ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: دۇنيالىققىلا بېرىلىپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ كەتكەنلەرگە ئۆلۈم، ھېساب بېرىش قاتارلىق ھەقىقەتلەرنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
أَلْهَىٰكُمُ ٱلتَّكَاثُرُ (1) حَتَّىٰ زُرْتُمُ ٱلْمَقَابِرَ (2)
1 _ 2 _ (ئى ئىنسانلار! پۇل _ مال ۋە بالىلارنىڭ) كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى (ئۆلۈپ) قەبرىگە كۆمۈلگەنگە قەدەر (تائەت _ ئىبادەتتىن) غەپلەتتە قالدۇردى.
كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
3 _ بۇنداق قىلىشىڭلار توغرا ئەمەس، (سىلەر ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر.
ثُمَّ كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
4 _ ئاندىن (يەنە دەپ قوياي) بۇنداق قىلىشىڭلار توغرا ئەمەس، (قىلمىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر.
كَلَّا لَوْ تَعْلَمُونَ عِلْمَ ٱلْيَقِينِ
5 _ ھەقىقەت شۇكى، ئەگەر سىلەر ھەقىقىي بىلگەن بولساڭلار (غەپلەتتە قالمايتتىڭلار).
لَتَرَوُنَّ ٱلْجَحِيمَ
6 _ سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر.
ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيْنَ ٱلْيَقِينِ
7 _ ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.
ثُمَّ لَتُسْـَٔلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ ٱلنَّعِيمِ
8 _ ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەر توغرۇلۇق بۇ كۈندە سوراققا تارتىلىسىلەر.
تەكاسۇر سۈرىسى