ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنساننىڭ موھتاجلىقىنى، جاپا-مۇشەققەت ئۈستىگە يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىش يوللىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
لَآ أُقْسِمُ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ (1) وَأَنتَ حِلٌّۢ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ (2)
1 _ 2 _ بۇ شەھەر (مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى پەيغەمبەر!) بۇ شەھەردە ئۇرۇش قىلىش ساڭا (ۋاقىتلىق) ھالالدۇر.
وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ
3 _ ئاتا ۋە بالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
لَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ فِى كَبَدٍ
4 _ بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا _ مۇشەققەت ئىچىگە ياراتتۇق.
أَيَحْسَبُ أَن لَّن يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ
5 _ ئۇ (ھاكاۋۇر ئىنسان) ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُّبَدًا
6 _ ئۇ (پەخىرلىنىپ): «كۆپ مال _ دۇنيا سەرپ قىلدىم» دەيدۇ.
أَيَحْسَبُ أَن لَّمْ يَرَهُۥٓ أَحَدٌ
7 _ ئۇ بۇنى ھېچ كىشى كۆرمىدى (ئاللاھ بۇنىڭدىن ھېساب ئالمايدۇ) دەپ ئويلامدۇ؟
أَلَمْ نَجْعَل لَّهُۥ عَيْنَيْنِ (8) وَلِسَانًا وَشَفَتَيْنِ (9) وَهَدَيْنَـٰهُ ٱلنَّجْدَيْنِ (10)
8 _ 10 _ بىز ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى لەۋ ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا (ياخشى ۋە يامان) ئىككى يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟
فَلَا ٱقْتَحَمَ ٱلْعَقَبَةَ
11 _ (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇ داۋان ئاشمىدى.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْعَقَبَةُ
12 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن داۋان ئېشىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
فَكُّ رَقَبَةٍ
13 _ (داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلىشتۇر،
أَوْ إِطْعَـٰمٌ فِى يَوْمٍ ذِى مَسْغَبَةٍ (14) يَتِيمًا ذَا مَقْرَبَةٍ (15) أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ (16)
14 _ 16_ ياكى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن كۈنلەردە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە، ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر.
ثُمَّ كَانَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلْمَرْحَمَةِ
17 _ ئاندىن (يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، بىر- بىرىگە (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، بىر- بىرىگە مەرھەمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولۇشتۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَيْمَنَةِ
18 _ ئەنە ئاشۇ (ئىشلارنى قىلغان) كىشىلەر سائادەتمەن كىشىلەردۇر.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا هُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَشْـَٔمَةِ
19 _ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ھەقىقىي بەختسىزلەردۇر.
عَلَيْهِمْ نَارٌ مُّؤْصَدَةٌۢ
20 _ ئۇلار (ئىشىكلىرى مەھكەم) تاقالغان دوزاخقا سولىنىدۇ.
بەلەد سۈرىسى