مۇتەففىفين سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 36 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

 بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنى ۋە قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاخىرەتنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

وَيْلٌ لِّلْمُطَفِّفِينَ
1 _ (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەر قاتتىق ئازابقا دۇچار بولسۇن!
ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكْتَالُوا۟ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسْتَوْفُونَ
2 _ ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغاندا تولۇق ئالىدۇ،
وَإِذَا كَالُوهُمْ أَو وَّزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ
3 _ كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە بولسا كەم بېرىدۇ.
أَلَا يَظُنُّ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبْعُوثُونَ (4) لِيَوْمٍ عَظِيمٍ (5)
4 _ 5_ ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟
يَوْمَ يَقُومُ ٱلنَّاسُ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
6 _ ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ.
كَلَّآ إِنَّ كِتَـٰبَ ٱلْفُجَّارِ لَفِى سِجِّينٍ
7 _ ھەقىقەت شۇكى، گۇناھكارلارنىڭ نامە _ ئەمەلى چوقۇم «سىججىن»دا بولىدۇ.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا سِجِّينٌ
8 _ «سىججىن»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلىسەن؟
كِتَـٰبٌ مَّرْقُومٌ
9 _ ئۇ (گۇناھكارلارنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر.
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ (10) ٱلَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ ٱلدِّينِ (11)
10 _ 11_ قىيامەت كۈنىنى يالغان دەيدىغان ئىنكارچىلارنىڭ بۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
وَمَا يُكَذِّبُ بِهِۦٓ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
12 _ ئۇنى پەقەت ھەددىدىن ئاشقان، گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ.
إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ءَايَـٰتُنَا قَالَ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ
13 _ ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇ: «(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر» دەيدۇ.
كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
14 _ ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەنلەردۇر.
كَلَّآ إِنَّهُمْ عَن رَّبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَّمَحْجُوبُونَ
15 _ ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار ئۇ كۈندە رەببىنى كۆرۈشتىن چوقۇم مەنئى قىلىنغۇچىلاردۇر.
ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُوا۟ ٱلْجَحِيمِ
16 _ ئاندىن ئۇلار ئەلۋەتتە دوزاخقا كىرگۈچىلەردۇر.
ثُمَّ يُقَالُ هَـٰذَا ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
17 _ ئاندىن (ئۇلارغا): «سىلەر ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان (ئازاب) مانا مۇشۇدۇر» دېيىلىدۇ.
كَلَّآ إِنَّ كِتَـٰبَ ٱلْأَبْرَارِ لَفِى عِلِّيِّينَ
18 _ شەكسىزكى، ياخشىلارنىڭ نامە _ ئەمەلى چوقۇم «ئىللىييۇن»دا بولىدۇ.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا عِلِّيُّونَ
19 _ «ئىللىييۇن»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟
كِتَـٰبٌ مَّرْقُومٌ
20 _ (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر.
يَشْهَدُهُ ٱلْمُقَرَّبُونَ
21 _ ئۇنىڭغا ئاللاھقا يېقىن بولغانلار (يۇقىرى مەرتىۋىلىك) پەرىشتىلىرى شاھىت بولىدۇ.
إِنَّ ٱلْأَبْرَارَ لَفِى نَعِيمٍ
22 _ ھەقىقەت شۇكى، ياخشىلار ئەلۋەتتە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ.
عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ
23 _ ئۇلار تەختلەردە ئولتۇرۇپ (بۇ نېمەتلەرگە) نەزەر سالىدۇ.
تَعْرِفُ فِى وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ ٱلنَّعِيمِ
24 _ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن نېمەتنىڭ خۇشاللىق ئىپادىلىرىنى كۆرىسەن.
يُسْقَوْنَ مِن رَّحِيقٍ مَّخْتُومٍ
25 _ ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ.
خِتَـٰمُهُۥ مِسْكٌ ۚ وَفِى ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ ٱلْمُتَنَـٰفِسُونَ
26 _ ئۇنىڭ پېچىتى ئىپاردۇر. (ياخشى ئىشلاردا) بەسلەشمەكچى بولغانلار پەقەت بۇ نېمەتلەرگە (ئېرىشىش ئۈچۈن) بەسلەشسۇن!
وَمِزَاجُهُۥ مِن تَسْنِيمٍ
27 _ ئۇ شارابقا «تەسنىم» سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.
عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا ٱلْمُقَرَّبُونَ
28 _ «تەسنىم» جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ أَجْرَمُوا۟ كَانُوا۟ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يَضْحَكُونَ
29 _ كاپىرلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى.
وَإِذَا مَرُّوا۟ بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ
30 _ (مۇئمىنلەر) ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى.
وَإِذَا ٱنقَلَبُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَهْلِهِمُ ٱنقَلَبُوا۟ فَكِهِينَ
31 _ ئۆيلىرىگە قايتقاندا (ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، قىلمىشلىرىدىن) ھۇزۇرلانغان ھالدا قايتىشاتتى.
وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوٓا۟ إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ لَضَآلُّونَ
32 _ ئۇلار مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئازغۇنلاردۇر» دېيىشەتتى.
وَمَآ أُرْسِلُوا۟ عَلَيْهِمْ حَـٰفِظِينَ
33 _ ھالبۇكى، ئۇ كاپىرلار مۇئمىنلەرگە كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتىلمىگەن.
فَٱلْيَوْمَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مِنَ ٱلْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ
34 _ ئەمدى بۈگۈن مۇئمىنلەر كاپىرلارنىڭ (دوزاختىكى) ھالىغا كۈلۈشىدۇ.
عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ
35 _ ئۇلار تەختلەرنىڭ ئۈستىدە (ئۆزلىرىگە تەييارلانغان جەننەت نېمەتلىرىگە) قاراپ ئولتۇرىدۇ.
هَلْ ثُوِّبَ ٱلْكُفَّارُ مَا كَانُوا۟ يَفْعَلُونَ
36 _ كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى راستتىنلا بېرىلدىمۇ؟ (ئەلۋەتتە بېرىلدى).