مەريەم سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 98 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ دوستلۇقىغا نائىل بولغان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدىغان بىر قىسىم ئىنئاملارنى مىسال تەرىقىسىدە بايان قىلىش، كاپىرلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بالىسى بار دەيدىغان خاتا قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

كٓهيعٓصٓ
1 _ كاف، ھا، يا، ئەين، ساد (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُۥ زَكَرِيَّآ
2 _ بۇ رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىيياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر.
إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥ نِدَآءً خَفِيًّا (3) قَالَ رَبِّ إِنِّى وَهَنَ ٱلْعَظْمُ مِنِّى وَٱشْتَعَلَ ٱلرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُنۢ بِدُعَآئِكَ رَبِّ شَقِيًّا (4)
3 _ 4_ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ-قۇۋۋىتىمدىن قالدىم، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ نائۈمىد قالغىنىم يوق.
وَإِنِّى خِفْتُ ٱلْمَوَٰلِىَ مِن وَرَآءِى وَكَانَتِ ٱمْرَأَتِى عَاقِرًا فَهَبْ لِى مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا (5) يَرِثُنِى وَيَرِثُ مِنْ ءَالِ يَعْقُوبَ ۖ وَٱجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا (6)
5 _ 6 _ مەندىن كېيىن تۇغقانلىرىمنىڭ ئورنۇمنى باسالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، شۇڭا، سەن ماڭا ئۆز پەزلىڭدىن ماڭا ۋارىس بولىدىغان، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ۋارىس بولىدىغان بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن. ئى رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان بىرى قىلغىن».
يَـٰزَكَرِيَّآ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَـٰمٍ ٱسْمُهُۥ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَل لَّهُۥ مِن قَبْلُ سَمِيًّا
7 _ (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى زەكەرىييا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىغان ئىدۇق».
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِى غُلَـٰمٌ وَكَانَتِ ٱمْرَأَتِى عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ ٱلْكِبَرِ عِتِيًّا
8 _ زەكەرىييا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەنمۇ قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولىدۇ؟».
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَىَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْـًٔا
9 _ پەرىشتە ئېيتتى: «ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتىكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى بۇرۇن مەن ياراتتىم، ھالبۇكى، سەن يوق ئىدىڭ».
قَالَ رَبِّ ٱجْعَل لِّىٓ ءَايَةً ۚ قَالَ ءَايَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ ٱلنَّاسَ ثَلَـٰثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
10 _ زەكەرىييا ئېيتتى: «ئى رەببىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىرەر بەلگە بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە (شۇكى) ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە _ كۈندۈز كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن».
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِۦ مِنَ ٱلْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰٓ إِلَيْهِمْ أَن سَبِّحُوا۟ بُكْرَةً وَعَشِيًّا
11 _ زەكەرىييا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا: «ئەتىگەن _ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار» دەپ ئىشارەت قىلدى.
يَـٰيَحْيَىٰ خُذِ ٱلْكِتَـٰبَ بِقُوَّةٍ ۖ وَءَاتَيْنَـٰهُ ٱلْحُكْمَ صَبِيًّا
12 _ (يەھيا تۇغۇلۇپ سۆزنى چۈشىنىدىغان ياشقا كەلگەندە) «ئى يەھيا! كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) چىڭ ئېسىلغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل _ پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدۇق.
وَحَنَانًا مِّن لَّدُنَّا وَزَكَوٰةً ۖ وَكَانَ تَقِيًّا
13 _ بىز يەنە ئۇنىڭغا دەرگاھىمىزدىن مېھرىبانلىق ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق، ئۇ تەقۋادار ئىدى،
وَبَرًّۢا بِوَٰلِدَيْهِ وَلَمْ يَكُن جَبَّارًا عَصِيًّا
14 _ ئاتا _ ئانىسىغا كۆيۈمچان ئىدى. ئۇ مۇتەكەببىر ۋە ئاسىيلىق قىلغۇچى ئەمەس ئىدى.
وَسَلَـٰمٌ عَلَيْهِ يَوْمَ وُلِدَ وَيَوْمَ يَمُوتُ وَيَوْمَ يُبْعَثُ حَيًّا
15 _ ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ.
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ مَرْيَمَ إِذِ ٱنتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا
16 _ (ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى مەريەم (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا كەتكەن ئىدى.
فَٱتَّخَذَتْ مِن دُونِهِمْ حِجَابًا فَأَرْسَلْنَآ إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًا سَوِيًّا
17 _ مەريەم ئۇلار (يەنى ئۆزى بىلەن ئائىلىسى ۋە باشقىلار) ئارىسىدا پەردە تۇتۇۋەتتى (يەنى كۆرۈنمەيدىغان بولدى)، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىز (جىبرىل)نى ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى.
قَالَتْ إِنِّىٓ أَعُوذُ بِٱلرَّحْمَـٰنِ مِنكَ إِن كُنتَ تَقِيًّا
18 _ مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن رەھمان ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)».
قَالَ إِنَّمَآ أَنَا۠ رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَـٰمًا زَكِيًّا
19 _ جىبرىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن».
قَالَتْ أَنَّىٰ يَكُونُ لِى غُلَـٰمٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِى بَشَرٌ وَلَمْ أَكُ بَغِيًّا
20 _ مەريەم ئېيتتى: «ماڭا ھېچبىر ئادەم يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن ئىپپىتىمنى ساقلاپ كەلگەن تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟».
قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَىَّ هَيِّنٌ ۖ وَلِنَجْعَلَهُۥٓ ءَايَةً لِّلنَّاسِ وَرَحْمَةً مِّنَّا ۚ وَكَانَ أَمْرًا مَّقْضِيًّا
21 _ جىبرىل ئېيتتى: «ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتىكى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلىمىز، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر».
فَحَمَلَتْهُ فَٱنتَبَذَتْ بِهِۦ مَكَانًا قَصِيًّا
22 _ ئاندىن مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، چەت بىر جايغا كەتتى.
فَأَجَآءَهَا ٱلْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ ٱلنَّخْلَةِ قَالَتْ يَـٰلَيْتَنِى مِتُّ قَبْلَ هَـٰذَا وَكُنتُ نَسْيًا مَّنسِيًّا
23 _ تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى مەريەمنى بىر خورما دەرىخىگە (يۆلىنىۋېلىشقا) مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ! تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامچۇ!».
فَنَادَىٰهَا مِن تَحْتِهَآ أَلَّا تَحْزَنِى قَدْ جَعَلَ رَبُّكِ تَحْتَكِ سَرِيًّا
24 _ جىبرىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، رەببىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئاقىدىغان) بىر ئېرىق پەيدا قىلدى.
وَهُزِّىٓ إِلَيْكِ بِجِذْعِ ٱلنَّخْلَةِ تُسَـٰقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًا جَنِيًّا
25 _ خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ.
فَكُلِى وَٱشْرَبِى وَقَرِّى عَيْنًا ۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ ٱلْبَشَرِ أَحَدًا فَقُولِىٓ إِنِّى نَذَرْتُ لِلرَّحْمَـٰنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ ٱلْيَوْمَ إِنسِيًّا
26 _ (بۇ خورمىدىن) يېگىن، (بۇ سۇدىن) ئىچكىن ۋە (بوۋىقىڭدىن) شاتلانغىن، ئەگەر سەن بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ: ‹مەن ھەقىقەتەن سۆز قىلمايمەن دەپ رەھمان ئاللاھقا ۋەدە بەرگەن ئىدىم، شۇڭا بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن› دېگىن».
فَأَتَتْ بِهِۦ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُۥ ۖ قَالُوا۟ يَـٰمَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْـًٔا فَرِيًّا
27 _ نىھايەت، مەريەم بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە بىر ئىشنى قىلىپ قويدۇڭ.
يَـٰٓأُخْتَ هَـٰرُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ ٱمْرَأَ سَوْءٍ وَمَا كَانَتْ أُمُّكِ بَغِيًّا
28 _ ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ ناچار ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان ئايال ئەمەس ئىدى».
فَأَشَارَتْ إِلَيْهِ ۖ قَالُوا۟ كَيْفَ نُكَلِّمُ مَن كَانَ فِى ٱلْمَهْدِ صَبِيًّا
29 _ مەريەم (گەپ قىلماي، بۇنىڭدىن سوراڭلار دېگەندەك) بوۋاقنى كۆرسىتىپ قويدى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق گەپ قىلىمىز؟» دېدى.
قَالَ إِنِّى عَبْدُ ٱللَّهِ ءَاتَىٰنِىَ ٱلْكِتَـٰبَ وَجَعَلَنِى نَبِيًّا
30 _ بوۋاق ئېيتتى: «شەكسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ئاللاھ ماڭا كىتاب (ئىنجىل)نى بېرىدۇ ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلىدۇ.
وَجَعَلَنِى مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنتُ وَأَوْصَـٰنِى بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ مَا دُمْتُ حَيًّا
31 _ قەيەردىلا بولسام، ئاللاھ مېنى مۇبارەك قىلدى، ھاياتلا بولسام، ناماز ئوقۇشۇمنى، زاكات بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
وَبَرًّۢا بِوَٰلِدَتِى وَلَمْ يَجْعَلْنِى جَبَّارًا شَقِيًّا
32 _ مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر ۋە ئاسىي قىلمىدى.
وَٱلسَّلَـٰمُ عَلَىَّ يَوْمَ وُلِدتُّ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا
33 _ مەن تۇغۇلغان كۈندە، ۋاپات بولغان كۈندە ۋە مەن تىرىلىدىغان كۈندە ماڭا ئامانلىق بولىدۇ».
ذَٰلِكَ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ ۚ قَوْلَ ٱلْحَقِّ ٱلَّذِى فِيهِ يَمْتَرُونَ
34 _ ئەنە شۇ مەريەم ئوغلى ئىيسادۇر، ئۇلار شەك قىلىۋاتقان مەسىلە توغرىسىدىكى ھەق سۆز مۇشۇدۇر.
مَا كَانَ لِلَّهِ أَن يَتَّخِذَ مِن وَلَدٍ ۖ سُبْحَـٰنَهُۥٓ ۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
35 _ ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇشى (ئۇنىڭ شەنىگە) لايىق ئەمەس، ئۇ (مۇنداق بولۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ شۇ ھامان بولىدۇ.
وَإِنَّ ٱللَّهَ رَبِّى وَرَبُّكُمْ فَٱعْبُدُوهُ ۚ هَـٰذَا صِرَٰطٌ مُّسْتَقِيمٌ
36 _ (ئىيسا قەۋمىگە مۇنداق دېدى:) «ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر».
فَٱخْتَلَفَ ٱلْأَحْزَابُ مِنۢ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن مَّشْهَدِ يَوْمٍ عَظِيمٍ
37 _ شۇنداق تۇرۇقلۇق (يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان) پىرقىلەر ئۆز ئارىسىدا (ئىيسا توغرۇلۇق) ئىختىلاپ قىلىشتى، بۇ كاپىرلارنىڭ ھەممە ھازىر قىلىنىدىغان بۈيۈك (قىيامەت) كۈنىدىكى ھالىغا ۋاي!
أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَـٰكِنِ ٱلظَّـٰلِمُونَ ٱلْيَوْمَ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
38 _ ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە، (ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى) نېمىدېگەن سەزگۈز! (كۆزلىرى) نېمىدېگەن ئۆتكۈر! لېكىن زالىملار بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا تۇرۇۋاتىدۇ.
وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ ٱلْحَسْرَةِ إِذْ قُضِىَ ٱلْأَمْرُ وَهُمْ فِى غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
39 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى ھەسرەت كۈنىدىن [1] ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، ئۇلار (قىيامەتكە) ئىشەنمەيدۇ.
إِنَّا نَحْنُ نَرِثُ ٱلْأَرْضَ وَمَنْ عَلَيْهَا وَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
40 _ زېمىنغا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەۋجۇداتقا پەقەت بىز ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ.
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ إِبْرَٰهِيمَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقًا نَّبِيًّا
41 _ (ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى ئىبراھىم (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى.
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَـٰٓأَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِى عَنكَ شَيْـًٔا
42 _ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟
يَـٰٓأَبَتِ إِنِّى قَدْ جَآءَنِى مِنَ ٱلْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَٱتَّبِعْنِىٓ أَهْدِكَ صِرَٰطًا سَوِيًّا
43 _ ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر كەلدى، سەن ماڭا ئەگەشكىن، مەن سېنى توغرا يولغا باشلايمەن.
يَـٰٓأَبَتِ لَا تَعْبُدِ ٱلشَّيْطَـٰنَ ۖ إِنَّ ٱلشَّيْطَـٰنَ كَانَ لِلرَّحْمَـٰنِ عَصِيًّا
44 _ ئى ئاتا! سەن شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان رەھمان ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى.
يَـٰٓأَبَتِ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يَمَسَّكَ عَذَابٌ مِّنَ ٱلرَّحْمَـٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَـٰنِ وَلِيًّا
45 _ ئى ئاتا! سېنىڭ رەھمان ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن».
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنتَ عَنْ ءَالِهَتِى يَـٰٓإِبْرَٰهِيمُ ۖ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَٱهْجُرْنِى مَلِيًّا
46 _ ئاتىسى ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇ؟ قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن (بۇنىڭدىن) يانمىساڭ، سېنى چوقۇم چالما _ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، سەن ئۇزاققىچە كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما».
قَالَ سَلَـٰمٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّىٓ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ بِى حَفِيًّا
47 _ ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، مەن رەببىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر.
وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَأَدْعُوا۟ رَبِّى عَسَىٰٓ أَلَّآ أَكُونَ بِدُعَآءِ رَبِّى شَقِيًّا
48 _ مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق تۇرىمەن، (سەن ئۈچۈن) رەببىمگە دۇئا قىلىش بىلەن بەختسىز بولۇپ قالماسلىقىمنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرىمەن».
فَلَمَّا ٱعْتَزَلَهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَهَبْنَا لَهُۥٓ إِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا نَبِيًّا
49 _ ئىبراھىم ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشقان چاغدا، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق بىلەن يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق.
وَوَهَبْنَا لَهُم مِّن رَّحْمَتِنَا وَجَعَلْنَا لَهُمْ لِسَانَ صِدْقٍ عَلِيًّا
50 _ ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزدىن ئىنئام قىلدۇق ۋە ئۇلارغا يۈكسەك شان _ شەرەپ ئاتا قىلدۇق.
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ مُوسَىٰٓ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا
51 _ (ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى مۇسا (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، شەكسىزكى، ئۇ تاللانغان زات ئىدى، ھەم رەسۇل ھەم نەبى (پەيغەمبەر)[2] ئىدى.
وَنَـٰدَيْنَـٰهُ مِن جَانِبِ ٱلطُّورِ ٱلْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَـٰهُ نَجِيًّا
52 _ ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى مۇڭداشقۇچى قىلىپ (ئۆزىمىزگە) يېقىنلاشتۇردۇق.
وَوَهَبْنَا لَهُۥ مِن رَّحْمَتِنَآ أَخَاهُ هَـٰرُونَ نَبِيًّا
53 _ بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى (پەيغەمبەر قىلىپ) بەردۇق.
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ إِسْمَـٰعِيلَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ صَادِقَ ٱلْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا
54 _ (ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى ئىسمائىل (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، رەسۇل ھەم نەبى ئىدى.
وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُۥ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ وَكَانَ عِندَ رَبِّهِۦ مَرْضِيًّا
55 _ ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، ئۇ رەببىنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن زات ئىدى.
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ إِدْرِيسَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقًا نَّبِيًّا
56 _ (ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى ئىدرىس (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى.
وَرَفَعْنَـٰهُ مَكَانًا عَلِيًّا
57 _ ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ أَنْعَمَ ٱللَّهُ عَلَيْهِم مِّنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِن ذُرِّيَّةِ ءَادَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِن ذُرِّيَّةِ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْرَٰٓءِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَٱجْتَبَيْنَآ ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُ ٱلرَّحْمَـٰنِ خَرُّوا۟ سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩
58 _ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقارغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەئقۇب) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا رەھمان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ دەرھال سەجدىگە يىقىلىدۇ.
فَخَلَفَ مِنۢ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّبَعُوا۟ ٱلشَّهَوَٰتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا
59 _ ئۇلاردىن كېيىن شۇنداق بىر ئەۋلادلار كەلدىكى، ئۇلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا فَأُو۟لَـٰٓئِكَ يَدْخُلُونَ ٱلْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْـًٔا
60 _ تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
جَنَّـٰتِ عَدْنٍ ٱلَّتِى وَعَدَ ٱلرَّحْمَـٰنُ عِبَادَهُۥ بِٱلْغَيْبِ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ وَعْدُهُۥ مَأْتِيًّا
61 _ (ئۇ جەننەتلەر) رەھمان ئاللاھ بەندىلىرىگە غايىبانە ۋەدە قىلغان (ئۇلارمۇ كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەن) دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.
لَّا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا إِلَّا سَلَـٰمًا ۖ وَلَهُمْ رِزْقُهُمْ فِيهَا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
62 _ ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە گەپلەرنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى سالامنى (ھۇزۇر ۋە ئامان – ئېسەنلىك بېغىشلايدىغان سۆزلەرنى) ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن _ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ.
تِلْكَ ٱلْجَنَّةُ ٱلَّتِى نُورِثُ مِنْ عِبَادِنَا مَن كَانَ تَقِيًّا
63 _ بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.
وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمْرِ رَبِّكَ ۖ لَهُۥ مَا بَيْنَ أَيْدِينَا وَمَا خَلْفَنَا وَمَا بَيْنَ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا
64 _ (جىبرىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى:) بىز رەببىڭنىڭ ئەمرى بىلەنلا چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە شۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، رەببىڭ (ھېچقانداق نەرسىنى) ئۇنتۇيدىغان ئەمەس.
رَّبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَٱعْبُدْهُ وَٱصْطَبِرْ لِعِبَـٰدَتِهِۦ ۚ هَلْ تَعْلَمُ لَهُۥ سَمِيًّا
65 _ ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر. سەن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق بولغىن. سەن ئۇنىڭ شېرىكى بار دەپ قارامسەن؟
وَيَقُولُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَءِذَا مَا مِتُّ لَسَوْفَ أُخْرَجُ حَيًّا
66 _ (كاپىر) ئىنسان: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن، راستتىنلا تىرىلىپ (قەبرەمدىن) چىقىرىلامدىمەن؟» دەيدۇ.
أَوَلَا يَذْكُرُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَنَّا خَلَقْنَـٰهُ مِن قَبْلُ وَلَمْ يَكُ شَيْـًٔا
67 _ ئۇ ئىنسان بىزنىڭ ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقمامدۇ؟
فَوَرَبِّكَ لَنَحْشُرَنَّهُمْ وَٱلشَّيَـٰطِينَ ثُمَّ لَنُحْضِرَنَّهُمْ حَوْلَ جَهَنَّمَ جِثِيًّا
68 _ رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە شەيتانلار بىلەن قوشۇپ (ھېساب مەيدانىغا) يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ قويىمىز.
ثُمَّ لَنَنزِعَنَّ مِن كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمْ أَشَدُّ عَلَى ٱلرَّحْمَـٰنِ عِتِيًّا
69 _ ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن رەھمان ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز.
ثُمَّ لَنَحْنُ أَعْلَمُ بِٱلَّذِينَ هُمْ أَوْلَىٰ بِهَا صِلِيًّا
70 _ بىز دوزاخقا كىرىشكە ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز.
وَإِن مِّنكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتْمًا مَّقْضِيًّا
71 _ ئاراڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان[3] بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ رەببىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر.
ثُمَّ نُنَجِّى ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوا۟ وَّنَذَرُ ٱلظَّـٰلِمِينَ فِيهَا جِثِيًّا
72 _ ئاندىن تەقۋادارلارنى قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى بولسا جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان پېتى قويىمىز.
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَىُّ ٱلْفَرِيقَيْنِ خَيْرٌ مَّقَامًا وَأَحْسَنُ نَدِيًّا
73 _ ئۇلارغا بىزنىڭ (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق (دەلىللىرى بولغان) ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇ كاپىرلار ئىمان ئېيتقانلارغا: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى.
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّن قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَـٰثًا وَرِءْيًا
74 _ بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى (ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئۈممەتلەر مەيلى مال _ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى.
قُلْ مَن كَانَ فِى ٱلضَّلَـٰلَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ ٱلرَّحْمَـٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰٓ إِذَا رَأَوْا۟ مَا يُوعَدُونَ إِمَّا ٱلْعَذَابَ وَإِمَّا ٱلسَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَّكَانًا وَأَضْعَفُ جُندًا
75 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «كىمكى ئازغۇنلۇقتا بولىدىكەن، (ئۇنىڭ ئازغۇنلۇققا تېخىمۇ پېتىشى ئۈچۈن) رەھمان ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، ئۇلار ئازاب ياكى قىيامەتتىن ئىبارەت ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە، ئاندىن كىمنىڭ ئورنىنىڭ يامان، كىمنىڭ لەشكىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ».
وَيَزِيدُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ٱهْتَدَوْا۟ هُدًى ۗ وَٱلْبَـٰقِيَـٰتُ ٱلصَّـٰلِحَـٰتُ خَيْرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ مَّرَدًّا
76 _ ئاللاھ توغرا يولدا يۈرگەنلەرنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ. مەڭگۈ قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر مۇكاپات جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ياخشىدۇر.
أَفَرَءَيْتَ ٱلَّذِى كَفَرَ بِـَٔايَـٰتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالًا وَوَلَدًا
77 _ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە «ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال _ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ» دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
أَطَّلَعَ ٱلْغَيْبَ أَمِ ٱتَّخَذَ عِندَ ٱلرَّحْمَـٰنِ عَهْدًا
78 _ ئۇ غەيىبنى بىلگەنمۇ؟ ياكى رەھمان ئاللاھنىڭ (بۇ ھەقتىكى) ۋەدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟
كَلَّا ۚ سَنَكْتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُۥ مِنَ ٱلْعَذَابِ مَدًّا
79 _ ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى (تۈگىمەيدىغان قىلىپ) ئۇزارتىمىز.
وَنَرِثُهُۥ مَا يَقُولُ وَيَأْتِينَا فَرْدًا
80 _ ئۇنىڭ دېگەن نەرسىلىرىنى (يەنى مال _ دۇنيا ۋە ئەۋلادلىرىنى) بىز ئىگىلەيمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ.
وَٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةً لِّيَكُونُوا۟ لَهُمْ عِزًّا
81 _ ئۇلار ئىززەت ۋە كۈچ _ قۇۋۋەتكە ئېرىشىمىز دېگەن خام خىيال بىلەن ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى.
كَلَّا ۚ سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا
82 _ ئىش ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (چوقۇنغان ساختا ئىلاھلار ئۇلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئەكسىچە) ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ.
أَلَمْ تَرَ أَنَّآ أَرْسَلْنَا ٱلشَّيَـٰطِينَ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ تَؤُزُّهُمْ أَزًّا
83 _ (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى (ئاسىيلىققا) قىزىقتۇرىدىغان شەيتانلارنى ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟
فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّا
84 _ سەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، بىز (ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى) بىر _ بىرلەپ ساناپ تۇرىمىز.
يَوْمَ نَحْشُرُ ٱلْمُتَّقِينَ إِلَى ٱلرَّحْمَـٰنِ وَفْدًا
85 _ بىز (قىيامەت) كۈنىدە تەقۋادارلارنى رەھمان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت _ ئىكرام بىلەن يىغىمىز.
وَنَسُوقُ ٱلْمُجْرِمِينَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ وِرْدًا
86 _ گۇناھكارلارنى بولسا (سۇغا) تەشنا بولغان ھالىتىدە جەھەننەمگە ھەيدەيمىز.
لَّا يَمْلِكُونَ ٱلشَّفَـٰعَةَ إِلَّا مَنِ ٱتَّخَذَ عِندَ ٱلرَّحْمَـٰنِ عَهْدًا
87 _ رەھمان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (شاپائەت قىلىش) ئەھدىسىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلارنىڭ قولىدىن شاپائەت قىلىش كەلمەيدۇ.
وَقَالُوا۟ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَلَدًا
88 _ ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلار): «رەھمان (ئاللاھ)نىڭ بالىسى بار» دېيىشتى.
لَّقَدْ جِئْتُمْ شَيْـًٔا إِدًّا
89 _ سىلەر شەك-شۈبھىسىزكى، ئىنتايىن قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار.
تَكَادُ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْهُ وَتَنشَقُّ ٱلْأَرْضُ وَتَخِرُّ ٱلْجِبَالُ هَدًّا
90 _ بۇ سۆزنىڭ (قەبىھلىكىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ، يەر يېرىلىپ، تاغلار يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.
أَن دَعَوْا۟ لِلرَّحْمَـٰنِ وَلَدًا
91 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار «رەھمان (ئاللاھ)نىڭ بالىسى» بار دەپ بىلجىرلىدى.
وَمَا يَنۢبَغِى لِلرَّحْمَـٰنِ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا
92 _ بالىلىق بولۇش رەھمان ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر.
إِن كُلُّ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ إِلَّآ ءَاتِى ٱلرَّحْمَـٰنِ عَبْدًا
93 _ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا رەھمان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بەندە بولۇپ (بويسۇنۇپ) كەلمەيدىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر.
لَّقَدْ أَحْصَىٰهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّا
94 _ شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى (ئىلىمى بىلەن) قورشىدى ۋە سانىنى تولۇق ئىگىلىدى.
وَكُلُّهُمْ ءَاتِيهِ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فَرْدًا
95 _ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ ٱلرَّحْمَـٰنُ وُدًّا
96 _ شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن، رەھمان ئاللاھ (دىللاردا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ.
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَـٰهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ ٱلْمُتَّقِينَ وَتُنذِرَ بِهِۦ قَوْمًا لُّدًّا
97 _ (ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ تەقۋادارلارغا خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ۋە جېدەلخور قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئوڭايلاشتۇرۇپ بەردۇق.
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّن قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُم مِّنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًۢا
98 _ بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان ئىدۇق. سەن ئۇلاردىن بىرەر كىشىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلارغا ئائىت بىرەر پەس ئاۋازنى بولسىمۇ ئاڭلىيالامسەن؟