذِينَ ضَلَّ سَعْيُهُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَهُمْ يَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ يُحْسِنُونَ صُنْعًا
104 _ ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِمْ وَلِقَآئِهِۦ فَحَبِطَتْ أَعْمَـٰلُهُمْ فَلَا نُقِيمُ لَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ وَزْنًا
105 _ ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر». قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز.
ذَٰلِكَ جَزَآؤُهُمْ جَهَنَّمُ بِمَا كَفَرُوا۟ وَٱتَّخَذُوٓا۟ ءَايَـٰتِى وَرُسُلِى هُزُوًا
106 _ كاپىر بولغانلىقى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ كَانَتْ لَهُمْ جَنَّـٰتُ ٱلْفِرْدَوْسِ نُزُلًا
107 _ شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ.
خَـٰلِدِينَ فِيهَا لَا يَبْغُونَ عَنْهَا حِوَلًا
108 _ ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ.
قُل لَّوْ كَانَ ٱلْبَحْرُ مِدَادًا لِّكَلِمَـٰتِ رَبِّى لَنَفِدَ ٱلْبَحْرُ قَبْلَ أَن تَنفَدَ كَلِمَـٰتُ رَبِّى وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِۦ مَدَدًا
109 _ ئېيتقىنكى، «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولغان، بىز يەنە شۇنچىلىك دېڭىز سۈيىنى سىياھ قىلىپ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى».
قُلْ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يُوحَىٰٓ إِلَىَّ أَنَّمَآ إِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ ۖ فَمَن كَانَ يَرْجُوا۟ لِقَآءَ رَبِّهِۦ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَـٰلِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِۦٓ أَحَدًۢا
110 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. (شۇ ئېنىقكى) ماڭا: ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ. كىمكى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، رەببىگە ئىبادەت قىلىشتا (ئۇنىڭغا) ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن».
كەھف سۈرىسى