ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ 281 _ ئايىتى «ھەججەتۇل ۋەدا»([1]) كۈنىدە مىنادا([2])، قالغان ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 286 ئايەت.
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام ئۈممىتىنى ھەق دىننى بەرپا قىلىشقا ۋە يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈشكە تەييارلاش، ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىنى، ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
[1] ھەججەتۇل ۋەدا _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ھەجنى كۆرسىتىدۇ.
[2] مىنا — مەكىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان، مەسجىدى ھەرەمدىن تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ۋادىنىڭ نامى.
الٓمٓ
1 _ ئەلىف، لام، مىيم (بەزى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن بۇ خىلدىكى ھەرپلەر قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، قۇرئاننىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىرەر كىتابنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ).
ذَٰلِكَ ٱلْكِتَـٰبُ لَا رَيْبَ ۛ فِيهِ ۛ هُدًى لِّلْمُتَّقِينَ
2 _ بۇ ئۇلۇغ كىتابتۇر، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوقتۇر، تەقۋادارلارغا [1] يېتەكچىدۇر.
ٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِٱلْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ
3 _ ئۇلار غەيىبكە [2] ئىشىنىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
وَٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ وَبِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
4 _ ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (كىتابلار)غا ئىشىنىدىغان ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِّن رَّبِّهِمْ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ
5 _ ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدىدۇر، ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ سَوَآءٌ عَلَيْهِمْ ءَأَنذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
6 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېنىقكى، كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنى [3] ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
خَتَمَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَعَلَىٰ سَمْعِهِمْ ۖ وَعَلَىٰٓ أَبْصَـٰرِهِمْ غِشَـٰوَةٌ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
7 _ ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (شۇڭا ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (شۇڭا ئۇلار ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ وَمَا هُم بِمُؤْمِنِينَ
8 _ بەزىبىر ئادەملەر باركى، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئىشەنمەي تۇرۇپ، «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەپ قويۇشىدۇ.
يُخَـٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
9 _ ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ فَزَادَهُمُ ٱللَّهُ مَرَضًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌۢ بِمَا كَانُوا۟ يَكْذِبُونَ
10 _ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئېيتىۋاتقان يالغانلىرى سەۋەبلىك ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ قَالُوٓا۟ إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ
11 _ ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ.
أَلَآ إِنَّهُمْ هُمُ ٱلْمُفْسِدُونَ وَلَـٰكِن لَّا يَشْعُرُونَ
12 _ بىلىڭلاركى، ئۇلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن (بۇنى) ئۆزلىرى تۇيمايدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ ءَامِنُوا۟ كَمَآ ءَامَنَ ٱلنَّاسُ قَالُوٓا۟ أَنُؤْمِنُ كَمَآ ءَامَنَ ٱلسُّفَهَآءُ ۗ أَلَآ إِنَّهُمْ هُمُ ٱلسُّفَهَآءُ وَلَـٰكِن لَّا يَعْلَمُونَ
13 _ ئۇلارغا: «سىلەرمۇ كىشىلەر (مۇسۇلمانلار) ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەقلەردۇر، لېكىن ئۇلار (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَإِذَا لَقُوا۟ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوْا۟ إِلَىٰ شَيَـٰطِينِهِمْ قَالُوٓا۟ إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِءُونَ
14 _ ئۇلار ئىمان ئېيتقانلار بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، (ئۆزلىرىنى ئازدۇرغان ئادىمىي) شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز تېپىشقاندا بولسا: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللىمىز، بىز پەقەت (ئىمان ئېيتقانلارنى) مەسخىرە قىلىۋاتىمىز» دەيدۇ.
ٱللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِى طُغْيَـٰنِهِمْ يَعْمَهُونَ
15 _ ئاللاھ ئۇلارغا (مەسخىرە قىلغانلىقىنىڭ) جازاسىنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇق (پاتقاقلىرى)دا تاشلاپ قويىدۇ، ئۇلار بولسا تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلضَّلَـٰلَةَ بِٱلْهُدَىٰ فَمَا رَبِحَت تِّجَـٰرَتُهُمْ وَمَا كَانُوا۟ مُهْتَدِينَ
16 _ ئەنە شۇلار ھىدايەتكە ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى.
مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ ٱلَّذِى ٱسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّآ أَضَآءَتْ مَا حَوْلَهُۥ ذَهَبَ ٱللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِى ظُلُمَـٰتٍ لَّا يُبْصِرُونَ
17 _ ئۇلار گوياكى (قاراڭغۇ كېچىدە) مەشئەل [4] ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، مەشئەل ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە قالدۇردى.
صُمٌّۢ بُكْمٌ عُمْىٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
18 _ ئۇلار گاستۇر (ھەق سۆزنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (ھەق سۆزنى قىلمايدۇ)، كوردۇر (توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (ئازغۇنلۇقىدىن) قايتمايدۇ.
أَوْ كَصَيِّبٍ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فِيهِ ظُلُمَـٰتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَـٰبِعَهُمْ فِىٓ ءَاذَانِهِم مِّنَ ٱلصَّوَٰعِقِ حَذَرَ ٱلْمَوْتِ ۚ وَٱللَّهُ مُحِيطٌۢ بِٱلْكَـٰفِرِينَ
19 _ ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
يَكَادُ ٱلْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَـٰرَهُمْ ۖ كُلَّمَآ أَضَآءَ لَهُم مَّشَوْا۟ فِيهِ وَإِذَآ أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا۟ ۚ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَـٰرِهِمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
20 _ چاقماق ئۇلارنى كۆز نۇرىدىن ئايرىپ قويغىلى تاس قالىدۇ، چاقماق ئۇلارغا ھەرقاچان يورۇق چۈشۈرگەندە، ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ. (چاقماق ئۆچۈپ) قاراڭغۇلۇق باسقاندا بولسا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوق قىلىۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱعْبُدُوا۟ رَبَّكُمُ ٱلَّذِى خَلَقَكُمْ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
21 _ ئى ئىنسانلار! (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار[5] ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار [6].
ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ فِرَٰشًا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءً وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَخْرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزْقًا لَّكُمْ ۖ فَلَا تَجْعَلُوا۟ لِلَّهِ أَندَادًا وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ
22 _ ئۇ سىلەرگە زېمىننى سېلىنچا ۋە ئاسماننى تورۇس قىلىپ بەرگەن، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىپ بەرگەن زاتتۇر. شۇڭا، سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار.
وَإِن كُنتُمْ فِى رَيْبٍ مِّمَّا نَزَّلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا فَأْتُوا۟ بِسُورَةٍ مِّن مِّثْلِهِۦ وَٱدْعُوا۟ شُهَدَآءَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
23 _ ئەگەر سىلەر بىز بەندىمىز (مۇھەممەد)كە نازىل قىلغان قۇرئانغا شەك كەلتۈرسەڭلار ۋە (قۇرئان ئىنسان سۆزىدۇر دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ، قۇرئاندىكىگە ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار.
فَإِن لَّمْ تَفْعَلُوا۟ وَلَن تَفْعَلُوا۟ فَٱتَّقُوا۟ ٱلنَّارَ ٱلَّتِى وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلْحِجَارَةُ ۖ أُعِدَّتْ لِلْكَـٰفِرِينَ
24 _ ئەگەر بۇنداق قىلالمىساڭلار _ ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر _ ئۇنداقتا، كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار.
وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۖ كُلَّمَا رُزِقُوا۟ مِنْهَا مِن ثَمَرَةٍ رِّزْقًا ۙ قَالُوا۟ هَـٰذَا ٱلَّذِى رُزِقْنَا مِن قَبْلُ ۖ وَأُتُوا۟ بِهِۦ مُتَشَـٰبِهًا ۖ وَلَهُمْ فِيهَآ أَزْوَٰجٌ مُّطَهَّرَةٌ ۖ وَهُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
25 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار ھەر قېتىم جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنمۇ رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا (كۆرۈنۈشتە دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە) ئوخشايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك ھۆرلەر بار، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ.
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَسْتَحْىِۦٓ أَن يَضْرِبَ مَثَلًا مَّا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا ۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَيَقُولُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَـٰذَا مَثَلًا ۘ يُضِلُّ بِهِۦ كَثِيرًا وَيَهْدِى بِهِۦ كَثِيرًا ۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِۦٓ إِلَّا ٱلْفَـٰسِقِينَ
26 _ شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەقىقەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن) پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، ئىمان ئېيتقانلار ئۇنى رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ؛ بۇ مىسال بىلەن پەقەت پاسىقلارنى ئازدۇرىدۇ.
ٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مِيثَـٰقِهِۦ وَيَقْطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ
27 _ (ئۇ) پاسىقلار ئاللاھقا مۇستەھكەم ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان نەرسىنى (يەنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، تۇغقانچىلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى) ئۈزۈپ قويىدىغان ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
كَيْفَ تَكْفُرُونَ بِٱللَّهِ وَكُنتُمْ أَمْوَٰتًا فَأَحْيَـٰكُمْ ۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
28 _ (ئى كاپىرلار!) ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر؟ جانسىز ئىدىڭلار، ئۇ سىلەرگە ھايات بەردى، كېيىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ لَكُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ ٱسْتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبْعَ سَمَـٰوَٰتٍ ۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ
29 _ ئاللاھ زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتقان، ئاندىن ئاسمانغا يۈزلىنىپ، ئۇنى نۇقسانسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىغان زاتتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِنِّى جَاعِلٌ فِى ٱلْأَرْضِ خَلِيفَةً ۖ قَالُوٓا۟ أَتَجْعَلُ فِيهَا مَن يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ ٱلدِّمَآءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ ۖ قَالَ إِنِّىٓ أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
30 _ ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە ئورۇنباسار يارىتىمەن» دېگەن ئىدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (ئىنسان)نى ئورۇنباسار قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز ۋە ئۇلۇغلايمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى.
وَعَلَّمَ ءَادَمَ ٱلْأَسْمَآءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ فَقَالَ أَنۢبِـُٔونِى بِأَسْمَآءِ هَـٰٓؤُلَآءِ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
31 _ ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى (ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى) ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇ شەيئىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «(ئورۇنباسارلىققا ئادەمدىن بىز ھەقلىق دەيدىغان قارىشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.
قَالُوا۟ سُبْحَـٰنَكَ لَا عِلْمَ لَنَآ إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْحَكِيمُ
32 _ پەرىشتىلەر: «(ئى رەببىمىز!) بىز سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز. شەكسىزكى، سەن ھەممىنى بىلگۈچىسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى.
قَالَ يَـٰٓـَٔادَمُ أَنۢبِئْهُم بِأَسْمَآئِهِمْ ۖ فَلَمَّآ أَنۢبَأَهُم بِأَسْمَآئِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ إِنِّىٓ أَعْلَمُ غَيْبَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنتُمْ تَكْتُمُونَ
33 _ ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى شەكسىز بىلىپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم؟» دېدى.
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ ٱسْجُدُوا۟ لِـَٔادَمَ فَسَجَدُوٓا۟ إِلَّآ إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَٱسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ
34 _ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلغىلى) ئۇنىمىدى، تەكەببۇرلۇق قىلدى ۋە كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.
وَقُلْنَا يَـٰٓـَٔادَمُ ٱسْكُنْ أَنتَ وَزَوْجُكَ ٱلْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَـٰذِهِ ٱلشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
35 _ بىز (ئادەمگە): «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرغىن! سىلەر جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ _ ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق.
فَأَزَلَّهُمَا ٱلشَّيْطَـٰنُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا ٱهْبِطُوا۟ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَـٰعٌ إِلَىٰ حِينٍ
36 _ شەيتان ئۇ ئىككىسىنى (مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يىگۈزۈپ) خاتالاشتۇردى، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقارغۇزۇۋەتتى. بىز (ئادەم، ھەۋۋا ۋە ئىبلىسقا): «بىر _ بىرىڭلار بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە سىلەرگە ۋاقىتلىق يەرلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش بار» دېدۇق.
فَتَلَقَّىٰٓ ءَادَمُ مِن رَّبِّهِۦ كَلِمَـٰتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
37 _ ئادەم رەببىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى (ۋە تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
قُلْنَا ٱهْبِطُوا۟ مِنْهَا جَمِيعًا ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّى هُدًى فَمَن تَبِعَ هُدَاىَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
38 _ بىز (ئۇلارغا) «ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن ھىدايەت كەلگەن چاغدا، مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ» دېدۇق.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَآ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
39 _ كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار— ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا۟ بِعَهْدِىٓ أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّـٰىَ فَٱرْهَبُونِ
40 _ ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلەڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، سىلەر مەندىنلا قورقۇڭلار.
وَءَامِنُوا۟ بِمَآ أَنزَلْتُ مُصَدِّقًا لِّمَا مَعَكُمْ وَلَا تَكُونُوٓا۟ أَوَّلَ كَافِرٍۭ بِهِۦ ۖ وَلَا تَشْتَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِى ثَمَنًا قَلِيلًا وَإِيَّـٰىَ فَٱتَّقُونِ
41 _ مەن قولۇڭلاردىكى (تەۋرات)نى تەستىقلىغۇچى قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى (بۇرمىلاپ) ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
وَلَا تَلْبِسُوا۟ ٱلْحَقَّ بِٱلْبَـٰطِلِ وَتَكْتُمُوا۟ ٱلْحَقَّ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ
42 _ ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار.
وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱرْكَعُوا۟ مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ
43 _ نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، (ئاللاھقا) رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار.
أَتَأْمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلْبِرِّ وَتَنسَوْنَ أَنفُسَكُمْ وَأَنتُمْ تَتْلُونَ ٱلْكِتَـٰبَ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
44 _ كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇپ قالامسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات)نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
وَٱسْتَعِينُوا۟ بِٱلصَّبْرِ وَٱلصَّلَوٰةِ ۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى ٱلْخَـٰشِعِينَ
45 _ سەۋر ۋە ناماز بىلەن ياردەم تىلەڭلار. شەكسىزكى، ناماز ئاللاھقا قەلبىدىن باغلانغان كىشىلەردىن باشقىسىغا ئېغىر كېلىدۇ [8].
ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَـٰقُوا۟ رَبِّهِمْ وَأَنَّهُمْ إِلَيْهِ رَٰجِعُونَ
46 _ (ئاللاھقا قەلبىدىن باغلانغانلار) رەببى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر.
يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّى فَضَّلْتُكُمْ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
47 _ ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە (بىر زامانلاردا) سىلەرنى پۈتكۈل جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار.
وَٱتَّقُوا۟ يَوْمًا لَّا تَجْزِى نَفْسٌ عَن نَّفْسٍ شَيْـًٔا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَـٰعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
48 _ سىلەر كىشى كىشىگە قىلچىلىك ئەسقاتمايدىغان، (ئاللاھ ئىجازەت بەرمىگۈچە) ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىديە ئېلىنمايدىغان، كاپىرلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار.
وَإِذْ نَجَّيْنَـٰكُم مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَآءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَآءَكُمْ ۚ وَفِى ذَٰلِكُم بَلَآءٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌ
49 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پىرئەۋن گۇرۇھىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (ئىشقا سېلىش ئۈچۈن) ھايات قالدۇراتتى. (بېشىڭلارغا كەلگەن) ئاشۇ ئىشتا رەببىڭلارنىڭ چوڭ سىنىقى بار ئىدى.
وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ ٱلْبَحْرَ فَأَنجَيْنَـٰكُمْ وَأَغْرَقْنَآ ءَالَ فِرْعَوْنَ وَأَنتُمْ تَنظُرُونَ
50 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز دېڭىزنى سىلەر ئۈچۈن يېرىپ (يول ئېچىپ) سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلغان ئىدۇق.
وَإِذْ وَٰعَدْنَا مُوسَىٰٓ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ثُمَّ ٱتَّخَذْتُمُ ٱلْعِجْلَ مِنۢ بَعْدِهِۦ وَأَنتُمْ ظَـٰلِمُونَ
51 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇساغا قىرىق كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى بېرىشنى) ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان ئىدىڭلار.
ثُمَّ عَفَوْنَا عَنكُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
52 _ شۇنىڭدىن كېيىن، (ئەقىل تېپىپ) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئەپۇ قىلغان ئىدۇق.
وَإِذْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
53 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتاب (تەۋرات)نى بەرگەن ئىدۇق.
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ يَـٰقَوْمِ إِنَّكُمْ ظَلَمْتُمْ أَنفُسَكُم بِٱتِّخَاذِكُمُ ٱلْعِجْلَ فَتُوبُوٓا۟ إِلَىٰ بَارِئِكُمْ فَٱقْتُلُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ عِندَ بَارِئِكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
54 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلىرىڭلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېگەن ئىدى. (سىلەر بۇنى ئورۇندىدىڭلار) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِذْ قُلْتُمْ يَـٰمُوسَىٰ لَن نُّؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى ٱللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْكُمُ ٱلصَّـٰعِقَةُ وَأَنتُمْ تَنظُرُونَ
55 _ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر: «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار _ دە، قاراپ تۇرغان چېغىڭلاردا سىلەرنى چاقماق سوقتى.
ثُمَّ بَعَثْنَـٰكُم مِّنۢ بَعْدِ مَوْتِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
56 _ ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلدۈردۇق.
وَظَلَّلْنَا عَلَيْكُمُ ٱلْغَمَامَ وَأَنزَلْنَا عَلَيْكُمُ ٱلْمَنَّ وَٱلسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا۟ مِن طَيِّبَـٰتِ مَا رَزَقْنَـٰكُمْ ۖ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَـٰكِن كَانُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
57 _ بىز سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنەنى چۈشۈرۈپ بېرىپ: «بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). ئەمما ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلىپ) بىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى.
وَإِذْ قُلْنَا ٱدْخُلُوا۟ هَـٰذِهِ ٱلْقَرْيَةَ فَكُلُوا۟ مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَٱدْخُلُوا۟ ٱلْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا۟ حِطَّةٌ نَّغْفِرْ لَكُمْ خَطَـٰيَـٰكُمْ ۚ وَسَنَزِيدُ ٱلْمُحْسِنِينَ
58 _ ئۆز ۋاقتىدا (ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، ‹(ئى رەببىمىز!) بىزنى كەچۈرگىن› دەڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار)، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، (تائەت- ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ [9] قىلغۇچىلارغا (مۇكاپاتىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدۇق.
فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ قَوْلًا غَيْرَ ٱلَّذِى قِيلَ لَهُمْ فَأَنزَلْنَا عَلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ رِجْزًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُوا۟ يَفْسُقُونَ
59 _ (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى. (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق.
وَإِذِ ٱسْتَسْقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ فَقُلْنَا ٱضْرِب بِّعَصَاكَ ٱلْحَجَرَ ۖ فَٱنفَجَرَتْ مِنْهُ ٱثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَّشْرَبَهُمْ ۖ كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ مِن رِّزْقِ ٱللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
60 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى)، تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر ئايماق ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق).
وَإِذْ قُلْتُمْ يَـٰمُوسَىٰ لَن نَّصْبِرَ عَلَىٰ طَعَامٍ وَٰحِدٍ فَٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُخْرِجْ لَنَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلْأَرْضُ مِنۢ بَقْلِهَا وَقِثَّآئِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَا ۖ قَالَ أَتَسْتَبْدِلُونَ ٱلَّذِى هُوَ أَدْنَىٰ بِٱلَّذِى هُوَ خَيْرٌ ۚ ٱهْبِطُوا۟ مِصْرًا فَإِنَّ لَكُم مَّا سَأَلْتُمْ ۗ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ ٱلذِّلَّةُ وَٱلْمَسْكَنَةُ وَبَآءُو بِغَضَبٍ مِّنَ ٱللَّهِ ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا۟ يَكْفُرُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَيَقْتُلُونَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ ۗ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوا۟ وَّكَانُوا۟ يَعْتَدُونَ
61 _ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (شۇنچە ئېسىل نېمەتلەر بىلەن رىزىقلىنىپ تۇرۇپ): «ئى مۇسا! بىز بىر خىللا يىمەكلىك بىلەن ھەرگىز تۇرالمايمىز، سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن (بولۇپمۇ) تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ (ئۇنداقتا) سىلەر شەھەرگە كىرىڭلار، تىلىگىنىڭلار (شۇ يەردە) بار» دېدى. ئۇلار خارلىققا، موھتاجلىققا مەھكۇم قىلىندى. ئاللاھ تەرەپتىن غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ يەنە ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِينَ هَادُوا۟ وَٱلنَّصَـٰرَىٰ وَٱلصَّـٰبِـِٔينَ مَنْ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
62 _ شەكسىزكى، (بۇ ئۈممەت ئىچىدىكى) مۇئمىنلەرگە ۋە يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار، سابىئىيلار [10] ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُوا۟ مَآ ءَاتَيْنَـٰكُم بِقُوَّةٍ وَٱذْكُرُوا۟ مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
63 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويۇپ، سىلەرگە: «(ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق).
ثُمَّ تَوَلَّيْتُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۖ فَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُۥ لَكُنتُم مِّنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ
64 _ شۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ۋەدەڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار.
وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ ٱلَّذِينَ ٱعْتَدَوْا۟ مِنكُمْ فِى ٱلسَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا۟ قِرَدَةً خَـٰسِـِٔينَ
65 _ ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى چەكلىمىدىن چەتنەپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى) سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خارلانغان ھالدا مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېگەن ئىدۇق.
فَجَعَلْنَـٰهَا نَكَـٰلًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِّلْمُتَّقِينَ
66 _ بىز بۇ جازانى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەت قىلدۇق.
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تَذْبَحُوا۟ بَقَرَةً ۖ قَالُوٓا۟ أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا ۖ قَالَ أَعُوذُ بِٱللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ ٱلْجَـٰهِلِينَ
67 _ (قاتىلى نامەلۇم بىر جىنايەت سادىر بولغان) ۋاقىتتا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «(مەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ) نادانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى.
قَالُوا۟ ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِىَ ۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَّا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌۢ بَيْنَ ذَٰلِكَ ۖ فَٱفْعَلُوا۟ مَا تُؤْمَرُونَ
68 _ ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە ئىلتىجا قىلغىن، رەببىڭ بىزگە ئۇنىڭ قانداق (كالا) ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى چوقۇم قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى.
قَالُوا۟ ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا لَوْنُهَا ۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَآءُ فَاقِعٌ لَّوْنُهَا تَسُرُّ ٱلنَّـٰظِرِينَ
69 _ ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ئۇ كالىنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى».
قَالُوا۟ ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِىَ إِنَّ ٱلْبَقَرَ تَشَـٰبَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّآ إِن شَآءَ ٱللَّهُ لَمُهْتَدُونَ
70 _ ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلسۇن، بىز قانداق كالا بوغۇزلايدىغانلىقىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. (ئېنىق بولغاندىن كېيىن) ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇنى ئورۇنداشنىڭ يولىنى چوقۇم تاپىمىز» دېيىشتى.
قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَّا ذَلُولٌ تُثِيرُ ٱلْأَرْضَ وَلَا تَسْقِى ٱلْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَّا شِيَةَ فِيهَا ۚ قَالُوا۟ ٱلْـَٔـٰنَ جِئْتَ بِٱلْحَقِّ ۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا۟ يَفْعَلُونَ
71 _ مۇسا: «ئاللاھ ئۇنىڭ يەر ھەيدەشكە، زىرائەت سۇغىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن، بېجىرىم، رەڭگىدە ئالىسى يوق كالا بولسۇن دەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار كالىنى (تېپىپ كېلىپ) بوغۇزلىدى، ئۇلار بۇنى ئورۇندىيالمىغىلى تاس قالغان ئىدى
وَإِذْ قَتَلْتُمْ نَفْسًا فَٱدَّٰرَْٰٔتُمْ فِيهَا ۖ وَٱللَّهُ مُخْرِجٌ مَّا كُنتُمْ تَكْتُمُونَ
72 _ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، بۇنى بىر _ بىرىڭلارغا دۆڭگەشكەن ئىدىڭلار. ھالبۇكى، سىلەر يوشۇرغاننى ئاللاھ ئاشكارىلىغۇچىدۇر.
فَقُلْنَا ٱضْرِبُوهُ بِبَعْضِهَا ۚ كَذَٰلِكَ يُحْىِ ٱللَّهُ ٱلْمَوْتَىٰ وَيُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
73 _ (سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلىنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن دەپ، قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە (مۇشۇنداق) كۆرسىتىدۇ.
ثُمَّ قَسَتْ قُلُوبُكُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَهِىَ كَٱلْحِجَارَةِ أَوْ أَشَدُّ قَسْوَةً ۚ وَإِنَّ مِنَ ٱلْحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنْهُ ٱلْأَنْهَـٰرُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخْرُجُ مِنْهُ ٱلْمَآءُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَهْبِطُ مِنْ خَشْيَةِ ٱللَّهِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
74 _ شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، ئۇ تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ بەك قېتىپ كەتتى. ھالبۇكى، تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ، (يۇقىرىدىن) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.
أَفَتَطْمَعُونَ أَن يُؤْمِنُوا۟ لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِّنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَـٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُۥ مِنۢ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
75 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) يەھۇدىيلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىۋەتكەن تۇرسا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟
وَإِذَا لَقُوا۟ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ قَالُوٓا۟ أَتُحَدِّثُونَهُم بِمَا فَتَحَ ٱللَّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَآجُّوكُم بِهِۦ عِندَ رَبِّكُمْ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
76 _ ئۇلار مۇئمىنلەر بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. بىر _ بىرى بىلەن يالغۇز قالغان چاغدا بولسا: «ئىمان ئېيتقانلار رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىزگە قارشى پاكىت قىلىپ كۆرسەتسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە (تەۋراتتا) بىلدۈرگەنلەرنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىۋاتامسىلەر؟ (بۇنىڭغا) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دەيدۇ.
أَوَلَا يَعْلَمُونَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
77 _ يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟
وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ ٱلْكِتَـٰبَ إِلَّآ أَمَانِىَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
78 _ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بىلمەيدىغان، پەقەت ئويدۇرمىلارغىلا قۇلاق سالىدىغان، خىيالغىلا تايىنىدىغان ساۋاتسىزلىرىمۇ بار.
فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ يَكْتُبُونَ ٱلْكِتَـٰبَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَـٰذَا مِنْ عِندِ ٱللَّهِ لِيَشْتَرُوا۟ بِهِۦ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَوَيْلٌ لَّهُم مِّمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَّهُم مِّمَّا يَكْسِبُونَ
79 _ كىتابنى ئۆز قولى بىلەن (ئۆزگەرتىپ) يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنە مەنپەئەت بەدىلىگە سېتىۋېتىش ئۈچۈن «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغاندۇر» دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! قولى بىلەن يېزىۋالغان نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! (بۇ ئارقىلىق) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
وَقَالُوا۟ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامًا مَّعْدُودَةً ۚ قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِندَ ٱللَّهِ عَهْدًا فَلَن يُخْلِفَ ٱللَّهُ عَهْدَهُۥٓ ۖ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
80 _ ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەردىلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) دېگىنكى، «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ؟ (ئەگەر ۋەدە بەرگەن بولسا) ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟».
بَلَىٰ مَن كَسَبَ سَيِّئَةً وَأَحَـٰطَتْ بِهِۦ خَطِيٓـَٔتُهُۥ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
81 _ ئەمەلىيەت سىلەر دېگەندەك ئەمەس. كىمكى گۇناھ قىلىدىكەن ۋە گۇناھقا پېتىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
82 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئەنە شۇ كىشىلەر جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرغۇچىلاردۇر.
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ وَبِٱلْوَٰلِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَـٰمَىٰ وَٱلْمَسَـٰكِينِ وَقُولُوا۟ لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِّنكُمْ وَأَنتُم مُّعْرِضُونَ
83 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا _ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىدىن باشقىلىرىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (شۇنداق) يېنىۋالىسىلەر.
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَآءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنفُسَكُم مِّن دِيَـٰرِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنتُمْ تَشْهَدُونَ
84 _ ئۆز ۋاقتىدا بىر _ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر _ بىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئىدىڭلار، (بۇنىڭغا) ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھ.
ثُمَّ أَنتُمْ هَـٰٓؤُلَآءِ تَقْتُلُونَ أَنفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِّنكُم مِّن دِيَـٰرِهِمْ تَظَـٰهَرُونَ عَلَيْهِم بِٱلْإِثْمِ وَٱلْعُدْوَٰنِ وَإِن يَأْتُوكُمْ أُسَـٰرَىٰ تُفَـٰدُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ۚ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ ٱلْكِتَـٰبِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ ۚ فَمَا جَزَآءُ مَن يَفْعَلُ ذَٰلِكَ مِنكُمْ إِلَّا خِزْىٌ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَيَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰٓ أَشَدِّ ٱلْعَذَابِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
85 _ كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر _ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئاراڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ كەلگەندە بولسا، فىديە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. سىلەر كىتابنىڭ (تەۋراتنىڭ) بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، يەنە بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ (شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى) سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا بولۇش، قىيامەت كۈنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا بِٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ ٱلْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
86 _ ئەنە شۇلار ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا (ئازابتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن) ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ وَقَفَّيْنَا مِنۢ بَعْدِهِۦ بِٱلرُّسُلِ ۖ وَءَاتَيْنَا عِيسَى ٱبْنَ مَرْيَمَ ٱلْبَيِّنَـٰتِ وَأَيَّدْنَـٰهُ بِرُوحِ ٱلْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَآءَكُمْ رَسُولٌۢ بِمَا لَا تَهْوَىٰٓ أَنفُسُكُمُ ٱسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
87 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ (پەيغەمبەرلەردىن) بىر قىسمىنى يالغانغا چىقاردىڭلار، يەنە بىر قىسمىنى ئۆلتۈردۈڭلار.
وَقَالُوا۟ قُلُوبُنَا غُلْفٌۢ ۚ بَل لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَقَلِيلًا مَّا يُؤْمِنُونَ
88 _ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار): «بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلىنىپ قالغان» دېدى. ئەكسىچە، ئۇلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن قوغلىدى، شۇڭا ئۇلار بەكمۇ ئاز ئىمان ئېيتىدۇ (يەنى تولۇق ئىمان ئېيتمايدۇ).
وَلَمَّا جَآءَهُمْ كِتَـٰبٌ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٌ لِّمَا مَعَهُمْ وَكَانُوا۟ مِن قَبْلُ يَسْتَفْتِحُونَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَلَمَّا جَآءَهُم مَّا عَرَفُوا۟ كَفَرُوا۟ بِهِۦ ۚ فَلَعْنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ
89 _ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا قولىدىكى (تەۋرات)نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) كەلگەن چاغدا (ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى)، ئىلگىرى ئۇلار (تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار ئۆزلىرى بىلىدىغان بۇ پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتى (مۇشۇنداق) كاپىرلارغا بولىدۇ.
بِئْسَمَا ٱشْتَرَوْا۟ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمْ أَن يَكْفُرُوا۟ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بَغْيًا أَن يُنَزِّلَ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ ۖ فَبَآءُو بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍ ۚ وَلِلْكَـٰفِرِينَ عَذَابٌ مُّهِينٌ
90 _ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان بىرىگە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىغا ھەسەت قىلغانلىقتىن، ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان)نى ئىنكار قىلىپ ئۆزىنى نابۇت قىلىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى _ ئۈستىگە غەزەپكە ئۇچرىدى. بۇ كاپىرلارغا خارلىغۇچى ئازاپ بار.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ ءَامِنُوا۟ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُوا۟ نُؤْمِنُ بِمَآ أُنزِلَ عَلَيْنَا وَيَكْفُرُونَ بِمَا وَرَآءَهُۥ وَهُوَ ٱلْحَقُّ مُصَدِّقًا لِّمَا مَعَهُمْ ۗ قُلْ فَلِمَ تَقْتُلُونَ أَنۢبِيَآءَ ٱللَّهِ مِن قَبْلُ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
91 _ ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان) غا ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان (تەۋرات)قا ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن (قۇرئان)نى ئىنكار قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (قۇرئان) ئۇلارنىڭ قولىدىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ھەق كىتابتۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا: «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن.
وَلَقَدْ جَآءَكُم مُّوسَىٰ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ ثُمَّ ٱتَّخَذْتُمُ ٱلْعِجْلَ مِنۢ بَعْدِهِۦ وَأَنتُمْ ظَـٰلِمُونَ
92 _ مۇسا سىلەرگە ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى كەلتۈرگەن ئىدى. مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار.
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُوا۟ مَآ ءَاتَيْنَـٰكُم بِقُوَّةٍ وَٱسْمَعُوا۟ ۖ قَالُوا۟ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَأُشْرِبُوا۟ فِى قُلُوبِهِمُ ٱلْعِجْلَ بِكُفْرِهِمْ ۚ قُلْ بِئْسَمَا يَأْمُرُكُم بِهِۦٓ إِيمَـٰنُكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
93 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن (تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا) چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. (بۇ ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭلار ئۈچۈن) تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، «بىز ئاتا قىلغان (تەۋرات)نى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە (ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتكە) قۇلاق سېلىڭلار (بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز)» دېدۇق. ئۇلار: «قۇلاق سالدۇق ۋە ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى تۈپەيلىدىن، دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭدۈرۈلگەن ئىدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۇئمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنە؟» دېگىن.
قُلْ إِن كَانَتْ لَكُمُ ٱلدَّارُ ٱلْـَٔاخِرَةُ عِندَ ٱللَّهِ خَالِصَةً مِّن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُا۟ ٱلْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
94 _ ئۇلارغا دېگىنكى: «ئەگەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاخىرەت يۇرتى باشقىلارغا ئەمەس، سىلەرگىلا خاس بولسا ۋە (شۇ گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!».
وَلَن يَتَمَنَّوْهُ أَبَدًۢا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلظَّـٰلِمِينَ
95 _ ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ (بۇنداق) زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
وَلَتَجِدَنَّهُمْ أَحْرَصَ ٱلنَّاسِ عَلَىٰ حَيَوٰةٍ وَمِنَ ٱلَّذِينَ أَشْرَكُوا۟ ۚ يَوَدُّ أَحَدُهُمْ لَوْ يُعَمَّرُ أَلْفَ سَنَةٍ وَمَا هُوَ بِمُزَحْزِحِهِۦ مِنَ ٱلْعَذَابِ أَن يُعَمَّرَ ۗ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِمَا يَعْمَلُونَ
96 _ شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
قُلْ مَن كَانَ عَدُوًّا لِّجِبْرِيلَ فَإِنَّهُۥ نَزَّلَهُۥ عَلَىٰ قَلْبِكَ بِإِذْنِ ٱللَّهِ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَهُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
97 _ ئېيتقىنكى، «كىمكى جىبرىلغا دۈشمەن بولىدىكەن (ئۇ ئاللاھقا دۈشمەن بولغان بولىدۇ)، ھەقىقەتەن جىبرىل ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، ھىدايەت يېتەكچىسى ۋە مۇئمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە چۈشۈردى.
مَن كَانَ عَدُوًّا لِّلَّهِ وَمَلَـٰٓئِكَتِهِۦ وَرُسُلِهِۦ وَجِبْرِيلَ وَمِيكَىٰلَ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَدُوٌّ لِّلْكَـٰفِرِينَ
98 _ كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، پەيغەمبەرلىرىگە، جىبرىلغا، مىكائىلغا دۈشمەن بولىدىكەن، ئاللاھمۇ (ئۇنداق) كاپىرلارنى چوقۇم دۈشمەن تۇتىدۇ».
وَلَقَدْ أَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ ۖ وَمَا يَكْفُرُ بِهَآ إِلَّا ٱلْفَـٰسِقُونَ
99 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
أَوَكُلَّمَا عَـٰهَدُوا۟ عَهْدًا نَّبَذَهُۥ فَرِيقٌ مِّنْهُم ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
100 _ (يەھۇدىيلار) ھەر قاچان بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىنغا) ئىشەنمەيدۇ.
وَلَمَّا جَآءَهُمْ رَسُولٌ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٌ لِّمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌ مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ كِتَـٰبَ ٱللَّهِ وَرَآءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
101 _ ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قولىدىكى كىتابنى تەستىقلىغۇچى بىر پەيغەمبەر كەلگەندە، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى (خۇددى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابى (بولغان تەۋرات)نى ئارقىسىغا چۆرۈۋېتىدۇ.
وَٱتَّبَعُوا۟ مَا تَتْلُوا۟ ٱلشَّيَـٰطِينُ عَلَىٰ مُلْكِ سُلَيْمَـٰنَ ۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَـٰنُ وَلَـٰكِنَّ ٱلشَّيَـٰطِينَ كَفَرُوا۟ يُعَلِّمُونَ ٱلنَّاسَ ٱلسِّحْرَ وَمَآ أُنزِلَ عَلَى ٱلْمَلَكَيْنِ بِبَابِلَ هَـٰرُوتَ وَمَـٰرُوتَ ۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَآ إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ ۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِۦ بَيْنَ ٱلْمَرْءِ وَزَوْجِهِۦ ۚ وَمَا هُم بِضَآرِّينَ بِهِۦ مِنْ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنفَعُهُمْ ۚ وَلَقَدْ عَلِمُوا۟ لَمَنِ ٱشْتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ مِنْ خَلَـٰقٍ ۚ وَلَبِئْسَ مَا شَرَوْا۟ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمْ ۚ لَوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ
102 _ ئۇلار سۇلەيماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھىرگەرلىككە ئائىت) سۆزلىرىگە ئەگەشتى. سۇلەيمان كاپىر بولمىدى (يەنى سېھىرگەرلىك قىلمىدى)، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىرنى، شۇنداقلا بابىل (شەھىرى) دىكى ھارۇت، مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە چۈشۈرۈلگەن سېھىرنى ئۆگىتىپ كاپىر بولدى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) «بىز (نىڭ ئەۋەتىلىشىمىز) پەقەتلا بىر سىناق، ھەرگىز كاپىر بولۇپ كەتمىگىن» دېمەي تۇرۇپ، ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) بۇ ئىككىسىدىن ئەر _ ئايالنى بىر _ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى) سېھىرگە تېگىشكۈچىگە ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە تېگىشكەن سېھىر نېمىدېگەن يامان! ئەگەر ئۇلار (ئۆزلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) بىلسە ئىدى (سېھىر ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلمىغان بولاتتى).
وَلَوْ أَنَّهُمْ ءَامَنُوا۟ وَٱتَّقَوْا۟ لَمَثُوبَةٌ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ خَيْرٌ ۖ لَّوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ
103 _ ئەگەر ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھتىن قورققان بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپات (سېھىرگەرلىكتىن تاپقان مال _ دۇنيادىن) ئەلۋەتتە ياخشى (بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن) بولاتتى. ئۇلار (ئىماندىن ۋە ئاللاھتىن قورقۇشتىن كېلىدىغان مۇكاپاتنىڭ قىممىتىنى) بىلسە ئىدى (ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتقان بولاتتى).
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَقُولُوا۟ رَٰعِنَا وَقُولُوا۟ ٱنظُرْنَا وَٱسْمَعُوا۟ ۗ وَلِلْكَـٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
104 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! (پەيغەمبەرگە) «رائىنا» [11] دەپ خىتاب قىلماي، «ئۇنزۇرنا» دەپ خىتاب قىلىڭلار، (ئۇنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار! كاپىرلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
مَّا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ وَلَا ٱلْمُشْرِكِينَ أَن يُنَزَّلَ عَلَيْكُم مِّنْ خَيْرٍ مِّن رَّبِّكُمْ ۗ وَٱللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِۦ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ
105 _ ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ رەھمىتىنى خالىغان بەندىسىگە خاس قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك پەزل ئىگىسىدۇر.
مَا نَنسَخْ مِنْ ءَايَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَآ أَوْ مِثْلِهَآ ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
106 _ بىز قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ياخشىراق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. سەن ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّ وَلَا نَصِيرٍ
107 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ياكى مەدەتكار يوق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
أَمْ تُرِيدُونَ أَن تَسْـَٔلُوا۟ رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِن قَبْلُ ۗ وَمَن يَتَبَدَّلِ ٱلْكُفْرَ بِٱلْإِيمَـٰنِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
108 _ ياكى ئىلگىرى (يەھۇدىيلار) مۇساغا تەلەپ قويغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا تەلەپ قويماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشىدىكەن، ئۇ راستتىنلا توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
وَدَّ كَثِيرٌ مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ لَوْ يَرُدُّونَكُم مِّنۢ بَعْدِ إِيمَـٰنِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِّنْ عِندِ أَنفُسِهِم مِّنۢ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلْحَقُّ ۖ فَٱعْفُوا۟ وَٱصْفَحُوا۟ حَتَّىٰ يَأْتِىَ ٱللَّهُ بِأَمْرِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
109 _ ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئىچ _ ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ (ئۇلار ھەققىدىكى) پەرمانى كەلگەنگە قەدەر، سىلەر يەنىلا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا۟ لِأَنفُسِكُم مِّنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
110 _ نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى چوقۇم تاپىسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَقَالُوا۟ لَن يَدْخُلَ ٱلْجَنَّةَ إِلَّا مَن كَانَ هُودًا أَوْ نَصَـٰرَىٰ ۗ تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ ۗ قُلْ هَاتُوا۟ بُرْهَـٰنَكُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
111 _ يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولمىغان ئادەم ھەرگىز جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېدى؛ خىرىستىيانلارمۇ «خىرىستىيان بولمىغان ئادەم ھەرگىز جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دېگىن.
بَلَىٰ مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُۥٓ أَجْرُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
112 _ ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس. كىمكى (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغان ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. مۇنداق كىشىلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
وَقَالَتِ ٱلْيَهُودُ لَيْسَتِ ٱلنَّصَـٰرَىٰ عَلَىٰ شَىْءٍ وَقَالَتِ ٱلنَّصَـٰرَىٰ لَيْسَتِ ٱلْيَهُودُ عَلَىٰ شَىْءٍ وَهُمْ يَتْلُونَ ٱلْكِتَـٰبَ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ مِثْلَ قَوْلِهِمْ ۚ فَٱللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فِيمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
113 _ يەھۇدىيلار: «خىرىستىيانلار توغرا دىندا ئەمەس» دېدى. خىرىستىيانلارمۇ: «يەھۇدىيلار توغرا دىندا ئەمەس» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، خىرىستىيانلار ئىنجىلنى) ئوقۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. (ۋەھيى[12] ھەققىدە بىر نەرسە) بىلمەيدىغانلارمۇ [13] بىر _ بىرى ھەققىدە ئۇلار دېگەندەك (بىزدىن باشقىلار توغرا دىندا ئەمەس) دېدى. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن مَّنَعَ مَسَـٰجِدَ ٱللَّهِ أَن يُذْكَرَ فِيهَا ٱسْمُهُۥ وَسَعَىٰ فِى خَرَابِهَآ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَن يَدْخُلُوهَآ إِلَّا خَآئِفِينَ ۚ لَهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا خِزْىٌ وَلَهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
114 _ ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇ مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەنە شۇلار مەسجىدلەرگە پەقەت (ئاللاھتىن) قورققان ھالدىلا كىرىشى كېرەك. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋالىق، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بار
وَلِلَّهِ ٱلْمَشْرِقُ وَٱلْمَغْرِبُ ۚ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا۟ فَثَمَّ وَجْهُ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
115 _ كۈنچىقىشمۇ، كۈنپېتىشمۇ ئاللاھنىڭدۇر، (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلار ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدۇر (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر). شەكسىزكى، ئاللاھ (مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى) كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر.
وَقَالُوا۟ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدًا ۗ سُبْحَـٰنَهُۥ ۖ بَل لَّهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ كُلٌّ لَّهُۥ قَـٰنِتُونَ
116 _ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېدى. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ (بۇ تۆھمەتتىن) پاكتۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر.
بَدِيعُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
117 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان زاتتۇر. ئۇ بىرەر ئىشنى يارىتىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەت «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ بولىدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ لَوْلَا يُكَلِّمُنَا ٱللَّهُ أَوْ تَأْتِينَآ ءَايَةٌ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِم مِّثْلَ قَوْلِهِمْ ۘ تَشَـٰبَهَتْ قُلُوبُهُمْ ۗ قَدْ بَيَّنَّا ٱلْـَٔايَـٰتِ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
118 _ بىلمەيدىغانلار (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى): «ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن سۆزلەشمەيدۇ ياكى بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمەيدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر _ بىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئوچۇق بايان قىلدۇق.
إِنَّآ أَرْسَلْنَـٰكَ بِٱلْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۖ وَلَا تُسْـَٔلُ عَنْ أَصْحَـٰبِ ٱلْجَحِيمِ
119 _ (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. دوزاخقا كىرىدىغانلارغا سەن جاۋابكار ئەمەسسەن.
وَلَن تَرْضَىٰ عَنكَ ٱلْيَهُودُ وَلَا ٱلنَّصَـٰرَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلْهُدَىٰ ۗ وَلَئِنِ ٱتَّبَعْتَ أَهْوَآءَهُم بَعْدَ ٱلَّذِى جَآءَكَ مِنَ ٱلْعِلْمِ ۙ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّ وَلَا نَصِيرٍ
120 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە، ئۇلار سەندىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ساڭا (قۇرئاندىن ئىبارەت) ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى ئاللاھ (نىڭ ئازابى)دىن قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ.
ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَـٰهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ يَتْلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُو۟لَـٰٓئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِهِۦ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ
121 _ بىز كىتاب بەرگەنلەر (ئىچىدىن بەزى مۇئمىنلەر) كىتابنى تەلەپكە لايىق ئوقۇيدۇ، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىمكى ئۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّى فَضَّلْتُكُمْ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
122 _ ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە (بىر زامانلاردا) سىلەرنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار.
وَٱتَّقُوا۟ يَوْمًا لَّا تَجْزِى نَفْسٌ عَن نَّفْسٍ شَيْـًٔا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا تَنفَعُهَا شَفَـٰعَةٌ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
123 _ سىلەر ھېچكىم ھېچكىمگە قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچكىمدىن فىديە (قۇتۇلۇش بەدىلى) قوبۇل قىلىنمايدىغان، شاپائەت پايدا بەرمەيدىغان ۋە كاپىرلارغا ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار.
وَإِذِ ٱبْتَلَىٰٓ إِبْرَٰهِـۧمَ رَبُّهُۥ بِكَلِمَـٰتٍ فَأَتَمَّهُنَّ ۖ قَالَ إِنِّى جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا ۖ قَالَ وَمِن ذُرِّيَّتِى ۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِى ٱلظَّـٰلِمِينَ
124 _ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى رەببى بىر قانچە پەرمان بىلەن سىنىغان، ئىبراھىممۇ ئۇلارنى تولۇق ئورۇندىغان ئىدى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم ئىنسانلارغا پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ ئەۋلادىم ئىچىدىنمۇ (پېشۋالارنى چىقارساڭ)» دېدى. ئاللاھ: «(سېنىڭ نەسلىڭدىن بولسىمۇ، يامان ئىش قىلىپ، ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار مېنىڭ بۇ ۋەدەمگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.
وَإِذْ جَعَلْنَا ٱلْبَيْتَ مَثَابَةً لِّلنَّاسِ وَأَمْنًا وَٱتَّخِذُوا۟ مِن مَّقَامِ إِبْرَٰهِـۧمَ مُصَلًّى ۖ وَعَهِدْنَآ إِلَىٰٓ إِبْرَٰهِـۧمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيْتِىَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلْعَـٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
125 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز كەئبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ئورۇن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەرگەن ۋە (ئۇلارغا) ماقامى ئىبراھىمنى [14] ناماز ئوقۇيدىغان يەر قىلىڭلار، دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «مېنىڭ ئۆيۈم (كەئبە)نى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ بۇيرۇدۇق.
وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِـۧمُ رَبِّ ٱجْعَلْ هَـٰذَا بَلَدًا ءَامِنًا وَٱرْزُقْ أَهْلَهُۥ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ مَنْ ءَامَنَ مِنْهُم بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۖ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُۥ قَلِيلًا ثُمَّ أَضْطَرُّهُۥٓ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلنَّارِ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
126 _ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «ئى رەببىم! بۇ شەھەر (مەككە) نى تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېگەن ئىدى. ئاللاھ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (بۇ مېۋىلەردىن) ئازغىنە مۇددەت بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخ ئازابىغا مەجبۇرلايمەن» دېدى. (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان بارارجاي- ھە!
وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَٰهِـۧمُ ٱلْقَوَاعِدَ مِنَ ٱلْبَيْتِ وَإِسْمَـٰعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
127 _ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇۋېتىپ: «ئى رەببىمىز! (بۇ ئەمەلىمىزنى) بىزدىن قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (بەندىلىرىڭنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن.
رَبَّنَا وَٱجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِن ذُرِّيَّتِنَآ أُمَّةً مُّسْلِمَةً لَّكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
128 _ ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، تولىمۇ مېھرىبانسەن.
رَبَّنَا وَٱبْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْهُمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
129 _ ئى رەببىمىز! بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن سېنىڭ ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان، كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن. چۈنكى سەن غالىپسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى.
وَمَن يَرْغَبُ عَن مِّلَّةِ إِبْرَٰهِـۧمَ إِلَّا مَن سَفِهَ نَفْسَهُۥ ۚ وَلَقَدِ ٱصْطَفَيْنَـٰهُ فِى ٱلدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُۥ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
130 _ ئۆزىنى ئۆزى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەكسىزكى، ئۇ ئاخىرەتتە ئەلۋەتتە سالىھلار قاتارىدا بولىدۇ.
إِذْ قَالَ لَهُۥ رَبُّهُۥٓ أَسْلِمْ ۖ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
131 _ ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا: «سەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغىن» دېگەندە، ئۇ: «ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ئىتائەت قىلدىم» دېگەن ئىدى.
وَوَصَّىٰ بِهَآ إِبْرَٰهِـۧمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَـٰبَنِىَّ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصْطَفَىٰ لَكُمُ ٱلدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ
132 _ ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىن (ئىسلام)نى تاللىدى، شۇڭا سىلەر مۇسۇلمان بولماي ئۆلۈپ كەتمەڭلار» دېدى.
أَمْ كُنتُمْ شُهَدَآءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ ٱلْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِنۢ بَعْدِى قَالُوا۟ نَعْبُدُ إِلَـٰهَكَ وَإِلَـٰهَ ءَابَآئِكَ إِبْرَٰهِـۧمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ إِلَـٰهًا وَٰحِدًا وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ
133 _ (ئى يەھۇدىيلار!) يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا _ بوۋىلىرىڭ _ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى.
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْـَٔلُونَ عَمَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
134 _ ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر.
وَقَالُوا۟ كُونُوا۟ هُودًا أَوْ نَصَـٰرَىٰ تَهْتَدُوا۟ ۗ قُلْ بَلْ مِلَّةَ إِبْرَٰهِـۧمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ
135 _ يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى؛ خىرىستىيانلارمۇ: «خىرىستىيان بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى. (ئى پەيغەمبەر!) سەن: «ياق! بىز توپتوغرا يولدا بولغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلەردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن.
قُولُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبْرَٰهِـۧمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطِ وَمَآ أُوتِىَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَآ أُوتِىَ ٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ
136 _ (ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارغا) ئېيتىڭلاركى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان (كىتابلار)غا، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋرات)قا، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىل)غا، پەيغەمبەرلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن (ۋەھيىلەر)گە ئىمان ئېيتتۇق، (بىز ئىمان ئېيتىشتا) ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز».
فَإِنْ ءَامَنُوا۟ بِمِثْلِ مَآ ءَامَنتُم بِهِۦ فَقَدِ ٱهْتَدَوا۟ ۖ وَّإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنَّمَا هُمْ فِى شِقَاقٍ ۖ فَسَيَكْفِيكَهُمُ ٱللَّهُ ۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
137 _ ئەگەر ئەھلى كىتاب سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتسا، ئەلۋەتتە، (سىلەرگە) قارشى مەيداندا تۇرغان بولىدۇ، (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا قارشى) ئاللاھ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
صِبْغَةَ ٱللَّهِ ۖ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ ٱللَّهِ صِبْغَةً ۖ وَنَحْنُ لَهُۥ عَـٰبِدُونَ
138 _ ئاللاھ بەرگەن رەڭگە (دىنغا) كىرىڭلار، ئاللاھتىنمۇ گۈزەل رەڭ بېرىدىغان كىم بار؟ «بىز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز» (دەڭلار) .
قُلْ أَتُحَآجُّونَنَا فِى ٱللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ وَلَنَآ أَعْمَـٰلُنَا وَلَكُمْ أَعْمَـٰلُكُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُخْلِصُونَ
139 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھ توغرۇلۇق بىز بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ بىزنىڭمۇ رەببىمىز، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقا ئىخلاس (بىلەن تائەت _ ئىبادەت) قىلغۇچىلارمىز؛
أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَٰهِـۧمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطَ كَانُوا۟ هُودًا أَوْ نَصَـٰرَىٰ ۗ قُلْ ءَأَنتُمْ أَعْلَمُ أَمِ ٱللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَتَمَ شَهَـٰدَةً عِندَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
140 _ ياكى سىلەر ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەنلەر يەھۇدىي ئىدى ياكى خىرىستىيان ئىدى دەمسىلەر؟» ئېيتقىنكى، «(بۇنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟ قولىدىكى ئاللاھتىن (كەلگەن) بىر گۇۋاھلىقنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر».
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْـَٔلُونَ عَمَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
141 _ ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر.
سَيَقُولُ ٱلسُّفَهَآءُ مِنَ ٱلنَّاسِ مَا وَلَّىٰهُمْ عَن قِبْلَتِهِمُ ٱلَّتِى كَانُوا۟ عَلَيْهَا ۚ قُل لِّلَّهِ ٱلْمَشْرِقُ وَٱلْمَغْرِبُ ۚ يَهْدِى مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
142 _ بەزى ئەخمەق كىشىلەر «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەرنى) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسى (بەيتۇلمۇقەددەس)دىن نېمە بۇرىۋەتكەندۇ؟» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «كۈنچىقىشمۇ، كۈنپېتىشمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ».
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَـٰكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِّتَكُونُوا۟ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِ وَيَكُونَ ٱلرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا ٱلْقِبْلَةَ ٱلَّتِى كُنتَ عَلَيْهَآ إِلَّا لِنَعْلَمَ مَن يَتَّبِعُ ٱلرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِن كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَـٰنَكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ
143-شۇنىڭدەك (يەنى بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك)، سىلەرنىڭ كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشى ئۈچۈن، سىلەرنى ئادالەتلىك ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (بەيتۇلمۇقەددەس)نى (دەسلەپتە) قىبلە قىلغانلىقىمىز (ئاندىن سېنى ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كەئبىگە يۈزلىنىشكە بۇيرۇغانلىقىمىز) پەقەت پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىغانلارنى (دىندىن) يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر. (قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئىنسانلاغا تولىمۇ مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.
قَدْ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِى ٱلسَّمَآءِ ۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَىٰهَا ۚ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنتُمْ فَوَلُّوا۟ وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُۥ ۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
144 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنىڭ (كەئبەنىڭ قىبلە بولۇشىنى تىلەپ) قايتا _ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مانا ئەمدى بىز سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قاراتقىن. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قارىتىڭلار. شەكسىزكى، (ئىلگىرى ئۆزلىرىگە) كىتاب بېرىلگەنلەر قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەستۇر.
وَلَئِنْ أَتَيْتَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ بِكُلِّ ءَايَةٍ مَّا تَبِعُوا۟ قِبْلَتَكَ ۚ وَمَآ أَنتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُم بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ ٱتَّبَعْتَ أَهْوَآءَهُم مِّنۢ بَعْدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَّمِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
145 _ (ئى پەيغەمبەر!) كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە ئەگەشمەيدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە ئەگەشمەيسەن؛ ئۇلارمۇ ئۆزئارا بىر _ بىرىنىڭ قىبلىسىگە ئەگەشمەيدۇ. ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ خاھىشىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم (ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن.
ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَـٰهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ يَعْرِفُونَهُۥ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَآءَهُمْ ۖ وَإِنَّ فَرِيقًا مِّنْهُمْ لَيَكْتُمُونَ ٱلْحَقَّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
146 _ بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ.
ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمُمْتَرِينَ
147 _ بۇ ھەقىقەت رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەندۇر. سەن ھەرگىز شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن.
وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا ۖ فَٱسْتَبِقُوا۟ ٱلْخَيْرَٰتِ ۚ أَيْنَ مَا تَكُونُوا۟ يَأْتِ بِكُمُ ٱللَّهُ جَمِيعًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
148 _ ھەربىر ئۈممەتنىڭ يۈزلىنىدىغان قىبلىسى بار. شۇڭا سىلەر ياخشى ئىشلارنى بەس _ بەستە قىلىڭلار. قەيەردە بولۇڭلار، (ئاخىر) ئاللاھ ھەممىڭلارنى (ھېساب مەيدانىغا) يىغىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ۖ وَإِنَّهُۥ لَلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
149 _ قەيەردىن يولغا چىقساڭ، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ راستتىنلا رەببىڭدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەستۇر.
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنتُمْ فَوَلُّوا۟ وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُۥ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيْكُمْ حُجَّةٌ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنْهُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَٱخْشَوْنِى وَلِأُتِمَّ نِعْمَتِى عَلَيْكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
150 _ (ئى پەيغەمبەر!) قەيەردىن يولغا چىقساڭ، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئىنسانلارغا سىلەرگە قارشى دەلىل _ ئىسپات بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەرمۇ قەيەردە بولۇڭلار، (نامىزىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى) دەلىل قىلىۋالىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن قورقماي، مەندىن قورقۇڭلار. (مېنىڭ قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغانلىقىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.
كَمَآ أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولًا مِّنكُمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْكُمْ ءَايَـٰتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا۟ تَعْلَمُونَ
151 _ شۇنىڭدەك (يەنى كەئبىنى قىبلە قىلىپ، نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك)، ئاراڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى پاك قىلىدىغان، سىلەرگە قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، بىلمىگىنىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.
فَٱذْكُرُونِىٓ أَذْكُرْكُمْ وَٱشْكُرُوا۟ لِى وَلَا تَكْفُرُونِ
152 _ مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، تۇزكورلۇق قىلماڭلار.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱسْتَعِينُوا۟ بِٱلصَّبْرِ وَٱلصَّلَوٰةِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّـٰبِرِينَ
153 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سەۋر ۋە ناماز بىلەن ياردەم تىلەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
وَلَا تَقُولُوا۟ لِمَن يُقْتَلُ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمْوَٰتٌۢ ۚ بَلْ أَحْيَآءٌ وَلَـٰكِن لَّا تَشْعُرُونَ
154 _ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار، ئەكسىچە، ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر (بۇنى) سەزمەيسىلەر.
وَلَنَبْلُوَنَّكُم بِشَىْءٍ مِّنَ ٱلْخَوْفِ وَٱلْجُوعِ وَنَقْصٍ مِّنَ ٱلْأَمْوَٰلِ وَٱلْأَنفُسِ وَٱلثَّمَرَٰتِ ۗ وَبَشِّرِ ٱلصَّـٰبِرِينَ (155) ٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَـٰبَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُوٓا۟ إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيْهِ رَٰجِعُونَ (156)
155 _ 156_ شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە ئاچارچىلىق بىلەن، پۇل _ ماللىرىڭلاردىن، جانلىرىڭلاردىن، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن ئەلۋەتتە سىنايمىز. ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
أُو۟لَـٰٓئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَٰتٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُهْتَدُونَ
157 _ ئەنە شۇلار رەببىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.
إِنَّ ٱلصَّفَا وَٱلْمَرْوَةَ مِن شَعَآئِرِ ٱللَّهِ ۖ فَمَنْ حَجَّ ٱلْبَيْتَ أَوِ ٱعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَن يَطَّوَّفَ بِهِمَا ۚ وَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ ٱللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
158 _ شەكسىزكى، سافا بىلەن مەرۋە ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ) مۇكاپاتىنى تولۇق بەرگۈچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَآ أَنزَلْنَا مِنَ ٱلْبَيِّنَـٰتِ وَٱلْهُدَىٰ مِنۢ بَعْدِ مَا بَيَّنَّـٰهُ لِلنَّاسِ فِى ٱلْكِتَـٰبِ ۙ أُو۟لَـٰٓئِكَ يَلْعَنُهُمُ ٱللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ ٱللَّـٰعِنُونَ
159 _ بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشلەرگە توغرا يولنى ئىنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كىيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارنى ئاللاھ رەھمىتىدىن قوغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بارچە مەۋجۇدات لەنەت ئوقۇيدۇ.
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُوا۟ وَأَصْلَحُوا۟ وَبَيَّنُوا۟ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنَا ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
160 _ پەقەت تەۋبە قىلغان، (بۇزغانلىرىنى) تۈزەتكەن ۋە (يوشۇرغانلىرىنى) ئاشكارا بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مەن ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، چۈنكى، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىمەن، ناھايىتى مېھرىبانمەن.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَمَاتُوا۟ وَهُمْ كُفَّارٌ أُو۟لَـٰٓئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ ٱللَّهِ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجْمَعِينَ
161 _ شەكسىزكى، كۇفرىدا چىڭ تۇرغان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر__ ئەنە شۇلار چوقۇم ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.
خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۖ لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ ٱلْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ
162 _ ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
وَإِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ ۖ لَّآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلرَّحْمَـٰنُ ٱلرَّحِيمُ
163 _ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يېگانە ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّ فِى خَلْقِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَٱخْتِلَـٰفِ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱلْفُلْكِ ٱلَّتِى تَجْرِى فِى ٱلْبَحْرِ بِمَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن مَّآءٍ فَأَحْيَا بِهِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٍ وَتَصْرِيفِ ٱلرِّيَـٰحِ وَٱلسَّحَابِ ٱلْمُسَخَّرِ بَيْنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
164 _ شەكسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ قاقاس زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋانلاردا، شامال يۆنىلىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان _ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ ٱللَّهِ ۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّهِ ۗ وَلَوْ يَرَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ إِذْ يَرَوْنَ ٱلْعَذَابَ أَنَّ ٱلْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا وَأَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعَذَابِ
165 _ بەزى ئىنسانلار ئاللاھتىن باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، شېرىك قىلىۋالغان مەبۇدلىرىنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ. زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا (بىلگەنگە ئوخشاش) پۈتۈن كۈچ _ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى (بۇ دۇنيادا) بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى).
إِذْ تَبَرَّأَ ٱلَّذِينَ ٱتُّبِعُوا۟ مِنَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوا۟ وَرَأَوُا۟ ٱلْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ ٱلْأَسْبَابُ
166 _ ئاشۇ ۋاقىتتا (دوزاخنىڭ يولىغا باشلىغان) باشلامچىلار ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن يىراقلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلىدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوا۟ لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا۟ مِنَّا ۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ ٱللَّهُ أَعْمَـٰلَهُمْ حَسَرَٰتٍ عَلَيْهِمْ ۖ وَمَا هُم بِخَـٰرِجِينَ مِنَ ٱلنَّارِ
167 _ ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە دۇنياغا قايتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇلار بىزنى تاشلاپ كەتكەندەك، بىزمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ ھەسرەت - نادامەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقالمايدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ كُلُوا۟ مِمَّا فِى ٱلْأَرْضِ حَلَـٰلًا طَيِّبًا وَلَا تَتَّبِعُوا۟ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيْطَـٰنِ ۚ إِنَّهُۥ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
168 _ ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال، پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوپئوچوق دۈشمەندۇر.
إِنَّمَا يَأْمُرُكُم بِٱلسُّوٓءِ وَٱلْفَحْشَآءِ وَأَن تَقُولُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
169 _ شەيتان سىلەرنى پەقەت يامانلىققا، قەبىھ گۇناھلارغا ۋە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ نامىدىن ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُوا۟ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُوا۟ بَلْ نَتَّبِعُ مَآ أَلْفَيْنَا عَلَيْهِ ءَابَآءَنَآ ۗ أَوَلَوْ كَانَ ءَابَآؤُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ شَيْـًٔا وَلَا يَهْتَدُونَ
170 _ ھەر قاچان ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىرىغا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار «ياق، بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان نەرسىگە ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، (يەنە شۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟).
وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ كَمَثَلِ ٱلَّذِى يَنْعِقُ بِمَا لَا يَسْمَعُ إِلَّا دُعَآءً وَنِدَآءً ۚ صُمٌّۢ بُكْمٌ عُمْىٌ فَهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
171 _ كاپىرلار (ۋە ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچى) خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشنى ۋە ئاۋازنىلا ئاڭلايدىغان ھايۋانلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. (چۈنكى ئۇ كاپىرلار) گاستۇر، گاچىدۇر ۋە كوردۇر. شۇڭا ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەيدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُلُوا۟ مِن طَيِّبَـٰتِ مَا رَزَقْنَـٰكُمْ وَٱشْكُرُوا۟ لِلَّهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
172 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار.
إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيْكُمُ ٱلْمَيْتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحْمَ ٱلْخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ بِهِۦ لِغَيْرِ ٱللَّهِ ۖ فَمَنِ ٱضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلَا عَادٍ فَلَآ إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
173 _ ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، توڭگۇز گۆشىنى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى ھارام قىلدى. كىمكى (بۇ نەرسىلەردىن) ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا) يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلْكِتَـٰبِ وَيَشْتَرُونَ بِهِۦ ثَمَنًا قَلِيلًا ۙ أُو۟لَـٰٓئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِى بُطُونِهِمْ إِلَّا ٱلنَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
174 _ شەكسىزكى، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب (تەۋرات)تىن بىر نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋېتىدىغانلار _ ئەنە شۇلار قارنىغا پەقەت ئوتنىلا يەيدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلضَّلَـٰلَةَ بِٱلْهُدَىٰ وَٱلْعَذَابَ بِٱلْمَغْفِرَةِ ۚ فَمَآ أَصْبَرَهُمْ عَلَى ٱلنَّارِ
175 _ ئەنە شۇلار ھىدايەت بەدىلىگە ئازغۇنلۇقنى، مەغپىرەت بەدىلىگە ئازابنى سېتىۋالغانلاردۇر. ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدىگەن چىداملىق _ ھە!
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ نَزَّلَ ٱلْكِتَـٰبَ بِٱلْحَقِّ ۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ ٱخْتَلَفُوا۟ فِى ٱلْكِتَـٰبِ لَفِى شِقَاقٍۭ بَعِيدٍ
176 _ بۇ (قاتتىق ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ كىتاب (تەۋرات)نى ھېكمەت بىلەن نازىل قىلدى (ئۇلار تەۋراتتىكى ھەقىقەتنى يوشۇردى ۋە ئۆزگەرتىۋەتتى). بۇ كىتاب توغرۇلۇق ئىختىلاپ قىلغۇچىلار (ھەقىقەتتىن تولىمۇ) يىراق بىر تالاش _ تارتىش ئىچىدىدۇر.
لَّيْسَ ٱلْبِرَّ أَن تُوَلُّوا۟ وُجُوهَكُمْ قِبَلَ ٱلْمَشْرِقِ وَٱلْمَغْرِبِ وَلَـٰكِنَّ ٱلْبِرَّ مَنْ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ وَٱلْكِتَـٰبِ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ وَءَاتَى ٱلْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ ذَوِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَـٰمَىٰ وَٱلْمَسَـٰكِينَ وَٱبْنَ ٱلسَّبِيلِ وَٱلسَّآئِلِينَ وَفِى ٱلرِّقَابِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَـٰهَدُوا۟ ۖ وَٱلصَّـٰبِرِينَ فِى ٱلْبَأْسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَحِينَ ٱلْبَأْسِ ۗ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُوا۟ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُتَّقُونَ
177 _ سىلەرنىڭ كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىش تەرەپكە يۈزلىنىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، (ئاللاھ نازىل قىلغان) كىتابقا، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، پۇل _ مالنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، پۇلسىز قالغان مۇساپىرلارغا، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل _ مال ياردەم بېرىش، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇللۇققا، كېسەللىككە ۋە جىھاد) (قا بەرداشلىق بېرىش (قاتارلىقلار) ياخشى ئەمەلگە ياتىدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر (ئىمانىدا) راستچىل كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار كىشىلەردۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُتِبَ عَلَيْكُمُ ٱلْقِصَاصُ فِى ٱلْقَتْلَى ۖ ٱلْحُرُّ بِٱلْحُرِّ وَٱلْعَبْدُ بِٱلْعَبْدِ وَٱلْأُنثَىٰ بِٱلْأُنثَىٰ ۚ فَمَنْ عُفِىَ لَهُۥ مِنْ أَخِيهِ شَىْءٌ فَٱتِّبَاعٌۢ بِٱلْمَعْرُوفِ وَأَدَآءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَـٰنٍ ۗ ذَٰلِكَ تَخْفِيفٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَرَحْمَةٌ ۗ فَمَنِ ٱعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٌ
178 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ئازاد ئادەم ئۈچۈن ئازاد ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن(قىساس ئېلىنىدۇ). قاتىل ئۈچۈن قېرىندىشى (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى) تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ، قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ قاتىلدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى، (قاتىلنىڭمۇ دىيەتنى) ياخشىلىق بىلەن بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن (يەنى دىيەتنى بەرگەندىن) كېيىن (قاتىلغا) ھۇجۇم قىلغان ئادەمگە قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَلَكُمْ فِى ٱلْقِصَاصِ حَيَوٰةٌ يَـٰٓأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
179 _ ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەر ئۈچۈن قىساستا ھاياتلىق بار [15]. (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس بەلگىلەندى).
كُتِبَ عَلَيْكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلْمَوْتُ إِن تَرَكَ خَيْرًا ٱلْوَصِيَّةُ لِلْوَٰلِدَيْنِ وَٱلْأَقْرَبِينَ بِٱلْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى ٱلْمُتَّقِينَ
180 _ ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال _ دۇنيا قالدۇرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسىغا ۋە ئۇرۇق _ تۇغقانلىرىغا ئادالەت بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى پەرز قىلىندى [16]. بۇ تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىدۇر.
فَمَنۢ بَدَّلَهُۥ بَعْدَ مَا سَمِعَهُۥ فَإِنَّمَآ إِثْمُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُۥٓ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
181 _ ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىمىكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
فَمَنْ خَافَ مِن مُّوصٍ جَنَفًا أَوْ إِثْمًا فَأَصْلَحَ بَيْنَهُمْ فَلَآ إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
182 _ كىمىكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچى بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ [17]. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُتِبَ عَلَيْكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
183 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋدار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى.
أَيَّامًا مَّعْدُودَٰتٍ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚ وَعَلَى ٱلَّذِينَ يُطِيقُونَهُۥ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ ۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُۥ ۚ وَأَن تَصُومُوا۟ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
184 _ (رامىزان روزىسى) ساناقلىق كۈنلەردىدۇر. سىلەردىن كىمىكى كېسەل بولۇپ ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتالمىغان بولسا)، تۇتالمىغان كۈنلەرنى باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (تۇتالمىغان ھەربىر كۈنى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. كىمكى (فىديەنى بەلگىلەنگەن مىقدارىدىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (تۇتماي فىديە بەرگەندىن) ياخشىدۇر.
شَهْرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِىٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلْقُرْءَانُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَـٰتٍ مِّنَ ٱلْهُدَىٰ وَٱلْفُرْقَانِ ۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا۟ ٱلْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا۟ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
185- (روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى روشەن (ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر. سىلەردىن كىم بۇ ئايغا يېتىشسە، روزا تۇتسۇن؛ كىم كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قالسا، (تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (بۇلارنىڭ ھەممىسى رامىزان كۈنلىرىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِى عَنِّى فَإِنِّى قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ ٱلدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا۟ لِى وَلْيُؤْمِنُوا۟ بِى لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ
186 _ (ئى پەيغەمبەر!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، شۇڭا ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن.
أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ ٱلصِّيَامِ ٱلرَّفَثُ إِلَىٰ نِسَآئِكُمْ ۚ هُنَّ لِبَاسٌ لَّكُمْ وَأَنتُمْ لِبَاسٌ لَّهُنَّ ۗ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمْ كُنتُمْ تَخْتَانُونَ أَنفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنكُمْ ۖ فَٱلْـَٔـٰنَ بَـٰشِرُوهُنَّ وَٱبْتَغُوا۟ مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمْ ۚ وَكُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ ٱلْخَيْطُ ٱلْأَبْيَضُ مِنَ ٱلْخَيْطِ ٱلْأَسْوَدِ مِنَ ٱلْفَجْرِ ۖ ثُمَّ أَتِمُّوا۟ ٱلصِّيَامَ إِلَى ٱلَّيْلِ ۚ وَلَا تُبَـٰشِرُوهُنَّ وَأَنتُمْ عَـٰكِفُونَ فِى ٱلْمَسَـٰجِدِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَقْرَبُوهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ ءَايَـٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
187 _ رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ، كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىپ ياشايسىلەر). ئاللاھ سىلەرنىڭ (رامىزان كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلىشىپ) ئۆزۈڭلارغا خىيانەت قىلغانلىقىڭلارنى بىلدى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (رامىزان كېچىلىرىدىمۇ) يېقىنچىلىق قىلساڭلار بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (پەرزەنت) نى تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغان (يەنى تاڭ يورۇغان)غا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئىنسانلارنى (گۇناھلاردىن) ساقلانسۇن دەپ، ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
وَلَا تَأْكُلُوٓا۟ أَمْوَٰلَكُم بَيْنَكُم بِٱلْبَـٰطِلِ وَتُدْلُوا۟ بِهَآ إِلَى ٱلْحُكَّامِ لِتَأْكُلُوا۟ فَرِيقًا مِّنْ أَمْوَٰلِ ٱلنَّاسِ بِٱلْإِثْمِ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ
188 _ بىر _ بىرىڭلارنىڭ پۇل _ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىدىن بىر قىسمىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار.
يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْأَهِلَّةِ ۖ قُلْ هِىَ مَوَٰقِيتُ لِلنَّاسِ وَٱلْحَجِّ ۗ وَلَيْسَ ٱلْبِرُّ بِأَن تَأْتُوا۟ ٱلْبُيُوتَ مِن ظُهُورِهَا وَلَـٰكِنَّ ٱلْبِرَّ مَنِ ٱتَّقَىٰ ۗ وَأْتُوا۟ ٱلْبُيُوتَ مِنْ أَبْوَٰبِهَا ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
189 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ھىلال ئاي توغرۇلۇق سورىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (ئۆز ئىشلىرىنىڭ) ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش ۋاسىتىسىدۇر». ياخشىلىق (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئېچىپ) كىرىش ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق (گۇناھتىن) ساقلانغان ئادەمنىڭ ياخشىلىقىدۇر. سىلەر ئۆيلەرگە ئىشىكىدىن كىرىڭلار، نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
وَقَـٰتِلُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يُقَـٰتِلُونَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوٓا۟ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلْمُعْتَدِينَ
190 _ سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار. چۈنكى، ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَٱقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ وَأَخْرِجُوهُم مِّنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ ۚ وَٱلْفِتْنَةُ أَشَدُّ مِنَ ٱلْقَتْلِ ۚ وَلَا تُقَـٰتِلُوهُمْ عِندَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَـٰتِلُوكُمْ فِيهِ ۖ فَإِن قَـٰتَلُوكُمْ فَٱقْتُلُوهُمْ ۗ كَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلْكَـٰفِرِينَ
191 _ ئۇلارنى (ئۇرۇشتا) تۇتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقىرىۋەتكەن جايدىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار. پىتنە [18] ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر. تاكى ئۇلار ئۆزى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى مۇشۇنداق بولىدۇ.
فَإِنِ ٱنتَهَوْا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
192 _ ئەگەر ئۇلار (ئۇرۇشتىن ۋە كۇفرىدىن) ۋاز كەچسە، شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر.
وَقَـٰتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ لِلَّهِ ۖ فَإِنِ ٱنتَهَوْا۟ فَلَا عُدْوَٰنَ إِلَّا عَلَى ٱلظَّـٰلِمِينَ
193 _ تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار ؛ ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن ۋە دۈشمەنلىكتىن) ۋاز كەچسە، زالىملاردىن باشقىسىغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ.
ٱلشَّهْرُ ٱلْحَرَامُ بِٱلشَّهْرِ ٱلْحَرَامِ وَٱلْحُرُمَـٰتُ قِصَاصٌ ۚ فَمَنِ ٱعْتَدَىٰ عَلَيْكُمْ فَٱعْتَدُوا۟ عَلَيْهِ بِمِثْلِ مَا ٱعْتَدَىٰ عَلَيْكُمْ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلْمُتَّقِينَ
194 _ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايغا تەڭدۇر (يەنى ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭلار ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايدا سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلىقىنىڭ جازاسىدۇر). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر بىر-بىرى بىلەن تەڭدۇر (يەنى ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ۋە جايلارنى دەپسەندە قىلغانلار قىلمىشىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىنىدۇ). كىم سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.
وَأَنفِقُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا تُلْقُوا۟ بِأَيْدِيكُمْ إِلَى ٱلتَّهْلُكَةِ ۛ وَأَحْسِنُوٓا۟ ۛ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُحْسِنِينَ
195 _ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىڭلار، (بېخىللىق قىلىپ) ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ۋە پۇل-مال سەرپ قىلىشنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
وَأَتِمُّوا۟ ٱلْحَجَّ وَٱلْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا ٱسْتَيْسَرَ مِنَ ٱلْهَدْىِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا۟ رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ ٱلْهَدْىُ مَحِلَّهُۥ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ بِهِۦٓ أَذًى مِّن رَّأْسِهِۦ فَفِدْيَةٌ مِّن صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ۚ فَإِذَآ أَمِنتُمْ فَمَن تَمَتَّعَ بِٱلْعُمْرَةِ إِلَى ٱلْحَجِّ فَمَا ٱسْتَيْسَرَ مِنَ ٱلْهَدْىِ ۚ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَـٰثَةِ أَيَّامٍ فِى ٱلْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ۗ ذَٰلِكَ لِمَن لَّمْ يَكُنْ أَهْلُهُۥ حَاضِرِى ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ
196 _ ھەج بىلەن ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنداڭلار، ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، قۇربانلىققا (يارايدىغان چارۋىلاردىن) نېمىنى تاپالىساڭلار، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىدىغان مال بەلگىلەنگەن جايغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمىكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ (ئېھرامدا تۇرۇپ چېچىنى چۈشۈرۈشكە مۇھتاج بولۇپ قالسا)، (ئۈچ كۈن) روزا تۇتۇش، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ھەربىرىگە يېرىم سادىن)[19] سەدىقە بېرىش، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلىش بىلەن فىديە ئادا قىلسۇن. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم قۇربانلىقتىن نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قىلسۇن. قۇربانلىق تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، بۇ تولۇق ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ ھۆكۈم مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (مەككىدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى بەكمۇ قاتتىقتۇر.
ٱلْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَـٰتٌ ۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ ٱلْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِى ٱلْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا۟ مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ ٱللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا۟ فَإِنَّ خَيْرَ ٱلزَّادِ ٱلتَّقْوَىٰ ۚ وَٱتَّقُونِ يَـٰٓأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ
197 _ ھەج (ۋاقتى) مەلۇم بىر قانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلىغان ئادەمنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جېدەل _ ماجىرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلا بىر ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، (ھەج سەپىرىڭلارغا يەتكۈدەك) ئوزۇقلۇق ئېلىۋېلىڭلار، شەكسىزكى، ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تەقۋالىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! مەندىن قورقۇڭلار.
لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَبْتَغُوا۟ فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ ۚ فَإِذَآ أَفَضْتُم مِّنْ عَرَفَـٰتٍ فَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ عِندَ ٱلْمَشْعَرِ ٱلْحَرَامِ ۖ وَٱذْكُرُوهُ كَمَا هَدَىٰكُمْ وَإِن كُنتُم مِّن قَبْلِهِۦ لَمِنَ ٱلضَّآلِّينَ
198 _ رەببىڭلاردىن (ھەج مەزگىلىدە تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرۇلھەرامدا (مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار. شەكسىزكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەر ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار.
ثُمَّ أَفِيضُوا۟ مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ ٱلنَّاسُ وَٱسْتَغْفِرُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
199 _ ئاندىن كېيىن، سىلەر كىشىلەر قايتقان جاي (ئەرەفات)دىن قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
فَإِذَا قَضَيْتُم مَّنَـٰسِكَكُمْ فَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ كَذِكْرِكُمْ ءَابَآءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا ۗ فَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِى ٱلدُّنْيَا وَمَا لَهُۥ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ مِنْ خَلَـٰقٍ
200 _ سىلەر ھەجگە خاس ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا _ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياد ئېتىڭلار. بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. مۇنداق ئادەمگە ئاخىرەتتە (مۇكاپاتتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر.
وَمِنْهُم مَّن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِى ٱلدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
201 _ بەزى كىشىلەر «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌ مِّمَّا كَسَبُوا۟ ۚ وَٱللَّهُ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
202 _ ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر.
وَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ فِىٓ أَيَّامٍ مَّعْدُودَٰتٍ ۚ فَمَن تَعَجَّلَ فِى يَوْمَيْنِ فَلَآ إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَآ إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ لِمَنِ ٱتَّقَىٰ ۗ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّكُمْ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
203 _ ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە، ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىپ) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. (مىنادا قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىن) ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُعْجِبُكَ قَوْلُهُۥ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَيُشْهِدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا فِى قَلْبِهِۦ وَهُوَ أَلَدُّ ٱلْخِصَامِ
204 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق (مۇناپىق) ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ. ئۇ (ساڭا ۋە مۇئمىنلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەن تۇرۇپ، دىلىدىكى نەرسىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ.
وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِى ٱلْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ ٱلْحَرْثَ وَٱلنَّسْلَ ۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلْفَسَادَ
205 _ ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن، زىرائەتلەرنى ۋە ھايۋانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُ ٱتَّقِ ٱللَّهَ أَخَذَتْهُ ٱلْعِزَّةُ بِٱلْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُۥ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ
206 _ ئۇنىڭغا «ئاللاھتىن قورققىن» دېيىلگەن ھامان، تەكەببۇرلۇقى تۇتۇپ گۇناھقا پاتىدۇ. بۇنداق ئادەمگە دوزاخ يېتەرلىكتۇر. دوزاخ بەكمۇ يامان جايدۇر.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشْرِى نَفْسَهُ ٱبْتِغَآءَ مَرْضَاتِ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ رَءُوفٌۢ بِٱلْعِبَادِ
207 _ بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱدْخُلُوا۟ فِى ٱلسِّلْمِ كَآفَّةً وَلَا تَتَّبِعُوا۟ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيْطَـٰنِ ۚ إِنَّهُۥ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
208 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئىسلامغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار. شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. چۈنكى، شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر.
فَإِن زَلَلْتُم مِّنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْكُمُ ٱلْبَيِّنَـٰتُ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
209 _ سىلەرگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرى كەلگەندىن كېيىن، (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر (سىلەرنى جازالاشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن يَأْتِيَهُمُ ٱللَّهُ فِى ظُلَلٍ مِّنَ ٱلْغَمَامِ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ وَقُضِىَ ٱلْأَمْرُ ۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرْجَعُ ٱلْأُمُورُ
210 _ ئۇلار (يەنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلار) پەقەت ئاللاھنىڭ (قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) بۇلۇتلارنىڭ سايىسى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە (ھۆكۈم چىقىرىلىپ) ئىشنىڭ پۈتۈشىنىلا كۈتىدۇ. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
سَلْ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ كَمْ ءَاتَيْنَـٰهُم مِّنْ ءَايَةٍۭ بَيِّنَةٍ ۗ وَمَن يُبَدِّلْ نِعْمَةَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ
211 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.
زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا وَيَسْخَرُونَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۘ وَٱلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ فَوْقَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۗ وَٱللَّهُ يَرْزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
212 _ كاپىرلارغا دۇنيا ھاياتى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. (شۇڭا) ئۇلار ئىمان ئېيتقانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى، قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةً وَٰحِدَةً فَبَعَثَ ٱللَّهُ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ بِٱلْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ ٱلنَّاسِ فِيمَا ٱخْتَلَفُوا۟ فِيهِ ۚ وَمَا ٱخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ أُوتُوهُ مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُمُ ٱلْبَيِّنَـٰتُ بَغْيًۢا بَيْنَهُمْ ۖ فَهَدَى ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لِمَا ٱخْتَلَفُوا۟ فِيهِ مِنَ ٱلْحَقِّ بِإِذْنِهِۦ ۗ وَٱللَّهُ يَهْدِى مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
213 _ ئىنسانلار بىر دىندا ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى كاپىر بولۇپ ئىختىلاپلاشتى)، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى (مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرگە ھەق يولنى كۆرسەتكۈچى كىتابنى نازىل قىلدى. پەقەت كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار)لا ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرى كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى ئۆز ئىرادىسى بويىچە (ئۇ يەھۇدىيلار) بىرلىككە كېلەلمىگەن ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.
أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا۟ ٱلْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ ٱلَّذِينَ خَلَوْا۟ مِن قَبْلِكُم ۖ مَّسَّتْهُمُ ٱلْبَأْسَآءُ وَٱلضَّرَّآءُ وَزُلْزِلُوا۟ حَتَّىٰ يَقُولَ ٱلرَّسُولُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ مَتَىٰ نَصْرُ ٱللَّهِ ۗ أَلَآ إِنَّ نَصْرَ ٱللَّهِ قَرِيبٌ
214 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكى (مۇئمىنلەر)نىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كەلمەي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلار چىدىغۇسىز ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە شۇنداق ساراسىمىگە چۈشۈرۈلگەنكى، ھەتتا پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دەپ كەتكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر.
يَسْـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ ۖ قُلْ مَآ أَنفَقْتُم مِّنْ خَيْرٍ فَلِلْوَٰلِدَيْنِ وَٱلْأَقْرَبِينَ وَٱلْيَتَـٰمَىٰ وَٱلْمَسَـٰكِينِ وَٱبْنِ ٱلسَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا۟ مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٌ
215 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى (كىمگە) سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، مال _ مۈلۈكۈڭلاردىن قانداق نەرسىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا _ ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا ۋە يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر قانداقلا ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرىدۇ.
كُتِبَ عَلَيْكُمُ ٱلْقِتَالُ وَهُوَ كُرْهٌ لَّكُمْ ۖ وَعَسَىٰٓ أَن تَكْرَهُوا۟ شَيْـًٔا وَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَعَسَىٰٓ أَن تُحِبُّوا۟ شَيْـًٔا وَهُوَ شَرٌّ لَّكُمْ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
216 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن) سىلەر ياقتۇرمىساڭلارمۇ ئۇرۇش قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. بەلكى سىلەر بىر نەرسىنى يامان كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، ھالبۇكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر؛ سىلەر بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، ھالبۇكى، ئۇ نەرسە سىلەر ئۈچۈن يامانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلشَّهْرِ ٱلْحَرَامِ قِتَالٍ فِيهِ ۖ قُلْ قِتَالٌ فِيهِ كَبِيرٌ ۖ وَصَدٌّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَكُفْرٌۢ بِهِۦ وَٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِۦ مِنْهُ أَكْبَرُ عِندَ ٱللَّهِ ۚ وَٱلْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ ٱلْقَتْلِ ۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَـٰتِلُونَكُمْ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمْ عَن دِينِكُمْ إِنِ ٱسْتَطَـٰعُوا۟ ۚ وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِۦ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَـٰلُهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
217 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن: «ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ (ئەمما كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرەمدىن توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرەم ئاھالىسىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. پىتنە (يەنى كۇفرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇئمىنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش) ئادەم ئۆلتۇرۇشتىنمۇ ئېغىر گۇناھتۇر». ئۇلار قولىدىن كەلسىلا، سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ تۇرىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن يېنىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ (بارلىق ياخشى) ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر دوزاخ ئەھلىدۇر ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِينَ هَاجَرُوا۟ وَجَـٰهَدُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ أُو۟لَـٰٓئِكَ يَرْجُونَ رَحْمَتَ ٱللَّهِ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
218 _ شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار __ ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْخَمْرِ وَٱلْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَآ إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَـٰفِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَآ أَكْبَرُ مِن نَّفْعِهِمَا ۗ وَيَسْـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ قُلِ ٱلْعَفْوَ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلْـَٔايَـٰتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
219 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ بار ۋە كىشىلەرگە ئازغىنە نەپمۇ بار، لېكىن بۇ ئىككىسىدىكى گۇناھ نەپكە قارىغاندا بەك چوڭدۇر»[20]. ئۇلار يەنە سەندىن قانداق نەرسىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «ئېھتىياجدىن ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىڭلار» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلەرنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ ۗ وَيَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْيَتَـٰمَىٰ ۖ قُلْ إِصْلَاحٌ لَّهُمْ خَيْرٌ ۖ وَإِن تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَٰنُكُمْ ۚ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ ٱلْمُفْسِدَ مِنَ ٱلْمُصْلِحِ ۚ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَعْنَتَكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
220 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، (ئۇلارنى تەربىيەلەپ، ماللىرىنى كۆپەيتىپ، ئىشلىرىنى) ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش تولىمۇ ياخشىدۇر. ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار، (يېيىش - ئىچىش، كەسىپ ۋە تىجارەتتە ئۆزۈڭلارغا ئارىلاشتۇرۇپ ياشىساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يۇقتۇر) چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ (دىنىي) قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، (ئارىلىشپ ياشاشنى چەكلەپ) سىلەرنى چوقۇم جاپاغا سالغان بولاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَلَا تَنكِحُوا۟ ٱلْمُشْرِكَـٰتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا۟ ٱلْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا۟ ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُو۟لَـٰٓئِكَ يَدْعُونَ إِلَى ٱلنَّارِ ۖ وَٱللَّهُ يَدْعُوٓا۟ إِلَى ٱلْجَنَّةِ وَٱلْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِۦ ۖ وَيُبَيِّنُ ءَايَـٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
221 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىن دېدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە (مۇئمىن ئاياللارنى) ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەرلەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا باشلايدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، ئىنسانلار ئۈگۈت ئالسۇن دەپ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.
وَيَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْمَحِيضِ ۖ قُلْ هُوَ أَذًى فَٱعْتَزِلُوا۟ ٱلنِّسَآءَ فِى ٱلْمَحِيضِ ۖ وَلَا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطْهُرْنَ ۖ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ ٱللَّهُ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلتَّوَّٰبِينَ وَيُحِبُّ ٱلْمُتَطَهِّرِينَ
222 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ھەيز (مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش) توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ زىيانلىقتۇر. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللاردىن يىراق تۇرۇڭلار. (ھەيزدىن) پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. پاك بولغاندا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ كۆپلەپ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، پاكلانغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
نِسَآؤُكُمْ حَرْثٌ لَّكُمْ فَأْتُوا۟ حَرْثَكُمْ أَنَّىٰ شِئْتُمْ ۖ وَقَدِّمُوا۟ لِأَنفُسِكُمْ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّكُم مُّلَـٰقُوهُ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُؤْمِنِينَ
223 _ ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەرنى) قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇم ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر. (ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن.
وَلَا تَجْعَلُوا۟ ٱللَّهَ عُرْضَةً لِّأَيْمَـٰنِكُمْ أَن تَبَرُّوا۟ وَتَتَّقُوا۟ وَتُصْلِحُوا۟ بَيْنَ ٱلنَّاسِ ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
224 _ سىلەر ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلغان قەسىمىڭلارنى ياخشىلىق قىلىشقا، تەقۋادار بولۇشقا، كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە توسالغۇ قىلىۋالماڭلار. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغْوِ فِىٓ أَيْمَـٰنِكُمْ وَلَـٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا كَسَبَتْ قُلُوبُكُمْ ۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ
225 _ مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. ئەمما قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ ئىنتايىن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
لِّلَّذِينَ يُؤْلُونَ مِن نِّسَآئِهِمْ تَرَبُّصُ أَرْبَعَةِ أَشْهُرٍ ۖ فَإِن فَآءُو فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
226 _ ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر تۆت ئاي كۈتۈشى كېرەك؛ ئەگەر ئۇلار بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاياللىرىغا (يېقىنچىلىق قىلىش بىلەن قەسىمىدىن) قايتسا، (شۇنى ياخشى بىلسۇنكى)، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِنْ عَزَمُوا۟ ٱلطَّلَـٰقَ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
227 _ ئەگەر ئۇلار (ئاياللىرىنى) تالاق قىلىش نىيىتىگە كەلسە، (شۇنىمۇ ياخشى بىلسۇنكى)، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَٱلْمُطَلَّقَـٰتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَـٰثَةَ قُرُوٓءٍ ۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِىٓ أَرْحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤْمِنَّ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِى ذَٰلِكَ إِنْ أَرَادُوٓا۟ إِصْلَـٰحًا ۚ وَلَهُنَّ مِثْلُ ٱلَّذِى عَلَيْهِنَّ بِٱلْمَعْرُوفِ ۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
228 _ تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ [21]. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (راستتىنلا) ئىشىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسە (تۆرەلمە ياكى ھەيز)نى يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاياللىرى ئۈسىتىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللىرىنىڭمۇ ھەقلىرى بار. ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ٱلطَّلَـٰقُ مَرَّتَانِ ۖ فَإِمْسَاكٌۢ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌۢ بِإِحْسَـٰنٍ ۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَأْخُذُوا۟ مِمَّآ ءَاتَيْتُمُوهُنَّ شَيْـًٔا إِلَّآ أَن يَخَافَآ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا ٱفْتَدَتْ بِهِۦ ۗ تِلْكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا ۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
229 _ (يارىشىۋېلىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (ئايالنى) ياخشىلىق بىلەن تۇتۇش، ياكى چىرايلىقچە قويۇۋېتىش لازىم. ئاللاھنىڭ (ئەر _ ئاياللار ھەققىدىكى) بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى بولمىسىلا، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى[22] ئۈچۈن) بەرگەن پۇل _ مېلىڭلاردىن بىرەر نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. ئەگەر ئەر _ ئايال ئىككىسىنىڭ ئاللاھنىڭ (ئەر _ ئاياللار ھەققىدىكى) بەلگىلىمىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى بولسا، ئايال ئاجرىشىش ئۈچۈن (ئېرىگە) بىر نەرسە بەرسە، ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر. ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر.
فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُۥ مِنۢ بَعْدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُۥ ۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَآ أَن يَتَرَاجَعَآ إِن ظَنَّآ أَن يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ ۗ وَتِلْكَ حُدُودُ ٱللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
230 _ ئەگەر ئەر ئايالىنى (ئۈچىنچى قېتىم) يەنە تالاق قىلسا، ئۇ ئايال باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا ھالال بولمايدۇ. ئەگەر (كېيىنكى ئەرمۇ) ئۇنى تالاق قىلسا، (ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن) بۇرۇنقى ئېرى بىلەن ئىككىسى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن تەقدىردە، قايتىدىن يارىشىۋالسا، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئۇنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ.
وَإِذَا طَلَّقْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ ۚ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِّتَعْتَدُوا۟ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُۥ ۚ وَلَا تَتَّخِذُوٓا۟ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ هُزُوًا ۚ وَٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَآ أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّنَ ٱلْكِتَـٰبِ وَٱلْحِكْمَةِ يَعِظُكُم بِهِۦ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ
231 _ ئاياللارنى تالاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، (ئۇلار بىلەن يارىشىپ) ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار. زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە _ چاقچاق قىلىۋالماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ئۈگۈت بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابىنى، ھېكمەت (يەنى سۈننەت)نى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
وَإِذَا طَلَّقْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَن يَنكِحْنَ أَزْوَٰجَهُنَّ إِذَا تَرَٰضَوْا۟ بَيْنَهُم بِٱلْمَعْرُوفِ ۗ ذَٰلِكَ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ مِنكُمْ يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۗ ذَٰلِكُمْ أَزْكَىٰ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
232 _ (ئۈچ تالاقنىڭ تۆۋىنىدە) تالاق قىلىنىپ ئىددىتى توشۇپ قالغان ئاياللار ئەگەر (ئۆز) ئېرى بىلەن قائىدە بويىچە پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى (قايتا) نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاراڭلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ئۇلارنى نىكاھلاپ قويۇش) سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاك ئىشتۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
وَٱلْوَٰلِدَٰتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَـٰدَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَن يُتِمَّ ٱلرَّضَاعَةَ ۚ وَعَلَى ٱلْمَوْلُودِ لَهُۥ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِٱلْمَعْرُوفِ ۚ لَا تُكَلَّفُ نَفْسٌ إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَا تُضَآرَّ وَٰلِدَةٌۢ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوْلُودٌ لَّهُۥ بِوَلَدِهِۦ ۚ وَعَلَى ٱلْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ ۗ فَإِنْ أَرَادَا فِصَالًا عَن تَرَاضٍ مِّنْهُمَا وَتَشَاوُرٍ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا ۗ وَإِنْ أَرَدتُّمْ أَن تَسْتَرْضِعُوٓا۟ أَوْلَـٰدَكُمْ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِذَا سَلَّمْتُم مَّآ ءَاتَيْتُم بِٱلْمَعْرُوفِ ۗ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
233 _ ئانىلار بالىلىرىنى ئىككى يىل تولۇق ئېمىتسۇن، (بۇ ھۆكۈم) تولۇق ئېمىتىشنى خالىغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك _ ئىچمەك ۋە كىيىم _ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلىدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتمىسۇن. (ئاتا ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئەگەر ئاتا _ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) سۈتتىن ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلەرلا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَٰجًا يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَعَشْرًا ۖ فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا فَعَلْنَ فِىٓ أَنفُسِهِنَّ بِٱلْمَعْرُوفِ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
234 _ ئاراڭلاردىن ئېرى ۋاپات بولۇپ كېتىپ تۇل قالغان ئاياللار بولسا، ئۇلار تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم. ئۇلار ئىددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارنىڭ ئىگە _ چاقىلىرىغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُم بِهِۦ مِنْ خِطْبَةِ ٱلنِّسَآءِ أَوْ أَكْنَنتُمْ فِىٓ أَنفُسِكُمْ ۚ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَـٰكِن لَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّآ أَن تَقُولُوا۟ قَوْلًا مَّعْرُوفًا ۚ وَلَا تَعْزِمُوا۟ عُقْدَةَ ٱلنِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ ٱلْكِتَـٰبُ أَجَلَهُۥ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِىٓ أَنفُسِكُمْ فَٱحْذَرُوهُ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
235 _ (ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۈچ تالاق قىلىنغان) ئاياللارغا ئۆيلىنىش تەلىپىنى پۇرىتىپ ئۆتۈشتە ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇشتا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار ئاللاھقا مەلۇم. لېكىن، ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ. ئىددىتى توشمىغۇچە نىكاھ قىلىشقا بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۇنىمۇ بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
لَّا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن طَلَّقْتُمُ ٱلنِّسَآءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا۟ لَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى ٱلْمُوسِعِ قَدَرُهُۥ وَعَلَى ٱلْمُقْتِرِ قَدَرُهُۥ مَتَـٰعًۢا بِٱلْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى ٱلْمُحْسِنِينَ
236 _ سىلەر مەھرىنى بېكىتمەستىن ئالغان ئاياللىرىڭلارنى ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى تالاق قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (لېكىن) ئۇلارنى (پۇل _ مالدىن) بەھرىمەن قىلىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن. بۇ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ [23] ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
وَإِن طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِن قَبْلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّآ أَن يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَا۟ ٱلَّذِى بِيَدِهِۦ عُقْدَةُ ٱلنِّكَاحِ ۚ وَأَن تَعْفُوٓا۟ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۚ وَلَا تَنسَوُا۟ ٱلْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
237 _ ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىڭلار. ئەمما ئاياللار ئۆزىگە تېگىشلىكىنى ئېرىگە ئۆتۈنسە ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆزىگە تېگىشلىكىنى ئايالىغا ئۆتۈنسىمۇ (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋەتسىمۇ) بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆتۈنگىنىڭلار تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
حَـٰفِظُوا۟ عَلَى ٱلصَّلَوَٰتِ وَٱلصَّلَوٰةِ ٱلْوُسْطَىٰ وَقُومُوا۟ لِلَّهِ قَـٰنِتِينَ
238 _ سىلەر نامازلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرىدىكى ناماز (ئەسىر نامىزى)غا ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار.
فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا ۖ فَإِذَآ أَمِنتُمْ فَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا۟ تَعْلَمُونَ
239 _ سىلەر قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، نامازنى پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ. ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا، نامازنى ئاللاھ سىلەرگە تەلىم بەرگەن بويىچە تولۇق ئوقۇڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەر بىلمىگەن ئەھكاملارنى سىلەرگە تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار).
وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَٰجًا وَصِيَّةً لِّأَزْوَٰجِهِم مَّتَـٰعًا إِلَى ٱلْحَوْلِ غَيْرَ إِخْرَاجٍ ۚ فَإِنْ خَرَجْنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِى مَا فَعَلْنَ فِىٓ أَنفُسِهِنَّ مِن مَّعْرُوفٍ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
240 _ ئاراڭلاردىن ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى (تۇل) قالىدىغانلار ئاياللىرىنىڭ ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماستىن، بىر يىلغىچە (يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن) تەمىنلىنىشىنى (ئۆزى ھايات ۋاقتىدا) ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئاياللار ئۆزى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَلِلْمُطَلَّقَـٰتِ مَتَـٰعٌۢ بِٱلْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى ٱلْمُتَّقِينَ
241 _ تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىلىدۇ. (بۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
242 _ سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن دەپ، ئاللاھ ئايەتلىرىنى مۇشۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ.
أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ خَرَجُوا۟ مِن دِيَـٰرِهِمْ وَهُمْ أُلُوفٌ حَذَرَ ٱلْمَوْتِ فَقَالَ لَهُمُ ٱللَّهُ مُوتُوا۟ ثُمَّ أَحْيَـٰهُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
243 _ ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارغا«ئۆلۈڭلار» دېدى (ۋە ئۇلار ئۆلدى)، ئاندىن كېيىن (ئاللاھ) ئۇلارنى تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن كەرەملىكتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلمايدۇ.
وَقَـٰتِلُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
244 _ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
مَّن ذَا ٱلَّذِى يُقْرِضُ ٱللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَـٰعِفَهُۥ لَهُۥٓ أَضْعَافًا كَثِيرَةً ۚ وَٱللَّهُ يَقْبِضُ وَيَبْصُۜطُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
245 _ كىمكى (پۇل _ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىپ) ئاللاھقا ياخشى قەرز[24] بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشلەرنىڭكىنى) كەڭ قىلىدۇ، (ئاخىر ھەممىڭلار) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلْمَلَإِ مِنۢ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ مِنۢ بَعْدِ مُوسَىٰٓ إِذْ قَالُوا۟ لِنَبِىٍّ لَّهُمُ ٱبْعَثْ لَنَا مَلِكًا نُّقَـٰتِلْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۖ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِن كُتِبَ عَلَيْكُمُ ٱلْقِتَالُ أَلَّا تُقَـٰتِلُوا۟ ۖ قَالُوا۟ وَمَا لَنَآ أَلَّا نُقَـٰتِلَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِن دِيَـٰرِنَا وَأَبْنَآئِنَا ۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ ٱلْقِتَالُ تَوَلَّوْا۟ إِلَّا قَلِيلًا مِّنْهُمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلظَّـٰلِمِينَ
246 _ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا مۇسادىن كېيىن كەلگەن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى (جىھاد قىلىشتىن) باش تارتتى. (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ ٱللَّهَ قَدْ بَعَثَ لَكُمْ طَالُوتَ مَلِكًا ۚ قَالُوٓا۟ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ ٱلْمُلْكُ عَلَيْنَا وَنَحْنُ أَحَقُّ بِٱلْمُلْكِ مِنْهُ وَلَمْ يُؤْتَ سَعَةً مِّنَ ٱلْمَالِ ۚ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصْطَفَىٰهُ عَلَيْكُمْ وَزَادَهُۥ بَسْطَةً فِى ٱلْعِلْمِ وَٱلْجِسْمِ ۖ وَٱللَّهُ يُؤْتِى مُلْكَهُۥ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
247 _ پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «شەكسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار: «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالايدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن بەكرەك ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال _ مۈلۈكى كۆپ بولمىسا» دېدى، پەيغەمبەر: «ئاللاھ راستتىنلا سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى تاللىدى، ئۇنى ئىلىمى مول، قامەتلىك قىلدى، ئاللاھ پادىشاھلىقنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ (پەزلى) كەڭ، ھەممىنى بىلىدىغان زاتتۇر» دېدى.
وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ ءَايَةَ مُلْكِهِۦٓ أَن يَأْتِيَكُمُ ٱلتَّابُوتُ فِيهِ سَكِينَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَبَقِيَّةٌ مِّمَّا تَرَكَ ءَالُ مُوسَىٰ وَءَالُ هَـٰرُونَ تَحْمِلُهُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
248 _ ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتى: «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭغا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ تاۋابىئاتلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن بىر دەلىل بار».
فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِٱلْجُنُودِ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ مُبْتَلِيكُم بِنَهَرٍ فَمَن شَرِبَ مِنْهُ فَلَيْسَ مِنِّى وَمَن لَّمْ يَطْعَمْهُ فَإِنَّهُۥ مِنِّىٓ إِلَّا مَنِ ٱغْتَرَفَ غُرْفَةًۢ بِيَدِهِۦ ۚ فَشَرِبُوا۟ مِنْهُ إِلَّا قَلِيلًا مِّنْهُمْ ۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُۥ هُوَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ قَالُوا۟ لَا طَاقَةَ لَنَا ٱلْيَوْمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ ۚ قَالَ ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَـٰقُوا۟ ٱللَّهِ كَم مِّن فِئَةٍ قَلِيلَةٍ غَلَبَتْ فِئَةً كَثِيرَةًۢ بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّـٰبِرِينَ
249 _ تالۇت (جىھاد قىلىش ئۈچۈن) ئەسكەرلىرى بىلەن يولغان چىققان چاغدا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى دەريا سۈيىدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى ئىچمەيدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن قولى بىلەن بىر ئوچۇم ئىچكەن ئادەم بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنە كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى: «بۈگۈن بىز جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز» دېدى. (تالۇتنىڭ ئەسكەرلىرىدىن) ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن قانچىلىغان ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان» دېدى. ئاللاھ چىداملىق بولغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
وَلَمَّا بَرَزُوا۟ لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ قَالُوا۟ رَبَّنَآ أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَٱنصُرْنَا عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْكَـٰفِرِينَ
250 _ ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن تۇتۇشقاندا: «ئى رەببىمىز! قەلبىمىزنى چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى.
فَهَزَمُوهُم بِإِذْنِ ٱللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُۥدُ جَالُوتَ وَءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلْمُلْكَ وَٱلْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُۥ مِمَّا يَشَآءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لَّفَسَدَتِ ٱلْأَرْضُ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
251 _ نىھايەت (مۇئمىنلەر) ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى يەڭدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا پادىشاھلىقنى، ھېكمەت (پەيغەمبەرلىك)نى بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلانغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ناھايىتى كەرەملىكتۇر.
تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِٱلْحَقِّ ۚ وَإِنَّكَ لَمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ
252 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىنسەن.
تِلْكَ ٱلرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۘ مِّنْهُم مَّن كَلَّمَ ٱللَّهُ ۖ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَـٰتٍ ۚ وَءَاتَيْنَا عِيسَى ٱبْنَ مَرْيَمَ ٱلْبَيِّنَـٰتِ وَأَيَّدْنَـٰهُ بِرُوحِ ٱلْقُدُسِ ۗ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقْتَتَلَ ٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِم مِّنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُمُ ٱلْبَيِّنَـٰتُ وَلَـٰكِنِ ٱخْتَلَفُوا۟ فَمِنْهُم مَّنْ ءَامَنَ وَمِنْهُم مَّن كَفَرَ ۚ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقْتَتَلُوا۟ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
253 _ ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلدى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (جىبرىل) بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇشماس ئىدى. لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى ئىنكار قىلدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَنفِقُوا۟ مِمَّا رَزَقْنَـٰكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِىَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَـٰعَةٌ ۗ وَٱلْكَـٰفِرُونَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
254 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سودىلىشىش، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز) شاپائەت بولمايدىغان (قىيامەت) كۈنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كاپىرلار (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.
ٱللَّهُ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلْحَىُّ ٱلْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُۥ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَّهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ مَن ذَا ٱلَّذِى يَشْفَعُ عِندَهُۥٓ إِلَّا بِإِذْنِهِۦ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَىْءٍ مِّنْ عِلْمِهِۦٓ إِلَّا بِمَا شَآءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ ۖ وَلَا يَـُٔودُهُۥ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ ٱلْعَلِىُّ ٱلْعَظِيمُ
255 _ بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر. ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭدۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلىمىدىن ئاللاھ بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ كۇرسى [25] ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاسمان _ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.
لَآ إِكْرَاهَ فِى ٱلدِّينِ ۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشْدُ مِنَ ٱلْغَىِّ ۚ فَمَن يَكْفُرْ بِٱلطَّـٰغُوتِ وَيُؤْمِنۢ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱسْتَمْسَكَ بِٱلْعُرْوَةِ ٱلْوُثْقَىٰ لَا ٱنفِصَامَ لَهَا ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
256 _ دىندا زورلاش يوقتۇر. ھىدايەت ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ٱللَّهُ وَلِىُّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يُخْرِجُهُم مِّنَ ٱلظُّلُمَـٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ ۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَوْلِيَآؤُهُمُ ٱلطَّـٰغُوتُ يُخْرِجُونَهُم مِّنَ ٱلنُّورِ إِلَى ٱلظُّلُمَـٰتِ ۗ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
257 _ ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن )ئىماننىڭ( يۇرۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ دوستلىرى تاغۇتتۇر، تاغۇت ئۇلارنى)ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن چىقىرىپ (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىغا كىرگۈزىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِى حَآجَّ إِبْرَٰهِـۧمَ فِى رَبِّهِۦٓ أَنْ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَٰهِـۧمُ رَبِّىَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا۠ أُحْىِۦ وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَٰهِـۧمُ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَأْتِى بِٱلشَّمْسِ مِنَ ٱلْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ ٱلْمَغْرِبِ فَبُهِتَ ٱلَّذِى كَفَرَ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
258 _ ئاللاھ ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تۈپەيلى (ھاكاۋۇرلىشىپ)، رەببى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئادەم (نەمرۇد)نى كۆرمىدىڭمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا ئىبراھىم (ئۇنىڭغا): «مېنىڭ رەببىم ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى. ئىبراھىم: «ئاللاھ كۈننى شەرقتىن چىقىرىدۇ، قېنى سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېۋىدى، ئۇ كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
أَوْ كَٱلَّذِى مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍ وَهِىَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْىِۦ هَـٰذِهِ ٱللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ ٱللَّهُ مِا۟ئَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُۥ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِا۟ئَةَ عَامٍ فَٱنظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَٱنظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ ءَايَةً لِّلنَّاسِ ۖ وَٱنظُرْ إِلَى ٱلْعِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
259 _ ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ خارابىلىككە ئايلىنىپ قالغان شەھەردىن ئۆتكەن ۋە «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن (ئاھالىسى)نى قانداقمۇ تىرىلدۈرەر؟» دېگەن كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى (ئۆلتۈرۈپ) شۇ ھالىتىدە يۈز يىل تۇرغۇزۇپ ئاندىن تىرىلدۈردى. (ئاللاھ پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «سەن بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىۋىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىركۈنگىمۇ يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ياق! سەن يۈز يىل تۇردۇڭ! يېمەك _ ئىچمىكىڭگە قاراپ باققىنكى، ھېچ بۇزۇلمىغان، ئېشىكىڭگە قارا (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). سېنى ئىنسانلارغا (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىشىمىز ئۈچۈن (مۇشۇ ئىشلارنى قىلدۇق). بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى بىز قانداق قۇراشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قانداق گۆش قوندۇرىدىكەنمىز». بۇ ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق بولغان چاغدا، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ (ئوبدان) بىلىۋالدىم» دېدى.
وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِـۧمُ رَبِّ أَرِنِى كَيْفَ تُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ ۖ قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِن ۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَـٰكِن لِّيَطْمَئِنَّ قَلْبِى ۖ قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِّنَ ٱلطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ ٱجْعَلْ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٍ مِّنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ٱدْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا ۚ وَٱعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
260 _ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «ئى رەببىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتسەڭ» دېۋىدى. ئاللاھ (سەن بۇنىڭغا): «ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈمنىڭ تېخىمۇ ئارام تېپىشى ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداقتا، قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن، ئاندىن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ، گۆشلىرىنى پەيلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ) ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويۇپ قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلار دەرھال سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىدۇ» بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مَّثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنۢبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِى كُلِّ سُنۢبُلَةٍ مِّا۟ئَةُ حَبَّةٍ ۗ وَٱللَّهُ يُضَـٰعِفُ لِمَن يَشَآءُ ۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
261 _ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە (ئۇنىڭ ئەجىرىنى) ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ (مەرھەمىتى) كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر.
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَآ أَنفَقُوا۟ مَنًّا وَلَآ أَذًى ۙ لَّهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
262 _ پۇل _ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان ۋە (خەير _ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەرگە رەببىنىڭ دەرگاھىدا (خاس) مۇكاپاتلار بار. ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
قَوْلٌ مَّعْرُوفٌ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌ مِّن صَدَقَةٍ يَتْبَعُهَآ أَذًى ۗ وَٱللَّهُ غَنِىٌّ حَلِيمٌ
263 _ ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈۋېتىش ئەزىيەت ئەگىشىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سەدىقىسىگە) موھتاج ئەمەستۇر، (گۇناھكارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُبْطِلُوا۟ صَدَقَـٰتِكُم بِٱلْمَنِّ وَٱلْأَذَىٰ كَٱلَّذِى يُنفِقُ مَالَهُۥ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۖ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُۥ وَابِلٌ فَتَرَكَهُۥ صَلْدًا ۖ لَّا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَىْءٍ مِّمَّا كَسَبُوا۟ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْكَـٰفِرِينَ
264 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا _ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ (بۇرۇنقىدەك بولۇپ) كەتكەن سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ساۋابتىن) ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمُ ٱبْتِغَآءَ مَرْضَاتِ ٱللَّهِ وَتَثْبِيتًا مِّنْ أَنفُسِهِمْ كَمَثَلِ جَنَّةٍۭ بِرَبْوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٌ فَـَٔاتَتْ أُكُلَهَا ضِعْفَيْنِ فَإِن لَّمْ يُصِبْهَا وَابِلٌ فَطَلٌّ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
265 _ پۇل _ ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن ۋە (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە) چىن كۆڭلىدىن ئىشەنگەن ھالدا سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا، مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولالمىسا، شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى ئىككىلا ھالەتتە مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
أَيَوَدُّ أَحَدُكُمْ أَن تَكُونَ لَهُۥ جَنَّةٌ مِّن نَّخِيلٍ وَأَعْنَابٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ لَهُۥ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَأَصَابَهُ ٱلْكِبَرُ وَلَهُۥ ذُرِّيَّةٌ ضُعَفَآءُ فَأَصَابَهَآ إِعْصَارٌ فِيهِ نَارٌ فَٱحْتَرَقَتْ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلْـَٔايَـٰتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
266 _ ئاراڭلاردىن خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى تېپىلىدىغان بىر بېغى بار بىرەيلەن ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى تېخى كىچىك چاغدا، بۇ باغنىڭ بىر قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوت ئۇچقۇنىدا كۆيۈپ كېتىشىنى ياقتۇرامدۇ؟ [26] سىلەرنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَنفِقُوا۟ مِن طَيِّبَـٰتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّآ أَخْرَجْنَا لَكُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ ۖ وَلَا تَيَمَّمُوا۟ ٱلْخَبِيثَ مِنْهُ تُنفِقُونَ وَلَسْتُم بِـَٔاخِذِيهِ إِلَّآ أَن تُغْمِضُوا۟ فِيهِ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ غَنِىٌّ حَمِيدٌ
267 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر (ھالال كەسىپ بىلەن) قولغا كەلتۈرگەن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار، (سىلەرگە بېرىلسە) كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالمىساڭلار ئالغۇڭلار كەلمەيدىغان ناچارلىرىنى سەدىقە قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقىگە) موھتاج ئەمەستۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
ٱلشَّيْطَـٰنُ يَعِدُكُمُ ٱلْفَقْرَ وَيَأْمُرُكُم بِٱلْفَحْشَآءِ ۖ وَٱللَّهُ يَعِدُكُم مَّغْفِرَةً مِّنْهُ وَفَضْلًا ۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
268 _ شەيتان سىلەرگە پېقىرلىق بىلەن تەھدىت سالىدۇ، سىلەرنى يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن مەغپىرەتنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھ (نىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى) كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
يُؤْتِى ٱلْحِكْمَةَ مَن يَشَآءُ ۚ وَمَن يُؤْتَ ٱلْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِىَ خَيْرًا كَثِيرًا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ
269 _ ئاللاھ ھېكمەتنى [27] خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ، ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ.
وَمَآ أَنفَقْتُم مِّن نَّفَقَةٍ أَوْ نَذَرْتُم مِّن نَّذْرٍ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُهُۥ ۗ وَمَا لِلظَّـٰلِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ
270 _ نېمىنى خەير– ساخاۋەت قىلساڭلار ياكى (ئاللاھ يولىدا) نېمىنى ۋەدە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرىدۇ. (پۇل _ مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارغا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ.
إِن تُبْدُوا۟ ٱلصَّدَقَـٰتِ فَنِعِمَّا هِىَ ۖ وَإِن تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا ٱلْفُقَرَآءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۚ وَيُكَفِّرُ عَنكُم مِّن سَيِّـَٔاتِكُمْ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
271 _ سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر؛ ئەگەر ئۇنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. ئاللاھ سىىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
لَّيْسَ عَلَيْكَ هُدَىٰهُمْ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهْدِى مَن يَشَآءُ ۗ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ٱبْتِغَآءَ وَجْهِ ٱللَّهِ ۚ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
272 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس. لېكىن، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پۇل _ مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير _ ساخاۋەت قىلساڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر. سىلەر خەير _ ساخاۋەتنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىڭلار. پۇل _ مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير _ ساخاۋەت قىلساڭلار، ئۇنىڭ ئەجىرى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ھەرگىز زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
لِلْفُقَرَآءِ ٱلَّذِينَ أُحْصِرُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًا فِى ٱلْأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ ٱلْجَاهِلُ أَغْنِيَآءَ مِنَ ٱلتَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُم بِسِيمَـٰهُمْ لَا يَسْـَٔلُونَ ٱلنَّاسَ إِلْحَافًا ۗ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٌ
273 _ (خەير _ ساخاۋەت) ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، (شۇڭا تىرىكچىلىك ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنى بايمىكىن دەپ قالىدۇ، ئۇلارنى (يەنى نامراتلىقىنى) تۇرقىدىن بىلىۋالالايسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ. پۇل _ مېلىڭلاردىن قانداق نەرسىنى خەير _ ساخاۋەت قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ.
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُم بِٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
274 _ پۇل _ ماللىرىنى كېچە – كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير _ ساخاۋەت قىلىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى رەببىنىڭ دەرگاھىدا (تولۇق) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
ٱلَّذِينَ يَأْكُلُونَ ٱلرِّبَوٰا۟ لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ ٱلَّذِى يَتَخَبَّطُهُ ٱلشَّيْطَـٰنُ مِنَ ٱلْمَسِّ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوٓا۟ إِنَّمَا ٱلْبَيْعُ مِثْلُ ٱلرِّبَوٰا۟ ۗ وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلْبَيْعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰا۟ ۚ فَمَن جَآءَهُۥ مَوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّهِۦ فَٱنتَهَىٰ فَلَهُۥ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِ ۖ وَمَنْ عَادَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
275 _ جازانە يېگەنلەر (ئاخىرەتتە قەبرىلىرىدىن) پەقەت جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ھارامنى ھالال ساناپ): « سودا _ سېتىق پەقەت جازانىگە ئوخشاشتۇر (يەنى جازانىدا زىيادە ئېلىش بولغاندەك سودا – سېتىقتىمۇ زىيادە ئېلىش بار)» دېدى. ئاللاھ سودا _ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى. كىمىكى رەببى تەرىپىدىن ۋەز _ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن، جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. كىمىكى (جازانىخورلۇققا) قايتىدىكەن، مۇنداقلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
يَمْحَقُ ٱللَّهُ ٱلرِّبَوٰا۟ وَيُرْبِى ٱلصَّدَقَـٰتِ ۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ
276 _ ئاللاھ جازانىنى (بەرىكەتسىز، پايدىسىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارىلاشقان مالنى) توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنى (ئۆستۈرۈپ، پايدىسىنى) زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ (جازانىنى ھالال سانايدىغان) ھەرقانداق كاپىر گۇناھكارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُا۟ ٱلزَّكَوٰةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
277 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغان ۋە زاكات بەرگەن كىشىلەرگە رەببىنىڭ دەرگاھىدا تولۇق مۇكاپات بار. ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَذَرُوا۟ مَا بَقِىَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓا۟ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
278 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدا) قېلىپ قالغان جازانىنى ئالماڭلار.
فَإِن لَّمْ تَفْعَلُوا۟ فَأْذَنُوا۟ بِحَرْبٍ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ۖ وَإِن تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَٰلِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ
279 _ ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (سىلەرگە قارشى) ئۇرۇش ئاچىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. ئەگەر (جازانىدىن قول يىغىپ) تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەر ئۇۋال قىلمىغان ۋە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمىغان ھالدا ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ.
وَإِن كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيْسَرَةٍ ۚ وَأَن تَصَدَّقُوا۟ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
280 _ ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، (ئۇ قەرزنى ئۇنىڭدىن) كەچۈرۈۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.
وَٱتَّقُوا۟ يَوْمًا تُرْجَعُونَ فِيهِ إِلَى ٱللَّهِ ۖ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
281 _ سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان (ياخشى - يامان) ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيْنٍ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى فَٱكْتُبُوهُ ۚ وَلْيَكْتُب بَّيْنَكُمْ كَاتِبٌۢ بِٱلْعَدْلِ ۚ وَلَا يَأْبَ كَاتِبٌ أَن يَكْتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ ٱللَّهُ ۚ فَلْيَكْتُبْ وَلْيُمْلِلِ ٱلَّذِى عَلَيْهِ ٱلْحَقُّ وَلْيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥ وَلَا يَبْخَسْ مِنْهُ شَيْـًٔا ۚ فَإِن كَانَ ٱلَّذِى عَلَيْهِ ٱلْحَقُّ سَفِيهًا أَوْ ضَعِيفًا أَوْ لَا يَسْتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلْيُمْلِلْ وَلِيُّهُۥ بِٱلْعَدْلِ ۚ وَٱسْتَشْهِدُوا۟ شَهِيدَيْنِ مِن رِّجَالِكُمْ ۖ فَإِن لَّمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَٱمْرَأَتَانِ مِمَّن تَرْضَوْنَ مِنَ ٱلشُّهَدَآءِ أَن تَضِلَّ إِحْدَىٰهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَىٰهُمَا ٱلْأُخْرَىٰ ۚ وَلَا يَأْبَ ٱلشُّهَدَآءُ إِذَا مَا دُعُوا۟ ۚ وَلَا تَسْـَٔمُوٓا۟ أَن تَكْتُبُوهُ صَغِيرًا أَوْ كَبِيرًا إِلَىٰٓ أَجَلِهِۦ ۚ ذَٰلِكُمْ أَقْسَطُ عِندَ ٱللَّهِ وَأَقْوَمُ لِلشَّهَـٰدَةِ وَأَدْنَىٰٓ أَلَّا تَرْتَابُوٓا۟ ۖ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَـٰرَةً حَاضِرَةً تُدِيرُونَهَا بَيْنَكُمْ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَلَّا تَكْتُبُوهَا ۗ وَأَشْهِدُوٓا۟ إِذَا تَبَايَعْتُمْ ۚ وَلَا يُضَآرَّ كَاتِبٌ وَلَا شَهِيدٌ ۚ وَإِن تَفْعَلُوا۟ فَإِنَّهُۥ فُسُوقٌۢ بِكُمْ ۗ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۖ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱللَّهُ ۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ
282 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز مۇئامىلىسى (ياكى نېسى سودا) قىلىشساڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى بىر پۈتۈكچى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن، پۈتۈكچى ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك يېزىپ بېرىشنى رەت قىلماي، (ھەممىنى ئەينەن) يازسۇن، قەرزدار ئادەم (ئەينەن) ئېيتىپ بەرسۇن، رەببى بولغان ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم گالۋاڭ ياكى كەم ئەقىل ۋەياكى ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋالدا بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن (ئېيتىپ بېرىپ) يازدۇرسۇن، سىلەر ئاراڭلاردىكى ئىككى ئەر كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىققا چاقىرىلغان ۋاقتىدا (گۇۋاھ بولۇشتىن) باش تارتمىسۇن. قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئادالەتلىكتۇر، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر ۋە گۇمانلىنىپ قالماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن، ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار، ئېنىقكى، بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققىنىڭلار دېمەكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى شۇنداق) ئۆگىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
وَإِن كُنتُمْ عَلَىٰ سَفَرٍ وَلَمْ تَجِدُوا۟ كَاتِبًا فَرِهَـٰنٌ مَّقْبُوضَةٌ ۖ فَإِنْ أَمِنَ بَعْضُكُم بَعْضًا فَلْيُؤَدِّ ٱلَّذِى ٱؤْتُمِنَ أَمَـٰنَتَهُۥ وَلْيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥ ۗ وَلَا تَكْتُمُوا۟ ٱلشَّهَـٰدَةَ ۚ وَمَن يَكْتُمْهَا فَإِنَّهُۥٓ ءَاثِمٌ قَلْبُهُۥ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
283 _ ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، خەت يازالايدىغان ئادەم تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز بەرگۈچىگە) بىرەر نەرسىنى رەنىگە تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىر _ بىرىڭلارغا ئىشىنىپ (ھۆججەت ياكى رەنە تەلەپ قىلماي) قەرز بەرگەن بولساڭلار، ئۇ چاغدا قەرز ئالغۇچى ئادەم ئۇنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا قايتۇرسۇن، رەببى بولغان ئاللاھتىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمىكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، بىلسۇنكى، ئۇنىڭ دىلى گۇناھكاردۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
لِّلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَإِن تُبْدُوا۟ مَا فِىٓ أَنفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُم بِهِ ٱللَّهُ ۖ فَيَغْفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ ۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
284 _ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. دىلىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى جازالايدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
ءَامَنَ ٱلرَّسُولُ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِۦ وَٱلْمُؤْمِنُونَ ۚ كُلٌّ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَمَلَـٰٓئِكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِۦ ۚ وَقَالُوا۟ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ ٱلْمَصِيرُ
285 _ بۇ پەيغەمبەر رەببى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ئىمان كەلتۈردى، مۇئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار: «بىز (ئىمان ئېيتىشتا) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، ئى رەببىمىز! بىز سېنىڭ مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دېدى.
لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا ٱكْتَسَبَتْ ۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَآ إِن نَّسِينَآ أَوْ أَخْطَأْنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَآ إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلْنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِۦ ۖ وَٱعْفُ عَنَّا وَٱغْفِرْ لَنَا وَٱرْحَمْنَآ ۚ أَنتَ مَوْلَىٰنَا فَٱنصُرْنَا عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْكَـٰفِرِينَ
286 _ ئاللاھ ھېچكىمگە قۇربى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ مۇكاپاتى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. ئۇلار يەنە: «ئى رەببىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇپ قالغان ياكى خاتالاشقان بولساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. ئى رەببىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر يۈك (مەجبۇرىيەت) يۈكلىمىگىن. ئى رەببىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى.
بەقەرە سۈرىسى