دۇخان سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 59 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ھەق دىننى ئىنكار قىلغۇچىلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلادۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

حمٓ
1 _ ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
وَٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُبِينِ (2) إِنَّآ أَنزَلْنَـٰهُ فِى لَيْلَةٍ مُّبَـٰرَكَةٍ ۚ إِنَّا كُنَّا مُنذِرِينَ (3)
2 _ 3 _ روشەن كىتاب (قۇرئان) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىر مۇبارەك كېچىدە (قەدر كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، شەكسىزكى، بىز ھەقىقەتەن (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز.
فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ
4 _ بۇ كېچىدە (بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى قاتارلىق) ھەربىر ھېكمەتلىك ئىش ھۆكۈم قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
أَمْرًا مِّنْ عِندِنَآ ۚ إِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
5 _ (ھۆكۈم قىلىنىپ بېكىتىلگەن بۇ ئىشلار) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان بۇيرۇقتۇر، بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرغان ئىدۇق.
رَحْمَةً مِّن رَّبِّكَ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
6 _ (بۇ) رەببىڭنىڭ رەھمىتىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
رَبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَآ ۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ
7 _ ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار (بىلىڭلاركى، ئاللاھ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر.
لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ رَبُّكُمْ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلْأَوَّلِينَ
8 _ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ئۆلتۈرەلەيدۇ ۋە تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئۇ سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر.
بَلْ هُمْ فِى شَكٍّ يَلْعَبُونَ
9 _ (مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ) بەلكى ئۇلار شەك ئىچىدە ئويناپ يۈرىدۇ.
فَٱرْتَقِبْ يَوْمَ تَأْتِى ٱلسَّمَآءُ بِدُخَانٍ مُّبِينٍ
10 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئاسمان ئاشكارا تۈتۈننى ئېلىپ كېلىدىغان كۈننى كۈتكىن.
يَغْشَى ٱلنَّاسَ ۖ هَـٰذَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
11 _ (ئۇ تۈتۈن) ئىنسانلارنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قىينىغۇچى ئازابتۇر.
رَّبَّنَا ٱكْشِفْ عَنَّا ٱلْعَذَابَ إِنَّا مُؤْمِنُونَ
12 _ (ئۇ چاغدا ئىنسانلار) «ئى رەببىمىز! بىزدىن بۇ ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» (دەيدۇ).
أَنَّىٰ لَهُمُ ٱلذِّكْرَىٰ وَقَدْ جَآءَهُمْ رَسُولٌ مُّبِينٌ (13) ثُمَّ تَوَلَّوْا۟ عَنْهُ وَقَالُوا۟ مُعَلَّمٌ مَّجْنُونٌ (14)
13 _ 14_ ھالبۇكى، ئۇلارغا (ھەقىقەتنى) ئوچۇق بايان قىلىپ بەرگۈچى پەيغەمبەر كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، (ئۇنى): «(قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگەنگەن، مەجنۇن ئادەم» [1] دېگەن تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن؟
إِنَّا كَاشِفُوا۟ ٱلْعَذَابِ قَلِيلًا ۚ إِنَّكُمْ عَآئِدُونَ
15 _ بىز ئەلۋەتتە ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنە ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر چوقۇم (ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر.
يَوْمَ نَبْطِشُ ٱلْبَطْشَةَ ٱلْكُبْرَىٰٓ إِنَّا مُنتَقِمُونَ
16 _ بىز شىددەت بىلەن تۇتىدىغان كۈندە ئۇلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئالغۇچىمىز.
وَلَقَدْ فَتَنَّا قَبْلَهُمْ قَوْمَ فِرْعَوْنَ وَجَآءَهُمْ رَسُولٌ كَرِيمٌ
17 _ بىز ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)دىن ئىلگىرى پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى ھەقىقەتەن سىنىغان ئىدۇق. ئۇلارغا بىر ئېسىل پەيغەمبەر (مۇسا) كەلگەن ئىدى.
أَنْ أَدُّوٓا۟ إِلَىَّ عِبَادَ ٱللَّهِ ۖ إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
18 _ (مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى): «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى (ئىسرائىل ئەۋلادى)نى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
وَأَن لَّا تَعْلُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ ۖ إِنِّىٓ ءَاتِيكُم بِسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
19 _ ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق مۆجىزە بىلەن كەلدىم.
وَإِنِّى عُذْتُ بِرَبِّى وَرَبِّكُمْ أَن تَرْجُمُونِ
20 _ مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى چالما _ كېسەك (قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلار)دىن پاناھ تىلەيمەن.
وَإِن لَّمْ تُؤْمِنُوا۟ لِى فَٱعْتَزِلُونِ
21 _ ئەگەر سىلەر ماڭا ئىشەنمىسەڭلار، مېنى (ئۆز ھالىمغا) قۇيۇۋېتىڭلار».
فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ قَوْمٌ مُّجْرِمُونَ
22 _ مۇسا: «بۇلار ھەقىقەتەن گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ رەببىگە ئىلتىجا قىلدى.
فَأَسْرِ بِعِبَادِى لَيْلًا إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ
23 _ (ئاللاھ ئېيتتى): «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، چۈنكى قوغلىغۇچىلار ئارقاڭلارغا چۈشىدۇ.
وَٱتْرُكِ ٱلْبَحْرَ رَهْوًا ۖ إِنَّهُمْ جُندٌ مُّغْرَقُونَ
24 _ دېڭىزنى سۈيى يېرىلغان پېتى قويغىن. چۈنكى ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان قوشۇندۇر».
كَمْ تَرَكُوا۟ مِن جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ (25) وَزُرُوعٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ (26) وَنَعْمَةٍ كَانُوا۟ فِيهَا فَـٰكِهِينَ (27)
25 _ 27_ ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى، ئۆزلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.
كَذَٰلِكَ ۖ وَأَوْرَثْنَـٰهَا قَوْمًا ءَاخَرِينَ
28 _ ئىش ئەنە شۇنداقتۇر. ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەنلىرىگە باشقىلارنى (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ۋارىس قىلدۇق.
فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ ٱلسَّمَآءُ وَٱلْأَرْضُ وَمَا كَانُوا۟ مُنظَرِينَ
29 _ ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى.
وَلَقَدْ نَجَّيْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ مِنَ ٱلْعَذَابِ ٱلْمُهِينِ
30 _ 31 _ شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى پىرئەۋن چوڭچىلىق قىلغۇچى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
مِن فِرْعَوْنَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَالِيًا مِّنَ ٱلْمُسْرِفِينَ
30 _ 31 _ شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى پىرئەۋن چوڭچىلىق قىلغۇچى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
وَلَقَدِ ٱخْتَرْنَـٰهُمْ عَلَىٰ عِلْمٍ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
32 _ شەكسىزكى، بىز (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ، ئۇلارنى (ئۆز زامانىسىدىكى) جاھان ئەھلىدىن (ئارتۇق قىلىپ) تاللىدۇق.
وَءَاتَيْنَـٰهُم مِّنَ ٱلْـَٔايَـٰتِ مَا فِيهِ بَلَـٰٓؤٌا۟ مُّبِينٌ
33 _ ئۇلارغا روشەن سىناقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق.
إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ لَيَقُولُونَ (34) إِنْ هِىَ إِلَّا مَوْتَتُنَا ٱلْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُنشَرِينَ (35) فَأْتُوا۟ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ (36)
34 _ 36 _ بۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) چوقۇم ئېيتىدۇ: «بىز پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، تىرىلمەيمىز. ئەگەر (ئاخىرەتتە تىرىلىمىز دېگەن) سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، سىلەر بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار».
أَهُمْ خَيْرٌ أَمْ قَوْمُ تُبَّعٍ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ أَهْلَكْنَـٰهُمْ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ مُجْرِمِينَ
37 _ ئۇلار كۈچلۈكمۇ؟ ياكى تۇببە[2] قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكارلار ئىدى.
وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَـٰعِبِينَ
38 _ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكاردىن - بىكار ياراتقىنىمىز يوق.
مَا خَلَقْنَـٰهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
39 _ ئۇلارنى بىز پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
إِنَّ يَوْمَ ٱلْفَصْلِ مِيقَـٰتُهُمْ أَجْمَعِينَ
40 _ شەكسىزكى، (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان) قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى توپلاشقا بەلگىلەنگە ۋاقىتتۇر.
يَوْمَ لَا يُغْنِى مَوْلًى عَن مَّوْلًى شَيْـًٔا وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
41 _ ئۇ كۈندە دوست دوستقا قىلچە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
إِلَّا مَن رَّحِمَ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
42 _ پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
إِنَّ شَجَرَتَ ٱلزَّقُّومِ (43) طَعَامُ ٱلْأَثِيمِ (44)
43 _ 44_ زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن ھەربىر گۇناھكارنىڭ تامىقىدۇر.
كَٱلْمُهْلِ يَغْلِى فِى ٱلْبُطُونِ (45) كَغَلْىِ ٱلْحَمِيمِ (46)
45 _ 46 _ ئۇ ئېرىتىلگەن مەدەندەك (قىزىق)تۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناق سۇ قاينىغاندەك قاينايدۇ.
خُذُوهُ فَٱعْتِلُوهُ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلْجَحِيمِ (47) ثُمَّ صُبُّوا۟ فَوْقَ رَأْسِهِۦ مِنْ عَذَابِ ٱلْحَمِيمِ (48)
47 _ 48_ (دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناق سۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار!» (دېيىلىدۇ).
ذُقْ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْكَرِيمُ
49 _ (ئۇنىڭغا): «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك بىرى ئىدىڭ.
إِنَّ هَـٰذَا مَا كُنتُم بِهِۦ تَمْتَرُونَ
50 _ شەكسىزكى، بۇ (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا) سىلەر شەكلەنگەن ئازابتۇر» (دېيىلىدۇ).
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى مَقَامٍ أَمِينٍ
51 _ تەقۋادارلار ئەلۋەتتە بىخەتەر جايدا بولىدۇ.
فِى جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ
52 _ باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
يَلْبَسُونَ مِن سُندُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُّتَقَـٰبِلِينَ
53 _ ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر _ بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ.
كَذَٰلِكَ وَزَوَّجْنَـٰهُم بِحُورٍ عِينٍ
54 _ ئۇلارنى مۇشۇنداق ئىززەتلەيمىز، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز.
يَدْعُونَ فِيهَا بِكُلِّ فَـٰكِهَةٍ ءَامِنِينَ
55 _ ئۇلار جەننەتتە خاتىرجەم ھالدا (كۆڭلى تارتقان) ھەر خىل مېۋىلەرنى ئەكەلدۈرۈپ تۇرىدۇ.
لَا يَذُوقُونَ فِيهَا ٱلْمَوْتَ إِلَّا ٱلْمَوْتَةَ ٱلْأُولَىٰ ۖ وَوَقَىٰهُمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ
56 _ ئۇلار تۇنجى ئۆلۈمدىن باشقا جەننەتتە ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغاندۇر.
فَضْلًا مِّن رَّبِّكَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ
57 _ (بۇلار) رەببىڭ تەرىپىدىن (بېرىلگەن) ئىنئامدۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَـٰهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
58 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى ۋەز _ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭدا (نازىل قىلىپ، ئۇنىڭ لەۋزىنى ۋە مەنىسىنى) قولايلاشتۇرۇپ بەردۇق.
فَٱرْتَقِبْ إِنَّهُم مُّرْتَقِبُونَ
59 _ سەن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە كۈتۈپ تۇرغۇچىلاردۇر.