ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، ئاخىرەتتىكى تىرىلىشنى دەلىل – پاكىتلار بىلەن تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر.
يسٓ
1 _ يا، سىين (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
وَٱلْقُرْءَانِ ٱلْحَكِيمِ (2) إِنَّكَ لَمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ (3)
2 _ 3_ ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى پەيغەمبەر!) ئەلۋەتتە، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن.
عَلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
4 _ توغرا يولدىسەن.
تَنزِيلَ ٱلْعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ (5) لِتُنذِرَ قَوْمًا مَّآ أُنذِرَ ءَابَآؤُهُمْ فَهُمْ غَـٰفِلُونَ (6)
5 _ 6_ (بۇ قۇرئان) سېنىڭ ئاتاـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
لَقَدْ حَقَّ ٱلْقَوْلُ عَلَىٰٓ أَكْثَرِهِمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
7 _ قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماي، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
إِنَّا جَعَلْنَا فِىٓ أَعْنَـٰقِهِمْ أَغْلَـٰلًا فَهِىَ إِلَى ٱلْأَذْقَانِ فَهُم مُّقْمَحُونَ
8 _ (گويا) بىز ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى سالدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقىقەتكە) باشلىرىنى ئېگەلمەيدۇ.
وَجَعَلْنَا مِنۢ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَـٰهُمْ فَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
9 _ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلىپ، ئۇلارنى ئوراپ قويدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (توغرا يولنى) كۆرەلمەيدۇ.
وَسَوَآءٌ عَلَيْهِمْ ءَأَنذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
10 _ (بۇ ھالەتتە) ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
إِنَّمَا تُنذِرُ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلذِّكْرَ وَخَشِىَ ٱلرَّحْمَـٰنَ بِٱلْغَيْبِ ۖ فَبَشِّرْهُ بِمَغْفِرَةٍ وَأَجْرٍ كَرِيمٍ
11 _ سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، خىلۋەتتە رەھمان ئاللاھتىن قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن. سەن ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل مۇكاپات بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
إِنَّا نَحْنُ نُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا۟ وَءَاثَـٰرَهُمْ ۚ وَكُلَّ شَىْءٍ أَحْصَيْنَـٰهُ فِىٓ إِمَامٍ مُّبِينٍ
12 _ شۈبھىسىزكى، بىز ئەلۋەتتە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن (ياخشى – يامان) ئەمەللىرىنى يېزىپ تۇرىمىز. بىز ھەممە نەرسىنى روشەن كىتاب (لەۋھۇلمەھپۇز)دا تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز.
وَٱضْرِبْ لَهُم مَّثَلًا أَصْحَـٰبَ ٱلْقَرْيَةِ إِذْ جَآءَهَا ٱلْمُرْسَلُونَ
13 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇ كاپىرلارغا يۇرت ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى.
إِذْ أَرْسَلْنَآ إِلَيْهِمُ ٱثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوٓا۟ إِنَّآ إِلَيْكُم مُّرْسَلُونَ
14 _ ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى، ئاندىن ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇ ئىككىسىنى) كۈچلەندۈردۇق. بۇ پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرمىز» دېدى.
قَالُوا۟ مَآ أَنتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا وَمَآ أَنزَلَ ٱلرَّحْمَـٰنُ مِن شَىْءٍ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا تَكْذِبُونَ
15 _ ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، رەھمان ھېچ نەرسە چۈشۈرگىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر» دېدى.
قَالُوا۟ رَبُّنَا يَعْلَمُ إِنَّآ إِلَيْكُمْ لَمُرْسَلُونَ
16 _ پەيغەمبەرلەر: «رەببىمىز بىلىدۇكى، ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرمىز.
وَمَا عَلَيْنَآ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ٱلْمُبِينُ
17 _ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەتلا دىننى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر» دېدى.
قَالُوٓا۟ إِنَّا تَطَيَّرْنَا بِكُمْ ۖ لَئِن لَّمْ تَنتَهُوا۟ لَنَرْجُمَنَّكُمْ وَلَيَمَسَّنَّكُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
18 _ ئۇلار (پەيغەمبەرلەرگە): «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن شۇملۇق ھېس قىلىۋاتىمىز. قەسەم قىلىمىزكى، ئەگەر سىلەر (بۇ دەۋىتىڭلاردىن) ۋاز كەچمىسەڭلار، سىلەرنى چوقۇم چالما _ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىز تەرەپتىن قىينىغۇچى ئازابقا ئۇچرايسىلەر» دېدى.
قَالُوا۟ طَـٰٓئِرُكُم مَّعَكُمْ ۚ أَئِن ذُكِّرْتُم ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ مُّسْرِفُونَ
19 _ پەيغەمبەرلەر: «سىلەرنىڭ شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز _ نەسىھەت قىلىنسا، (شۇملۇق ھېس قىلىۋاتامسىلەر؟) بەلكى سىلەر ھەددىدىن ئاشقان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى.
وَجَآءَ مِنْ أَقْصَا ٱلْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَىٰ قَالَ يَـٰقَوْمِ ٱتَّبِعُوا۟ ٱلْمُرْسَلِينَ
20 _ شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار.
ٱتَّبِعُوا۟ مَن لَّا يَسْـَٔلُكُمْ أَجْرًا وَهُم مُّهْتَدُونَ
21 _ (دىننى يەتكۈزگەنلىكىگە) سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغان بۇ كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار، ئۇلار توغرا يولدىكى كىشىلەردۇر.
وَمَا لِىَ لَآ أَعْبُدُ ٱلَّذِى فَطَرَنِى وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
22 _ مەن مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان ئاللاھقا نېمىشقا ئىبادەت قىلمايدىكەنمەن؟
ءَأَتَّخِذُ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً إِن يُرِدْنِ ٱلرَّحْمَـٰنُ بِضُرٍّ لَّا تُغْنِ عَنِّى شَفَـٰعَتُهُمْ شَيْـًٔا وَلَا يُنقِذُونِ
23 _ مەن ئاللاھتىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالامدىمەن؟ ئەگەر رەھمان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان _ زەخمەتنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ماڭا قىلچە ئەسقاتمايدۇ ۋە ئۇلارمۇ مېنى (زىيان _ زەخمەتتىن) قۇتقۇزالمايدۇ.
إِنِّىٓ إِذًا لَّفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
24 _ شۈبھىسىزكى، مەن ئۇ چاغدا ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا قالغان بولىمەن.
إِنِّىٓ ءَامَنتُ بِرَبِّكُمْ فَٱسْمَعُونِ
25 _ مەن ھەقىقەتەن رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار».
قِيلَ ٱدْخُلِ ٱلْجَنَّةَ ۖ قَالَ يَـٰلَيْتَ قَوْمِى يَعْلَمُونَ (26) بِمَا غَفَرَ لِى رَبِّى وَجَعَلَنِى مِنَ ٱلْمُكْرَمِينَ (27)
26 _ 27_ (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم رەببىمنىڭ مېنى كەچۈرگەنلىكىنى ۋە ئىززەت _ ئىكرامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىچۇ!» دېدى.
وَمَآ أَنزَلْنَا عَلَىٰ قَوْمِهِۦ مِنۢ بَعْدِهِۦ مِن جُندٍ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا كُنَّا مُنزِلِينَ
28 _ ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئۈستىگە (ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئاسماندىن بىرەر قوشۇن چۈشۈرمىدۇق، (بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھېچبىر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرمىگەن ئىدۇق.
إِن كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَٰحِدَةً فَإِذَا هُمْ خَـٰمِدُونَ
29 _ (ئۇلارنىڭ جازاسى) بىر قېتىملىق قاتتىق ئاۋاز بولدى، شۇ ھامان ئۇلار قېتىپ قالدى.
يَـٰحَسْرَةً عَلَى ٱلْعِبَادِ ۚ مَا يَأْتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
30 _ ئىسىت! شۇ بەندىلەرگە. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى.
أَلَمْ يَرَوْا۟ كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّنَ ٱلْقُرُونِ أَنَّهُمْ إِلَيْهِمْ لَا يَرْجِعُونَ
31 _ ئۇلار ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى— ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا (دۇنياغا) قايتمايدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟).
وَإِن كُلٌّ لَّمَّا جَمِيعٌ لَّدَيْنَا مُحْضَرُونَ
32 _ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئۈچۈن) ئالدىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ.
وَءَايَةٌ لَّهُمُ ٱلْأَرْضُ ٱلْمَيْتَةُ أَحْيَيْنَـٰهَا وَأَخْرَجْنَا مِنْهَا حَبًّا فَمِنْهُ يَأْكُلُونَ
33 _ (سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ كەتكەن) ئۆلۈك زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى چىقىرىپ بەرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىلدۇر.
وَجَعَلْنَا فِيهَا جَنَّـٰتٍ مِّن نَّخِيلٍ وَأَعْنَـٰبٍ وَفَجَّرْنَا فِيهَا مِنَ ٱلْعُيُونِ (34) لِيَأْكُلُوا۟ مِن ثَمَرِهِۦ وَمَا عَمِلَتْهُ أَيْدِيهِمْ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ (35)
34 _ 35_ بىز ئۇلار مېۋىسىنى يېسۇن دەپ، زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى چىقاردۇق. بۇ (نەرسىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى پەيدا قىلغان ئەمەس، (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇلار (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟
سُبْحَـٰنَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلْأَزْوَٰجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلْأَرْضُ وَمِنْ أَنفُسِهِمْ وَمِمَّا لَا يَعْلَمُونَ
36 _ زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان ئۈسۈملۈكلەردىن، (ئىنسانلارنىڭ) ئۆزلىرىدىن ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان مەخلۇقاتلاردىن ھەممە تۈرنى ياراتقان ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر.
وَءَايَةٌ لَّهُمُ ٱلَّيْلُ نَسْلَخُ مِنْهُ ٱلنَّهَارَ فَإِذَا هُم مُّظْلِمُونَ
37 _ ئۇلارغا كېچىمۇ بىر دەلىلكى، بىز ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋەتكىنىمىزدە، ئۇلار شۇ ھامان قاراڭغۇدا قالىدۇ.
وَٱلشَّمْسُ تَجْرِى لِمُسْتَقَرٍّ لَّهَا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ
38 _ كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىۋەتكەن ئىشىدۇر.
وَٱلْقَمَرَ قَدَّرْنَـٰهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَٱلْعُرْجُونِ ٱلْقَدِيمِ
39 _ بىز ئاي ئۈچۈن ئايلىنىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىردا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش (ئەگمەچ) بولۇپ قالىدۇ.
لَا ٱلشَّمْسُ يَنۢبَغِى لَهَآ أَن تُدْرِكَ ٱلْقَمَرَ وَلَا ٱلَّيْلُ سَابِقُ ٱلنَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِى فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
40 _ كۈننىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى، كېچىنىڭ كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەربىرى (ئايرىم) ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ.
وَءَايَةٌ لَّهُمْ أَنَّا حَمَلْنَا ذُرِّيَّتَهُمْ فِى ٱلْفُلْكِ ٱلْمَشْحُونِ
41 _ (توپاندىن كېيىن يەر يۈزىدە ھايات داۋاملاشسۇن دەپ) ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى[1] توشقۇزۇلغان كېمىگە (نۇھنىڭ كېمىسىگە) چىقارغانلىقىمىز ئۇلارغا (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) يەنە بىر دەلىلدۇر.
وَخَلَقْنَا لَهُم مِّن مِّثْلِهِۦ مَا يَرْكَبُونَ
42 _ بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇنىڭغا (نۇھنىڭ كېمىسىگە) ئوخشاش چۈشىدىغان نەرسىلەرنى (قاتناش ۋاسىتىلىرىنى) ياراتتۇق.
وَإِن نَّشَأْ نُغْرِقْهُمْ فَلَا صَرِيخَ لَهُمْ وَلَا هُمْ يُنقَذُونَ
43 _ ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز _ دە، ئۇ چاغدا ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قۇتقۇزۇلمايدۇ.
إِلَّا رَحْمَةً مِّنَّا وَمَتَـٰعًا إِلَىٰ حِينٍ
44 _ لېكىن بىز ئۇلارغا رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا (ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ).
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّقُوا۟ مَا بَيْنَ أَيْدِيكُمْ وَمَا خَلْفَكُمْ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
45 _ ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكى ۋە ئارقاڭلاردىكى (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىدۇ).
وَمَا تَأْتِيهِم مِّنْ ءَايَةٍ مِّنْ ءَايَـٰتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا۟ عَنْهَا مُعْرِضِينَ
46 _ ئۇلارغا رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ أَنفِقُوا۟ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَنُطْعِمُ مَن لَّوْ يَشَآءُ ٱللَّهُ أَطْعَمَهُۥٓ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
47 _ ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقتىن (يوقسۇللارغا) سەدىقە قىلىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۇئمىنلەرگە قارىتىپ: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئۆزى رىزىقلاندۇرىدىغان ئادەمنى بىز باقامدۇق؟ سىلەر پەقەت ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دەيدۇ.
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
48 _ ئۇلار يەنە: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (قىلىنغان قىيامەت) قاچان بولىدۇ؟» دەيدۇ.
مَا يَنظُرُونَ إِلَّا صَيْحَةً وَٰحِدَةً تَأْخُذُهُمْ وَهُمْ يَخِصِّمُونَ
49 _ ئۇلار بىر _ بىرى بىلەن جاڭجاللىشىپ تۇرغان پەيتتە، تۇيۇقسىز كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان قاتتىق بىر ئاۋازنىلا كۈتىدۇ .
فَلَا يَسْتَطِيعُونَ تَوْصِيَةً وَلَآ إِلَىٰٓ أَهْلِهِمْ يَرْجِعُونَ
50 _ ئۇ (ئاۋاز كەلگەن) چاغدا ئۇلار بىر _ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ.
وَنُفِخَ فِى ٱلصُّورِ فَإِذَا هُم مِّنَ ٱلْأَجْدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يَنسِلُونَ
51 _ سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ[3].
قَالُوا۟ يَـٰوَيْلَنَا مَنۢ بَعَثَنَا مِن مَّرْقَدِنَا ۜ ۗ هَـٰذَا مَا وَعَدَ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَصَدَقَ ٱلْمُرْسَلُونَ
52 _ ئۇلار: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم ئويغىتىۋەتتى؟» دەيدۇ. (ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ) «رەھمان ئاللاھ ۋەدە قىلغان (قىيامەت) مۇشۇدۇر، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» (دېيىلىدۇ).
إِن كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَٰحِدَةً فَإِذَا هُمْ جَمِيعٌ لَّدَيْنَا مُحْضَرُونَ
53 _ (تىرىلىپ قەبرىلەردىن چىقىش) پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا بولىدۇ، شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ھەممىسى (ھېساب ئۈچۈن) بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ.
فَٱلْيَوْمَ لَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْـًٔا وَلَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
54 _ ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلغان ئىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ.
إِنَّ أَصْحَـٰبَ ٱلْجَنَّةِ ٱلْيَوْمَ فِى شُغُلٍ فَـٰكِهُونَ
55 _ شۈبھىسىزكى، جەننەت ئەھلى ئۇ كۈندە نېمەت ئىچىدە ھۇزۇر سۈرىدۇ.
هُمْ وَأَزْوَٰجُهُمْ فِى ظِلَـٰلٍ عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ مُتَّكِـُٔونَ
56 _ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپلىرى سايىلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ.
لَهُمْ فِيهَا فَـٰكِهَةٌ وَلَهُم مَّا يَدَّعُونَ
57 _ ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلارغا (يەنە) تەلەپ قىلغان نەرسىلىرى بېرىلىدۇ.
سَلَـٰمٌ قَوْلًا مِّن رَّبٍّ رَّحِيمٍ
58 _ رەھىم _ شەپقەتلىك رەببى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) «سالام» دېيىلىدۇ.
وَٱمْتَـٰزُوا۟ ٱلْيَوْمَ أَيُّهَا ٱلْمُجْرِمُونَ
59 _ (گۇناھكارلارغا): «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (مۇئمىنلەردىن) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ).
أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَـٰبَنِىٓ ءَادَمَ أَن لَّا تَعْبُدُوا۟ ٱلشَّيْطَـٰنَ ۖ إِنَّهُۥ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ (60) وَأَنِ ٱعْبُدُونِى ۚ هَـٰذَا صِرَٰطٌ مُّسْتَقِيمٌ (61)
60 _ 61_ ئى ئادەم بالىلىرى! (مەن) سىلەرگە: «شەيتانغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟
وَلَقَدْ أَضَلَّ مِنكُمْ جِبِلًّا كَثِيرًا ۖ أَفَلَمْ تَكُونُوا۟ تَعْقِلُونَ
62 _ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتتى، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟
هَـٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِى كُنتُمْ تُوعَدُونَ
63 _ مانا بۇ سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەمدۇر.
ٱصْلَوْهَا ٱلْيَوْمَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ
64 _ سىلەر كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن ئۇنىڭغا كىرىڭلار».
ٱلْيَوْمَ نَخْتِمُ عَلَىٰٓ أَفْوَٰهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَآ أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُم بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
65 _ شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
وَلَوْ نَشَآءُ لَطَمَسْنَا عَلَىٰٓ أَعْيُنِهِمْ فَٱسْتَبَقُوا۟ ٱلصِّرَٰطَ فَأَنَّىٰ يُبْصِرُونَ
66 _ ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق _ دە، ئۇلار يولنى تېپىۋېلىشقا ئالدىرايتتى، ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟
وَلَوْ نَشَآءُ لَمَسَخْنَـٰهُمْ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمْ فَمَا ٱسْتَطَـٰعُوا۟ مُضِيًّا وَلَا يَرْجِعُونَ
67 _ ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى تۇرغان يېرىدىلا باشقا نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قوياتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى.
وَمَن نُّعَمِّرْهُ نُنَكِّسْهُ فِى ٱلْخَلْقِ ۖ أَفَلَا يَعْقِلُونَ
68 _ بىز كىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلساق، ئۇنىڭ تېنىنى (دەسلەپتىكى ئاجىزلىق ھالىتىگە) قايتۇرۇۋېتىمىز، ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەمدۇ؟
وَمَا عَلَّمْنَـٰهُ ٱلشِّعْرَ وَمَا يَنۢبَغِى لَهُۥٓ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ وَقُرْءَانٌ مُّبِينٌ (69) لِّيُنذِرَ مَن كَانَ حَيًّا وَيَحِقَّ ٱلْقَوْلُ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ (70)
69 _ 70_ بىز ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەدكە) شېئىر ئۆگەتمىدۇق، ئۇنىڭغا (شېئىر) مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ يەتكۈزۈۋاتقىنى پەقەت (قەلبى) تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز _ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر.
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا خَلَقْنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَآ أَنْعَـٰمًا فَهُمْ لَهَا مَـٰلِكُونَ
71 _ ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۆز قولىمىز بىلەن ئۇلار ئۈچۈن نۇرغۇن چارۋىلارنى ياراتتۇق، ئۇلار ئۇ چارۋىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلاردۇر.
وَذَلَّلْنَـٰهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ
72 _ ئۇ چارۋىلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ چارۋىلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ.
وَلَهُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ وَمَشَارِبُ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
73 _ ئۇلار شۇ چارۋىلاردىن پايدىلىنىدۇ، سۈتلىرىنى ئىچىدۇ. ئۇلار (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟
وَٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةً لَّعَلَّهُمْ يُنصَرُونَ
74 _ مۇشرىكلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى.
لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَهُمْ وَهُمْ لَهُمْ جُندٌ مُّحْضَرُونَ
75_ ھالبۇكى، (ئۇ ئىلاھلار) ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار شۇ ئىلاھلار ئۈچۈن ھازىر قىلىنغان قوشۇندۇر.
فَلَا يَحْزُنكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّا نَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
76 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ (كۇفرى) سۆزلىرى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. شەكسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنىمۇ ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىمىز.
أَوَلَمْ يَرَ ٱلْإِنسَـٰنُ أَنَّا خَلَقْنَـٰهُ مِن نُّطْفَةٍ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٌ مُّبِينٌ
77 _ ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتقان ئىدۇق. ئەمدى بولسا ئۇ (رەببىگە قارشى) ئوپئوچۇق جېدەلخور بولۇپ قالدى.
وَضَرَبَ لَنَا مَثَلًا وَنَسِىَ خَلْقَهُۥ ۖ قَالَ مَن يُحْىِ ٱلْعِظَـٰمَ وَهِىَ رَمِيمٌ
78 _ ئۇ بىزگە (چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ: «بۇ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى.
قُلْ يُحْيِيهَا ٱلَّذِىٓ أَنشَأَهَآ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ
79 _ ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ بارلىق مەخلۇقاتنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر».
ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلشَّجَرِ ٱلْأَخْضَرِ نَارًا فَإِذَآ أَنتُم مِّنْهُ تُوقِدُونَ
80 _ ئۇ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت چىقىرىپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ئوت ياقىسىلەر.
أَوَلَيْسَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِقَـٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يَخْلُقَ مِثْلَهُم ۚ بَلَىٰ وَهُوَ ٱلْخَلَّـٰقُ ٱلْعَلِيمُ
81 _ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قادىر. ئاللاھ ئاجايىپ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
إِنَّمَآ أَمْرُهُۥٓ إِذَآ أَرَادَ شَيْـًٔا أَن يَقُولَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
82 _ ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ دەرھال بولىدۇ.
فَسُبْحَـٰنَ ٱلَّذِى بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَىْءٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
83 _ ھەربىر نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھ پاكتۇر، سىلەر (ئاخىر) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
ياسىين سۈرىسى