مۇلك سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 30 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ تەڭداشسىز پادىشاھلىقىنى ۋە چەكسىز قۇدرىتىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

تَبَـٰرَكَ ٱلَّذِى بِيَدِهِ ٱلْمُلْكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
1 _ (پۈتۈن كائىناتنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى قولىدا بولغان ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلْمَوْتَ وَٱلْحَيَوٰةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْغَفُورُ
2 _ ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
ٱلَّذِى خَلَقَ سَبْعَ سَمَـٰوَٰتٍ طِبَاقًا ۖ مَّا تَرَىٰ فِى خَلْقِ ٱلرَّحْمَـٰنِ مِن تَفَـٰوُتٍ ۖ فَٱرْجِعِ ٱلْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِن فُطُورٍ
3 _ ئاللاھ يەتتە ئاسماننى قاتمۇقات قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. رەھمان ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچقانداق نۇقسان تاپالمايسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يېرىقنى كۆرەمسەنكىن؟
ثُمَّ ٱرْجِعِ ٱلْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنقَلِبْ إِلَيْكَ ٱلْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ
4 _ ئاندىن سەن يەنە قايتا-قايتا تەكرار قارىغىن، كۆزۈڭ (ئىزدىگەن نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ.
وَلَقَدْ زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنْيَا بِمَصَـٰبِيحَ وَجَعَلْنَـٰهَا رُجُومًا لِّلشَّيَـٰطِينِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابَ ٱلسَّعِيرِ
5 _ ئەڭ يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق ۋە يۇلتۇزلارنى يەنە (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاشقا ئۇرۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان ئۇچقۇن قىلدۇق، شەيتانلارغا يالقۇنجاپ تۇرغان دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق.
وَلِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
6 _ رەببىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا دوزاخ ئازابى بار. دوزاخ نېمىدېگەن يامان بارارجاي!
إِذَآ أُلْقُوا۟ فِيهَا سَمِعُوا۟ لَهَا شَهِيقًا وَهِىَ تَفُورُ
7 _ ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەكنىڭ ئاۋازىدەك) يېقىمسىز ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.
تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ ٱلْغَيْظِ ۖ كُلَّمَآ أُلْقِىَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَآ أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ
8 _ دوزاخ (كاپىرلارغا) غەزەپتىن پارچە-پارچە بولۇپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەرقاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ.
قَالُوا۟ بَلَىٰ قَدْ جَآءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ مِن شَىْءٍ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ كَبِيرٍ
9 _ ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، ئەلۋەتتە بىزگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلغان ھەمدە بىز: ‹ئاللاھ (سىلەرگە) ھېچ نەرسە چۈشۈرگەن ئەمەس، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا تۇرۇۋاتىسىلەر› دېگەن ئىدۇق» دەيدۇ.
وَقَالُوا۟ لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِىٓ أَصْحَـٰبِ ٱلسَّعِيرِ
10 _ ئۇلار: «ئەگەر بىز (ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا) قۇلاق سالغان، ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، دوزاخ ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولماس ئىكەنمىز» دەيدۇ.
فَٱعْتَرَفُوا۟ بِذَنۢبِهِمْ فَسُحْقًا لِّأَصْحَـٰبِ ٱلسَّعِيرِ
11 _ شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنى تونۇيدۇ. دوزاخ ئەھلى (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن!
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِٱلْغَيْبِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
12 _ خىلۋەتتە رەببىدىن قورققانلارغا ھەقىقەتەن مەغپىرەت ۋە كاتتا مۇكاپات بار.
وَأَسِرُّوا۟ قَوْلَكُمْ أَوِ ٱجْهَرُوا۟ بِهِۦٓ ۖ إِنَّهُۥ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
13 _ سىلەر سۆزۈڭلارنى مەيلى مەخپىي قىلىڭلار، مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار (بەرىبىر، ئاللاھ بىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىلەرنىمۇ بىلگۈچىدۇر.
أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلْخَبِيرُ
14 _ ياراتقان زات (ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتىنى) بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنىمۇ بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
هُوَ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ ذَلُولًا فَٱمْشُوا۟ فِى مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا۟ مِن رِّزْقِهِۦ ۖ وَإِلَيْهِ ٱلنُّشُورُ
15 _ ئۇ زېمىننى سىلەرگە بويسۇنىدىغان قىلىپ بەرگەن زاتتۇر، ئەمدى سىلەر (تىرىكچىلىك قىلىپ) زېمىننىڭ تەرەپ _ تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
ءَأَمِنتُم مَّن فِى ٱلسَّمَآءِ أَن يَخْسِفَ بِكُمُ ٱلْأَرْضَ فَإِذَا هِىَ تَمُورُ
16 _ (ئى كاپىرلار!) سىلەر ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئۇ چاغدا زېمىن تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كېتىدۇ.
أَمْ أَمِنتُم مَّن فِى ٱلسَّمَآءِ أَن يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ
17 _ ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ سىلەر يېقىندا مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر.
وَلَقَدْ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
18 _ شەكسىزكى، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، مېنىڭ (ئۇلارغا ئەۋەتكەن) ئازابىم قانداق بولدى؟
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ إِلَى ٱلطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَـٰٓفَّـٰتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا ٱلرَّحْمَـٰنُ ۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَىْءٍۭ بَصِيرٌ
19 _ ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدە (ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ قۇشلارنى (ھاۋادا) پەقەت رەھمان ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
أَمَّنْ هَـٰذَا ٱلَّذِى هُوَ جُندٌ لَّكُمْ يَنصُرُكُم مِّن دُونِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ۚ إِنِ ٱلْكَـٰفِرُونَ إِلَّا فِى غُرُورٍ
20 _ (ئى كاپىرلار!) رەھمان ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ياردەم قىلىدىغان شۇ قوشۇنۇڭلار كىملەر؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر.
أَمَّنْ هَـٰذَا ٱلَّذِى يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُۥ ۚ بَل لَّجُّوا۟ فِى عُتُوٍّ وَنُفُورٍ
21 _ ئەگەر ئاللاھ (سىلەرگە بېرىدىغان) رىزقىنى توختىتىپ قويسا، سىلەرگە رىزىق بېرىدىغان كىم بار؟ ئۇلار (بۇلارنى ئويلاش ئۇياقتا تۇرسۇن) ئەكسىچە تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
أَفَمَن يَمْشِى مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِۦٓ أَهْدَىٰٓ أَمَّن يَمْشِى سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
22 _ يۈزىچە يىقىلىپ يۈرۈپ ماڭغان ئادەمنىڭ يولى توغرىمۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ يولىمۇ؟
قُلْ هُوَ ٱلَّذِىٓ أَنشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۖ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ
23 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئەزالىرىنى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر بولساڭلار ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىۋاتىسىلەر».
قُلْ هُوَ ٱلَّذِى ذَرَأَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
24 _ ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتكەن زاتتۇر. سىلەر (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر».
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
25 _ كاپىرلار: «ئەگەر (سىلەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار بۇ ۋەدە قاچان (ئىشقا ئاشىدۇ)؟» دەيدۇ.
قُلْ إِنَّمَا ٱلْعِلْمُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
26 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا): «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەتلا ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن.
فَلَمَّا رَأَوْهُ زُلْفَةً سِيٓـَٔتْ وُجُوهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَقِيلَ هَـٰذَا ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تَدَّعُونَ
27 _ كاپىرلار ئازابنىڭ ئۆزىگە يېقىن تۇرغانلىقىنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ ۋە ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِنْ أَهْلَكَنِىَ ٱللَّهُ وَمَن مَّعِىَ أَوْ رَحِمَنَا فَمَن يُجِيرُ ٱلْكَـٰفِرِينَ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
28 _ ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغانلارنى مەيلى ھالاك قىلسۇن ياكى (ھالاك قىلماي) بىزگە رەھىم قىلسۇن، (بۇ ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتۇر). سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ! (سىلەردەك) كاپىرلارنى قىينىغۇچى ئازابتىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟».
قُلْ هُوَ ٱلرَّحْمَـٰنُ ءَامَنَّا بِهِۦ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
29 _ ئېيتقىنكى، «ئۇ رەھمان ئاللاھتۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر».
قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَآؤُكُمْ غَوْرًا فَمَن يَأْتِيكُم بِمَآءٍ مَّعِينٍۭ
30 _ (ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، سۈيۈڭلار سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟».