ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ھەرقانداق ئىشنىڭ، ھەرقانداق ۋەقەنىڭ ۋە ھەرقانداق ئەھۋالنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كائىنات ھەقىقىتىنى بايان قىلىشتۇر.
الٓمٓ
1 _ ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
غُلِبَتِ ٱلرُّومُ (2) فِىٓ أَدْنَى ٱلْأَرْضِ وَهُم مِّنۢ بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ (3) فِى بِضْعِ سِنِينَ ۗ لِلَّهِ ٱلْأَمْرُ مِن قَبْلُ وَمِنۢ بَعْدُ ۚ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ ٱلْمُؤْمِنُونَ (4) بِنَصْرِ ٱللَّهِ ۚ يَنصُرُ مَن يَشَآءُ ۖ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ (5)
2 _ 5_ رىملىقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَعْدَ ٱللَّهِ ۖ لَا يُخْلِفُ ٱللَّهُ وَعْدَهُۥ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
6 _ بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
يَعْلَمُونَ ظَـٰهِرًا مِّنَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَهُمْ عَنِ ٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ غَـٰفِلُونَ
7 _ ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاخىرەتتىن غەپلەتتىدۇر.
أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا۟ فِىٓ أَنفُسِهِم ۗ مَّا خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَأَجَلٍ مُّسَمًّى ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ ٱلنَّاسِ بِلِقَآئِ رَبِّهِمْ لَكَـٰفِرُونَ
8 _ ئۇلار ئۆزلىرى توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھېكمەت بىلەن ۋە مۇئەييەن مۇددەت بىلەن ياراتتى. شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى رەببىنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر.
أَوَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوٓا۟ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَأَثَارُوا۟ ٱلْأَرْضَ وَعَمَرُوهَآ أَكْثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ ۖ فَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَـٰكِن كَانُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
9 _ ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئىلگىرىكىلەر قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار تېرىقچىلىق قىلغان ۋە زېمىننى بۇلارنىڭ ئاۋاتلاشتۇرغىنىدىن بەكرەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. (ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ھالاك بولدى). ئاللاھ ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
ثُمَّ كَانَ عَـٰقِبَةَ ٱلَّذِينَ أَسَـٰٓـُٔوا۟ ٱلسُّوٓأَىٰٓ أَن كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَكَانُوا۟ بِهَا يَسْتَهْزِءُونَ
10 _ ئاندىن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ يامان بولدى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە داۋاملىق مەسخىرە قىلغان ئىدى.
ٱللَّهُ يَبْدَؤُا۟ ٱلْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
11 _ ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇنى (پانىي بولغاندىن كېيىن) يەنە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ھەممىڭلار ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يُبْلِسُ ٱلْمُجْرِمُونَ
12 _ قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار (ئازابتىن قۇتۇلۇشتىن) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
وَلَمْ يَكُن لَّهُم مِّن شُرَكَآئِهِمْ شُفَعَـٰٓؤُا۟ وَكَانُوا۟ بِشُرَكَآئِهِمْ كَـٰفِرِينَ
13 _ ئۇلار (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار (ئۇ كۈندە) ئۆزلىرى شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن تانىدۇ.
وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَتَفَرَّقُونَ
14 _ قىيامەت قايىم بولغان كۈندە (مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلار) بىر _ بىرىدىن ئايرىلىدۇ.
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَهُمْ فِى رَوْضَةٍ يُحْبَرُونَ
15 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار (جەننەت) باغچىلىرىدا (دائىملىق نازۇنېمەتلەر بىلەن) خۇشاللىققا چۆمدۈرۈلىدۇ.
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا وَلِقَآئِ ٱلْـَٔاخِرَةِ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ فِى ٱلْعَذَابِ مُحْضَرُونَ
16 _ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىپ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى ئۇچرىشىشنى يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار داۋاملىق ئازابتا قالىدۇ.
فَسُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ
17 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
وَلَهُ ٱلْحَمْدُ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ
18 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر. كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىمۇ (ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار).
يُخْرِجُ ٱلْحَىَّ مِنَ ٱلْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ ٱلْمَيِّتَ مِنَ ٱلْحَىِّ وَيُحْىِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ وَكَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
19 _ ئاللاھ جانسىزدىن جانلىقنى چىقىرىدۇ، جانلىقتىن جانسزنى چىقىرىدۇ، (قۇرغاقچىلىقتىن) ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرمۇ (تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىڭلاردىن) شۇنداق چىقىرىلىسىلەر.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦٓ أَنْ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ إِذَآ أَنتُم بَشَرٌ تَنتَشِرُونَ
20 _ ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ (يەر يۈزىگە) تارقىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦٓ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَٰجًا لِّتَسْكُنُوٓا۟ إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
21 _ كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەرنى ياراتقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتقانلىقى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦ خَلْقُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَٱخْتِلَـٰفُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَٰنِكُمْ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّلْعَـٰلِمِينَ
22 _ ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنىڭ، رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. بۇنىڭدا ھەربىر ئىلىم ئىگىسى ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦ مَنَامُكُم بِٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱبْتِغَآؤُكُم مِّن فَضْلِهِۦٓ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
23 _ سىلەرنىڭ كېچىسى ئۇخلىشىڭلار، كۈندۈزى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزقىڭلارنى) ئىزدىشىڭلار ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦ يُرِيكُمُ ٱلْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَيُحْىِۦ بِهِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَآ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
24 _ ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦٓ أَن تَقُومَ ٱلسَّمَآءُ وَٱلْأَرْضُ بِأَمْرِهِۦ ۚ ثُمَّ إِذَا دَعَاكُمْ دَعْوَةً مِّنَ ٱلْأَرْضِ إِذَآ أَنتُمْ تَخْرُجُونَ
25 _ ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا تۇرۇشىمۇ ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ئاندىن (قىيامەت كۈنى) سىلەرنى (تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن، سىلەر كۆمۈلگەن) يەر ئاستىدىن چاقىرسا دەرھال چىقىسىلەر.
وَلَهُۥ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ كُلٌّ لَّهُۥ قَـٰنِتُونَ
26 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِى يَبْدَؤُا۟ ٱلْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ وَهُوَ أَهْوَنُ عَلَيْهِ ۚ وَلَهُ ٱلْمَثَلُ ٱلْأَعْلَىٰ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
27 _ ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بارلىققا كەلتۈرىدىغان، ئاندىن ئۇنى (پانىي بولغاندىن كېيىن) ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان زاتتۇر، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ ئوڭايدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ضَرَبَ لَكُم مَّثَلًا مِّنْ أَنفُسِكُمْ ۖ هَل لَّكُم مِّن مَّا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُكُم مِّن شُرَكَآءَ فِى مَا رَزَقْنَـٰكُمْ فَأَنتُمْ فِيهِ سَوَآءٌ تَخَافُونَهُمْ كَخِيفَتِكُمْ أَنفُسَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلْـَٔايَـٰتِ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
28 _ ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان مال – مۈلۈككە قول ئاستىڭلاردىكى قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭلار (يەنى سىلەرگە ئوخشاش ئازاد كىشىلەر) بىر _ بىرىڭىلاردىن تەپ تارتقاندەك تەپ تارتىشقا رازىمۇسىلەر؟ ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
بَلِ ٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ أَهْوَآءَهُم بِغَيْرِ عِلْمٍ ۖ فَمَن يَهْدِى مَنْ أَضَلَّ ٱللَّهُ ۖ وَمَا لَهُم مِّن نَّـٰصِرِينَ
29 _ بەلكى (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلار ئىلىمسىز ھالدا نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچىلىرى بولمايدۇ.
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا ۚ فِطْرَتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِى فَطَرَ ٱلنَّاسَ عَلَيْهَا ۚ لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ ٱللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلْقَيِّمُ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
30 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن توغرا دىنغا — ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ توپتوغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
مُنِيبِينَ إِلَيْهِ وَٱتَّقُوهُ وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَلَا تَكُونُوا۟ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ (31) مِنَ ٱلَّذِينَ فَرَّقُوا۟ دِينَهُمْ وَكَانُوا۟ شِيَعًا ۖ كُلُّ حِزْبٍۭ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ (32)
31 _ 32_ (ھەممىڭلار) ئاللاھقا (تەۋبە ۋە ئىخلاس بىلەن) يۈزلەنگۈچىلەر بولۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، مۇشرىكلاردىن، يەنى دىنىنى ئۆزگەرتىپ (ئۇنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىپ)، پىرقە _ پىرقە بولۇپ كەتكەنلەردىن بولماڭلار. (ئۇلاردىن) ھەربىر پىرقە ئۆزىدىكى (ئەقىدە ۋە قاراشلىرى) بىلەن خۇشالدۇر.
وَإِذَا مَسَّ ٱلنَّاسَ ضُرٌّ دَعَوْا۟ رَبَّهُم مُّنِيبِينَ إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَآ أَذَاقَهُم مِّنْهُ رَحْمَةً إِذَا فَرِيقٌ مِّنْهُم بِرَبِّهِمْ يُشْرِكُونَ
33 _ ئىنسانلارغا بىرەر زىيان _ زەخمەت يەتكەن چاغدا، ئۇلار دەرھال رەببىگە يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇناجات قىلىشقا باشلايدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز دەرگاھىدىن بىر رەھمەتنى تېتىتسا، شۇ ھامان ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ.
لِيَكْفُرُوا۟ بِمَآ ءَاتَيْنَـٰهُمْ ۚ فَتَمَتَّعُوا۟ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
34 _ ئۇلار بىز بەرگەن نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلىدۇ). (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر (دۇنيا ھاياتىدىن) بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، سىلەر (بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى) يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر.
أَمْ أَنزَلْنَا عَلَيْهِمْ سُلْطَـٰنًا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُوا۟ بِهِۦ يُشْرِكُونَ
35 _ ياكى بىز ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرۈشىنىڭ (توغرىلىقىنى) سۆزلەيدىغان بىرەر دەلىل _ ئىسپات چۈشۈردۇقمۇ؟
وَإِذَآ أَذَقْنَا ٱلنَّاسَ رَحْمَةً فَرِحُوا۟ بِهَا ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌۢ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ إِذَا هُمْ يَقْنَطُونَ
36 _ بىز ئىنسانلارغا بىرەر نېمەتنى تېتىتساق، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، دەرھال ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
37 _ ئاللاھنىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئەلۋەتتە نۇرغۇن دەلىللەر بار.
فَـَٔاتِ ذَا ٱلْقُرْبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلْمِسْكِينَ وَٱبْنَ ٱلسَّبِيلِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لِّلَّذِينَ يُرِيدُونَ وَجْهَ ٱللَّهِ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ
38 _ يېقىن تۇغقانلارغا، يوقسۇللارغا، (يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان) مۇساپىرلارغا (ياخشىلىقتىن) ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.
وَمَآ ءَاتَيْتُم مِّن رِّبًا لِّيَرْبُوَا۟ فِىٓ أَمْوَٰلِ ٱلنَّاسِ فَلَا يَرْبُوا۟ عِندَ ٱللَّهِ ۖ وَمَآ ءَاتَيْتُم مِّن زَكَوٰةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ ٱللَّهِ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُضْعِفُونَ
39 _ سىلەر ئىنسانلارنىڭ پۇل _ مېلى ئىچىدە كۆپەيسۇن دەپ، ئۆسۈم ئۈچۈن بەرگەن ھەرقانداق نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپەيمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلارغا كەلسەك، ئەنە شۇنداق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ (ساۋابىنى ۋە پۇل _ مېلىنى) ھەسسىلەپ كۆپەيتكۈچىلەردۇر.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَكُمْ ثُمَّ رَزَقَكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۖ هَلْ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَفْعَلُ مِن ذَٰلِكُم مِّن شَىْءٍ ۚ سُبْحَـٰنَهُۥ وَتَعَـٰلَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
40 _ ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەرگەن زاتتۇر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. (سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان) نەرسىلىرىڭلار ئىچىدە بۇ ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلالايدىغان بىرى بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.
ظَهَرَ ٱلْفَسَادُ فِى ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِى ٱلنَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعْضَ ٱلَّذِى عَمِلُوا۟ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
41 _ ئىنسانلارنى (ئاللاھ تەرەپكە) قايتسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قىسىم قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت [1] يۈز بەردى.
قُلْ سِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَٱنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلُ ۚ كَانَ أَكْثَرُهُم مُّشْرِكِينَ
42 _ (ئى پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغانلارغا) «يەر يۈزىدە كېزىپ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار» دېگىن. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى.
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ ٱلْقَيِّمِ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِىَ يَوْمٌ لَّا مَرَدَّ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ ۖ يَوْمَئِذٍ يَصَّدَّعُونَ
43 _ ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى، سەن توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە، (ئىنسانلار) پىرقە _ پىرقە بولۇپ كېتىدۇ.
مَن كَفَرَ فَعَلَيْهِ كُفْرُهُۥ ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَـٰلِحًا فَلِأَنفُسِهِمْ يَمْهَدُونَ
44 _ كىمكى كاپىر بولغان بولسا، كاپىرلىقىنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، مۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن (جەننەتتىن) ئورۇن ھازىرلىغان بولىدۇ.
لِيَجْزِىَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ مِن فَضْلِهِۦٓ ۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلْكَـٰفِرِينَ
45 _ (بۇ) ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۆز پەزلىدىن مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ كاپىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦٓ أَن يُرْسِلَ ٱلرِّيَاحَ مُبَشِّرَٰتٍ وَلِيُذِيقَكُم مِّن رَّحْمَتِهِۦ وَلِتَجْرِىَ ٱلْفُلْكُ بِأَمْرِهِۦ وَلِتَبْتَغُوا۟ مِن فَضْلِهِۦ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
46 _ ئاللاھنىڭ سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرگە رەھمىتىدىن تېتىتىشى ئۈچۈن، ئەمرى بىلەن كېمىلەرنىڭ دېڭىزلاردا مېڭىشى ئۈچۈن، (كېمىلەر ئارقىلىق تىجارەت قىلىپ) ئۇنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن، شاماللارنى (يامغۇردىن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى ئۇنىڭ (بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىدىندۇر.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَآءُوهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَٱنتَقَمْنَا مِنَ ٱلَّذِينَ أَجْرَمُوا۟ ۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ ٱلْمُؤْمِنِينَ
47 _ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆز قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا كۆپلىگەن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. (ئۇلارغا قۇلاق سالماي) گۇناھقا پاتقانلارغا تېگىشلىك جازا بەردۇق. مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىش بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزدۇر.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى يُرْسِلُ ٱلرِّيَـٰحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَيَبْسُطُهُۥ فِى ٱلسَّمَآءِ كَيْفَ يَشَآءُ وَيَجْعَلُهُۥ كِسَفًا فَتَرَى ٱلْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَـٰلِهِۦ ۖ فَإِذَآ أَصَابَ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦٓ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
48 _ ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدىغان، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدىغان ۋە ئۇنى ئۇششاق پارچىلارغا بۆلىدىغان زاتتۇر. شۇنىڭ بىلەن سەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.
وَإِن كَانُوا۟ مِن قَبْلِ أَن يُنَزَّلَ عَلَيْهِم مِّن قَبْلِهِۦ لَمُبْلِسِينَ
49 _ ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە يامغۇر ياغدۇرۇلۇشىدىن بۇرۇن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى.
فَٱنظُرْ إِلَىٰٓ ءَاثَـٰرِ رَحْمَتِ ٱللَّهِ كَيْفَ يُحْىِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَآ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
50 _ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە _ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى چوقۇم (ئاشۇنداق) تىرىلدۈرگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
وَلَئِنْ أَرْسَلْنَا رِيحًا فَرَأَوْهُ مُصْفَرًّا لَّظَلُّوا۟ مِنۢ بَعْدِهِۦ يَكْفُرُونَ
51 _ ئەگەر بىز (زىرائەتكە زىيانلىق) بوراننى ئەۋەتسەك، ئۇلار (بوران سەۋەبلىك) زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار چوقۇم تۇزكورلۇق قىلىشقا باشلايدۇ.
فَإِنَّكَ لَا تُسْمِعُ ٱلْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ ٱلصُّمَّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا وَلَّوْا۟ مُدْبِرِينَ
52 _ شەكسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (يەنى قەلبى ئۆلگەن كاپىرلارغا ھەقنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ (سەندىن) يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
وَمَآ أَنتَ بِهَـٰدِ ٱلْعُمْىِ عَن ضَلَـٰلَتِهِمْ ۖ إِن تُسْمِعُ إِلَّا مَن يُؤْمِنُ بِـَٔايَـٰتِنَا فَهُم مُّسْلِمُونَ
53 _ سەن (دىلى) كورلارنى ئازغۇنلۇقىدىن (چىقىرىپ) ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگۈچى ئەمەسسەن. سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن ضَعْفٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعْدِ ضَعْفٍ قُوَّةً ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعْدِ قُوَّةٍ ضَعْفًا وَشَيْبَةً ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَآءُ ۖ وَهُوَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْقَدِيرُ
54 _ ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتقان، ئاندىن ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلغان، ئاندىن كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلغان ۋە (سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزگەن زاتتۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.
وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يُقْسِمُ ٱلْمُجْرِمُونَ مَا لَبِثُوا۟ غَيْرَ سَاعَةٍ ۚ كَذَٰلِكَ كَانُوا۟ يُؤْفَكُونَ
55 _ قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ) ئەنە شۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْعِلْمَ وَٱلْإِيمَـٰنَ لَقَدْ لَبِثْتُمْ فِى كِتَـٰبِ ٱللَّهِ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْبَعْثِ ۖ فَهَـٰذَا يَوْمُ ٱلْبَعْثِ وَلَـٰكِنَّكُمْ كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
56 _ (دۇنيادا ئۆزلىرىگە) ئىلىم ۋە ئىمان ئاتا قىلىنغان كىشىلەر: «شەكسىزكى، سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىدا (ۋەدە قىلىنغان) تىرىلىش كۈنىگە قەدەر تۇردۇڭلار، مانا بۇ تىرىلىش كۈنىدۇر، ئەمما سىلەر (بۇنى) بىلمەيتتىڭلار» دەيدۇ.
فَيَوْمَئِذٍ لَّا يَنفَعُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مَعْذِرَتُهُمْ وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
57 _ بۇ كۈندە زالىملارنىڭ ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.
وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِى هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٍ ۚ وَلَئِن جِئْتَهُم بِـَٔايَةٍ لَّيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا مُبْطِلُونَ
58 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز بۇ قۇرئاندا كىشىلەرگە تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلارغا بىرەر ئايەت كەلتۈرسەڭ، بۇ كاپىرلار ئەلۋەتتە: «سىلەر پەقەت باتىلغا ئەگىشىۋاتقان ئادەملەرسىلەر» دەيدۇ.
كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
59 _ (دىننىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.
فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ ۖ وَلَا يَسْتَخِفَّنَّكَ ٱلَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ
60 _ (ئى پەيغەمبەر!) چىداملىق بولغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى شەكسىز ھەقتۇر، (ئاخىرەتكە) چىن ئىشەنمەيدىغانلار (نىڭ قىلمىشى) سېنى ھەرگىز يەڭگىللىك قىلىشقا ئېلىپ بارمىسۇن.
رۇم سۈرىسى