ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ۋەھيىنىڭ راستلىقىنى، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ باتىللىقىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
وَٱلنَّجْمِ إِذَا هَوَىٰ
1 _ ساقىغان ۋاقىتتىكى يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَىٰ
2 _ سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئازمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى،
وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلْهَوَىٰٓ
3 _ ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ.
إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْىٌ يُوحَىٰ
4 _ بۇ (قۇرئان) پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر.
عَلَّمَهُۥ شَدِيدُ ٱلْقُوَىٰ
5 _ ۋەھيىنى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىل) ئۆگەتتى.
ذُو مِرَّةٍ فَٱسْتَوَىٰ (6) وَهُوَ بِٱلْأُفُقِ ٱلْأَعْلَىٰ (7)
6 _ 7_ ئۇ مۇكەممەل يارىتىلىشقا ئىگە بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى.
ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ
8 _ 9_ ئاندىن ئۇ ئاستا _ ئاستا پەسلەپ (مۇھەممەدكە) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق ئارىلىق قالغۇچە يېقىنلاشتى.
فَكَانَ قَابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنَىٰ
8 _ 9_ ئاندىن ئۇ ئاستا _ ئاستا پەسلەپ (مۇھەممەدكە) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق ئارىلىق قالغۇچە يېقىنلاشتى.
فَأَوْحَىٰٓ إِلَىٰ عَبْدِهِۦ مَآ أَوْحَىٰ
10 _ ئاندىن ئاللاھ بەندىسى (مۇھەممەد) گە قىلىدىغان ۋەھيىنى (جىبرىل ئارقىلىق) قىلدى.
مَا كَذَبَ ٱلْفُؤَادُ مَا رَأَىٰٓ
11 _ ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى.
أَفَتُمَـٰرُونَهُۥ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ
12 _ (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاش _ تارتىش قىلىشامسىلەر؟
وَلَقَدْ رَءَاهُ نَزْلَةً أُخْرَىٰ (13) عِندَ سِدْرَةِ ٱلْمُنتَهَىٰ (14) عِندَهَا جَنَّةُ ٱلْمَأْوَىٰٓ (15)
13 _ 15_ شەكسىزكى، ئۇ (مۇھەممەد) جىبرىلنى سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا ئىككىنچى قېتىم (ئۆز شەكلىدە) كۆردى. سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا مەئۋا جەننىتى بار ئىدى.
إِذْ يَغْشَى ٱلسِّدْرَةَ مَا يَغْشَىٰ
16 _ ئۇ چاغدا سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئاجايىباتلار) قاپلىغان ئىدى.
مَا زَاغَ ٱلْبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
17 _ (مۇھەممەدنىڭ) كۆزى (ئوڭ – سولغا) قېيىپ كەتمىدى، (كۆرۈشكە بۇيرۇلغان شەيئىلەردىن) ئۆتۈپمۇ كەتمىدى.
لَقَدْ رَأَىٰ مِنْ ءَايَـٰتِ رَبِّهِ ٱلْكُبْرَىٰٓ
18 _ شەكسىزكى، ئۇ رەببىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىللىرىدىن بىر قىسمىنى كۆردى.
أَفَرَءَيْتُمُ ٱللَّـٰتَ وَٱلْعُزَّىٰ (19) وَمَنَوٰةَ ٱلثَّالِثَةَ ٱلْأُخْرَىٰٓ (20)
19 _ 20 _ (ئى مۇشرىكلار!) ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، (سىلەر چوقۇنۇۋاتقان) لات، ئۇززا ۋە ئاخىرقىسى — ئۈچىنچىسى بولغان مانات (قاتارلىق بۇتلار سىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟).
أَلَكُمُ ٱلذَّكَرُ وَلَهُ ٱلْأُنثَىٰ
21 _ ئوغۇل سىلەرگە، قىز ئاللاھقا خاسمۇ؟
تِلْكَ إِذًا قِسْمَةٌ ضِيزَىٰٓ
22 _ ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر.
إِنْ هِىَ إِلَّآ أَسْمَآءٌ سَمَّيْتُمُوهَآ أَنتُمْ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلْطَـٰنٍ ۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَمَا تَهْوَى ٱلْأَنفُسُ ۖ وَلَقَدْ جَآءَهُم مِّن رَّبِّهِمُ ٱلْهُدَىٰٓ
23 _ بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا _ بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئاللاھ ئۇ نەرسىلەر (نىڭ ئىلاھلىقى) توغرۇلۇق ھېچبىر دەلىل _ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇ مۇشرىكلارغا رەببى تەرىپىدىن ھىدايەت كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ.
أَمْ لِلْإِنسَـٰنِ مَا تَمَنَّىٰ
24 _ ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟
فَلِلَّهِ ٱلْـَٔاخِرَةُ وَٱلْأُولَىٰ
25 _ ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
وَكَم مِّن مَّلَكٍ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ لَا تُغْنِى شَفَـٰعَتُهُمْ شَيْـًٔا إِلَّا مِنۢ بَعْدِ أَن يَأْذَنَ ٱللَّهُ لِمَن يَشَآءُ وَيَرْضَىٰٓ
26 _ ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە (شاپائەت قىلىشقا) رۇخسەت قىلغاندىن كېيىنلا (ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ).
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ لَيُسَمُّونَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ تَسْمِيَةَ ٱلْأُنثَىٰ
27 _ شەكسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ.
وَمَا لَهُم بِهِۦ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ ۖ وَإِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغْنِى مِنَ ٱلْحَقِّ شَيْـًٔا
28 _ ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت پەرەزگىلا ئاساسلىنىدۇ، پەرەز ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنېمىگە يارىمايدۇ.
فَأَعْرِضْ عَن مَّن تَوَلَّىٰ عَن ذِكْرِنَا وَلَمْ يُرِدْ إِلَّا ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا
29 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىزنىڭ زىكرىمىز (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلىگەنلەر بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.
ذَٰلِكَ مَبْلَغُهُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ ٱهْتَدَىٰ
30 _ ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شۇنچىلىك. شەكسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
وَلِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ لِيَجْزِىَ ٱلَّذِينَ أَسَـٰٓـُٔوا۟ بِمَا عَمِلُوا۟ وَيَجْزِىَ ٱلَّذِينَ أَحْسَنُوا۟ بِٱلْحُسْنَى
31 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (ئۇلارنى) يامان ئىش قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالاش، (تائەت-ئىبادەتلەرنى) قېتىرقىنىپ قىلغانلارنى (مۇكاپاتلارنىڭ) ئەڭ ياخشىسى (بولغان جەننەت) بىلەن تارتۇقلاش ئۈچۈن (ياراتتى).
ٱلَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَـٰٓئِرَ ٱلْإِثْمِ وَٱلْفَوَٰحِشَ إِلَّا ٱللَّمَمَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ وَٰسِعُ ٱلْمَغْفِرَةِ ۚ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ وَإِذْ أَنتُمْ أَجِنَّةٌ فِى بُطُونِ أُمَّهَـٰتِكُمْ ۖ فَلَا تُزَكُّوٓا۟ أَنفُسَكُمْ ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ ٱتَّقَىٰٓ
32 _ ئۇلار كىچىك گۇناھلاردىن خالىي بولالمىسىمۇ، چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان كىشىلەردۇر، شەكسىزكى، رەببىڭ مەغپىرىتى كەڭ زاتتۇر. ئۇ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ۋاقتىڭلاردىمۇ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى تۆرەلمە ھالىتىدىكى ۋاقتىڭلاردىمۇ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاقلىماڭلار. ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ.
أَفَرَءَيْتَ ٱلَّذِى تَوَلَّىٰ (33) وَأَعْطَىٰ قَلِيلًا وَأَكْدَىٰٓ (34)
33 _ 34 _ (ئى پەيغەمبەر! ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتقان ۋە (بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان نەرسىدىن) ئازغىنە بىر نەرسە بېرىپ، قالغىنىنى بەرمىگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
أَعِندَهُۥ عِلْمُ ٱلْغَيْبِ فَهُوَ يَرَىٰٓ
35 _ ئۇنىڭدا غەيىب ئىلىمى بولۇپ، ئۇ (غەيىبنى) كۆرۈپ تۇرامدۇ؟
أَمْ لَمْ يُنَبَّأْ بِمَا فِى صُحُفِ مُوسَىٰ (36) وَإِبْرَٰهِيمَ ٱلَّذِى وَفَّىٰٓ (37)
36 _ 37_ ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكى ۋە (مەسئۇلىيىتىنى) تولۇق ئادا قىلغان ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى (تۆۋەندىكى سۆز) لەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ:
أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ
38 _ «بىر گۇناھكار ئادەم باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَـٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ
39 _ ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.
وَأَنَّ سَعْيَهُۥ سَوْفَ يُرَىٰ
40 _ شەكسىزكى، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە (قىيامەت كۈنىدە) كۆرۈلىدۇ.
ثُمَّ يُجْزَىٰهُ ٱلْجَزَآءَ ٱلْأَوْفَىٰ
41 _ ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تېگىشلىك جازا بېرىلىدۇ.
وَأَنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلْمُنتَهَىٰ
42 _ ئاخىر بارىدىغان جاي رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر».
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَىٰ
43 _ ھەقىقەتەن كۈلدۈرگەنمۇ، يىغلاتقانمۇ ئاللاھتۇر.
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَمَاتَ وَأَحْيَا
44 _ باي قىلغانمۇ، پېقىر قىلغانمۇ ئەلۋەتتە ئاللاھتۇر.
وَأَنَّهُۥ خَلَقَ ٱلزَّوْجَيْنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلْأُنثَىٰ (45) مِن نُّطْفَةٍ إِذَا تُمْنَىٰ (46)
45 _ 46_ ئاللاھ بىر جۈپنى — ئەركەك بىلەن چىشىنى (بالىياتقۇغا) تۆكۈلگەن مەنىيدىن ياراتتى.
وَأَنَّ عَلَيْهِ ٱلنَّشْأَةَ ٱلْأُخْرَىٰ
47 _ ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنىمۇ ئاللاھ ئۈستىگە ئالدى.
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَغْنَىٰ وَأَقْنَىٰ
48 _ ئاللاھ (خالىغان بەندىسىنى) باي قىلىدۇ ۋە مەمنۇن قىلىدۇ.
وَأَنَّهُۥٓ أَهْلَكَ عَادًا ٱلْأُولَىٰ (50) وَثَمُودَا۟ فَمَآ أَبْقَىٰ (51)
50 _ 51 _ ئاللاھ قەدىمكى ئاد قەۋمىنىمۇ، سەمۇد قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدى، (ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى.
وَقَوْمَ نُوحٍ مِّن قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ هُمْ أَظْلَمَ وَأَطْغَىٰ
52 _ ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ (ھالاك قىلغان ئىدى). شەكسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى ئىدى.
وَٱلْمُؤْتَفِكَةَ أَهْوَىٰ (53) فَغَشَّىٰهَا مَا غَشَّىٰ (54)
53 _ 54_ ئاللاھ لۇت قەۋمىنىڭ يۇرتلىرىنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى، ئۇ يۇرتلارنى (دەھشەتلىك ئازاب) قاپلىۋالدى.
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ
55 _ (ئى ئىنسان!) رەببىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟
هَـٰذَا نَذِيرٌ مِّنَ ٱلنُّذُرِ ٱلْأُولَىٰٓ
56 _ بۇ (مۇھەممەد) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلار قاتارىدىكى بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
أَزِفَتِ ٱلْـَٔازِفَةُ
57 _ قىيامەت يېقىنلاشتى.
لَيْسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ كَاشِفَةٌ
58 _ ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ.
أَفَمِنْ هَـٰذَا ٱلْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ
59 _ (ئى مۇشرىكلار!) بۇ سۆز (قۇرئان)دىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟
وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ
60 _ (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) يىغلاشنىڭ ئورنىغا كۈلۈۋاتامسىلەر؟
وَأَنتُمْ سَـٰمِدُونَ
61- غاپىللارچە يۈرۈۋاتامسىلەر؟
فَٱسْجُدُوا۟ لِلَّهِ وَٱعْبُدُوا۟ ۩
62 _ (ۋاي سىلەرگە! كېلىڭلار) ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار.
نەجم سۈرىسى