ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئۇنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرىنى بايان قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزگەرتىش قانۇنىيىتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
الٓمٓر ۚ تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ ۗ وَٱلَّذِىٓ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ٱلْحَقُّ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
1 _ ئەلىف. لام. مىيم. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار كىتابنىڭ (قۇرئاننىڭ) ئايەتلىرىدۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (بۇ قۇرئان) ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى رَفَعَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِى لِأَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ يُفَصِّلُ ٱلْـَٔايَـٰتِ لَعَلَّكُم بِلِقَآءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ
2 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرۈۋاتقاندەك تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلغان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن، كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەير قىلىدۇ، ئاللاھ مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى رەببىڭلارنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
وَهُوَ ٱلَّذِى مَدَّ ٱلْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِىَ وَأَنْهَـٰرًا ۖ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ ٱثْنَيْنِ ۖ يُغْشِى ٱلَّيْلَ ٱلنَّهَارَ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
3 _ ئۇ يەر يۈزىنى سوزۇپ كەڭ ياراتقان، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى بەرپا قىلغان، مېۋىلەردىن ھەربىر تۈرىنى ئەركەك _ چىشى — ئىككى (جىنسلىق) قىلىپ ياراتقان زاتتۇر، ئۇ كۈندۈزنى كېچە بىلەن يېپىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَفِى ٱلْأَرْضِ قِطَعٌ مُّتَجَـٰوِرَٰتٌ وَجَنَّـٰتٌ مِّنْ أَعْنَـٰبٍ وَزَرْعٌ وَنَخِيلٌ صِنْوَانٌ وَغَيْرُ صِنْوَانٍ يُسْقَىٰ بِمَآءٍ وَٰحِدٍ وَنُفَضِّلُ بَعْضَهَا عَلَىٰ بَعْضٍ فِى ٱلْأُكُلِ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
4 _ يەر يۈزىدە بىر _ بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قىتئەلەر، ئۈزۈملۈك باغلار، تۈرلۈك زىرائەتلەر، شاخلىغان ۋە شاخلىمىغان خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. (ئەمما ئۇلارنىڭ) بەزىسىنى بەزىسىدىن تەملىك قىلىمىز. شەكسىزكى، بۇلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَإِن تَعْجَبْ فَعَجَبٌ قَوْلُهُمْ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبًا أَءِنَّا لَفِى خَلْقٍ جَدِيدٍ ۗ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلْأَغْلَـٰلُ فِىٓ أَعْنَاقِهِمْ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
5 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، كاپىرلارنىڭ: «بىز توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىكتۇر. ئەنە شۇلار رەببىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (قىيامەت كۈنى) بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبْلَ ٱلْحَسَنَةِ وَقَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِمُ ٱلْمَثُلَـٰتُ ۗ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ لِّلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلْمِهِمْ ۖ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ ٱلْعِقَابِ
6 _ ئۇلار سەندىن ياخشىلىقتىن ئىلگىرى يامانلىقنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنىڭ) تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلاردىن ئىلگىرى (ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنكارچى قەۋملەرگە) كۆپلىگەن ئازابلار كەلگەن ئىدى (ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇلاردىن ئىبرەت ئالمايدۇ؟). ئىنسانلار يولسىزلىق قىلسىمۇ، (تەۋبە قىلسىلا) رەببىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن مەغپىرەت ئىگىسىدۇر. (تەۋبە قىلمىسا) رەببىڭنىڭ ئازابى تولىمۇ قاتتىقتۇر.
وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ ءَايَةٌ مِّن رَّبِّهِۦٓ ۗ إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرٌ ۖ وَلِكُلِّ قَوْمٍ هَادٍ
7 _ كاپىرلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغاندەك) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېيىشىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ھەربىر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەتكە چاقىرغۇچىسى بولىدۇ.
ٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَحْمِلُ كُلُّ أُنثَىٰ وَمَا تَغِيضُ ٱلْأَرْحَامُ وَمَا تَزْدَادُ ۖ وَكُلُّ شَىْءٍ عِندَهُۥ بِمِقْدَارٍ
8 _ ھەربىر چىشىنىڭ نېمىگە ھامىلىدار بولغانلىقىنى، بالىياتقۇلارنىڭ نېمىنى كېمەيتىپ نېمىنى زىيادە قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ھامىلىنىڭ مۇددىتى توشماي ياكى مۇددىتى ئېشىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر.
عَـٰلِمُ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَـٰدَةِ ٱلْكَبِيرُ ٱلْمُتَعَالِ
9 _ ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر.
سَوَآءٌ مِّنكُم مَّنْ أَسَرَّ ٱلْقَوْلَ وَمَن جَهَرَ بِهِۦ وَمَنْ هُوَ مُسْتَخْفٍۭ بِٱلَّيْلِ وَسَارِبٌۢ بِٱلنَّهَارِ
10 _ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ئاللاھنىڭ ئىلىمىگە نىسبەتەن) ئوخشاشتۇر.
لَهُۥ مُعَقِّبَـٰتٌ مِّنۢ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِۦ يَحْفَظُونَهُۥ مِنْ أَمْرِ ٱللَّهِ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا۟ مَا بِأَنفُسِهِمْ ۗ وَإِذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِقَوْمٍ سُوٓءًا فَلَا مَرَدَّ لَهُۥ ۚ وَمَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَالٍ
11 _ ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى _ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. شەكسىزكى، ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ قانداقلا بىر قەۋمگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ھېچقانداق قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىگىمۇ چىقمايدۇ.
هُوَ ٱلَّذِى يُرِيكُمُ ٱلْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنشِئُ ٱلسَّحَابَ ٱلثِّقَالَ
12 _ ئاللاھ قورقۇتۇش ۋە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدىغان ۋە قويۇق ئېغىر بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدىغان زاتتۇر!
وَيُسَبِّحُ ٱلرَّعْدُ بِحَمْدِهِۦ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِۦ وَيُرْسِلُ ٱلصَّوَٰعِقَ فَيُصِيبُ بِهَا مَن يَشَآءُ وَهُمْ يُجَـٰدِلُونَ فِى ٱللَّهِ وَهُوَ شَدِيدُ ٱلْمِحَالِ
13 _ گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، كاپىرلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىۋاتقاندا ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.
لَهُۥ دَعْوَةُ ٱلْحَقِّ ۖ وَٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُم بِشَىْءٍ إِلَّا كَبَـٰسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى ٱلْمَآءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَـٰلِغِهِۦ ۚ وَمَا دُعَآءُ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ
14 _ ھەقىقىي دۇئا ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسىغا يالۋۇرغانلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ھاجىتىنى راۋا قىلالمايدۇ. ئۇلار ئاغزىمغا سۇ يەتسۇن دەپ ئىككى ئالىقىنىنى (يىراقتىن) سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرغان ئادەمگىلا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، سۇ (ئاڭلىمايدىغان، ھېس قىلمايدىغان نەرسە بولغاچقا) ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا يەتمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ (مەبۇدلىرىغا قىلغان) دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر.
وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَـٰلُهُم بِٱلْغُدُوِّ وَٱلْـَٔاصَالِ ۩
15 _ ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (بەزىسى) ئىختىيارىي ۋە (بەزىسى) مەجبۇرىي يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن _ ئاخشامدا ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ.
قُلْ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ قُلِ ٱللَّهُ ۚ قُلْ أَفَٱتَّخَذْتُم مِّن دُونِهِۦٓ أَوْلِيَآءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِى ٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِى ٱلظُّلُمَـٰتُ وَٱلنُّورُ ۗ أَمْ جَعَلُوا۟ لِلَّهِ شُرَكَآءَ خَلَقُوا۟ كَخَلْقِهِۦ فَتَشَـٰبَهَ ٱلْخَلْقُ عَلَيْهِمْ ۚ قُلِ ٱللَّهُ خَـٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍ وَهُوَ ٱلْوَٰحِدُ ٱلْقَهَّـٰرُ
16 _ (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلاردىن) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ رەببى كىم؟» دەپ سورىغىن ۋە «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بەرگىن. (يەنە ئۇلارغا) «(شۇنداق تۇرسىمۇ) سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزىنىڭ پايدا _ زىيىنىغا ئىگە بولالمايدىغان نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. «كور بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇقلار بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ياكى (ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى) ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش يارىتالايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قېلىپ، (ئۇ مەبۇدلىرىنى) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر».
أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌۢ بِقَدَرِهَا فَٱحْتَمَلَ ٱلسَّيْلُ زَبَدًا رَّابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِى ٱلنَّارِ ٱبْتِغَآءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَـٰعٍ زَبَدٌ مِّثْلُهُۥ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ ٱللَّهُ ٱلْحَقَّ وَٱلْبَـٰطِلَ ۚ فَأَمَّا ٱلزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَآءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ فَيَمْكُثُ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ ٱللَّهُ ٱلْأَمْثَالَ
17 _ ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى _ دە، يامغۇر جىلغىلاردا لىقمۇلىق ئاقتى. كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى. كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار. ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلغا مۇشۇنداق مىسال كەلتۈرىدۇ. كۆپۈك پارچىلىنىپ يوقىلىدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ.
لِلَّذِينَ ٱسْتَجَابُوا۟ لِرَبِّهِمُ ٱلْحُسْنَىٰ ۚ وَٱلَّذِينَ لَمْ يَسْتَجِيبُوا۟ لَهُۥ لَوْ أَنَّ لَهُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُۥ مَعَهُۥ لَٱفْتَدَوْا۟ بِهِۦٓ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ سُوٓءُ ٱلْحِسَابِ وَمَأْوَىٰهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ
18 _ رەببىنىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلغانلار ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل مۇكاپات بار. ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، يەنە شۇنىڭ بىر ھەسسىسى ئۇلارنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ھەممىسىنى فىديە قىلىپ بېرىۋەتكەن بولاتتى. ھېسابنىڭ ئەڭ قاتتىقى ئەنە شۇلارغا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!
أَفَمَن يَعْلَمُ أَنَّمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ٱلْحَقُّ كَمَنْ هُوَ أَعْمَىٰٓ ۚ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ
19 _ (ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم (ئۇنى بىلمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (بۇنىڭدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ.
ٱلَّذِينَ يُوفُونَ بِعَهْدِ ٱللَّهِ وَلَا يَنقُضُونَ ٱلْمِيثَـٰقَ
20 _ ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ[1]، (بەرگەن) ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ،
وَٱلَّذِينَ يَصِلُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ وَيَخَافُونَ سُوٓءَ ٱلْحِسَابِ
21 _ ئۇلار ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان نەرسىنى (يەنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، تۇغقانچىلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى) ئۇلايدۇ، رەببىدىن ئەيمىنىدۇ ۋە قاتتىق ھېساب ئېلىنىشتىن قورقىدۇ.
وَٱلَّذِينَ صَبَرُوا۟ ٱبْتِغَآءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنفَقُوا۟ مِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِٱلْحَسَنَةِ ٱلسَّيِّئَةَ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عُقْبَى ٱلدَّارِ
22 _ ئۇلار رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولغان، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇغان، بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغان ۋە ياخشى ئەمەلى ئارقىلىق يامانلىقنى توسىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ.
جَنَّـٰتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا وَمَن صَلَحَ مِنْ ءَابَآئِهِمْ وَأَزْوَٰجِهِمْ وَذُرِّيَّـٰتِهِمْ ۖ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ يَدْخُلُونَ عَلَيْهِم مِّن كُلِّ بَابٍ (23) سَلَـٰمٌ عَلَيْكُم بِمَا صَبَرْتُمْ ۚ فَنِعْمَ عُقْبَى ٱلدَّارِ (24)
23 _ 24_ (ياخشى ئاقىۋەت) دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردۇر، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى، جۈپتىلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى سالىھلارمۇ ئۇ جەننەتلەرگە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر (جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ، (ئۇلارغا): «چىدامچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەت (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ.
وَٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مِيثَـٰقِهِۦ وَيَقْطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ ۙ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمُ ٱللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوٓءُ ٱلدَّارِ
25 _ ئاللاھقا مۇستەھكەم ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان نەرسىنى (يەنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، تۇغقانچىلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى) ئۈزۈپ قويىدىغان ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر — ئەنە شۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) تۇرارجايى بەكمۇ يامان بولىدۇ.
ٱللَّهُ يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقْدِرُ ۚ وَفَرِحُوا۟ بِٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَمَا ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ إِلَّا مَتَـٰعٌ
26 _ ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. (كاپىرلار) دۇنيا ھاياتى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتتى. ھالبۇكى، دۇنيا ھاياتى ئاخىرەتنىڭ ئالدىدا (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ ءَايَةٌ مِّن رَّبِّهِۦ ۗ قُلْ إِنَّ ٱللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِىٓ إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ
27 _ كاپىرلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) «شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىنى (ئاسىيلىقى تۈپەيلىدىن) ئازدۇرىدۇ ۋە تەۋبە قىلغان كىشىنى ئۆزىنىڭ دىنىغا يېتەكلەيدۇ» دېگىن.
ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُم بِذِكْرِ ٱللَّهِ ۗ أَلَا بِذِكْرِ ٱللَّهِ تَطْمَئِنُّ ٱلْقُلُوبُ
28 _ ئۇلار ئىمان ئېيتقان، دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدىغان كىشىلەردۇر. بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ طُوبَىٰ لَهُمْ وَحُسْنُ مَـَٔابٍ
29 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇشال ھايات ۋە گۈزەل قارارگاھ بار.
كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَـٰكَ فِىٓ أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهَآ أُمَمٌ لِّتَتْلُوَا۟ عَلَيْهِمُ ٱلَّذِىٓ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِٱلرَّحْمَـٰنِ ۚ قُلْ هُوَ رَبِّى لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ
30 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، بۇلار رەھمان ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا. ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ رەببىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇنىڭغىلا يۈزلىنىمەن».
وَلَوْ أَنَّ قُرْءَانًا سُيِّرَتْ بِهِ ٱلْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ ٱلْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ ٱلْمَوْتَىٰ ۗ بَل لِّلَّهِ ٱلْأَمْرُ جَمِيعًا ۗ أَفَلَمْ يَا۟يْـَٔسِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَن لَّوْ يَشَآءُ ٱللَّهُ لَهَدَى ٱلنَّاسَ جَمِيعًا ۗ وَلَا يَزَالُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ تُصِيبُهُم بِمَا صَنَعُوا۟ قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِّن دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِىَ وَعْدُ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخْلِفُ ٱلْمِيعَادَ
31 _ مۇبادا بىر قۇرئان بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن تاغلار يۆتكەلگەن ياكى يەر يېرىلغان ۋەياكى ئۆلۈكلەر سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ، (ئۇلار بەرىبىر ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مۇئمىنلەر ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ (مۇئمىنلەرگە بەرگەن) ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى سەۋەبلىك، ھامان تۈرلۈك بالايىئاپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ياكى بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ.
وَلَقَدِ ٱسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
32 _ سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىنغان ئىدى، (شۇڭا سەنمۇ قايغۇرمىغىن). كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى جازالىغان ئىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟
أَفَمَنْ هُوَ قَآئِمٌ عَلَىٰ كُلِّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ ۗ وَجَعَلُوا۟ لِلَّهِ شُرَكَآءَ قُلْ سَمُّوهُمْ ۚ أَمْ تُنَبِّـُٔونَهُۥ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِى ٱلْأَرْضِ أَم بِظَـٰهِرٍ مِّنَ ٱلْقَوْلِ ۗ بَلْ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مَكْرُهُمْ وَصُدُّوا۟ عَنِ ٱلسَّبِيلِ ۗ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ
33 _ ھەربىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، سىلەر يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان (نەرسە بار دەپ، ئۇ) نەرسىنى ئاللاھقا بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ؟ ياكى (ئاساسى يوق) قۇرۇق گەپ بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئاتاۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ ھىلە - مىكىرلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، ئۇنىڭغا ھېچبىر ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر.
لَّهُمْ عَذَابٌ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَشَقُّ ۖ وَمَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٍ
34 _ ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىدا بىر ئازاب بار، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.
مَّثَلُ ٱلْجَنَّةِ ٱلَّتِى وُعِدَ ٱلْمُتَّقُونَ ۖ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۖ أُكُلُهَا دَآئِمٌ وَظِلُّهَا ۚ تِلْكَ عُقْبَى ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوا۟ ۖ وَّعُقْبَى ٱلْكَـٰفِرِينَ ٱلنَّارُ
35 _ تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى بولسا دوزاختۇر.
وَٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَـٰهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ يَفْرَحُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ ۖ وَمِنَ ٱلْأَحْزَابِ مَن يُنكِرُ بَعْضَهُۥ ۚ قُلْ إِنَّمَآ أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱللَّهَ وَلَآ أُشْرِكَ بِهِۦٓ ۚ إِلَيْهِ أَدْعُوا۟ وَإِلَيْهِ مَـَٔابِ
36 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز كىتاب بەرگەنلەر ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان بىلەن خۇشاللىنىدۇ. پەقەت (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ بەزى جايلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، مەن (ئىنسانلارنى) پەقەت شۇنىڭغىلا دەۋەت قىلىمەن، مېنىڭ قايتىدىغان يېرىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر».
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَـٰهُ حُكْمًا عَرَبِيًّا ۚ وَلَئِنِ ٱتَّبَعْتَ أَهْوَآءَهُم بَعْدَ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّ وَلَا وَاقٍ
37 _ شۇنىڭدەك (يەنى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب چۈشۈرگىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىجرا قىلىنىدىغان) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق. ناۋادا ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھ (نىڭ ئازابى)دىن قوغداپ قالغۇچى بولمايدۇ.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِّن قَبْلِكَ وَجَعَلْنَا لَهُمْ أَزْوَٰجًا وَذُرِّيَّةً ۚ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأْتِىَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۗ لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ
38 _ شەكسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن، ئۇلارغا ئاياللار ۋە بالىلارنى بەرگەن ئىدۇق، ھېچبىر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىجازىتىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر مۇددەتنىڭ (مۇئەييەن) چېكى بولىدۇ.
يَمْحُوا۟ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ وَيُثْبِتُ ۖ وَعِندَهُۥٓ أُمُّ ٱلْكِتَـٰبِ
39 _ ئاللاھ (ئۇنىڭدىن) خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز پېتى قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر.
وَإِن مَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ ٱلَّذِى نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ ٱلْبَلَـٰغُ وَعَلَيْنَا ٱلْحِسَابُ
40 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان (ئازاب)نىڭ بىر قىسمىنى (ئۇلارغا چۈشۈرۈش بىلەن) ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى (ئۇنىڭدىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەتلا دىننى يەتكۈزۈشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا نَأْتِى ٱلْأَرْضَ نَنقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ وَٱللَّهُ يَحْكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكْمِهِۦ ۚ وَهُوَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
41 _ ئۇلار زېمىنلىرىنى بىزنىڭ (تەدرىجىي پەتھى قىلىپ) ئەتراپىدىن تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ (خالىغانچە) ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ھېچكىم قايتۇرالمايدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
وَقَدْ مَكَرَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَلِلَّهِ ٱلْمَكْرُ جَمِيعًا ۖ يَعْلَمُ مَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ ۗ وَسَيَعْلَمُ ٱلْكُفَّـٰرُ لِمَنْ عُقْبَى ٱلدَّارِ
42 _ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى) تۇزاق قۇرغان ئىدى. (بارلىق تۇزاقلارنى بەربات قىلىش) تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار كىمنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى ئىكەنلىكىنى پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَسْتَ مُرْسَلًا ۚ قُلْ كَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًۢا بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ وَمَنْ عِندَهُۥ عِلْمُ ٱلْكِتَـٰبِ
43 _ (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلار: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە) سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر».
رەئد سۈرىسى