ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى غەم _ قايغۇدىن، قىيىنچىلىقتىن ۋە ئوڭايسىزلىقتىن خالاس قىلىپ، ئۇنىڭغا نېمىتىنى تاماملىغانلىقىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ
1 _ (ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ كۆكسۈڭنى (ئىلىم _ ھېكمەتكە ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئېچىپ) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟
وَوَضَعْنَا عَنكَ وِزْرَكَ (2) ٱلَّذِىٓ أَنقَضَ ظَهْرَكَ (3)
2 _ 3_ سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكۈڭنى سەندىن ئېلىۋەتمىدۇقمۇ؟
وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ
4 _ سېنىڭ شان _ شۆھرىتىڭنى يۇقىرى قىلمىدۇقمۇ؟
فَإِنَّ مَعَ ٱلْعُسْرِ يُسْرًا
5 _ ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.
إِنَّ مَعَ ٱلْعُسْرِ يُسْرًا
6 _ ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.
فَإِذَا فَرَغْتَ فَٱنصَبْ
7 _ (ئىشلىرىڭدىن) بىكار بولغان ھامان ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلگىن.
وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَٱرْغَب
8 _ رەببىڭگە يۈزلەنگىن.
شەرھ سۈرىسى