ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: لۇقمان ھەكىمنىڭ قىسسىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان كەرىم»دىكى ھېكمەتلەرگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
الٓمٓ
1 _ ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ ٱلْحَكِيمِ
2 _ 3 _ بۇلار (دىنغا) ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلغۇچىلار[1] ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
هُدًى وَرَحْمَةً لِّلْمُحْسِنِينَ
2 _ 3 _ بۇلار (دىنغا) ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلغۇچىلار[1] ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
4 _ ئۇلار ئاخىرەت كۈنىگە جەزمەن ئىشەنگەن ھالدا، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان كىشىلەردۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِّن رَّبِّهِمْ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ
5 _ ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ھىدايىتى ئۈستىدە بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشْتَرِى لَهْوَ ٱلْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ
6 _ بەزى كىشىلەر نادانلىقتىن، (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ[2]. ئەنە شۇلارغا خارلىغۇچى ئازاب بار.
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ءَايَـٰتُنَا وَلَّىٰ مُسْتَكْبِرًا كَأَن لَّمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِىٓ أُذُنَيْهِ وَقْرًا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
7 _ ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇ گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇنىڭغا قىينىغۇچى ئازابتىن بېشارەت بەرگىن.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَهُمْ جَنَّـٰتُ ٱلنَّعِيمِ
8 _ شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەر بار.
خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۖ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقًّا ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
9 _ ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەق ۋەدىنى قىلدى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ وَأَلْقَىٰ فِى ٱلْأَرْضِ رَوَٰسِىَ أَن تَمِيدَ بِكُمْ وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٍ ۚ وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَنۢبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
10 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك تۈۋرۈكسىز ياراتتى، سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمىسۇن دەپ، يەر يۈزىدە مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جانلىقلارنى تارقاتتى. بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.
هَـٰذَا خَلْقُ ٱللَّهِ فَأَرُونِى مَاذَا خَلَقَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦ ۚ بَلِ ٱلظَّـٰلِمُونَ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
11 _ مانا بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىدۇر. ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلارچۇ، ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىنى يارىتىپتۇ؟ بەلكى بۇ زالىملار ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا لُقْمَـٰنَ ٱلْحِكْمَةَ أَنِ ٱشْكُرْ لِلَّهِ ۚ وَمَن يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِىٌّ حَمِيدٌ
12 _ بىز لۇقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، پەقەت ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر».
وَإِذْ قَالَ لُقْمَـٰنُ لِٱبْنِهِۦ وَهُوَ يَعِظُهُۥ يَـٰبُنَىَّ لَا تُشْرِكْ بِٱللَّهِ ۖ إِنَّ ٱلشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ
13 _ ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن. چۈنكى شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ زۇلۇمدۇر» دېگەن ئىدى.
وَوَصَّيْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ بِوَٰلِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُۥ وَهْنًا عَلَىٰ وَهْنٍ وَفِصَـٰلُهُۥ فِى عَامَيْنِ أَنِ ٱشْكُرْ لِى وَلِوَٰلِدَيْكَ إِلَىَّ ٱلْمَصِيرُ
14 _ بىز ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا (قىلىدىغان ياخشىلىق ۋە خىزمەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنىڭغا قاتمۇقات ئاجىزلاپ يۈرۈپ قورساق كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (بىز ئۇنىڭغا دېدۇقكى) ماڭا ۋە ئاتا _ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر.
وَإِن جَـٰهَدَاكَ عَلَىٰٓ أَن تُشْرِكَ بِى مَا لَيْسَ لَكَ بِهِۦ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِى ٱلدُّنْيَا مَعْرُوفًا ۖ وَٱتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَىَّ ۚ ثُمَّ إِلَىَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
15 _ ئەگەر ئاتا _ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن، ماڭا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلەنگەن ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن قايتىدىغان جايىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، شۇ چاغدا مەن سىلەرگە قىلغان _ ئەتكەنلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن».
يَـٰبُنَىَّ إِنَّهَآ إِن تَكُ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ فَتَكُن فِى صَخْرَةٍ أَوْ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ أَوْ فِى ٱلْأَرْضِ يَأْتِ بِهَا ٱللَّهُ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
16 _ (لۇقمان ئېيتتى) «ئى ئوغلۇم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ئىنچىكە كۆزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
يَـٰبُنَىَّ أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ وَأْمُرْ بِٱلْمَعْرُوفِ وَٱنْهَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَٱصْبِرْ عَلَىٰ مَآ أَصَابَكَ ۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ ٱلْأُمُورِ
17 _ ئى ئوغلۇم! نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن. شەكسىزكى، بۇلار مۇستەھكەم ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر.
وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِى ٱلْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
18 _ تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىشىلەردىن يۈز ئۆرۈمىگىن، يەر يۈزىدە غادىيىپ ماڭمىغىن. چۈنكى ئاللاھ ھەرقانداق ھاكاۋۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ.
وَٱقْصِدْ فِى مَشْيِكَ وَٱغْضُضْ مِن صَوْتِكَ ۚ إِنَّ أَنكَرَ ٱلْأَصْوَٰتِ لَصَوْتُ ٱلْحَمِيرِ
19 _ يول يۈرگەندە ئوتتۇراھال بولغىن، ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن. شەكسىزكى، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر».
أَلَمْ تَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ وَأَسْبَغَ عَلَيْكُمْ نِعَمَهُۥ ظَـٰهِرَةً وَبَاطِنَةً ۗ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَـٰدِلُ فِى ٱللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَـٰبٍ مُّنِيرٍ
20 _ سىلەر، ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلەرنى كەڭتاشا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ بەزى كىشىلەر ھېچ نەرسىنى بىلمەي، ھىدايەتكە ۋە نۇرلۇق كىتابقا ئېرىشمەي تۇرۇپ ئاللاھ ھەققىدە جېدەللىشىدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُوا۟ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُوا۟ بَلْ نَتَّبِعُ مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ ءَابَآءَنَآ ۚ أَوَلَوْ كَانَ ٱلشَّيْطَـٰنُ يَدْعُوهُمْ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
21 _ ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان)غا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان تۇرسىمۇ (ئۇلار شۇنداق دەمدۇ؟).
وَمَن يُسْلِمْ وَجْهَهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ ٱسْتَمْسَكَ بِٱلْعُرْوَةِ ٱلْوُثْقَىٰ ۗ وَإِلَى ٱللَّهِ عَـٰقِبَةُ ٱلْأُمُورِ
22 _ كىمكى (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغان ھالدا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ مەھكەم تۇتقۇغا ئېسىلغان بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.
وَمَن كَفَرَ فَلَا يَحْزُنكَ كُفْرُهُۥٓ ۚ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ فَنُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوٓا۟ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
23 _ كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كاپىرلىقى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر. شۇ چاغدا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
نُمَتِّعُهُمْ قَلِيلًا ثُمَّ نَضْطَرُّهُمْ إِلَىٰ عَذَابٍ غَلِيظٍ
24 _ ئۇلارنى (دۇنيالىقتىن) ئازغىنە بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن قاتتىق ئازابقا ھەيدەيمىز.
وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُ ۚ قُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
25 _ ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سەن (ئۇلارغا): «ئاللاھقا شۈكرىكى (ئاخىر ئېتىراپ قىلدىڭلار)» دېگىن. لېكىن، ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْغَنِىُّ ٱلْحَمِيدُ
26 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
وَلَوْ أَنَّمَا فِى ٱلْأَرْضِ مِن شَجَرَةٍ أَقْلَـٰمٌ وَٱلْبَحْرُ يَمُدُّهُۥ مِنۢ بَعْدِهِۦ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَّا نَفِدَتْ كَلِمَـٰتُ ٱللَّهِ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
27 _ (ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن) ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەل - دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز – ئوكيان (سىياھ بولغان)، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلۇپ (سىياھ بولغا) تەقدىردىمۇ (قەلەملەر ئۇپراپ، سىياھلار قۇرۇپ تۈگەيدۇ)، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ھەرگىز تۈگىمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مَّا خَلْقُكُمْ وَلَا بَعْثُكُمْ إِلَّا كَنَفْسٍ وَٰحِدَةٍ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌۢ بَصِيرٌ
28 _ (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلار ۋە (قىيامەت كۈنى) تىرىلدۈرۈلۈشۈڭلار (ئوڭايلىقتا) پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى ۋە تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيْلَ فِى ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِى ٱلَّيْلِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِىٓ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى وَأَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
29 _ كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ (يەنى كېچىنى قىسقا، كۈندۈزنى ئۇزۇن قىلىدۇ)، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (يەنى كۈندۈزنى قىسقا، كېچىنى ئۇزۇن قىلىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن) بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ئۆز ئوربىتىسىدا) ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِ ٱلْبَـٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْعَلِىُّ ٱلْكَبِيرُ
30 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى باتىلدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ناھايىتى بۈيۈكتۇر.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱلْفُلْكَ تَجْرِى فِى ٱلْبَحْرِ بِنِعْمَتِ ٱللَّهِ لِيُرِيَكُم مِّنْ ءَايَـٰتِهِۦٓ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
31 _ كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نېمىتى (ۋە ئەمرى) بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە (ئۆز قۇدرىتىنىڭ) بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (تائەت _ ئىبادەتتە) ناھايىتى چىداملىق، (ئاللاھقا) كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (مۇئمىن) بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَإِذَا غَشِيَهُم مَّوْجٌ كَٱلظُّلَلِ دَعَوُا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمْ إِلَى ٱلْبَرِّ فَمِنْهُم مُّقْتَصِدٌ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِـَٔايَـٰتِنَآ إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ
32 _ (دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئوتتۇرىدا تۇرۇۋالىدۇ (يەنى ئاللاھقا لايىقىدا شۈكۈر قىلمايدۇ). بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت بىۋاپا، تۇزكور ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُوا۟ رَبَّكُمْ وَٱخْشَوْا۟ يَوْمًا لَّا يَجْزِى وَالِدٌ عَن وَلَدِهِۦ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَن وَالِدِهِۦ شَيْـًٔا ۚ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ ۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِٱللَّهِ ٱلْغَرُورُ
33 _ ئى ئىنسانلار! رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇڭا، دۇنيا تىرىكچىلىكى سىلەرنى ھەرگىز ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتىنىڭ كەڭلىكى) بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار.
إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥ عِلْمُ ٱلسَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ ٱلْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِى ٱلْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِى نَفْسٌ مَّاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِى نَفْسٌۢ بِأَىِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌۢ
34 _ شەكسىزكى، قىيامەتنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى بىلىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. يامغۇرنى ئاللاھ ياغدۇرىدۇ، بالىياتقۇدىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ھېچكىم ئەتە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچكىم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
لۇقمان سۈرىسى