قەمەر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 55 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: بۇرۇنقى ئىنكارچىلارنىڭ ھالاكىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق كاپىرلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ٱقْتَرَبَتِ ٱلسَّاعَةُ وَٱنشَقَّ ٱلْقَمَرُ
1 _ قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى.
وَإِن يَرَوْا۟ ءَايَةً يُعْرِضُوا۟ وَيَقُولُوا۟ سِحْرٌ مُّسْتَمِرٌّ
2 _ مۇشرىكلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) بىرەر دەلىل-پاكىتنى كۆرسىلا، (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتىپ: «(بۇ) داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سېھىردۇر» دېيىشىدۇ.
وَكَذَّبُوا۟ وَٱتَّبَعُوٓا۟ أَهْوَآءَهُمْ ۚ وَكُلُّ أَمْرٍ مُّسْتَقِرٌّ
3 _ ئۇلار (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى، ئۆز خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشى- يامان) ھەربىر ئىش ئۆز ئورنىغا ئورۇنلاشقۇچىدۇر.
وَلَقَدْ جَآءَهُم مِّنَ ٱلْأَنۢبَآءِ مَا فِيهِ مُزْدَجَرٌ
4 _ ھەقىقەتەن ئۇلارغا (ئۆزلىرىنى كۇفرىلىقتىن) مەنئى قىلىشقا يېتەرلىك خەۋەرلەر كەلدى.
حِكْمَةٌۢ بَـٰلِغَةٌ ۖ فَمَا تُغْنِ ٱلنُّذُرُ
5 _ (بۇ قۇرئان) ۋايىغا يەتكەن ھېكمەتتۇر. (ئەمما ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن قەۋمگە) ئاگاھلاندۇرۇشلار ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ ۘ يَوْمَ يَدْعُ ٱلدَّاعِ إِلَىٰ شَىْءٍ نُّكُرٍ
6 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، (قىيامەت) كۈنىدە چاقىرغۇچى (ئىسرافىل ئۇلارنى ھېساب مەيدانىغا توپلىنىشتىن ئىبارەت) دەھشەتلىك ئىشقا چاقىرىدۇ.
خُشَّعًا أَبْصَـٰرُهُمْ يَخْرُجُونَ مِنَ ٱلْأَجْدَاثِ كَأَنَّهُمْ جَرَادٌ مُّنتَشِرٌ
7 _ ئۇلار قورققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ، خۇددى تارقىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ.
مُّهْطِعِينَ إِلَى ٱلدَّاعِ ۖ يَقُولُ ٱلْكَـٰفِرُونَ هَـٰذَا يَوْمٌ عَسِرٌ
8 _ ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگۈرىدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن بىر كۈنغۇ» دېيىشىپ كېتىدۇ.
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ فَكَذَّبُوا۟ عَبْدَنَا وَقَالُوا۟ مَجْنُونٌ وَٱزْدُجِرَ
9 _ ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى، ئۇلار بەندىمىز (نۇھ)نى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مەجنۇن دېگەن ۋە (دەۋەتنى توختىتىشقا) مەجبۇرلىغان ئىدى.
فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنِّى مَغْلُوبٌ فَٱنتَصِرْ
10 _ ئۇ رەببىگە: «مەن راستتىنلا ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدىم، ماڭا ياردەم بەرگىن» دەپ دۇئا قىلدى.
فَفَتَحْنَآ أَبْوَٰبَ ٱلسَّمَآءِ بِمَآءٍ مُّنْهَمِرٍ
11 _ ئاندىن بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق.
وَفَجَّرْنَا ٱلْأَرْضَ عُيُونًا فَٱلْتَقَى ٱلْمَآءُ عَلَىٰٓ أَمْرٍ قَدْ قُدِرَ
12 _ زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ئىشقا بىنائەن، (يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى) سۇ بىر _ بىرىگە قوشۇلدى.
وَحَمَلْنَـٰهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلْوَٰحٍ وَدُسُرٍ
13 _ نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە چىقاردۇق.
تَجْرِى بِأَعْيُنِنَا جَزَآءً لِّمَن كَانَ كُفِرَ
14 _ ئىنكار قىلىنغان (نۇھ)نى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن، كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا (ھىمايىمىز ئاستىدا) ماڭاتتى.
وَلَقَد تَّرَكْنَـٰهَآ ءَايَةً فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍ
15 _ بۇ (ۋەقە)نى ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، (ئۇنىڭدىن) ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِى وَنُذُرِ
16 _ مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا ٱلْقُرْءَانَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍ
17 _ ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟
كَذَّبَتْ عَادٌ فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِى وَنُذُرِ
18 _ ئاد قەۋمىمۇ (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، (ئۇلارغا) مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟!
إِنَّآ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِى يَوْمِ نَحْسٍ مُّسْتَمِرٍّ
19 _ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان بىر كۈندە قاتتىق ئاۋازلىق، سوغۇق بوران ئەۋەتتۇق.
تَنزِعُ ٱلنَّاسَ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ مُّنقَعِرٍ
20 _ بوران ئىنسانلارنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، ئۇلار گويا قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى.
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِى وَنُذُرِ
21 _ مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟!
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا ٱلْقُرْءَانَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍ
22 _ ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِٱلنُّذُرِ
23 _ سەمۇد قەۋمى (پەيغەمبىرى سالىھنىڭ) ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقاردى.
فَقَالُوٓا۟ أَبَشَرًا مِّنَّا وَٰحِدًا نَّتَّبِعُهُۥٓ إِنَّآ إِذًا لَّفِى ضَلَـٰلٍ وَسُعُرٍ
24 _ ئۇلار: «ئارىمىزدىكى بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز راستتىنلا ئازغۇن ۋە ساراڭ بولغان بولىمىز.
أَءُلْقِىَ ٱلذِّكْرُ عَلَيْهِ مِنۢ بَيْنِنَا بَلْ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٌ
25 _ ئارىمىزدىن پەقەت ئۇنىڭغىلا ۋەھيى نازىل بولۇپتۇمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىر ھاكاۋۇر كاززاپتۇر» دېدى.
سَيَعْلَمُونَ غَدًا مَّنِ ٱلْكَذَّابُ ٱلْأَشِرُ
26 _ ئۇلار ئەتە (ئاخىرەتتە) كىمنىڭ ھاكاۋۇر كاززاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
إِنَّا مُرْسِلُوا۟ ٱلنَّاقَةِ فِتْنَةً لَّهُمْ فَٱرْتَقِبْهُمْ وَٱصْطَبِرْ
27 _ (بىز سالىھقا): «بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، سەن (ئۇلارنىڭ تۆگىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن.
وَنَبِّئْهُمْ أَنَّ ٱلْمَآءَ قِسْمَةٌۢ بَيْنَهُمْ ۖ كُلُّ شِرْبٍ مُّحْتَضَرٌ
28 _ ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا سۇنىڭ تەقسىم قىلىنغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن» (دېدۇق).
فَنَادَوْا۟ صَاحِبَهُمْ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ
29 _ ئۇلار (بۇ تەقسىماتقا نارازى بولۇپ، قەددار ئىسىملىك) بۇرادىرىنى چاقىردى. ئۇ قىلىچىنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى.
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِى وَنُذُرِ
30 _ مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟!
إِنَّآ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ صَيْحَةً وَٰحِدَةً فَكَانُوا۟ كَهَشِيمِ ٱلْمُحْتَظِرِ
31 _ شەكسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇددى قوتاندىكى چەيلەنگەن ئوت-چۆپتەك بولۇپ كەتتى.
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا ٱلْقُرْءَانَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍ
32 _ ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍۭ بِٱلنُّذُرِ
33 _ لۇتنىڭ قەۋمى (ئۇنىڭ) ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقاردى.
إِنَّآ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ حَاصِبًا إِلَّآ ءَالَ لُوطٍ ۖ نَّجَّيْنَـٰهُم بِسَحَرٍ (34) نِّعْمَةً مِّنْ عِندِنَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِى مَن شَكَرَ (35)
34 _ 35_ بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاش (ياغدۇرغۇچى بوراننى) ئەۋەتتۇق، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىنىلا دەرگاھىمىزدىن ئىنئام قىلىپ سەھەردە قۇتقۇزدۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
وَلَقَدْ أَنذَرَهُم بَطْشَتَنَا فَتَمَارَوْا۟ بِٱلنُّذُرِ
36 _ شەكسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى، ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى.
وَلَقَدْ رَٰوَدُوهُ عَن ضَيْفِهِۦ فَطَمَسْنَآ أَعْيُنَهُمْ فَذُوقُوا۟ عَذَابِى وَنُذُرِ
37 _ ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (بەچچىۋازلىق قىلىش ئۈچۈن) تەلەپ قىلغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق).
وَلَقَدْ صَبَّحَهُم بُكْرَةً عَذَابٌ مُّسْتَقِرٌّ
38 _ ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە (ئاخىرەتكە) ئۇلىنىپ كېتىدىغان ئازاب چۈشتى.
فَذُوقُوا۟ عَذَابِى وَنُذُرِ
39 _ (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق).
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا ٱلْقُرْءَانَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍ
40 _ ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟
وَلَقَدْ جَآءَ ءَالَ فِرْعَوْنَ ٱلنُّذُرُ
41 _ شەكسىزكى، پىرئەۋن تەۋەلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى.
كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذْنَـٰهُمْ أَخْذَ عَزِيزٍ مُّقْتَدِرٍ
42 _ ئۇلار پۈتۈن مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى غالىب، چەكسىز قۇدرەتلىك بولۇش سۈپىتىمىزگە لايىق شەكىلدە جازالىدۇق.
أَكُفَّارُكُمْ خَيْرٌ مِّنْ أُو۟لَـٰٓئِكُمْ أَمْ لَكُم بَرَآءَةٌ فِى ٱلزُّبُرِ
43 _ (ئى قۇرەيش كاپىرلىرى!) سىلەرنىڭ كاپىرلىرىڭلار ئاشۇ (ھالاك قىلىنغان) لاردىن ياخشىمۇ؟ ياكى ساماۋى كىتابلاردا سىلەر ئۈچۈن (ئازابتىن) كەچۈرۈم بارمۇ؟
أَمْ يَقُولُونَ نَحْنُ جَمِيعٌ مُّنتَصِرٌ
44 _ ئۇلار: «بىز غالىب كەلگۈچى جامائەمىز» دەۋاتامدۇ؟
سَيُهْزَمُ ٱلْجَمْعُ وَيُوَلُّونَ ٱلدُّبُرَ
45 _ بۇ جامائە يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىدۇ ۋە ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ.
بَلِ ٱلسَّاعَةُ مَوْعِدُهُمْ وَٱلسَّاعَةُ أَدْهَىٰ وَأَمَرُّ
46 _ (ئازابنىڭ ھەممىسى بۇلارلا ئەمەس) بەلكى ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان (ئازابنىڭ ۋاقتى) قىيامەتتۇر. قىيامەت (كۈنىدە ئۇلار تارتىدىغان ئازاب بەدرى ئۇرۇشىدا تارتقانلىرىدىن) تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ قاتتىقتۇر.
إِنَّ ٱلْمُجْرِمِينَ فِى ضَلَـٰلٍ وَسُعُرٍ
47 _ گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) ئازغۇنلۇقتىدۇر، (ئاخىرەتتە بولسا) دوزاختىدۇر.
يَوْمَ يُسْحَبُونَ فِى ٱلنَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ ذُوقُوا۟ مَسَّ سَقَرَ
48 _ ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سۆرىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا): «دوزاخنىڭ قاتتىق ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).
إِنَّا كُلَّ شَىْءٍ خَلَقْنَـٰهُ بِقَدَرٍ
49 _ بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق.
وَمَآ أَمْرُنَآ إِلَّا وَٰحِدَةٌ كَلَمْحٍۭ بِٱلْبَصَرِ
50 _ (بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلغان چېغىمىزدا) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئورۇندىلىدىغان («بول!» دېگەندىن ئىبارەت) بىرلا سۆزدۇر.
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَآ أَشْيَاعَكُمْ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍ
51 _ بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، (ئۇنىڭدىن) ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
وَكُلُّ شَىْءٍ فَعَلُوهُ فِى ٱلزُّبُرِ
52 _ ئۇلار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى (ئۇلارنىڭ) نامە _ ئەمەلىدە مەۋجۇتتۇر.
وَكُلُّ صَغِيرٍ وَكَبِيرٍ مُّسْتَطَرٌ
53 _ چوڭ _ كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا يېزىلغاندۇر.
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى جَنَّـٰتٍ وَنَهَرٍ (54) فِى مَقْعَدِ صِدْقٍ عِندَ مَلِيكٍ مُّقْتَدِرٍۭ (55)
54 _ 55_ شەكسىزكى، تەقۋادارلار (جەننەتلەردىكى) باغۇ بوستانلاردا، ئۆستەڭلەرنىڭ ئەتراپىدا، قۇدرەتلىك پادىشاھ (ئاللاھ)نىڭ دەرگاھىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ.