زەلزەلە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 8 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ئەمەللەرنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن تولۇق ساناپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتتە ھېساب بېرىشتىن غەپلەتتە قالغۇچىلارنىڭ دىللىرىنى تىترىتىش ۋە ئۇلارنى غەپلەتتىن ئويغىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

إِذَا زُلْزِلَتِ ٱلْأَرْضُ زِلْزَالَهَا
1 _ زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا،
وَأَخْرَجَتِ ٱلْأَرْضُ أَثْقَالَهَا
2 _ زېمىن قوينىدىكى (ئۆلۈك قاتارلىق) يۈكلىرىنى چىقارغاندا،
وَقَالَ ٱلْإِنسَـٰنُ مَا لَهَا
3 _ (بۇنى كۆرگەن) ئىنسان: «بۇ زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟» دەپ قالغان چاغدا،
يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا (4) بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا (5)
4 _ 5_ بۇ كۈندە زېمىن رەببىڭنىڭ ئەمرى بىلەن، (ئۆزىنىڭ ئۈستىدە قىلىنغان) ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ.
يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ ٱلنَّاسُ أَشْتَاتًا لِّيُرَوْا۟ أَعْمَـٰلَهُمْ
6 _ بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن (ھېساب مەيدانىدىن) توپ _ توپ بولۇپ قايتىدۇ.
فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُۥ
7 _ كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.
وَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُۥ
8 _ كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.