ئەلەق سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 19 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنساننىڭ كامالىتى ۋەھيىگە ۋە ئىلىمگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا باغلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كەمتۈكلۈكى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ٱقْرَأْ بِٱسْمِ رَبِّكَ ٱلَّذِى خَلَقَ
1 _ ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن.
خَلَقَ ٱلْإِنسَـٰنَ مِنْ عَلَقٍ
2 _ ئۇ ئىنساننى ئەلەقتىن[1] ياراتتى.
ٱقْرَأْ وَرَبُّكَ ٱلْأَكْرَمُ (3) ٱلَّذِى عَلَّمَ بِٱلْقَلَمِ (4) عَلَّمَ ٱلْإِنسَـٰنَ مَا لَمْ يَعْلَمْ (5)
3 _ 5_ سەن ئوقۇغىن. رەببىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئەڭ كەرەملىك زاتتۇر.
كَلَّآ إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَيَطْغَىٰٓ
6 _ 7_ ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان ئۆزىنى بىھاجەت سانىغان چېغىدا چوقۇم ھەددىدىن ئاشىدۇ.
إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلرُّجْعَىٰٓ
8 _ (ئى ئىنسان!) شەكسىزكى، سېنىڭ بارىدىغان جايىڭ رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
أَرَءَيْتَ ٱلَّذِى يَنْهَىٰ (9) عَبْدًا إِذَا صَلَّىٰٓ (10)
9 _ 10_ (ئى پەيغەمبەر!) ناماز ئوقۇۋاتقان بىر بەندىنى توسقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
أَرَءَيْتَ إِن كَانَ عَلَى ٱلْهُدَىٰٓ (11) أَوْ أَمَرَ بِٱلتَّقْوَىٰٓ (12)
11 _ 12_ دەپ باققىنە، ئەگەر ئۇ (ناماز ئوقۇغۇچى بەندە) توغرا يولدا بولغان ياكى (كىشىلەرنى) تەقۋادارلىققا بۇيرۇغان بىرى بولسىچۇ؟
أَرَءَيْتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰٓ
13 _ دەپ باققىنە، ئەگەر ئۇ (توسقۇچى) ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتقان بىرى بولسىچۇ؟
أَلَمْ يَعْلَم بِأَنَّ ٱللَّهَ يَرَىٰ
14 _ ئۇ (قىلمىشلىرىنى) ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟
كَلَّا لَئِن لَّمْ يَنتَهِ لَنَسْفَعًۢا بِٱلنَّاصِيَةِ (15) نَاصِيَةٍ كَـٰذِبَةٍ خَاطِئَةٍ (16)
15 _ 16_ ياق (ئىش ھەرگىز ئۇ گۇناھكار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، بىز چوقۇم ئۇنداق يالغانچى گۇناھكارنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز.
فَلْيَدْعُ نَادِيَهُۥ
17 _ ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى (ياردەمگە) چاقىرىپ باقسۇن!
سَنَدْعُ ٱلزَّبَانِيَةَ
18 _ بىزمۇ دوزاخنىڭ قاتتىق قول پەرىشتىلىرىنى چاقىرىمىز.
كَلَّا لَا تُطِعْهُ وَٱسْجُدْ وَٱقْتَرِب ۩
19 _ ياق (ئىش ھەرگىز ئۇ گۇناھكار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇنىڭغا بويسۇنمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن ۋە (بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا) يېقىنلاشقىن.