تارىق سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 17 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە چەكسىز قۇدرىتىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ
1 _ ئاسمان بىلەن ۋە تۈندە چاقنىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ
2 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن تۈندە چاقنىغۇچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
ٱلنَّجْمُ ٱلثَّاقِبُ
3 _ ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر.
إِن كُلُّ نَفْسٍ لَّمَّا عَلَيْهَا حَافِظٌ
4 _ ھەربىر ئادەمنىڭ ئۈستىدە كۆزەتچى (پەرىشتە) بار.
فَلْيَنظُرِ ٱلْإِنسَـٰنُ مِمَّ خُلِقَ
5 _ ئىنسان ئۆزىنىڭ نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قاراپ باقسۇن.
خُلِقَ مِن مَّآءٍ دَافِقٍ (6) يَخْرُجُ مِنۢ بَيْنِ ٱلصُّلْبِ وَٱلتَّرَآئِبِ (7)
6 _ 7_ ئۇ ئومۇرتقا بىلەن كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان مەنىيدىن يارىتىلغان.
إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجْعِهِۦ لَقَادِرٌ
8 _ شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇنى (ئۆلگىنىدىن كېيىن ھاياتقا) قايتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر.
يَوْمَ تُبْلَى ٱلسَّرَآئِرُ
9 _ سىرلار ئاشكارىلىنىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە،
فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ
10 _ ئۇ ئىنسانغا (ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق كۈچ ۋە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ.
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجْعِ
11 _ قايتۇرىدىغان [861145] ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلْأَرْضِ ذَاتِ ٱلصَّدْعِ
12 _ بېرىلىدىغان[861246] زېمىن بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّهُۥ لَقَوْلٌ فَصْلٌ
13 _ ئەلۋەتتە بۇ (قۇرئان) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان سۆزدۇر.
وَمَا هُوَ بِٱلْهَزْلِ
14 _ ئۇ چاقچاق ئەمەس.
إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًا
15 _ شەكسىزكى، كاپىرلار ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ تۇرىدۇ.
وَأَكِيدُ كَيْدًا
16 _ مەنمۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرلىرىنى بەربات قىلىپ تۇرىمەن.
فَمَهِّلِ ٱلْكَـٰفِرِينَ أَمْهِلْهُمْ رُوَيْدًۢا
17 _ (ئى پەيغەمبەر!) شۇڭا سەن كاپىرلار(نىڭ ھالاك بولۇشى) ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمىگىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن.