ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ مۇشرىكلار مەنسۇپ قىلغان سۈپەتلەردىن پاك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، مۇشرىكلارنىڭ جىنلار ۋە پەرىشتىلەر ھەققىدىكى گۇمانلىرىغا رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
وَٱلصَّـٰٓفَّـٰتِ صَفًّا (1) فَٱلزَّٰجِرَٰتِ زَجْرًا (2) فَٱلتَّـٰلِيَـٰتِ ذِكْرًا (3) إِنَّ إِلَـٰهَكُمْ لَوَٰحِدٌ (4)
1 _ 4_ سەپ _ سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى قوزغىتىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر.
رَّبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَرَبُّ ٱلْمَشَـٰرِقِ
5 _ (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، شۇنداقلا مەشرىقلەرنىڭ رەببىدۇر.
إِنَّا زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنْيَا بِزِينَةٍ ٱلْكَوَاكِبِ
6 _ شەكسىزكى، بىز يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق.
وَحِفْظًا مِّن كُلِّ شَيْطَـٰنٍ مَّارِدٍ
7 _ ئۇنى ھەربىر ئاسىي شەيتاندىن قوغدىدۇق.
لَّا يَسَّمَّعُونَ إِلَى ٱلْمَلَإِ ٱلْأَعْلَىٰ وَيُقْذَفُونَ مِن كُلِّ جَانِبٍ (8) دُحُورًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ وَاصِبٌ (9)
8 _ 9_ (ئۇ شەيتانلار) ئاسماندىكى پەرىشتىلەر (نىڭ سۆزلىرى)نى ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار ھەر تەرەپتىن (ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن) ئېتىلىپ قوغلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دائىملىق ئازاب بار.
إِلَّا مَنْ خَطِفَ ٱلْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُۥ شِهَابٌ ثَاقِبٌ
10 _ (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىۋالغان، ئاندىن كۆيدۈرگۈچى ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلىغان) شەيتان بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
فَٱسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَم مَّنْ خَلَقْنَآ ۚ إِنَّا خَلَقْنَـٰهُم مِّن طِينٍ لَّازِبٍۭ
11 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلاردىن (يەنى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ ياكى (ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوڭ) مەخلۇقاتنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق.
بَلْ عَجِبْتَ وَيَسْخَرُونَ
12 _ بەلكىم سەن (ئۇلارنىڭ ئىنكارىدىن) ھەيران قالغانسەن، ھالبۇكى ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.
وَإِذَا ذُكِّرُوا۟ لَا يَذْكُرُونَ
13 _ ئۇلارغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىنسا، قوبۇل قىلمايدۇ.
وَإِذَا رَأَوْا۟ ءَايَةً يَسْتَسْخِرُونَ
14 _ ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا مەسخىرە قىلىشىدۇ.
وَقَالُوٓا۟ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ (15) أَءِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ (16) أَوَءَابَآؤُنَا ٱلْأَوَّلُونَ (17)
15 _ 17_ ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيدۇ.
قُلْ نَعَمْ وَأَنتُمْ دَٰخِرُونَ
18 _ ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالەتتە تىرىلىسىلەر».
فَإِنَّمَا هِىَ زَجْرَةٌ وَٰحِدَةٌ فَإِذَا هُمْ يَنظُرُونَ
19 _ (ئۇ تىرىلىش) قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ-دە شۇھامان ئۇلار (ھېساب مەيدانىغا ھازىر بولۇپ) قارىشىپ تۇرىدۇ.
وَقَالُوا۟ يَـٰوَيْلَنَا هَـٰذَا يَوْمُ ٱلدِّينِ
20 _ ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ.
هَـٰذَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
21 _ (ئۇلارغا) مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن ھۆكۈم كۈنىدۇر (دېيىلىدۇ).
ٱحْشُرُوا۟ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ وَأَزْوَٰجَهُمْ وَمَا كَانُوا۟ يَعْبُدُونَ (22) مِن دُونِ ٱللَّهِ فَٱهْدُوهُمْ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلْجَحِيمِ (23)
22 _ 23_ (ئاللاھ پەرىشتىلەرگە دەيدۇ) زۇلۇم قىلغانلارنى، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى ھېساب مەيدانىغا توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا ھەيدەڭلار.
وَقِفُوهُمْ ۖ إِنَّهُم مَّسْـُٔولُونَ
24 _ ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار سوراق قىلىنىدۇ».
مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ
25 _ (ئاندىن ئۇلارغا كايىپ): «سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر- بىرىڭلارغا ياردەم قىلىشمايۋاتىسلەرغۇ؟» (دېيىلىدۇ).
بَلْ هُمُ ٱلْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ
26 _ بەلكى ئۇلار بۇ كۈندە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىدۇر.
وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَآءَلُونَ
27 _ ئۇلار بىر _ بىرىگە قارىشىپ مۇنازىرە قىلىشىدۇ.
قَالُوٓا۟ إِنَّكُمْ كُنتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ ٱلْيَمِينِ
28 _ ئۇلار (باشلامچىلىرىغا) : «سىلەر بىزگە بىز ياخشىلىق دەپ ئويلىغان تەرەپتىن كېلەتتىڭلار (يەنى بىزنى توغرا يولغا باشلىغاندەك كۆرۈنۈپ ئىماندىن توساتتىڭلار)» دەيدۇ.
قَالُوا۟ بَل لَّمْ تَكُونُوا۟ مُؤْمِنِينَ
29 _ (باشلامچىلار) ئېيتىدۇ: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەر ئۆزۈڭلار ئىمان ئېيتمىدىڭلار.
وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُم مِّن سُلْطَـٰنٍۭ ۖ بَلْ كُنتُمْ قَوْمًا طَـٰغِينَ
30 _ بىزنىڭ سىلەرنى زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى ئۆزۈڭلار ھەددىدىن ئاشقۇچى بىر قەۋم ئىدىڭلار.
فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَآ ۖ إِنَّا لَذَآئِقُونَ
31 _ رەببىمىزنىڭ (ئازابلاش ھەققىدىكى) ھۆكمى بىزگە تېگىشلىك بولدى. شۇڭا بىز (بۇ ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىلارمىز.
فَأَغْوَيْنَـٰكُمْ إِنَّا كُنَّا غَـٰوِينَ
32 _ سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى ئۆزىمىزمۇ راستتىنلا ئازغان ئىدۇق».
فَإِنَّهُمْ يَوْمَئِذٍ فِى ٱلْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
33 _ شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ كۈندە ئازابتا ئورتاقتۇر.
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِٱلْمُجْرِمِينَ
34 _ بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق (مۇئامىلە) قىلىمىز.
إِنَّهُمْ كَانُوٓا۟ إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ
35 _ چۈنكى ئۇلارغا «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق» دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى.
وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُوٓا۟ ءَالِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَّجْنُونٍۭ
36 _ ئۇلار: «بىز بىر مەجنۇن شائىرنى دەپ ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى.
بَلْ جَآءَ بِٱلْحَقِّ وَصَدَّقَ ٱلْمُرْسَلِينَ
37 _ (ياق، مۇھەممەد سىلەر تۆھمەت قىلغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ (ھەقلىقىنى) ئىسپاتلىدى.
إِنَّكُمْ لَذَآئِقُوا۟ ٱلْعَذَابِ ٱلْأَلِيمِ
38 _ (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر چوقۇم قىينىغۇچى ئازابنى تېتىيسىلەر.
وَمَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
39 _ (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر.
إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ
40 _ (بۇ جازادىن) ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرىلا ساقلىنىپ قالىدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ رِزْقٌ مَّعْلُومٌ (41) فَوَٰكِهُ ۖ وَهُم مُّكْرَمُونَ (42)
41 _ 42_ ئەنە شۇلار مەلۇم رىزىقتىن — تۈرلۈك مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا ئىززەت _ ئىكرام قىلىنىدۇ.
فِى جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ (43) عَلَىٰ سُرُرٍ مُّتَقَـٰبِلِينَ (44)
43 _ 44_ ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە، تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىرـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.
يُطَافُ عَلَيْهِم بِكَأْسٍ مِّن مَّعِينٍۭ (45) بَيْضَآءَ لَذَّةٍ لِّلشَّـٰرِبِينَ (46)
45 _ 46_ ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان، ئاپئاق شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ.
لَا فِيهَا غَوْلٌ وَلَا هُمْ عَنْهَا يُنزَفُونَ
47 _ ئۇنىڭدا ئەقىلنى بۇزىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ.
وَعِندَهُمْ قَـٰصِرَٰتُ ٱلطَّرْفِ عِينٌ (48) كَأَنَّهُنَّ بَيْضٌ مَّكْنُونٌ (49)
48 _ 49_ ئۇلارنىڭ يېنىدا (ئەرلىرىدىن) باشقىلارغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، خۇددى (ئەتىۋارلاپ) ساقلانغان (ئاقلىقتا ۋە سۈزۈكلۈكتە) تۇخۇمدەك، شەھلا كۆزلۈك (جۈپلەر) بولىدۇ.
فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَآءَلُونَ
50 _ ئۇلار بىر _ بىرىگە قارىشىپ ئەھۋال سورىشىدۇ.
قَالَ قَآئِلٌ مِّنْهُمْ إِنِّى كَانَ لِى قَرِينٌ (51) يَقُولُ أَءِنَّكَ لَمِنَ ٱلْمُصَدِّقِينَ (52) أَءِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَءِنَّا لَمَدِينُونَ (53)
51 _ 53 _ ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بار ئىدى، ئۇ: (ماڭا) ‹سەنمۇ راستتىنلا (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە) ئىشىنىدىغانلاردىنمۇ؟ بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ، (تىرىلدۈرۈلۈپ) بىزگە مۇكاپات ياكى جازا بېرىلەمدۇ؟› دەيتتى».
قَالَ هَلْ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ
54 _ ئۇ (يېنىدىكىلەرگە): «سىلەر ئۇنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟» دەيدۇ.
فَٱطَّلَعَ فَرَءَاهُ فِى سَوَآءِ ٱلْجَحِيمِ
55 _ ئۇ قاراپلا ئۇنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ.
قَالَ تَٱللَّهِ إِن كِدتَّ لَتُرْدِينِ
56 _ ئۇ (مۇئمىن ئادەم) ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قالغان ئىكەنسەن.
وَلَوْلَا نِعْمَةُ رَبِّى لَكُنتُ مِنَ ٱلْمُحْضَرِينَ
57 _ ئەگەر رەببىمنىڭ (ھىدايەتتىن ئىبارەت) نېمىتى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە مەنمۇ (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلار قاتارىدىن بولار ئىكەنمەن.
أَفَمَا نَحْنُ بِمَيِّتِينَ (58) إِلَّا مَوْتَتَنَا ٱلْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ (59)
58 _ 59 _ بىز تۇنجى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئەمدى ئۆلمەيمىز ۋە ئازابقىمۇ دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟
إِنَّ هَـٰذَا لَهُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ
60 _ شەكسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە كاتتا ئۇتۇقتۇر.
لِمِثْلِ هَـٰذَا فَلْيَعْمَلِ ٱلْعَـٰمِلُونَ
61 _ ئەمەل قىلغۇچىلار مۇشۇنداق (زور ئۇتۇققا ئېرىشىش يولىدا) ئەمەل قىلسۇن!».
أَذَٰلِكَ خَيْرٌ نُّزُلًا أَمْ شَجَرَةُ ٱلزَّقُّومِ
62 _ زىياپەت بولۇشقا بۇ (نېمەتلەر) ياخشىمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
إِنَّا جَعَلْنَـٰهَا فِتْنَةً لِّلظَّـٰلِمِينَ
63 _ بىز زەققۇمنى زالىملار ئۈچۈن ئازاب (دەرىخى) قىلدۇق.
إِنَّهَا شَجَرَةٌ تَخْرُجُ فِىٓ أَصْلِ ٱلْجَحِيمِ
64 _ شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر.
طَلْعُهَا كَأَنَّهُۥ رُءُوسُ ٱلشَّيَـٰطِينِ
65 _ ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ.
فَإِنَّهُمْ لَـَٔاكِلُونَ مِنْهَا فَمَالِـُٔونَ مِنْهَا ٱلْبُطُونَ
66 _ ئۇلار چوقۇم شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تولدۇرىدۇ.
ثُمَّ إِنَّ لَهُمْ عَلَيْهَا لَشَوْبًا مِّنْ حَمِيمٍ
67 _ ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناپ تۇرغان ئارىلاشما سۇنى ئىچىدۇ.
ثُمَّ إِنَّ مَرْجِعَهُمْ لَإِلَى ٱلْجَحِيمِ
68 _ ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى ئەلۋەتتە دوزاخ بولىدۇ.
إِنَّهُمْ أَلْفَوْا۟ ءَابَآءَهُمْ ضَآلِّينَ (69) فَهُمْ عَلَىٰٓ ءَاثَـٰرِهِمْ يُهْرَعُونَ (70)
69 _ 70_ شەكسىزكى، ئۇلار ئاتا _ بوۋىلىرىنى ئازغۇنلۇقتا كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقىغا تىزلا ئەگىشىپ كەتتى.
وَلَقَدْ ضَلَّ قَبْلَهُمْ أَكْثَرُ ٱلْأَوَّلِينَ
71 _ (ئى پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭدىن) ئىلگىرى، بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازغان ئىدى.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا فِيهِم مُّنذِرِينَ
72 _ شەكسىزكى، بىز ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) لەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُنذَرِينَ
73 _ سەن بۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.
إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ
74 _ ئۇلاردىن پەقەت ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرىلا مۇستەسنا.
وَلَقَدْ نَادَىٰنَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ ٱلْمُجِيبُونَ
75 _ نۇھ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەندىن كېيىن) بىزگە ئىلتىجا قىلدى (بىز ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدۇق)، بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچى!
وَنَجَّيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥ مِنَ ٱلْكَرْبِ ٱلْعَظِيمِ
76 _ بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى چوڭ بىر بالا (توپان بالاسى)دىن قۇتقۇزدۇق.
وَجَعَلْنَا ذُرِّيَّتَهُۥ هُمُ ٱلْبَاقِينَ
77 _ ئۇنىڭ نەسلىنىلا (يەر يۈزىدە) داۋاملىشىدىغان قىلدۇق.
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ
78 _ كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ (ياخشى نامىنى) قالدۇردۇق.
سَلَـٰمٌ عَلَىٰ نُوحٍ فِى ٱلْعَـٰلَمِينَ
79 _ جاھان ئەھلىدىن نۇھقا سالام بولسۇن!.
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ
80 _ بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) مۇكەممەل قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
إِنَّهُۥ مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُؤْمِنِينَ
81 _ ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
ثُمَّ أَغْرَقْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ
82 _ ئاندىن بىز قالغانلارنى (كاپىرلارنى) غەرق قىلدۇق.
وَإِنَّ مِن شِيعَتِهِۦ لَإِبْرَٰهِيمَ
83 _ ئىبراھىممۇ ئەلۋەتتە نۇھنىڭ دىنىغا تەۋە كىشىلەردىن ئىدى.
إِذْ جَآءَ رَبَّهُۥ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
84 _ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە ساغلام دىل بىلەن يۈزلەنگەن ئىدى.
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِۦ مَاذَا تَعْبُدُونَ
85 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟
أَئِفْكًا ءَالِهَةً دُونَ ٱللَّهِ تُرِيدُونَ
86 _ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟
فَمَا ظَنُّكُم بِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
87 _ سىلەر ئالەملەرنىڭ رەببىنى قانداق گۇمان قىلىۋاتىسىلەر؟ (يەنى سىلەرنى جازالىمايدۇ، دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟)» دېگەن ئىدى.
فَنَظَرَ نَظْرَةً فِى ٱلنُّجُومِ
88 _ 89_ ئۇ يۇلتۇزلارغا بىر قارىۋېتىپ: «مەن كېسەل بولۇپ قالدىم» دېدى.
فَقَالَ إِنِّى سَقِيمٌ
88 _ 89_ ئۇ يۇلتۇزلارغا بىر قارىۋېتىپ: «مەن كېسەل بولۇپ قالدىم» دېدى.
فَتَوَلَّوْا۟ عَنْهُ مُدْبِرِينَ
90 _ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى.
فَرَاغَ إِلَىٰٓ ءَالِهَتِهِمْ فَقَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ (91) مَا لَكُمْ لَا تَنطِقُونَ (92)
91 _ 92_ ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا باردى، (مەسخىرە قىلىپ) : «(ئالدىڭلارغا قويۇلغان تاماقلاردىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى.
فَرَاغَ عَلَيْهِمْ ضَرْبًۢا بِٱلْيَمِينِ
93 _ ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، بار كۈچى بىلەن ئۇلارنى چېقىشقا باشلىدى.
فَأَقْبَلُوٓا۟ إِلَيْهِ يَزِفُّونَ
94 _ ئۇلار (يەنى ئىبراھىمنىڭ قەۋمى) ئۇنىڭ يېنىغا ئالدىراپ كېلىشتى.
قَالَ أَتَعْبُدُونَ مَا تَنْحِتُونَ
95 _ ئىبراھىم: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟
وَٱللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ
96 _ ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ياراتقان ئاللاھتۇر» دېدى.
قَالُوا۟ ٱبْنُوا۟ لَهُۥ بُنْيَـٰنًا فَأَلْقُوهُ فِى ٱلْجَحِيمِ
97 _ ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر قورۇق ياساڭلار، ئاندىن ئۇنى (شۇ قورۇق ئىچىدىكى) ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى.
فَأَرَادُوا۟ بِهِۦ كَيْدًا فَجَعَلْنَـٰهُمُ ٱلْأَسْفَلِينَ
98 _ ئۇلار ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغان ئىدى، بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق.
وَقَالَ إِنِّى ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّى سَيَهْدِينِ
99 _ ئىبراھىم: «مەن رەببىم (بۇيرۇغان يەر)گە ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ.
رَبِّ هَبْ لِى مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
100 _ ئى رەببىم! ماڭا بىر سالىھ پەرزەنت ئاتا قىلغىن» دېدى.
فَبَشَّرْنَـٰهُ بِغُلَـٰمٍ حَلِيمٍ
101 _ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ ٱلسَّعْىَ قَالَ يَـٰبُنَىَّ إِنِّىٓ أَرَىٰ فِى ٱلْمَنَامِ أَنِّىٓ أَذْبَحُكَ فَٱنظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَـٰٓأَبَتِ ٱفْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِىٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّـٰبِرِينَ
102 _ ئۇ (ئوغۇل) ئىبراھىمنىڭ ئىش - كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! قانداق قارايسەن؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! سەن نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ شۇنى ئىجرا قىلغىن، ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن».
فَلَمَّآ أَسْلَمَا وَتَلَّهُۥ لِلْجَبِينِ (103) وَنَـٰدَيْنَـٰهُ أَن يَـٰٓإِبْرَٰهِيمُ (104) قَدْ صَدَّقْتَ ٱلرُّءْيَآ ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ (105) إِنَّ هَـٰذَا لَهُوَ ٱلْبَلَـٰٓؤُا۟ ٱلْمُبِينُ (106)
103 _ 106_ ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، (ئىبراھىم ئۇنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن راستتىنلا ئۇ چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. شەكسىزكى، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق.
وَفَدَيْنَـٰهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍ
107 _ بىز ئۇنىڭ (ئوغلىنىڭ) ئورنىغا (جەننەتتىن چىققان) چوڭ بىر قۇربانلىق (قوچقار)نى بەردۇق.
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ
108 _ كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ (ياخشى) نامىنى قالدۇردۇق.
سَلَـٰمٌ عَلَىٰٓ إِبْرَٰهِيمَ
109 _ ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ
110 _ بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
إِنَّهُۥ مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُؤْمِنِينَ
111 _ شەكسىزكى، ئۇ بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.
وَبَشَّرْنَـٰهُ بِإِسْحَـٰقَ نَبِيًّا مِّنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
112 _ بىز ئۇنىڭغا سالىھلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەر بولۇپ چىقىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
وَبَـٰرَكْنَا عَلَيْهِ وَعَلَىٰٓ إِسْحَـٰقَ ۚ وَمِن ذُرِّيَّتِهِمَا مُحْسِنٌ وَظَالِمٌ لِّنَفْسِهِۦ مُبِينٌ
113 _ ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەت ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ نەسلىدىن (رەببىگە تائەت-ئىبادەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىلارمۇ، (كۇفرى _ مەئسىيەت بىلەن) ئۆزىگە ئوپئوچۇق زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ.
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ
114 _ شەكسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغىمۇ (پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىش بىلەن) ئېھسان قىلدۇق.
وَنَجَّيْنَـٰهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ ٱلْكَرْبِ ٱلْعَظِيمِ
115 _ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
وَنَصَرْنَـٰهُمْ فَكَانُوا۟ هُمُ ٱلْغَـٰلِبِينَ
116 _ بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىبلارغا ئايلاندى.
وَءَاتَيْنَـٰهُمَا ٱلْكِتَـٰبَ ٱلْمُسْتَبِينَ
117 _ ئۇ ئىككىيلەنگە (تەۋراتتىن ئىبارەت) روشەن بىر كىتابنى بەردۇق.
وَهَدَيْنَـٰهُمَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلْمُسْتَقِيمَ
118 _ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق.
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ
119 _ كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇ ئىككىسىنىڭ (ياخشى) نامىنى قالدۇردۇق.
سَلَـٰمٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ
120 _ مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ
121 _ بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
إِنَّهُمَا مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُؤْمِنِينَ
122 _ ئۇ ئىككىسى ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.
وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ
123 _ ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.
إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِۦٓ أَلَا تَتَّقُونَ (124) أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ ٱلْخَـٰلِقِينَ (125) ٱللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ ءَابَآئِكُمُ ٱلْأَوَّلِينَ (126)
124 _ 126_ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ سىلەر ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار، ئىلگىرىكى ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببى بولغان ئاللاھنى قويۇپ بەئلىگە[1] چوقۇنامسىلەر؟» دېگەن ئىدى.
فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
127 _ ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شۇڭا، ئۇلار چوقۇم (جەھەننەمگە) ھازىر قىلىنىدۇ.
إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ
128 _ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ
129 _ كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ (ياخشى) نامىنى قالدۇردۇق.
سَلَـٰمٌ عَلَىٰٓ إِلْ يَاسِينَ
130 _ ئىلياسقا سالام بولسۇن!
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ
131 _ بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
إِنَّهُۥ مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُؤْمِنِينَ
132 _ ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.
وَإِنَّ لُوطًا لَّمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ
133 _ لۇتمۇ ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.
إِذْ نَجَّيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥٓ أَجْمَعِينَ (134) إِلَّا عَجُوزًا فِى ٱلْغَـٰبِرِينَ (135)
134 _ 135_ بىز ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئىچىدە قالغان قېرى ئايالىدىن باشقا تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
ثُمَّ دَمَّرْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ
136 _ ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق.
وَإِنَّكُمْ لَتَمُرُّونَ عَلَيْهِم مُّصْبِحِينَ (137) وَبِٱلَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ (138)
137 _ 138_ (ئى مەككىلىكلەر!) سىلەر ئۇلارنىڭ (خارابىلىرى) ئۈستىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ
139 _ يۇنۇسمۇ ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.
إِذْ أَبَقَ إِلَى ٱلْفُلْكِ ٱلْمَشْحُونِ
140 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قېچىپ، (ئادەم بىلەن) تولۇپ كەتكەن بىر كېمىگە چىقىۋالدى.
فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ ٱلْمُدْحَضِينَ
141 _ يۇنۇس (كېمىدىكىلەر بىلەن) چەك تاشلاشتى [2]، نەتىجىدە، ئۇ دېڭىزغا تاشلىنىدىغانلاردىن بولۇپ چىقتى (شۇنىڭ بىلەن دېڭىزغا تاشلاندى).
فَٱلْتَقَمَهُ ٱلْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ
142 _ ئۇ ئۆزىگە مالامەت قىلىپ تۇرغان ھالىتىدە، ئۇنى چوڭ بىر كىت يۇتۇۋەتتى.
فَلَوْلَآ أَنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلْمُسَبِّحِينَ (143) لَلَبِثَ فِى بَطْنِهِۦٓ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ (144)
143 _ 144_ ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، كىتنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى.
فَنَبَذْنَـٰهُ بِٱلْعَرَآءِ وَهُوَ سَقِيمٌ
145 _ بىز ئۇنى (كىتنىڭ قارنىدىن دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق جايغا ئاتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بەدىنى زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى.
وَأَنۢبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةً مِّن يَقْطِينٍ
146 _ ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرسۇن دەپ) بىر تۈپ كاۋا ئۆستۈرۈپ بەردۇق.
وَأَرْسَلْنَـٰهُ إِلَىٰ مِا۟ئَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ
147 _ ئۇنى بىز يۈز مىڭ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق.
فَـَٔامَنُوا۟ فَمَتَّعْنَـٰهُمْ إِلَىٰ حِينٍ
148 _ ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مەلۇم مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق.
فَٱسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ ٱلْبَنَاتُ وَلَهُمُ ٱلْبَنُونَ
149 _ (ئى پەيغەمبەر!) مۇشرىكلاردىن سوراپ باققىنكى، قىزلار رەببىڭگە، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمىكەن؟
أَمْ خَلَقْنَا ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ إِنَـٰثًا وَهُمْ شَـٰهِدُونَ
150 _ ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار كۆرۈپتىكەنمۇ؟
أَلَآ إِنَّهُم مِّنْ إِفْكِهِمْ لَيَقُولُونَ (151) وَلَدَ ٱللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَـٰذِبُونَ (152)
151 _ 152_ بىلىڭلاركى، ئۇلار ئوپئوچۇق يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر.
أَصْطَفَى ٱلْبَنَاتِ عَلَى ٱلْبَنِينَ
153 _ ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
154 _ سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقلارچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
155 _ ئويلاپ باقمامسىلەر؟
أَمْ لَكُمْ سُلْطَـٰنٌ مُّبِينٌ
156 _ ياكى بۇنىڭغا ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟
فَأْتُوا۟ بِكِتَـٰبِكُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
157 _ ئەگەر (گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، كىتابىڭلار (بولسا) ئەكىلىپ بېقىڭلار.
وَجَعَلُوا۟ بَيْنَهُۥ وَبَيْنَ ٱلْجِنَّةِ نَسَبًا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ ٱلْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
158 _ ئۇلار ئاللاھ بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەسەب ئويدۇردى. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا تۆھمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئازابقا) ھازىر قىلىنىدىغانلىقىنى شەكسىز بىلىدۇ.
سُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
159 _ ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر.
إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ
160 _ لېكىن ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرىلا بۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ئاللاھقا تۆھمەت قىلمايدۇ ۋە ئازابقا دۇچار بولمايدۇ).
فَإِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ (161) مَآ أَنتُمْ عَلَيْهِ بِفَـٰتِنِينَ (162) إِلَّا مَنْ هُوَ صَالِ ٱلْجَحِيمِ (163)
161 _ 163 _ (ئى مۇشرىكلار!) شەكسىزكى، سىلەر ۋە سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار دوزاخقا كىرىدىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنى ئاللاھقا قارشى ئازدۇرالمايسىلەر.
وَمَا مِنَّآ إِلَّا لَهُۥ مَقَامٌ مَّعْلُومٌ
164 _ (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى): «بىزنىڭ ھەربىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار.
وَإِنَّا لَنَحْنُ ٱلصَّآفُّونَ
165 _ شەكسىزكى، بىز (تائەت _ ئىبادەتتە) سەپ- سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز.
وَإِنَّا لَنَحْنُ ٱلْمُسَبِّحُونَ
166 _ بىز ئەلۋەتتە (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز».
وَإِن كَانُوا۟ لَيَقُولُونَ (167) لَوْ أَنَّ عِندَنَا ذِكْرًا مِّنَ ٱلْأَوَّلِينَ (168) لَكُنَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ (169)
167 _ 169 _ شەكسىزكى، (مۇشرىكلار) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك بىرەر كىتاب بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيتتى.
فَكَفَرُوا۟ بِهِۦ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
170 _ (ئۇ كىتاب كېلىۋىدى) ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلار (بۇ ئىنكارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىدۇ.
وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا ٱلْمُرْسَلِينَ
171 _ شەكسىزكى، بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىزگە ئالدىن بەرگەن (مۇنداق) سۆزىمىز بار ئىدى:
إِنَّهُمْ لَهُمُ ٱلْمَنصُورُونَ
172 _ «ئۇلار چوقۇم ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
وَإِنَّ جُندَنَا لَهُمُ ٱلْغَـٰلِبُونَ
173 _ بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر».
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ
174 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار (يەنى كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار) بىلەن بىر مەزگىل كارىڭ بولمىسۇن.
وَأَبْصِرْهُمْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
175 _ سەن ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغىن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ.
أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
176 _ ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزغا ئالدىراپ كېتىۋاتامدۇ؟.
فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَآءَ صَبَاحُ ٱلْمُنذَرِينَ
177 _ ئازاب ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ تۇرغان يېرىگە چۈشكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بۇ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!
وَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ
178 _ ئۇلار بىلەن بىر مەزگىل كارىڭ بولمىسۇن.
وَأَبْصِرْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
179 _ سەن ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغىن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ.
سُبْحَـٰنَ رَبِّكَ رَبِّ ٱلْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ
180 _ قۇدرەت ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر.
وَسَلَـٰمٌ عَلَى ٱلْمُرْسَلِينَ
181 _ پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!
وَٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
182 _ جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!.
ساففات سۈرىسى