مۇئمىنۇن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 118 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىماننىڭ ھەقىقىتىنى، ئۇنىڭ مېۋىسىنى، ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى تەپسىلىي بايان قىلىش ۋە كاپىرلارنى سۆكۈشتىن ئىبارەتتۇر.

قَدْ أَفْلَحَ ٱلْمُؤْمِنُونَ
1 _ مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن مۇرادىغا يەتتى.
ٱلَّذِينَ هُمْ فِى صَلَاتِهِمْ خَـٰشِعُونَ
2 _ ئۇلار نامىزىدا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ هُمْ عَنِ ٱللَّغْوِ مُعْرِضُونَ
3 _ ئۇلار بىھۇدە سۆز _ ھەرىكەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَوٰةِ فَـٰعِلُونَ
4 _ ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر.
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَـٰفِظُونَ
5 _ ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر.
إِلَّا عَلَىٰٓ أَزْوَٰجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ
6 _ پەقەت ئۆزىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى ئۇلارغا (ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك) مالامەت قىلىنمايدۇ.
فَمَنِ ٱبْتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْعَادُونَ
7 _ كىمكى بۇلارنىڭ باشقىسىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) ئىزدەيدىكەن، ئەنە شۇلار چەكتىن ئاشقۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِأَمَـٰنَـٰتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَٰعُونَ
8 _ ئۇ مۇئمىنلەر ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَوَٰتِهِمْ يُحَافِظُونَ
9 _ ئۇلار نامازلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْوَٰرِثُونَ
10 _ ئەنە شۇلار ۋارىسلاردۇر.
ٱلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
11 _ ئۇلار فىردەۋس جەننىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، شۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ.
وَلَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِن سُلَـٰلَةٍ مِّن طِينٍ
12 _ بىز (تۇنجى) ئىنسان (ئادەم)نى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق.
ثُمَّ جَعَلْنَـٰهُ نُطْفَةً فِى قَرَارٍ مَّكِينٍ
13 _ ئاندىن بىز ئۇ (ئادەمنىڭ ئەۋلادى)نى ئابىمەنىي ھالىتىدە پۇختا قارارگاھقا (بالىياتقۇغا) يەرلەشتۈردۇق.
ثُمَّ خَلَقْنَا ٱلنُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا ٱلْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا ٱلْمُضْغَةَ عِظَـٰمًا فَكَسَوْنَا ٱلْعِظَـٰمَ لَحْمًا ثُمَّ أَنشَأْنَـٰهُ خَلْقًا ءَاخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ أَحْسَنُ ٱلْخَـٰلِقِينَ
14 _ ئاندىن ئابىمەنىينى ئەلەقكە [1] ئايلاندۇردۇق، ئاندىن ئەلەقنى بىر پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن بۇ بىر پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى باشقىچە (مۇكەممەل) بىر ئىنسانغا ئايلاندۇردۇق [2]. ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ياخشىلىقلىرى كۆپتۇر.
ثُمَّ إِنَّكُم بَعْدَ ذَٰلِكَ لَمَيِّتُونَ
15 _ ئاندىن شەكسىزكى سىلەر ئاشۇ (باسقۇچلاردىن) كېيىن چوقۇم ئۆلىسىلەر.
ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ تُبْعَثُونَ
16 _ ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر.
وَلَقَدْ خَلَقْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعَ طَرَآئِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ ٱلْخَلْقِ غَـٰفِلِينَ
17 _ بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قات ئاسماننى ياراتتۇق، بىز ھېچبىر مەخلۇقاتتىن خەۋەرسىز ئەمەسمىز.
وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءًۢ بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّـٰهُ فِى ٱلْأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابٍۭ بِهِۦ لَقَـٰدِرُونَ
18 _ بىز بۇلۇتتىن ئۆلچەملىك مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، بىز ئۇنى كەتكۈزۈۋېتىشكىمۇ ئەلۋەتتە قادىرمىز.
فَأَنشَأْنَا لَكُم بِهِۦ جَنَّـٰتٍ مِّن نَّخِيلٍ وَأَعْنَـٰبٍ لَّكُمْ فِيهَا فَوَٰكِهُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
19 _ شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغلىرى ۋە ئۈزۈم باغلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر.
وَشَجَرَةً تَخْرُجُ مِن طُورِ سَيْنَآءَ تَنۢبُتُ بِٱلدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِّلْـَٔاكِلِينَ
20 _ يەنە شۇ يامغۇر بىلەن تۇرسىنادىن چىقىدىغان (زەيتۇن) دەرىخىنى (يېتىشتۈرۈپ بەردۇقكى) ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ ۋە (تاماق) يېگۈچىلەر ئۈچۈن تېتىتقۇ چىقىدۇ.
وَإِنَّ لَكُمْ فِى ٱلْأَنْعَـٰمِ لَعِبْرَةً ۖ نُّسْقِيكُم مِّمَّا فِى بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
21 _ چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، سىلەرنى ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسە (سۈت) بىلەن سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.
وَعَلَيْهَا وَعَلَى ٱلْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
22 _ (قۇرۇقلۇقتا) ئۇلارغا مىنىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە ئولتۇرىسىلەر.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِۦ فَقَالَ يَـٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥٓ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
23 _ شەكسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر ئۇنىڭدىن قورقمامسىلەر؟».
فَقَالَ ٱلْمَلَؤُا۟ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن قَوْمِهِۦ مَا هَـٰذَآ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يُرِيدُ أَن يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَنزَلَ مَلَـٰٓئِكَةً مَّا سَمِعْنَا بِهَـٰذَا فِىٓ ءَابَآئِنَا ٱلْأَوَّلِينَ
24 _ ئۇنىڭ قەۋمى ئىچىدىكى كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كاتتىباشلار ئېيتىشتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتكەن بولاتتى، بۇنداق سۆزنى بىز بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز.
إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌۢ بِهِۦ جِنَّةٌ فَتَرَبَّصُوا۟ بِهِۦ حَتَّىٰ حِينٍ
25 _ ئۇ پەقەت بىر مەجنۇن (ئەقلىدىن ئازغان) ئادەمدۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ بېقىڭلار».
قَالَ رَبِّ ٱنصُرْنِى بِمَا كَذَّبُونِ
26 _ نۇھ: «ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، (ئۇلارغا قارشى) ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
فَأَوْحَيْنَآ إِلَيْهِ أَنِ ٱصْنَعِ ٱلْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَآءَ أَمْرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ ۙ فَٱسْلُكْ فِيهَا مِن كُلٍّ زَوْجَيْنِ ٱثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيْهِ ٱلْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَـٰطِبْنِى فِى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ ۖ إِنَّهُم مُّغْرَقُونَ
27 _ بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان چاغدا، ھايۋانلاردىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. (كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلار (نى قوغداپ قېلىش) توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
فَإِذَا ٱسْتَوَيْتَ أَنتَ وَمَن مَّعَكَ عَلَى ٱلْفُلْكِ فَقُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى نَجَّىٰنَا مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
28 _ سەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن!» دېگىن.
وَقُل رَّبِّ أَنزِلْنِى مُنزَلًا مُّبَارَكًا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلْمُنزِلِينَ
29 _ ھەمدە: «ئى رەببىم! مېنى بەرىكەتلىك بىر مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ وَإِن كُنَّا لَمُبْتَلِينَ
30 _ ئەلۋەتتە بۇنىڭدا (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. بىز (بەندىلىرىمىزنى) ئەلۋەتتە (مۇشۇنداق) سىنايمىز.
ثُمَّ أَنشَأْنَا مِنۢ بَعْدِهِمْ قَرْنًا ءَاخَرِينَ
31 _ ئاندىن (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن) كېيىن باشقا بىر قەۋمنى بارلىققا كەلتۈردۇق.
فَأَرْسَلْنَا فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْهُمْ أَنِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥٓ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
32 _ بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. (ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى) «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟».
وَقَالَ ٱلْمَلَأُ مِن قَوْمِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِلِقَآءِ ٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَتْرَفْنَـٰهُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا مَا هَـٰذَآ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ
33 _ ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كۇفرىدا چىڭ تۇرغان، ئاخىرەتتىكى ئۇچرىشىشنى ئىنكار قىلغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز باياشات تۇرمۇش ئاتا قىلغان كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «ئۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ.
وَلَئِنْ أَطَعْتُم بَشَرًا مِّثْلَكُمْ إِنَّكُمْ إِذًا لَّخَـٰسِرُونَ
34 _ ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شەكسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتىپ قالىسىلەر.
أَيَعِدُكُمْ أَنَّكُمْ إِذَا مِتُّمْ وَكُنتُمْ تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَنَّكُم مُّخْرَجُونَ
35 _ ئۇ سىلەرنى ‹سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر› دەپ قورقۇتامدۇ؟
هَيْهَاتَ هَيْهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ
36 _ سىلەر قورقۇتۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر، تولىمۇ يىراقتۇر.
إِنْ هِىَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ
37 _ ھايات پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز (بىر تەرەپتىن) ئۆلۈپ تۇرىمىز، (يەنە بىر تەرەپتىن) تۇغۇلۇپ تۇرىمىز، بىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز.
إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا وَمَا نَحْنُ لَهُۥ بِمُؤْمِنِينَ
38 _ ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز».
قَالَ رَبِّ ٱنصُرْنِى بِمَا كَذَّبُونِ
39 _ ھۇد ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، (ئۇلارغا قارشى) ماڭا ياردەم بەرگىن».
قَالَ عَمَّا قَلِيلٍ لَّيُصْبِحُنَّ نَـٰدِمِينَ
40 _ ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ».
فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّيْحَةُ بِٱلْحَقِّ فَجَعَلْنَـٰهُمْ غُثَآءً ۚ فَبُعْدًا لِّلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
41 _ (دېگەندەك) قاتتىق بىر ئاۋاز ئۇلارنى ھەقلىق رەۋىشتە ھالاك قىلىۋەتتى. ئۇلارنى بىز سەل سۈپۈرۈپ كەتكەن ئەخلەتلەردەك قىلىۋەتتۇق. بۇ زالىم قەۋم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن!
ثُمَّ أَنشَأْنَا مِنۢ بَعْدِهِمْ قُرُونًا ءَاخَرِينَ
42 _ ئاندىن (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن) كېيىن، باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.
مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَـْٔخِرُونَ
43 _ (ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەردىن) ھېچقانداق بىر ئۈممەت (ھالاك بولۇشى ئۈچۈن) بەلگىلەنگەن ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، (ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن) ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ.
ثُمَّ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا تَتْرَا ۖ كُلَّ مَا جَآءَ أُمَّةً رَّسُولُهَا كَذَّبُوهُ ۚ فَأَتْبَعْنَا بَعْضَهُم بَعْضًا وَجَعَلْنَـٰهُمْ أَحَادِيثَ ۚ فَبُعْدًا لِّقَوْمٍ لَّا يُؤْمِنُونَ
44 _ ئاندىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق. ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى يالغانغا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئارقىمۇئارقا ھالاك قىلدۇق ۋە ئىبرەتلىك قىسسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق. ھالاكەت ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە بولسۇن!
ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَـٰرُونَ بِـَٔايَـٰتِنَا وَسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ (45) إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَإِي۟هِۦ فَٱسْتَكْبَرُوا۟ وَكَانُوا۟ قَوْمًا عَالِينَ (46)
45 _ 46_ ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى.
فَقَالُوٓا۟ أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَـٰبِدُونَ
47 _ ئۇلار: «بىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىككى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزگە قۇل تۇرسا» دېيىشتى.
فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُوا۟ مِنَ ٱلْمُهْلَكِينَ
48 _ ئاندىن ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى يالغانغا چىقاردى، (بۇ سەۋەبتىن) ئۇلار ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
49 _ ئۇلارنى (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا (تەۋراتتىن ئىبارەت ساماۋى) كىتابنى ئاتا قىلدۇق.
وَجَعَلْنَا ٱبْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُۥٓ ءَايَةً وَءَاوَيْنَـٰهُمَآ إِلَىٰ رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ
50 _ بىز مەريەم ئوغلى (ئىيسا)نى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلرُّسُلُ كُلُوا۟ مِنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ وَٱعْمَلُوا۟ صَـٰلِحًا ۖ إِنِّى بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
51 _ ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن.
وَإِنَّ هَـٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَٰحِدَةً وَأَنَا۠ رَبُّكُمْ فَٱتَّقُونِ
52 _ سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن، شۇڭا مەندىنلا قورقۇڭلار.
فَتَقَطَّعُوٓا۟ أَمْرَهُم بَيْنَهُمْ زُبُرًا ۖ كُلُّ حِزْبٍۭ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ
53 _ (ئىنسانلار) ئۆز ئارىسىدا (دىن) ئىشىدا نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەربىر پىرقە ئۆزىدىكى (ئەقىدە ۋە قاراشلىرى) بىلەن خۇشالدۇر.
فَذَرْهُمْ فِى غَمْرَتِهِمْ حَتَّىٰ حِينٍ
54 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى (ئازاب چۈشىدىغان) مۇددەتكىچە ئۆز ئازغۇنلۇقىدا قويۇپ تۇرغىن.
أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُم بِهِۦ مِن مَّالٍ وَبَنِينَ (55) نُسَارِعُ لَهُمْ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ ۚ بَل لَّا يَشْعُرُونَ (56)
55 _ 56_ بىزنىڭ ئۇلارغا مال _ مۈلۈك ۋە ئوغلانلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۇلار ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى) ئۇقمايدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ هُم مِّنْ خَشْيَةِ رَبِّهِم مُّشْفِقُونَ
57 _ شەكسىزكى، رەببىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن (ئەيمىنىپ) تىترەپ تۇرىدىغان كىشىلەر،
وَٱلَّذِينَ هُم بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
58 _ رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگەن كىشىلەر،
وَٱلَّذِينَ هُم بِرَبِّهِمْ لَا يُشْرِكُونَ
59 _ رەببىگە شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر،
وَٱلَّذِينَ يُؤْتُونَ مَآ ءَاتَوا۟ وَّقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَىٰ رَبِّهِمْ رَٰجِعُونَ
60 _ رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بېرىدىغانلىرىنى دىللىرى قورقۇپ تۇرۇپ بېرىدىغان كىشىلەر،
أُو۟لَـٰٓئِكَ يُسَـٰرِعُونَ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ وَهُمْ لَهَا سَـٰبِقُونَ
61 _ ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلاردا بەسلەشكۈچىلەردۇر ۋە ئۇنىڭدا (باشقىلارنىڭ) ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردۇر.
وَلَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَلَدَيْنَا كِتَـٰبٌ يَنطِقُ بِٱلْحَقِّ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
62 _ بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا راست سۆزلەيدىغان كىتاب (نامە _ ئەمەل دەپتىرى) بار، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
بَلْ قُلُوبُهُمْ فِى غَمْرَةٍ مِّنْ هَـٰذَا وَلَهُمْ أَعْمَـٰلٌ مِّن دُونِ ذَٰلِكَ هُمْ لَهَا عَـٰمِلُونَ
63 _ كاپىرلارنىڭ دىللىرى بۇ (قۇرئان)دىن غەپلەتتىدۇر، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يامان ئەمەللىرى باركى، ئۇلار ئۇنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.
حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذْنَا مُتْرَفِيهِم بِٱلْعَذَابِ إِذَا هُمْ يَجْـَٔرُونَ
64 _ ئۇلارنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلار پەرياد قىلىشقا باشلايدۇ.
لَا تَجْـَٔرُوا۟ ٱلْيَوْمَ ۖ إِنَّكُم مِّنَّا لَا تُنصَرُونَ
65 _ (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ) «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، چۈنكى سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر».
قَدْ كَانَتْ ءَايَـٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنتُمْ عَلَىٰٓ أَعْقَـٰبِكُمْ تَنكِصُونَ (66) مُسْتَكْبِرِينَ بِهِۦ سَـٰمِرًا تَهْجُرُونَ (67)
66 _ 67_ ھەقىقەتەن مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، ئاندىن سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيتتىڭلار، كېچىلىك پاراڭلىرىڭلاردا (قۇرئان توغرۇلۇق) يامان سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار.
أَفَلَمْ يَدَّبَّرُوا۟ ٱلْقَوْلَ أَمْ جَآءَهُم مَّا لَمْ يَأْتِ ءَابَآءَهُمُ ٱلْأَوَّلِينَ
68 _ ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن نەرسە كەلدىمۇ؟
أَمْ لَمْ يَعْرِفُوا۟ رَسُولَهُمْ فَهُمْ لَهُۥ مُنكِرُونَ
69 _ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى تونۇماي قالغانلىقتىن، ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟
أَمْ يَقُولُونَ بِهِۦ جِنَّةٌۢ ۚ بَلْ جَآءَهُم بِٱلْحَقِّ وَأَكْثَرُهُمْ لِلْحَقِّ كَـٰرِهُونَ
70 _ ياكى ئۇلار ئۇنى جىن چاپلىشىۋالغان دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇ (پەيغەمبەر) ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ.
وَلَوِ ٱتَّبَعَ ٱلْحَقُّ أَهْوَآءَهُمْ لَفَسَدَتِ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ وَٱلْأَرْضُ وَمَن فِيهِنَّ ۚ بَلْ أَتَيْنَـٰهُم بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَن ذِكْرِهِم مُّعْرِضُونَ
71 _ ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەۋجۇداتلار بۇزۇلۇپ تۈگەشكەن بولاتتى. ئۇنداق بولغىنى يوق. بىز ئۇلارغا شان _ شەرەپ (كەلتۈرىدىغان قۇرئاننى) ئاتا قىلدۇق، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ شان _ شەرىپىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە.
أَمْ تَسْـَٔلُهُمْ خَرْجًا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيْرٌ ۖ وَهُوَ خَيْرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
72 _ (ئى پەيغەمبەر!) ياكى سەن ئۇلاردىن (دىننى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق بېرىشىنى تەلەپ قىلامسەن؟ رەببىڭنىڭ (ساڭا ئاتا قىلىدىغان) ئەجىرى ھەممىدىن ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
وَإِنَّكَ لَتَدْعُوهُمْ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
73 _ سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىۋاتىسەن.
وَإِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ عَنِ ٱلصِّرَٰطِ لَنَـٰكِبُونَ
74 _ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن بۇ يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر.
وَلَوْ رَحِمْنَـٰهُمْ وَكَشَفْنَا مَا بِهِم مِّن ضُرٍّ لَّلَجُّوا۟ فِى طُغْيَـٰنِهِمْ يَعْمَهُونَ
75 _ ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلساق، بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەكمۇ، ئۇلار ئەلۋەتتە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى.
وَلَقَدْ أَخَذْنَـٰهُم بِٱلْعَذَابِ فَمَا ٱسْتَكَانُوا۟ لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ
76 _ بىز ئۇلارنى ھەقىقەتەن (قەھەتچىلىك) ئازابى بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار يەنىلا رەببىگە بويسۇنمىدى، (ئۇنىڭغا) ئىلتىجا قىلىپمۇ باقمىدى.
حَتَّىٰٓ إِذَا فَتَحْنَا عَلَيْهِم بَابًا ذَا عَذَابٍ شَدِيدٍ إِذَا هُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ
77 _ نىھايەت، ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا، ئۇلار شۇ ھامان ئۈمىدىنى تامامەن يوقىتىدۇ.
وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَنشَأَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۚ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ
78 _ ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتقان زاتتۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.
وَهُوَ ٱلَّذِى ذَرَأَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
79 _ ئۇ سىلەرنى زېمىندا كۆپەيتىپ (تەرەپ- تەرەپكە) تارقىتىۋەتكەن زاتتۇر. (ئاخىر) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.
وَهُوَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ وَلَهُ ٱخْتِلَـٰفُ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
80 _ ئۇ تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر، كېچە _ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇلارنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟
بَلْ قَالُوا۟ مِثْلَ مَا قَالَ ٱلْأَوَّلُونَ
81 _ بەلكى ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمە دېگەن بولسا شۇنى دېدى.
قَالُوٓا۟ أَءِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
82 _ ئۇلار ئېيتتىكى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (چىرىگەن) سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، يەنە چوقۇم تىرىلەمدۇق؟
لَقَدْ وُعِدْنَا نَحْنُ وَءَابَآؤُنَا هَـٰذَا مِن قَبْلُ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّآ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ
83 _ ھەقىقەتەن بىز (مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلدۇق)، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر».
قُل لِّمَنِ ٱلْأَرْضُ وَمَن فِيهَآ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
84 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ) زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟».
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
85 _ ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. «ئۇنداقتا، سىلەر (بۇنىڭدىن) پەند _ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟» دېگىن.
قُلْ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ ٱلسَّبْعِ وَرَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْعَظِيمِ
86 _ ئېيتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟».
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
87 _ ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. «(ئۇنداقتا، سىلەر ئۇنىڭدىن) قورقمامسىلەر؟» دېگىن.
قُلْ مَنۢ بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَىْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
88 _ ئېيتقىنكى، «ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قولىدا بولغان، (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولىدىغان ۋە (ئۇ ھالاك قىلماقچى بولغان بىرىگە) ئۇنىڭغا قارشى ھېچكىم پاناھ بولالمايدىغان زات كىم؟ ئەگەر بىلىدىغان بولساڭلار (ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟!)».
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ فَأَنَّىٰ تُسْحَرُونَ
89 _ ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) سىلەر نېمىدەپ ئالجىپ يۈرىسىلەر؟».
بَلْ أَتَيْنَـٰهُم بِٱلْحَقِّ وَإِنَّهُمْ لَكَـٰذِبُونَ
90 _ ئەمەلىيەتتە، بىز ئۇلارغا ھەقىقەتنى كەلتۈرگەن ئىدۇق، شەكسىزكى، ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر.
مَا ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ مِن وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُۥ مِنْ إِلَـٰهٍ ۚ إِذًا لَّذَهَبَ كُلُّ إِلَـٰهٍۭ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ سُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
91 _ ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن ھېچبىرىنى) بالا قىلىۋالمىدى، ئەزەلدىن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باشقا ھېچبىر ئىلاھمۇ بولمىدى. ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەربىر ئىلاھ ئەلۋەتتە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن ئەلۋەتتە ئۈستۈن كېلەتتى (كائىناتنىڭ نىزامى بۇزۇلاتتى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر.
عَـٰلِمِ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَـٰدَةِ فَتَعَـٰلَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
92 _ ئاللاھ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.
قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّى مَا يُوعَدُونَ (93) رَبِّ فَلَا تَجْعَلْنِى فِى ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ (94)
93 _ 94_ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى رەببىم! ئەگەر سەن ئۇلار ئاگاھلاندۇرلغان ئازابنى (ئۇلارغا چۈشۈرۈپ) ماڭا كۆرسىتىدىغان بولساڭ، ئى رەببىم! ئۇ ھالدا مېنى ئۇ زالىم قەۋم ئىچىدە قىلمىغىن».
وَإِنَّا عَلَىٰٓ أَن نُّرِيَكَ مَا نَعِدُهُمْ لَقَـٰدِرُونَ
95 _ بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.
ٱدْفَعْ بِٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ ٱلسَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
96 _ سەن يامانلىققا ئەڭ ياخشى خىسلەت بىلەن تاقابىل تۇرغىن، ئۇلارنىڭ (بىز توغرۇلۇق) نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
وَقُل رَّبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَٰتِ ٱلشَّيَـٰطِينِ
97 _ ئېيتقىنكى، «ئى رەببىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن.
وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَن يَحْضُرُونِ
98 _ ئى رەببىم! ساڭا سىغىنىپ ئۇلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن».
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَهُمُ ٱلْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ٱرْجِعُونِ
99 _ كاپىرلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلسە، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن،
لَعَلِّىٓ أَعْمَلُ صَـٰلِحًا فِيمَا تَرَكْتُ ۚ كَلَّآ ۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَآئِلُهَا ۖ وَمِن وَرَآئِهِم بَرْزَخٌ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
100 _ مەن قويۇپ كەلگەنلىرىم بىلەن ياخشىلىق قىلىۋالسام» دەيدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ قۇرۇق گىپىدۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توساق بولىدۇ.
فَإِذَا نُفِخَ فِى ٱلصُّورِ فَلَآ أَنسَابَ بَيْنَهُمْ يَوْمَئِذٍ وَلَا يَتَسَآءَلُونَ
101 _ سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق رىشتىسى قالمايدۇ، ئۇلار (بىر _ بىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ.
فَمَن ثَقُلَتْ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ
102 _ كىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى (تارازىدا) ئېغىر كەلسە، ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
وَمَنْ خَفَّتْ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ فِى جَهَنَّمَ خَـٰلِدُونَ
103 _ كىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى (تارازىدا) يېنىك كەلسە، ئەنە شۇلار ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
تَلْفَحُ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ وَهُمْ فِيهَا كَـٰلِحُونَ
104 _ ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەتچىراي بولۇپ) قالىدۇ.
أَلَمْ تَكُنْ ءَايَـٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ
105 _ (ئۇلارغا) «سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، ئەمما سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار؟» (دېيىلىدۇ).
قَالُوا۟ رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْمًا ضَآلِّينَ
106 _ ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! بەتبەختلىكىمىز بىزگە غالىب كېلىپ، ئازغۇن قەۋم بولۇپ قالغان ئىكەنمىز.
رَبَّنَآ أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَـٰلِمُونَ
107 _ ئى رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز (كۇفرىغا) يەنە قايتساق، ئۇ چاغدا بىز راستتىنلا (ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز) ئۇۋال قىلغان بولىمىز».
قَالَ ٱخْسَـُٔوا۟ فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ
108 _ ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خارلانغان ھالدا قېلىڭلار، (بۇ ھەقتە) ماڭا گەپ قىلغۇچى بولماڭلار».
إِنَّهُۥ كَانَ فَرِيقٌ مِّنْ عِبَادِى يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغْفِرْ لَنَا وَٱرْحَمْنَا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلرَّٰحِمِينَ
109 _ شەكسىزكى بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر[3] ‹ئى رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دەيتتى.
فَٱتَّخَذْتُمُوهُمْ سِخْرِيًّا حَتَّىٰٓ أَنسَوْكُمْ ذِكْرِى وَكُنتُم مِّنْهُمْ تَضْحَكُونَ
110 _ سىلەر بولساڭلار ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا بۇ ئىش سىلەرگە مېنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى، يەنە سىلەر ئۇلارنى (زاڭلىق قىلىپ) كۈلەتتىڭلار.
إِنِّى جَزَيْتُهُمُ ٱلْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوٓا۟ أَنَّهُمْ هُمُ ٱلْفَآئِزُونَ
111 _ ئۇلار سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بۈگۈن ئۇلارنى مۇكاپاتلىدىم. شەكسىزكى، ئۇلار مەقسىتىگە يەتكۈچىلەردۇر».
قَـٰلَ كَمْ لَبِثْتُمْ فِى ٱلْأَرْضِ عَدَدَ سِنِينَ
112 _ ئاللاھ (ئازابتىكىلەردىن): «سىلەر يەر يۈزىدە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ.
قَالُوا۟ لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ فَسْـَٔلِ ٱلْعَآدِّينَ
113 _ ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (بۇنى) ھېسابلاپ تۇرغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ.
قَـٰلَ إِن لَّبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ لَّوْ أَنَّكُمْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
114 _ ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار پەقەت ئازغىنە تۇردۇڭلار» دەيدۇ.
أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَـٰكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ
115 _ (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى بىزنىڭ پەقەتلا بىھۇدە (مەقسەتسىز) ياراتقانلىقىمىزنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىڭلارنى ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟
فَتَعَـٰلَى ٱللَّهُ ٱلْمَلِكُ ٱلْحَقُّ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْكَرِيمِ
116 _ ھەقىقىي پادىشاھ _ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر.
وَمَن يَدْعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ لَا بُرْهَـٰنَ لَهُۥ بِهِۦ فَإِنَّمَا حِسَابُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦٓ ۚ إِنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلْكَـٰفِرُونَ
117 _ كىمكى ھېچقانداق دەلىلى يوق تۇرۇقلۇق، ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر ئىلاھقا چوقۇنىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ. كاپىرلار ھەرگىز نىجات تاپالمايدۇ.
وَقُل رَّبِّ ٱغْفِرْ وَٱرْحَمْ وَأَنتَ خَيْرُ ٱلرَّٰحِمِينَ
118 _ (ئى پەيغەمبەر!) «ئى رەببىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن» دېگىن.