ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىم _ ھېكمىتىنى ۋە بەزى سۈپەتلىرىنى نامايان قىلىش، شۇنداقلا مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ئەدەپسىزلىكىگە رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
نٓ ۚ وَٱلْقَلَمِ وَمَا يَسْطُرُونَ
1 _ نۇن (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). قەلەم بىلەن ۋە (قەلەم تۇتقانلار) يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
مَآ أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ
2 _ (ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ (پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت كاتتا) نېمىتى بىلەن سەن (ھەرگىز مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن.
وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ
3 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، ئەلۋەتتە ساڭا تۈگىمەس مۇكاپات بار.
وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ
4 _ سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.
فَسَتُبْصِرُ وَيُبْصِرُونَ (5) بِأَييِّكُمُ ٱلْمَفْتُونُ (6)
5 _ 6 _ قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ.
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعْلَمُ بِٱلْمُهْتَدِينَ
7 _ چۈنكى سېنىڭ رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
فَلَا تُطِعِ ٱلْمُكَذِّبِينَ
8 _ (ھەق دىننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا بويسۇنمىغىن.
وَدُّوا۟ لَوْ تُدْهِنُ فَيُدْهِنُونَ
9_ ئۇلار سېنىڭ ماسلىشىپ ئۆتۈشۈڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىمۇ (ساڭا) ماسلىشىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
وَلَا تُطِعْ كُلَّ حَلَّافٍ مَّهِينٍ (10) هَمَّازٍ مَّشَّآءٍۭ بِنَمِيمٍ (11) مَّنَّاعٍ لِّلْخَيْرِ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ (12) عُتُلٍّۭ بَعْدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ (13)
10 _ 13 _ قەسەمخور، پەسكەش، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، ياخشىلىقنى توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىگە بويسۇنمىغىن.
أَن كَانَ ذَا مَالٍ وَبَنِينَ
14 _ ئۇ مال _ مۈلۈكى ۋە ئوغۇللىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن (كۆرەڭلەپ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى).
إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ءَايَـٰتُنَا قَالَ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ
15 _ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە: «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر» دېدى.
سَنَسِمُهُۥ عَلَى ٱلْخُرْطُومِ
16 _ بىز يېقىندا ئۇنىڭ بۇرنىغا بەلگە سالىمىز.
إِنَّا بَلَوْنَـٰهُمْ كَمَا بَلَوْنَآ أَصْحَـٰبَ ٱلْجَنَّةِ إِذْ أَقْسَمُوا۟ لَيَصْرِمُنَّهَا مُصْبِحِينَ (17) وَلَا يَسْتَثْنُونَ (18)
17 _ 18_ شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككىلىكلەرنى) باغ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك سىنىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۇنى (يەنى بېغىنىڭ مېۋىلىرىنى كەمبەغەللەر كۆرمەستىن) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ۋە «ئاللاھ خالىسا» دېمىگەن ئىدى.
فَطَافَ عَلَيْهَا طَآئِفٌ مِّن رَّبِّكَ وَهُمْ نَآئِمُونَ (19) فَأَصْبَحَتْ كَٱلصَّرِيمِ (20)
19 _ 20_ ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا رەببىڭ تەرىپىدىن يانغىن چۈشۈپ، بىردەمدىلا ئۇ باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى.
فَتَنَادَوْا۟ مُصْبِحِينَ (21) أَنِ ٱغْدُوا۟ عَلَىٰ حَرْثِكُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰرِمِينَ (22)
21 _ 22_ ئۇلار ئەتىگەندە: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار، باغقا سەھەردە بېرىڭلار» دەپ، بىر _ بىرىنى چاقىرىشتى.
فَٱنطَلَقُوا۟ وَهُمْ يَتَخَـٰفَتُونَ (23) أَن لَّا يَدْخُلَنَّهَا ٱلْيَوْمَ عَلَيْكُم مِّسْكِينٌ (24)
23 _ 24 _ ئۇلار: «بۈگۈن باغقا بىرەر كەمبەغەلمۇ قەتئىي كىرمىسۇن» دەپ پىچىرلىشىپ ماڭدى.
وَغَدَوْا۟ عَلَىٰ حَرْدٍ قَـٰدِرِينَ
25 _ ئۇلار: «(كەمبەغەللەرنى باغقا كىرىشتىن) توسۇپ قالىمىز» دېگەن ئوي بىلەن ئەتىگەندە يولغا چىقتى.
فَلَمَّا رَأَوْهَا قَالُوٓا۟ إِنَّا لَضَآلُّونَ (26) بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ (27)
26 _ 27 _ ئۇلار (كۆيۈپ كەتكەن) باغنى كۆرۈپ: «بىز چوقۇم ئېزىپ قاپتۇق، ياق (ئېزىپ قالماپتۇق)، بەلكى (ھەممىدىن) قۇرۇق قاپتۇق» دېيىشتى.
قَالَ أَوْسَطُهُمْ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ لَوْلَا تُسَبِّحُونَ
28 _ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى: «مەن سىلەرگە «ئاللاھ خالىسا» دېسەڭلارچۇ، دېمىگەنمىدىم؟» دېدى.
قَالُوا۟ سُبْحَـٰنَ رَبِّنَآ إِنَّا كُنَّا ظَـٰلِمِينَ
29 _ ئۇلار: «ئى رەببىمىز! (سەن بارلىق كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلىپتۇق» دېيىشتى.
فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَلَـٰوَمُونَ (30) قَالُوا۟ يَـٰوَيْلَنَآ إِنَّا كُنَّا طَـٰغِينَ (31) عَسَىٰ رَبُّنَآ أَن يُبْدِلَنَا خَيْرًا مِّنْهَآ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا رَٰغِبُونَ (32)
30 _ 32 _ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر _ بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلاپ: «ۋاي ئىسىت! بىز راستتىنلا ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق. ئۈمىدىمىز شۇكى، رەببىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزگە ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز» دېيىشتى.
كَذَٰلِكَ ٱلْعَذَابُ ۖ وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ
33 _ (دۇنيادىكى) ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر. ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇنى) بىلسە ئىدى (ئازابقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغان بولاتتى).
إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ
34 _ شەكسىزكى، تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىنىڭ دەرگاھىدا نازۇنېمەتلىك جەننەتلەر بار.
أَفَنَجْعَلُ ٱلْمُسْلِمِينَ كَٱلْمُجْرِمِينَ
35 _ بىز مۇسۇلمانلارنى ئۇ گۇناھكار (كاپىر)لار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
36 _ سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقلارچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
أَمْ لَكُمْ كِتَـٰبٌ فِيهِ تَدْرُسُونَ
37 _ ياكى سىلەردە سىلەر ئوقۇيدىغان بىرەر كىتاب بارمۇ؟
إِنَّ لَكُمْ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
38 _ ئۇنىڭدا «سىلەر نېمىنى خالىساڭلار ئۇ سىلەرنىڭ بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈم بارمىكەن؟
أَمْ لَكُمْ أَيْمَـٰنٌ عَلَيْنَا بَـٰلِغَةٌ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۙ إِنَّ لَكُمْ لَمَا تَحْكُمُونَ
39 _ ياكى «سىلەر قانداق ھۆكۈم چىقارساڭلار بولۇۋېرىدۇ» دەپ ئارىمىزدا قىيامەت كۈنىگە قەدەر كۈچكە ئىگە قىلىنغان بىرەر كېلىشىم بولغانمۇ؟
سَلْهُمْ أَيُّهُم بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ
40 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ قايسىسى بۇ ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟
أَمْ لَهُمْ شُرَكَآءُ فَلْيَأْتُوا۟ بِشُرَكَآئِهِمْ إِن كَانُوا۟ صَـٰدِقِينَ
41 _ ياكى ئۇلارنىڭ (كېپىللىك قىلىدىغان) شېرىكلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار (بار دېگەن سۆزىدە) راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن.
يَوْمَ يُكْشَفُ عَن سَاقٍ وَيُدْعَوْنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ
42 _ ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، (ئەمما) سەجدە قىلالمايدۇ.
خَـٰشِعَةً أَبْصَـٰرُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ وَقَدْ كَانُوا۟ يُدْعَوْنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ وَهُمْ سَـٰلِمُونَ
43 _ ئۇلار (قورققىنىدىن) كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق قاپلىۋالىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار (دۇنيادىكى) ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان (بولسىمۇ سەجدىدىن باش تارتقان) ئىدى.
فَذَرْنِى وَمَن يُكَذِّبُ بِهَـٰذَا ٱلْحَدِيثِ ۖ سَنَسْتَدْرِجُهُم مِّنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
44 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇپ بەرگىن، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن، ئاستا _ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز.
وَأُمْلِى لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِى مَتِينٌ
45 _ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، شەكسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر.
أَمْ تَسْـَٔلُهُمْ أَجْرًا فَهُم مِّن مَّغْرَمٍ مُّثْقَلُونَ
46 _ ياكى سەن (دىنغا دەۋەت قىلغانلىقىڭغا) ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكى ئېغىرلىشىپ قاپتۇمۇ؟
أَمْ عِندَهُمُ ٱلْغَيْبُ فَهُمْ يَكْتُبُونَ
47 _ ياكى ئۇلاردا غەيىب ئىلىمى بار بولۇپ، (ئېيتىدىغانلىرىنى شۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ) يازامدىكەن؟
فَٱصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُن كَصَاحِبِ ٱلْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ
48 _ رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن كىتنىڭ قارنىغا كىرىپ كەتكەن كىشىگە (يۇنۇسقا) ئوخشاش (ئالدىراڭغۇ) بولمىغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (كىتنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا (رەببىگە) ئىلتىجا قىلغان ئىدى.
لَّوْلَآ أَن تَدَٰرَكَهُۥ نِعْمَةٌ مِّن رَّبِّهِۦ لَنُبِذَ بِٱلْعَرَآءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ
49 _ ئەگەر ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن بىر نېمەت يېتىپ كەلمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ ئەيىبلەنگەن ھالدا بىر قاقاس دالاغا تاشلانغان بولاتتى.
فَٱجْتَبَـٰهُ رَبُّهُۥ فَجَعَلَهُۥ مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
50 _ رەببى ئۇنى تاللاپ سالىھلاردىن قىلدى.
وَإِن يَكَادُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَـٰرِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا۟ ٱلذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُۥ لَمَجْنُونٌ
51 _ كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا، (يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. ئۇلار (سېنى): «ئۇ چوقۇم بىر مەجنۇندۇر» دېيىشىدۇ.
وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَـٰلَمِينَ
52 _ ئۇ (قۇرئان) جاھان ئەھلى ئۈچۈن پەقەتلا نەسىھەتتۇر.
قەلەم سۈرىسى